زۆھرەخان رەجەپ

زۆھرەخان رەجەپ

1942–يىلى دېكابىردا تۇرپاننىڭ ئاستانە يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1961–يىلى شىنجاڭ تەنتەربىيە مەكتىپىنى پۈتكۈزۈپ، شۇ يىلى ۋېيىتنامدا ئۆتكۈزۈلگەن تۆت دۆلەتنىڭ ۋالىبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەمدە جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىنىڭ بىرىنچىلىككە ئېرىشىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى زۆھرەخان رەجەپ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى تۇرپان ئاستانە يېزىسى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى شىنجاڭ تەنتەربىيە مەكتىپى
كوماندا دۆلەت ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 卓尔汉·热介甫
مىللىتى ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1942–يىلى دېكابىر
تەنھەرىكەت تۈرى ۋالىبول

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

زۆھرەخان رەجەپ ئەينى ۋاقىتتا دىيارىمىزنىڭ ۋالىبولچىلىق ئىشلىرىغا بىر ئۆمۈرلۈك يۈرەك – قېنىنى سەرىپ قىلىپ، ئاز بولمىغان سەمەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بۇ ۋالىبولچىمىزنىڭ ئىسمى زۆھرەخان رەجەپ بولۇپ، 1942 – يىلى دېكابىردا تۇرپاننىڭ ئاستانە يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1961–يىلى شىنجاڭ تەنتەربىيە مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن.

زۆھرەخان رەجەپ1961-يىلى ۋېيىتنامدا ئۆتكۈزۈلگەن تۆت دۆلەتنىڭ ۋالىبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەمدە جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىنىڭ بىرىنچىلىككە ئېرىشىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان.

1962–يىلى ئۆكتەبىردە مۇسكىۋادا ئۆتكۈزۈلگەن 36 دۆلەت قاتناشقان ۋالىبول مۇسابىقىسىدە جۇڭگونىڭ 9–لىككە ئېرىشىشىدە ،1963-يىلى ھىندونوزىيىنىڭ پايتەختى جاكارتادا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىمىلىق يىڭى گۈللەنگەن كۈچلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جوڭگو كۇماندىسىنىڭ 1-لىككە ئېرىشىشىدە تۆھپىسى ئالاھىدە زور بولغان.

1971–يىلى ئاۋغۇستتا شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، شىنجاڭ ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ھەمدە تېرىنېرى بولغان. 1972-يىلى ئۇ تەربىيەلىگەن كوماندا چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 5 توپ تۈرى مۇسابىقىسىدە ئا دەرىجىلىكلەر قاتارىغا ئۆتۈپ، بۇ سەۋىيەنى 1974–يىلىغىچە ساقلاپ كەلگەن.

زۆھرەخان رەجەپنىڭ شانشەرەپلىرىتەنتەربىيە خىزمىتىدە 1-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن دەپ ئەنگە ئېلىنغان. دۆلەتلىك تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن تەنتەربىيە خىزمىتىدىكى تۆھپىكار ئوردىنى بېرىلگەن.

زۆھرەخان رەجەپزۆھرەخان رەجەپ ئانا سابىق شىنجاڭ ۋالىبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ،سىڭلىسى چولپانخان رەجەپ بىلەن بىرگە بىزدە ئۈلگىنىڭ رولى چەكسىز دەيدىغان گەپ بار. زۆھرەخان رەجەب ئانا ئۆزىنىڭ تولۇپ تاشقان يۇرت سۆيگۈسى، ۋالىبولغا بولغان ئاشىقانە قىزغىنلىقى بەدىلىگە بىر شانلىق ئۈلگىنىڭ سىماسىنى تىكلەپ، ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىمىزنىڭ شۆھرىتىنى دۇنيا سەھنىلىرىدە نامايەن قىلدى. 

زۆرىخان رەجەپ ئانا سابىق شىنجاڭ ۋالىبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسىزۆھرەخان رەجەپ ئانا يۇقىرىقىدەك شانلىق نەتىجىسى بەدىلىگە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ۋالىبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ تەنتەربىيە جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ تەنتەربىيە باش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

بىر ئۆمۈر جوڭگو، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ۋالىبول ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى تەقدىم ئەتكەن بۇ تۆھپىكار ئانا 1995 – يىلى پىنسىيەگە چىققان، ئۇ ئەينى يىلى ئاساس سالغان جۇڭگودىكى ياش ئايال ۋالىبولچىلار دۇنيا ۋالىبول مۇسابىقە مەيدانىدا داۋاملىق يېڭى شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە.[0]

زۆھرەخان رەجەپ

زۆھرەخان رەجەپ

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

AbdukerimAbliz ئۈندىدار سالونى 

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#