ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى فۇنكسىيەلىك ئورۇن. ئەسلى ئاساسى 1946-يىلى قۇرۇلغان دىخۇا شەھەرلىك ھۆكۈمەت مائارىپ بۆلۈمى بولۇپ، 1949-يىلى 12-ئايدا دىخۇا شەھەرلىك مەدەنىي مائارىپ ئىدارىسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 

ئۇيغۇرچە نامى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى
ئادىرىسى ئۈرۈمچى شەھىرى ياشلار يۇلى 23-نۇمۇر
خەنزۇچە نامى 乌鲁木齐市教育委员会

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى فۇنكسىيەلىك ئورۇن. ئەسلى ئاساسى 1946-يىلى قۇرۇلغان دىخۇا شەھەرلىك ھۆكۈمەت مائارىپ بۆلۈمى بولۇپ، 1949-يىلى 12-ئايدا دىخۇا شەھەرلىك مەدەنىي مائارىپ ئىدارىسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1968-يىلى شەھەرلىك ئىنقىلابىي كومىتېت ئىشلەپچىقىرىش ئىخانىسىدا مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىنغان. 1971-يىلى شەھەرلىك ئىنقىلابىي كومىتېت مەدەنىي مائارىپ باشقارمىسىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1973-يىلى 11-ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1985-يىلى 5-ئايدا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى، مائارىپ ئىدارىسى ۋە چوڭلار مائارىپ ئىدارىسىگە بۆلۈۋېتىلگەن. 1988-يىلى 10-ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى دەپ بېكىتىلگەن.

 پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك مائارىپ خىزمەتلىرىنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، پۈتۈن شەھەرنىڭ مائارىپ قانۇن تۈزۈملىرىنى تۈزۈپ چىقىش ۋە ھەرقايسى رايون(ناھىيە) لىك ھۆكۈمەتلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئىجرا قىلىشىغا نازارەت قىلىش، پۈتۈن شەھەرنىڭ ھەردەرىجىلىك ھەرخىل تىپتىكى مائارىپ ئىشلىرنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، تۈزۈپ چىقىش ۋە ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش، پۈتۈن شەھەرنىڭ ئاساسىي مائارىپ، كەسپىي مائارىپ، چوڭلار مائارىپى، ئالىي مائارىپ، پېداگوگىكا مائارىپ ۋە ئالاھىدە مائارىپنى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش. شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ۋەكىللىك قىلىپ، مائارىپ مۇپەتتشىلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش

1999-يىلى ئورفان ئسىلاھاتى تاماملانغان ھەمدە قارمىقىدا كومىتېت ئىشخانىسى، سىياسىي باشقارما، كادىرلار باشقارمىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىشخانىسى، ئاساسىي مائارىپ، باشقارمىسى، كەسپىي مائارىپ باشقارمىسى، چوڭلار مائارىپ باشقارمىسى، پىلان، مالىيە، باشقارمىسى، تەشۋىقات مائارىپ باشقارمىسى، مۇپەتتىش باشقارمىسى، قوغداش باشقارمىسى ۋە قانۇن-تۈزۈم باشقارمىسى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان.

 مىللىي، خەنزۇ بىرلىشىپ ئىش بېجىرىدىغان بولۇپ، ئورگان مەمۇرىي شتاتى 82 نەپەر. ئۇنىڭ ئىچىدە رەھبەرلىك سانى ئالتە نەپەر، ئۇنىڭ قارمىقىدا سەككىز مائارىپ ئىدارىسى، 500 دىن ئارتۇق مەكتەپ بار. 16 ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مائارىپ ۋە ئەمگەك ئەمەلىيەت بازىسى قۇرۇلغان.

 نۆۋەتتە، پۈتۈن شەھەرىدكى يەتتە رايون بىر ناھىيە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى ئاساسەننى باھالاپ ئۆتكۈزۈپ ئېلىشىدىن ئۆتتى. تەجرىبە ئوقۇتۇش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئۆلچەمگە يەتتى. ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا تاماملاندى. بالىلار مائارىپى، ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مەكتەپلەر، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش مائارىپى ۋە تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ قۇرۇش خىزمەتلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىلغار قاتارىغا ئۆتتى. 32 بىۋاستە قاراشلىق مەكتەپ ۋە تۆت بىۋاستە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى مەدەنىيەتلىك مەكتەپ دېگەن نامغا ئېرىشتى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#