شەھەر ئۆيلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر ئۆيلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش نىزامى 2006-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-يىغىنىدا ماقۇللانغان؛ 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى30– يىغىنىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر ئۆيلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسەن تۈزىتىلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر ئۆيلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش نىزامى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区城市房屋权属登记条例

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر ئۆيلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش نىزامى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى

2001–يىلى7–ئاينىڭ 29–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30–يىغىنىدا ماقۇللاندى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-يىغىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر ئۆيلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش نىزامىنىڭ تۈزىتىلمىسى(لايىھە)»نى قاراپ چىقىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر ئۆيلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش نىزامى»غا تۆۋەندىكىدەك تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:

1 . 8-ماددىنىڭ (3) تارماقچىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: «خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈمى، كېسىمى، مۇرەسسەنامىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتىنىڭ قارارى، مۇرەسسەنامىسى ۋە ياكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلىش ھەققىدىكى قارارى قاتارلىقلار بولسا؛

(4) تارماقچىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: (4) بۇ نىزامنىڭ 38-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ (1) تارماقچىسىدىن (5) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلاردا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولۇپ، تىزىم ئۆزگەرتىلگەن بولسا»؛

بىر تارماق قوشۇلۇپ، 8-ماددىنىڭ 2-تارمىقى قىلىندى: «ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى تىزىمىنى ئۆزگەرتىشنى ئالاقىدار ئورتاق ئىگىدارلار ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ لېكىن، ئورتاق ئىگىدارلىق خاراكتېرى ياكى ئورتاق ئىگىدارلىق ئۈلۈشىدە ئۆزگىرىش بولسا، ئورتاق ئىگىدارلار بىرلىكتە ئىلتىماس قىلىشى لازىم. ئورتاق ئىگىدارلاردىن ئۆز ئۈلۈشىنى ئۆتۈنۈپ بېرىدىغانلىرى ئايرىم ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ».

2 . 11-ماددىنىڭ 2-تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئېلاننى شۇ جايدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىسىدە ۋە تىزىملىغۇچى ئاپپاراتنىڭ ئېلان تاختىسدا چىقىرىشى كېرەك، ئېلان ۋاقتى 15 كۈن بولىدۇ».

3 . 14-ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: «ئۆي ئىچى تام بىلەن ئايرىلمىغان، ئىككىدىن ئارتۇق ئىگىسى بار ئۆينى ئۈلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدۇ ياكى ئورتاق ئىشلىتىدۇ، دەپ تىزىملاش كېرەك؛ تۆت تەرىپى مۇقىم بەلگە بىلەن ئايرىلىپ، ئۆي پاسىلىنى ئۆي تىزىملىك خەرىتىسىدە سان-سىپىر بىلەن ئىپادىلىگىلى ھەمدە ئايرىم ئىشلەتكىلى بولسا، ھوقۇق تەۋەلىكى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن تىزىملانسا بولىدۇ».

4 . 25-ماددىنىڭ 1-تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئۆي ھوقۇقى تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىدىكىسى بويىچە ھوقۇقدارغا ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى بېرىشى كېرەك؛ ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسىگە ئۆينىڭ كونكرېت ئورنى كۆرسىتىلگەن قۇرۇلۇش تەكشىلىك خەرىتىسى ۋە قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلگەنيەرنىڭ نومۇرىنى قوشۇمچە قىلىشى كېرەك. تۇنجى تىزىمغا ئالدۇرغانلار ئۆينىڭ كونكرېت ئورنى، قۇرۇلۇش تەكشىلىك خەرىتىسى ۋە قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلگەن يەرنىڭ خەرىتىسىنى قوشۇمچە قىلىشى كېرەك».

25-ماددىنىڭ 2-تارمىقى چىقىرىۋېتىلىپ، 3-تارمىقى 2-تارمىقى قىلىندى.

5 . 27-ماددا مۇنداق تۈزىتىلدى: «ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ۋە تىزىم ئىسپاتىدىكى ئىش، ۋاقىت ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىدىكىسى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك. بىردەك بولمىسا، ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىدە خاتالىق بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىدىكىسى ئاساس قىلىنىدۇ».

6 . 28-ماددىنىڭ 3-تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى، تىزىم ئىسپاتىنى ئۆي تىزىملاش دەپتىرىگە قاراپ تولۇقلاپ بېرىشى، ئەسلىي گۇۋاھنامە ۋە تىزىمئىسپاتىنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈشى كېرەك. تولۇقلاپ بېرىلگەن ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ۋە تىزىم ئىسپاتىغا ‹تولۇقلاپ بېرىلدى› دەپ ئەسكەرتىپ قويۇلۇشى كېرەك».

7 . 29-ماددىنىڭ 1-تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش ھەققى (جۈملىدىن گۇۋاھنامە تەننەرخ ھەققى) تاپشۇرۇش كېرەك. كونكرېت ھەق ئۆلچىمىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇۋە تەڭشەيدۇ».

8 . 30-ماددا مۇنداق تۈزىتىلدى: «تىزىملىغۇچى ئاپپارات ھوقۇق تەۋەلىكىنى بىۋاسىتە تىزىملىغان، تىزىم ئىسپاتىنى ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسىگە ئالماشتۇرۇپ بەرگەن ياكى تىزىملىغۇچىنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن قايتا بېجىرگەندە، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش ھەققى ئالمايدۇ.

ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن تىزىملاش ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىرىغا تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك؛ تىزىملىغۇچى ئاپپارات تىزىملىماسلىق قارارى چىقارغانبولسا، گۇۋاھنامىنىڭ تەننەرخ ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك».

9 . 34-ماددىنىڭ 1-تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «تىزىملىغۇچى ئاپپارات تەكشۈرۈپ بولۇپ دەسلەپكى تىزىملاشتا، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاشدەپتىرىدىكىسى بويىچە ئۆي ئىگىسىگە ‹ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى› بېرىشى كېرەك».

10 . 40-ماددا مۇنداق تۈزىتىلدى: «ئۆينى رەنەقويۇش ھوقۇقى ياكى يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە بېكىتىشتە، ئۆينىڭ باشقا ھوقۇقىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك؛ ئۆي ئىجارە بېرىشتە، باشقا ھوقۇقىنى تىزىملاش ئىلتىماس قىلىنسا بولىدۇ. باشقا ھوقۇق قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىلىدىغان بولسا ياكى ئۆينىڭ تىزىمىنى ئۆزگەرتىدىغان ئەھۋال بولسا، باشقا ھوقۇقنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى تىزىملىتىشنى ياكى تىزىم ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك».

11 . 41-ماددىنىڭ (1) تارماقچىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: «ھەقدارلىق، قەرزدارلىق ئاساسىي توختامى ۋە رەنە توختامى، يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقى توختامى».

12 . 45-ماددىغا بىر تارماق قوشۇلۇپ، 2 –تارمىقى قىلىندى: «ھوقۇق تەۋەلىكى تىزىمى تۈزىتىلىدىغان ياكى تىزىمىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلىدىغان ئۆيلەر مۇۋاپىق باھادا ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن، ئۆتۈنۈلگۈچى شۇ ئۆيگە ياخشى نىيەتبىلەن ئېرىشكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملىتىپ بولغان بولسا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانمايدۇ. ئەسلىي ئىگىدار ئۆتۈنگۈچىدىن زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ».

13 . 48-ماددا مۇنداق تۈزىتىلدى: «ئۆينى ئالدىن سېتىۋالغۇچى ياكى ئالدىن ئىجارە ئالغۇچى ئۆينى ئالدىن سېتىۋالسا ياكى ئالدىن ئىجارە ئالسا، ئۆينى ئالدىن سىتىۋېلىش-سېتىش توختامى ياكى ئالدىن ئىجارە ئېلىش توختامىنى تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا كۆرسىتىپ، ئالدىن تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ».

  14 . 49-ماددا مۇنداق تۈزىتىلدى: «تىزىملىغۇچى ئاپپارات پۈتمىگەن ئۆينى ئالدىن سېتىۋېلىش، ئالدىن ئىجارە بېرىشنى تىزىملاش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشتا، ئۆينى ئالدىن سېتىش ئىجازەت ھۆججىتىنى تەكشۈرۈشى كېرەك؛ ئالدىن سېتىلىدىغان ياكى ئالدىن ئىجارە بېرىلىدىغان ئۆي رەنە قويۇلغان بولسا، رەنە ئالغۇچىنىڭ سېتىشقا ياكى ئىجارە بېرىشكە قوشۇلغانلىق ئىسپاتىنى كۆرۈشى كېرەك».

15 . 54-ماددىنىڭ 1-تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «تىزىملاش ئاپپاراتلىرى باشقىچە پىكىرنى تىزىملاشتا، ئىلتىماس قىلغۇچى باشقىچە پىكىر تىزىملانغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە دەۋا قىلمىسا، باشقىچە پىكىر تىزىمى كۈچىدىن قالىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى باشقىچە پىكىر تىزىمىدىكى ئىش توغرىسىدا دەۋا قىلغان بولسا، تىزىملىغۇچى ئاپپارات باشقىچە پىكىر تىزىمىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتىنى ئۇزارتىپ بەرسە بولىدۇ».

16 . 61-ماددا مۇنداق تۈزىتىلدى: «بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ يوشۇرۇش، ئالداش قاتارلىق ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى، تىزىم ئىسپاتىنى ئېلىۋالغانلارنى شەھەرلىك، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئۆي باشقۇرۇش تارمىقى تىزىمدىن ئۆچۈرۈپ، ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ۋە تىزىم ئىسپاتىنى يىغىۋالىدۇ ياكى ئېلان چىقىرىپ ئىناۋەتسىز قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قوشۇمچە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ باشقىلارغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ».

17 . 64-ماددا مۇنداق تۈزىتىلدى: «بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يېڭىدىن سېلىنىپ ئالدىن سېتىۋېتىلگەن ياكى باشقا ھوقۇقى بېكىتىلگەن ئۆينى سالغۇچىلاردىن بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە دەسلەپكى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلمىغان ياكى شېپىنىڭ ھوقۇق يۆتكىلىشىنى تىزىملىتىشىغا ھەمكارلاشمىغانلىرىنى ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۆي باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە ئۆي توختامىدىكى باھانىڭ %5ى بويىچە جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماققا يېڭى قۇرۇلۇشنى تەستىقلاپ بەرمەسلىك، ئۆينى ئالدىن سېتىش ئىجازىتىنى تەستىقلىماسلىق ھەققىدەئۇقتۇرۇش قىلىدۇ؛ باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئۆي سالغۇچىلار بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە دەسلەپكى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلمىغان ياكى شېپىنىڭ ھوقۇق يۆتكىلىشىنى تىزىملىتىشىغا ھەمكارلاشمىغان ئەھۋالدا،ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماق يېڭى تۈرنى تەستىقلاش رەسمىيىتىنى ۋە ئۆينى ئالدىن سېتىش ئىجازىتىنى بېجىرىپ بەرگەن بولسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا زىيان سالغانلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇنى بويىچە تۆلەپ بېرىدۇ».

بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر ئۆيلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش نىزامى» مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

 1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام شەھەر ئۆيلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆي-زېمىن سودىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئۆي ئىگىسىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نەرسە ھوقۇقى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر ئۆي-زېمىنىنى باشقۇرۇش قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر پىلانلىنىدىغان رايونىدىكى دۆلەت يېرىگە سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاشتا تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاشقا مەسئۇلتارماقنىڭ ئالاقىدارلارنىڭ ئىلتىماسى ياكى خىزمەت ھوقۇقى بويىچە، ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلىرىنى بېكىتىش، يۆتكەش، ئۆزگەرتىش، ئالدىن ئۇقتۇرۇپ قويۇش، تىزىمدىن ئۆچۈرۈش قاتارلىقلارنى خاتىرىلەش ۋە ئېلان قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

4-ماددا ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلاردىن كۆچمە مۈلۈك تىزىمىغا كىرگۈزۈلگەنلىرى نەرسە ھوقۇقى كۈچىگە ئىگە بولىدۇ، لېكىن، قانۇندا ئايرىم بەلگىلىگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

5-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر ئۆيلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

شەھەرلىك، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي باشقۇرۇش تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە شەھەر ئۆيلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، كونكرېت ئىشلارنى ئۆزىگە قاراشلىق ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملىغۇچى ئاپپارات (تۆۋەندە تىزىملىغۇچى ئاپپارات دېيىلىدۇ)قا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

2-باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە

6-ماددا ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەسلەپكى تىزىملاش، يۆتكىلىشنى تىزىملاش، تىزىم ئۆزگەرتىش، باشقا ھوقۇقنى تىزىملاش، تىزىمدىن ئۆچۈرۈش، ئالدىن تىزىملاش، باشقىچە پىكىرنى تىزىملاش، نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىقنى تىزىملاش، شۇنىڭدەك قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا تىزىملاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

7-ماددا ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغان ئۆي ئىگىلىرى تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا ئىلتىماس قىلىشتا، يازما ئىلتىماسى، كۈچكە ئىگە سالاھىيەت ئىسپاتى، ئالاقىدار قانۇن ھۆججەتلىرى ۋە مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن باشقا ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى؛ تىزىملىتىشنى ۋاكالەتچىگە ھاۋالە قىلغۇچىلار ھاۋالىنامە بېرىشى؛ چېگرا سىرتىدىكى ئۆي ئىگىسىنىڭ ھاۋالىنامىسىنى قانۇن بويىچە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ياكى ئىسپاتلىقتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان كۈچكە ئىگە سالاھىيەت ئىسپاتى كىملىك ياكى نوپۇس دەپتىرى، ئوفىتسېرلىق-ئەسكەرلىك كىنىشكىسى، كارخانىلار، باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى، ئورگانلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ تىزىملاتقان گۇۋاھنامە ۋە ئىسپات ھۆججەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 

8-ماددا ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاشنى ئۆي ئىگىسى بىلەن ئالاقىدار ھوقۇقدارلار بىرلىكتە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك؛ ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاشنى ھوقۇقدارلار بىرلىكتە ئىلتىماس قىلىدۇ. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، ئۆي ئىگىسى ئۆز ئالدىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ:

(1) يېڭىدىن سالسا، ئالدىن سېتىۋالسا، ئالدىن ئىجارە ئالسا؛

(2) ۋارىسلىق قىلسا، ھەدىيە قىلسا؛

(3) خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈمى، كېسىمى، مۇرەسسەنامىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتىنىڭ قارارى، مۇرەسسەنامىسى ۋە ياكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلىش ھەققىدىكى قارارى قاتارلىقلار بولسا؛

(4) بۇ نىزامنىڭ 38-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ (1) تارماقچىسىدىن (5) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلاردا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولۇپ، تىزىم ئۆزگەرتىلگەن بولسا؛

(5) باشقىچە پىكىر تىزىملانغان بولسا؛

(6) تىزىمدىن ئۆچۈرۈلگەن بولسا؛

(7) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللاربولسا.

ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى تىزىمىنى ئۆزگەرتىشنى ئالاقىدار ئورتاق ئىگىدارلار ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ لېكىن، ئورتاق ئىگىدارلىق خاراكتېرى ياكى ئورتاق ئىگىدارلىق ئۈلۈشىدە ئۆزگىرىش بولسا، ئورتاق ئىگىدارلار بىرلىكتە ئىلتىماس قىلىشى لازىم. ئورتاق ئىگىدارلاردىن ئۆز ئۈلۈشىنى ئۆتۈنۈپ بېرىدىغانلىرى ئايرىمئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

9-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە، تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى بىۋاسىتە تىزىملىسا بولىدۇ:

(1) ئۆي باشقۇرغۇچى تارماق ۋاكالىتەن باشقۇرۇۋاتقان ئۆي تىزىملىنىدىغان بولسا؛

(2) ئىگىسىز ئىكەنلىكى قانۇن بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ئۆي تىزىملىنىدىغان بولسا؛

(3) نېرى-بېرى قىلدۇرۇلمايدىغان ئۆي تىزىملىنىدىغان بولسا؛

(4) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋال بولسا.

10-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن تىزىملاش شەرتى بويىچە، ئۈلگە نۇسخىسىنى تەييارلىشى ھەمدە ئېلان قىلىشى؛ تىزىملاش شەرتىنى كۆپەيتىۋەتمەسلىكى كېرەك.

11-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات تىزىملاش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئىسپات يېزىپ بېرىشى ھەمدە تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك:

(1) تىزىملىنىدىغان مۇھىم ماتېرىياللارنى يېزىپ، تىزىملىنىدىغان ئىشلارنى ئېنىقلاش، ئەسلىسى ياكى كۆپەيتىلمىسىنى ساقلاپ قويۇش؛

(2) تىزىملىتىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى سۈرۈشتۈرۈش ياكى ئېلان قىلىش؛

(3) ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالىنى ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى تىزىم دەپتىرىگە كىرگۈزۈپ، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى بېرىش ياكى تىزىم ئىسپاتى بېرىش.

تىزىملىغۇچى ئاپپارات زۆرۈر تاپقاندا، ئۆينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تەكشۈرسە بولىدۇ، ئۆي ئىگىسى ھەمكارلىشىشى كېرەك.

تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئېلاننى شۇ جايدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىسىدە ۋە تىزىملىغۇچى ئاپپاراتنىڭ ئېلان تاختىسدا چىقىرىشى كېرەك، ئېلان ۋاقتى 15 كۈن بولىدۇ.

12-ماددا ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملىغۇچى خادىملار دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى ھەمدە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، كىنىشكا بىلەن ئىش ئورنىغا چىقىشى كېرەك.

13-ماددا ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى ئۆينىڭ ئىشىك نومۇرى، كورپۇسى، يۈرۈش (ئېغىز) سانى، شۇنداقلا ھوقۇق تەۋەلىكى ئېنىق بولغان قىسمى ئاساسىي بىرلىك قىلىپ تىزىملىنىدۇ.

بىر ئىمارەتنى ئىككىدىن ئارتۇق ئىگىدار ئىگىلىگەن بولسا، ھەر بىرىگە تەئەللۇق ئۆينىڭ كۆلىمى بىلەن ئۆينىڭ سىرتىدىكى ئورتاق قىسمىدىن چېچىلغان كۆلىمىنىڭ يىغىندىسى ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى تىزىملىنىدىغان كۆلەم بولىدۇ.

14-ماددا ئۆي ئىچى تام بىلەن ئايرىلمىغان،ئىككىدىن ئارتۇق ئىگىسى بار ئۆينى ئۈلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدۇ ياكى ئورتاق ئىشلىتىدۇ، دەپ تىزىملاش كېرەك؛ تۆت تەرىپى مۇقىم بەلگە بىلەن ئايرىلىپ، ئۆي پاسىلىنى ئۆي تىزىملىك خەرىتىسىدە سان-سىپىر بىلەن ئىپادىلىگىلى ھەمدە ئايرىم ئىشلەتكىلى بولسا، ھوقۇق تەۋەلىكى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن تىزىملانسا بولىدۇ.

15-ماددا ئۆيگە قوشۇپ بېرىلگەن گېرەم ياكى ئۆي ئۆلچەش قائىدىسى بويىچە قۇرۇلۇش كۆلىمىگە كىرگۈزۈلمەيدىغان قىسمىنى تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئۆيھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىگە ئۆي ئىگىسىنىڭ نامىدا خاتىرىلەيدۇ ھەمدە «ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقىگۇۋاھنامىسى» نىڭ قوشۇمچە بېتىدە ئەسكەرتىپ قويىدۇ.

16-ماددا ئىمارەتنىڭ گېرەم قەۋىتى، ئەڭ ئۈستى قەۋىتى ئىگىدارلار ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ياكى ئىشلىتىدىغان ۋە ياكى ئۆي-زېمىن خوجىلىقىغا ئىشلىتىلىدىغان ۋە باشقا جامائەت مۇلازىمىتىگە ئىشلىتىلىدىغان ئۆي بولسا، تىزىملىغۇچى ئاپپارات ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىگە ئىگىدارلارغا ئورتاق تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى خاتىرىلەيدۇ، لېكىن، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى بەرمەيدۇ.

17-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات تىزىملاش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ تۆۋەندىكى ۋاقىت چېكىدە تىزىملاش-تىزىملىماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك، ئېلان ۋاقتى بۇنىڭ سىرتىدا:

(1) باشقىچە پىكىرنى تىزىملاش، نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىقنى تىزىملاشقا ئىككى ئىش كۈنى؛

(2) دەسلەپكى تىزىملاش، تىزىم ئۆزگەرتىش، تىزىمدىن ئۆچۈرۈش، ئالدىن تىزىملاش ۋە باشقا ھوقۇقنى تىزىملاشقا ئون ئىش كۈنى؛

(3) يۆتكەشنى تىزىملاشقا 30 ئىش كۈنى.

ئالاھىدە سەۋەب بىلەن، تىزىملاش ۋاقىت چېكىنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، تىزىملىغۇچى ئاپپارات مەسئۇلىنىڭتەستىقى بىلەن ئۇزارتىشقا بولىدۇ، لېكىن ئۇزاق بولغاندىمۇ بۇرۇنقى ۋاقىت چېكىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

18-ماددا تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى كۆرۈلسە، تىزىملىغۇچى ئاپپارات تىزىملاشنى كېچىكتۈرۈش قارارى چىقىرىشى كېرەك:

(1) تىزىملىتىش ئۇسۇلى ياكى ھۆججەتلىرى بەلگىلىمىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمىسە؛

(2) ئېلان مەزگىلىدە باشقىچە پىكىر ئىلتىماسى سۇنۇلسا؛

(3) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلسە.

19-ماددا تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى كۆرۈلسە، تىزىملىغۇچى ئاپپارات تىزىملىماسلىق قارارى چىقىرىشى كېرەك:

(1) بەرگەن قانۇن ھۆججەتلىرى ۋە باشقا ماتېرىياللار چىن بولمىسا ياكى ئۆينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇنكەلمىسە؛

(2) تىزىملاش ئىلتىماس قىلىنغان ئىش ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىدىكىسىگە زىت كەلسە؛

(3) ئۆي يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى مۇددىتى ياكى ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇق دائىرىسىدىن ئاشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغان بولسا؛

(4) ئۆي ۋاقىتلىق ئىشلىتىلىدىغان يەرگە سېلىۋېلىنغان بولسا؛

(5) نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىقنى تىزىملاشنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتىدە ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش ئىلتىماس قىلىنسا؛

(6) ئىگىدارلار ئۆينىڭ ئورتاق ئىشلىتىدىغان قىسمى ۋە مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان قىسمىنى بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن بولسا؛

(7) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلسە.

20-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات تىزىملاش ۋاقىت چېكىنى ئۇزارتىش، تىزىملاشنى كېچىكتۈرۈش ياكى تىزىملىماسلىق قارارى چىقارغان بولسا، قارار چىقىرىش پاكىتى ۋە سەۋەبىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا ۋە ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

21-ماددا تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن ئىلتىماسنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىرى تىزىملىغۇچى ئاپپارات تىزىملاش قارارى چىقىرىشتىن بۇرۇن قايتۇرۇۋېلىشى؛ تىزىملاش ئىلتىماسىدىكى ئىشلارنى ئېلان قىلىشقا توغرا كەلسە ئېلان چىقىرىلىشتىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

22-ماددا ئۆي ئىگىسى ۋە پايدا-زىيانمۇناسىۋىتى بارلاردىن ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاشتا خاتالىق بار دەپ قارىغانلىرى تۈزىتىشنى قانۇنبويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تىزىملىغۇچى ئاپپاراتلار تىزىملاشتا خاتالىق بارلىقىنى بايقىسا، ئۆي ئىگىسىگە يازما ئۇقتۇرۇشى ھەمدە قانۇن بويىچە تۈزىتىشى كېرەك.

23-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات شەھەر، ناھىيە (شەھەر) مەمۇرىي رايونى بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئۆي ھوقۇقى تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرى تۇتۇشى كېرەك. تىزىملاش دەپتىرىدىكى ھوقۇق ئىگىسى شۇ ئۆينىڭ ئىگىسى بولىدۇ، تىزىملاش دەپتىرىدىكى ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىكى ئىككىدىن ئارتۇق ھوقۇق رېتىنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى بولىدۇ.

ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. تىزىملاش دەپتىرى كاردىن چىقسا، ئەسلىدىكى خاتىرە بويىچە قايتا تولدۇرۇش كېرەك.

ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىنىڭ نۇسخىسىنى ئاپتونوم رايوننىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىر تۇتاش تەييارلايدۇ.

24-ماددا ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىنى ئاشكارىلاش كېرەك. تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئۆي ئىگىسى ۋە پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بارلارنىڭ ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۈشىگە، كۆچۈرۈۋېلىشىغا ۋە كۆپەيتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

ھەر قانداق كىشىنىڭ ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىنى تىزىملىغۇچى ئاپپاراتتىن ئېلىپ كېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

25-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئۆي ھوقۇقى تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىدىكىسى بويىچە ھوقۇقدارغا ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى بېرىشى كېرەك؛ ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسىگە ئۆينىڭ كونكرېت ئورنى كۆرسىتىلگەن قۇرۇلۇش تەكشىلىك خەرىتىسى ۋە قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلگەن يەرنىڭ نومۇرىنى قوشۇمچە قىلىشى كېرەك. تۇنجى تىزىمغا ئالدۇرغانلار ئۆينىڭ كونكرېتئورنى، قۇرۇلۇش تەكشىلىك خەرىتىسى ۋە قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلگەن يەرنىڭ خەرىتىسىنى قوشۇمچە قىلىشى كېرەك.

ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى دۆلەت بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە نۇسخا بويىچە تەييارلىنىدۇ، ئۇنىڭغا ئۆي بار جايدىكى شەھەرلىك، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ نامى ئىشلىتىلىدۇ، تىزىملىغۇچى ئاپپاراتنىڭ تامغىسى بېسىلىدۇ؛ شەھەرلىك، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتى ئۆي باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەسىس قىلمىغان بولسا، ئۇنىڭغا شەھەرلىك، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نامى ئىشلىتىلىدۇ، تىزىملىغۇچى ئاپپاراتنىڭ تامغىسى بېسىلىدۇ.

26-ماددا ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاشتا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولسا، تىزىملىغۇچى ئاپپارات تىزىم ئىسپاتى بېرىدۇ:

(1) ئالدىن تىزىملانغان بولسا؛

(2) سېلىنىۋاتقان ئۆي رەنىسى تىزىملانغان بولسا؛

(3) باشقىچە پىكىر تىزىملانغان بولسا؛

(4) بىۋاسىتە تىزىملانغان بولسا؛

(5) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار بولسا.

تىزىم ئىسپاتىنىڭ نۇسخىسىنى ئاپتونوم رايوننىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىر تۇتاش تەييارلايدۇ.

27-ماددا ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ۋەتىزىم ئىسپاتىدىكى ئىش، ۋاقىت ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىدىكىسى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك. بىردەك بولمىسا، ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىدە خاتالىق بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىدىكىسى ئاساس قىلىنىدۇ.

28-ماددا ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى، تىزىم ئىسپاتى كاردىن چىقسا، ئۆي ئىگىسى ئۇنى بەرگەن ئاپپاراتقا ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ ئۇنى بەرگەن ئاپپارات ئالماشتۇرۇپ بېرىشى ھەمدە ئەسلىي گۇۋاھنامىسى ۋە تىزىم ئىسپاتىنى قايتۇرۋېلىشى كېرەك.

ئۆي ئىگىلىرىدىن ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى،تىزىم ئىسپاتىنى يوقىتىپ قويغانلىرى تولۇقلاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئىلتىماس قىلغاندا يوقاپ كېتىش سەۋەبىنى ھەمدە ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى يازما ئىزاھلاپ قويۇشى كېرەك. يوقىتىپ قويغانلار شۇ جايدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىسىدە يوقاپ كەتكەنلىك ئېلانى چىقىرىشى ھەمدە تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا يوقاپ كەتكەنلىك ئېلانىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى، تىزىم ئىسپاتىنى ئۆي تىزىملاش دەپتىرىگە قاراپ تولۇقلاپ بېرىشى، ئەسلىي گۇۋاھنامە ۋە تىزىم ئىسپاتىنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈشى كېرەك. تولۇقلاپ بېرىلگەن ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ۋە تىزىم ئىسپاتىغا «تولۇقلاپ بېرىلدى» دەپ ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك.

29-ماددا ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش ھەققى (جۈملىدىن گۇۋاھنامە تەننەرخ ھەققى) تاپشۇرۇش كېرەك. كونكرېت ھەق ئۆلچىمىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ ۋە تەڭشەيدۇ.

ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش ھەققى بەلگىلىمە بويىچە مالىيە مەبلىغىگە كىرگۈزۈلۈپ، بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدۇ.

30-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات ھوقۇق تەۋەلىكىنى بىۋاسىتە تىزىملىغان، تىزىم ئىسپاتىنى ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسىگە ئالماشتۇرۇپ بەرگەن ياكى تىزىملىغۇچىنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن قايتا بېجىرگەندە، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش ھەققى ئالمايدۇ.

ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن تىزىملاش ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىرىغا تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك؛ تىزىملىغۇچى ئاپپارات تىزىملىماسلىق قارارى چىقارغان بولسا، گۇۋاھنامىنىڭ تەننەرخ ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

3-باب ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش

1-پاراگراف دەسلەپكى تىزىملاش

31-ماددا يېڭى ئۆي پۈتكەندىن كېيىن، ئۆي سالغۇچى تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا ئۆينىڭ ئىگىدارلىقھوقۇقىنى دەسلەپكى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك؛ يېڭى ئۆي ئالدىن سېتىلغان ياكى ئۇنىڭ باشقا ھوقۇقى بېكىتىلگەن بولسا، دەسلەپكى تىزىملاش ئىلتىماسىنى ئۆي پۈتكەن كۈندىن باشلاپ 90 كۈن ئىچىدە سۇنۇشى كېرەك.

ئۆينى ئالدىن ساتقۇچى دەسلەپكى تىزىملىتىشتا، ئۆينى ئالدىن سېتىۋالغۇچىنىڭ يۆتكەشنى تىزىملىتىشىغا ھەمكارلىشىشى كېرەك.

32-ماددا دەسلەپكى تىزىملاش ئىلتىماسى سۇنۇشتا، تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇش كېرەك:

(1) قۇرۇلۇش يېرى يىرىك پىلانى، قۇرۇلۇش پىلانى تەستىق ھۆججىتى ۋە خەرىتىسى؛

(2) دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ياكى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى ئىسپاتى؛

(3) پىلانلاش، ج خ ئوت مۇداپىئە، مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ پۈتكەن قۇرۇلۇشقا بەرگەنئېتىراپ ھۆججىتى ياكى ئىشلىتىش ئىجازەت ھۆججىتى؛

(4) قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىغان پۈتكەن قۇرۇلۇشنىڭ ئۆلچەمگە توشقانلىق ئىسپاتى؛

(5) ئۆي كۆلىمىنى ئۆلچەش-سىزىش دوكلاتى،قەۋەت، ئۆي تەكشىلىك خەرىتىسى؛

(6) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ھۆججەتلەر.

33-ماددا كوللېكتىپ يېرى قانۇن بويىچە دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىنغاندىن كېيىن، شۇ يەردىكى ئۆينىڭ ئىگىسى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ خاراكتېرى ئۆزگەرگەنلىك تەستىق ھۆججىتى، ئۆي سالغان چاغدىكى تەستىق ھۆججەت ياكى ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىگە دائىر باشقا قانۇن ھۆججەتلىرى شۇنداقلا ئۆي كۆلىمىنى ئۆلچەش-سىزىش دوكلاتىنى ئېلىپ، دەسلەپكى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

34-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات تەكشۈرۈپ بولۇپ دەسلەپكى تىزىملاشتا، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىدىكىسى بويىچە ئۆي ئىگىسىگە «ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى» بېرىشى كېرەك.

ئالدىن تىزىملىتىلغان ئۆينى دەسلەپكى تىزىملاشتا، تىزىم ئىسپاتىنى قايتۇرۇۋېلىپ، تىزىمدىن ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەك.

2-پاراگراف يۆتكەشنى تىزىملاش

35-ماددا ئېلىپ-سېتىش، ئالماشتۇرۇش، ھەدىيە قىلىش، ۋەسىيەتلىك ھەدىيە قىلىش، ۋارىسلىق قىلىش، بۆلۈشۈش، قوشۇۋېتىش، قارار قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى يۆتكەلسە، ئۆي ئىگىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھوقۇقدارلار قانۇن ھۆججىتى كۈچكە ئىگە بولغان ياكى قانۇن پاكىتى يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ 90 كۈن ئىچىدە، تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا يۆتكەشنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

ئۆي ئىگىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھوقۇقدارلاردىن ھوقۇق يۆتكىلىشنى تىزىملاشنى سۈرۈك ئۆتكەندىن كېيىن ئىلتىماس قىلغانلىرىنى تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئېلان قىلىشى، ئېلان مۇددىتى توشقۇچە باشقىچە پىكىر چىقمىسا، ھوقۇق يۆتكىلىشنى تىزىملىسا بولىدۇ.

ئۆينىڭ ئورتاق ئىگىدارلىرىدا ياكى ئۇلارنىڭ ئورتاق ئۈلۈشىدە ئۆزگىرىش بولسا، ھوقۇق يۆتكىلىشنى تىزىملاش كېرەك.

36-ماددا يۆتكەشنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ياكى تىزىم ئىسپاتىنى ھەمدە بېجىرىلىدىغان ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇش كېرەك:

(1) ئۆي سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى؛

(2) ئۆينى ئالماشتۇرۇش، بۆلۈشۈش، قوشۇۋېتىش كېلىشىمنامىسى؛

(3) ھەدىيە توختامى؛

(4) ۋەسىيەتلىك ھەدىيە ۋە ۋارىسلىق ئىسپاتى؛

(5) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ھۆججەتلەر.

37-ماددا ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى ئۆي ھوقۇقى ۋە ئىجارە بېرىلگەن ئۆي ھوقۇقىنىڭ يۆتكىلىشىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشتا، سېتىۋەتكۈچى شېپىنىڭ شېپىلىكتىن ۋاز كەچكەنلىكى توغرىسىدىكى يازما ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشى؛ يازما ئىسپات بېرەلمىسە، ئىلتىماسقا شېپىنىڭ شېپىلىكتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئەسكەرتىپقويۇشى ھەمدە مۇناسىپ قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

3-پاراگراف تىزىم ئۆزگەرتىش

38-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە، ھوقۇقدار قانۇن ھۆججىتى كۈچكە ئىگە بولغان ياكى قانۇن پاكىتى يۈزبەرگەندىن كېيىن، تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا تىزىم ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىشى؛ ئۆزگەرگەن ئىش باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا چېتىلسا، قانۇن ھۆججىتى كۈچكە ئىگە بولغان ياكى قانۇن پاكىتى يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، تىزىم ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك:

(1) ھوقۇقدارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ياكى نامىدا ئۆزگىرىش بولسا؛

(2) ئۆي بار كوچىنىڭ نامى، ئىشىك نومۇرى ياكى ئۆينىڭ نامىدا ئۆزگىرىش بولسا؛

(3) ئۆي بۆلۈنگەن، قوشۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، ھوقۇق تەۋەلىكى يۆتكەلمىگەن بولسا؛

(4) ئۆينى قايتا سېلىش، ئۆزگەرتىش سەۋەبىدىن كۆلىمى كېڭەيگەن ياكى كېمەيگەن بولسا؛

(5) يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۇسۇلى، مۆھلىتى ۋە يەرنىڭ ئىشلىتىلىشىدە ئۆزگىرىش بولسا؛

(6) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار بولسا.

ئەرنىڭ ياكى خوتۇننىڭ ئىگىدارلىقىدا، دەپ تىزىملانغان ئۆينى ئىككىسى ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدۇ، دەپ تىزىملاشتا، يەنە بىرى ئىگىدارلىق قىلىدۇ، دەپ ئۆزگەرتىشتە ياكى ئەر-خوتۇن ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدۇ، دەپ تىزىملانغان ئۆينى بىرىنىڭ ئىگىدارلىقىغا ئۆزگەرتىشتە، تىزىم ئۆزگەرتىش رەسمىيىتى بېجىرىلىدۇ.

39-ماددا تىزىم ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ياكى تىزىم ئىسپاتىنى ھەمدە بېجىرىدىغان ئىشقا قاراپ تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇش كېرەك:

(1) ئالاقىدارلار ئورتاق قول قويغان ئۆي ۋە مال-مۈلۈك بۆلۈشۈش تىزىملىكى؛

(2) شەھەر پىلانلاش تارمىقىنىڭ ئۆينى قايتا سېلىش، ئۆزگەرتىش تەستىق ھۆججىتى؛

(3) يەر باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۇسۇلى، مۆھلىتى ياكى ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىش تەستىق ھۆججىتى ياكى يەرسېتىش پۇلىنى تولۇقلاپ ئالغانلىق ئىسپاتى؛

(4) ئۆي كۆلىمىنى ئۆلچەش-سىزىش دوكلاتى؛

(5) ئەر-خوتۇننىڭ ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى تىزىمىنى ئۆزگەرتىشكە قوشۇلغانلىق يازما ئىسپاتى؛

(6) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ھۆججەتلەر.

4-پاراگراف باشقا ھوقۇقنى تىزىملاش

40-ماددا ئۆينى رەنە قويۇش ھوقۇقى ياكى يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە بېكىتىشتە، ئۆينىڭ باشقا ھوقۇقىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك؛ ئۆي ئىجارە بېرىشتە، باشقا ھوقۇقىنى تىزىملاش ئىلتىماس قىلىنسا بولىدۇ. باشقا ھوقۇق قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىلىدىغان بولسا ياكى ئۆينىڭ تىزىمىنى ئۆزگەرتىدىغان ئەھۋال بولسا، باشقا ھوقۇقنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى تىزىملىتىشنى ياكى تىزىم ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك.

41-ماددا ئۆينىڭ باشقا ھوقۇقىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ياكى تىزىم ئىسپاتىنى تاپشۇرۇش ھەمدە بېجىرىدىغان ئىشلارغا قاراپ تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇش كېرەك:

(1) ھەقدارلىق، قەرزدارلىق ئاساسىي توختامى ۋە رەنە توختامى، يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقى توختامى؛

(2) ئىجارە توختامى؛

(3) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقاھۆججەتلەر.

پۈتمىگەن ئۆينى رەنە قويغۇچىلار ئۆينى ئالدىن سېتىش ئىجازەت ھۆججىتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى ئۆينىڭ باشقا ھوقۇقىنى بېكىتىشتە، مۇناسىۋەتلىك ھوقۇقدارلارنىڭ قوشۇلغانلىق يازما پىكرىنى تاپشۇرۇش كېرەك.

بېكىتىلگەن باشقا ھوقۇق تىزىمىنى بىكار قىلىش ياكى ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، باشقا ھوقۇق ئىگىلىرىنىڭ قوشۇلغانلىق يازما پىكرىنى تاپشۇرۇش شەرت.

42-ماددا باشقا ھوقۇقنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى كۆرۈلسە، تىزىملىغۇچى ئاپپارات تىزىملىماسلىق قارارى چىقىرىشى كېرەك:

(1) مائارىپ، داۋالاش، شەھەر مەمۇرىيىتى قاتارلىق جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ئۆي رەنە قويۇلسا؛

(2) رەنە توختامىدا رەنە مۆھلىتى توشۇپ رەنە ئالغۇچى رەنە پۇلىنى ئالالمىغاندا، ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى رەنە ئالغۇچىغا يۆتكىلىدىغانلىقىنى پۈتۈشۈلگەنبولسا؛

(3) ئىجارە مۆھلىتى 20 يىلدىن ئېشىپ كەتسە؛

(4) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلسە.

43-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات باشقا ھوقۇقنى تىزىملاشتا، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاشدەپتىرىدىكىسى بويىچە، «ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى»دە باشقا ھوقۇقنى ئەسكەرتىپ، «ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى»نى ئۆي ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشى ھەمدە ئۆينىڭ باشقا ھوقۇق ئىگىسىگە «ئۆينىڭ باشقا ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى»نى بېرىشى كېرەك.

سېلىنىۋاتقان ئۆينى رەنە قويۇشتا، تىزىملىغۇچى ئاپپارات رەنە قويغۇچى بىلەن رەنە ئالغۇچىغا تىزىم ئىسپاتى بېرىشى؛ ئۆي پۈتۈپ دەسلەپكى تىزىملاشتا تىزىم ئىسپاتىنى قايتۇرۇۋېلىپ، ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ۋە باشقا ھوقۇق گۇۋاھنامىسى بېرىشى كېرەك.

5-پاراگراف تىزىمدىن ئۆچۈرۈش

44-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە، ئۆي ئىگىسى پاكىت يۈز بەرگەن ياكى قانۇن ھۆججىتى كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە ئەسلىدىكى ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ياكى تىزىم ئىسپاتىنى، شۇنىڭدەك ئالاقىدار توختام، كېلىشىم ۋەئىسپات ھۆججىتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك:

(1) ئۆي يوق بولۇپ كەتسە؛

(2) يەر ئىشلىتىش مۇددىتى توشقان بولسىمۇ، مۇددەت ئۇزارتىپ بېرىلمىگەن بولسا؛

(3) باشقا ھوقۇق ياكى ئالدىن تىزىملىتىش ھوقۇقى ئاخىرلاشقان بولسا؛

(4) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلسە.

تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىش سۈرۈكىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ تىزىمدىن ئۆچۈرتۈشىگە تىزىملىغۇچى ئاپپارات ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك؛ يوللۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ تىزىمدىن ئۆچۈرۈتمىگەنلىرىنىڭ تىزىمىنى تىزىملىغۇچى ئاپپارات بىۋاسىتە ئۆچۈرسە ھەمدە ئەسلىي ئۆي ئىگىسىگە ئۇقتۇرۇپ قويسا بولىدۇ.

45-ماددا تۈزەتكىلى بولىدىغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە، تىزىملىغۇچى ئاپپارات خىزمەت ھوقۇقى بويىچە تىزىمدىن ئۆچۈرۈشى ھەمدە ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك:

(1) ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش ئىلتىماس ماتېرىياللىرى راست بولمىسا؛

(2) تىزىملىغۇچى ئاپپاراتنىڭ خىزمەتتىكى سەۋەنلىكىدىن ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى توغرا تىزىملانمىسا؛

(3) مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگىنى كۈچكە ئىگە قانۇنى ھۆججەتلىرىنى كۆرسىتىپ، تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلسا؛

(4) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار بولسا.

ھوقۇق تەۋەلىكى تىزىمى تۈزىتىلىدىغان ياكى تىزىمىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلىدىغان ئۆيلەر مۇۋاپىق باھادا ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن،

ئۆتۈنۈلگۈچى شۇ ئۆيگە ياخشى نىيەت بىلەن ئېرىشكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملىتىپ بولغان بولسا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانمايدۇ. ئەسلىي ئىگىدار ئۆتۈنگۈچىدىن زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

46-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە، تىزىملىغۇچى ئاپپارات تىزىمدىن ئۆچۈرمەسلىك قارارى چىقىرىشى كېرەك:

(1) تىزىمدىن ئۆچۈرۈش ئىلتىماس قىلىنغان ئۆينىڭ باشقا ھوقۇقىنى تىزىملاش، ئالدىن تىزىملاشنى ۋە نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىقنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلسا؛

(2) باشقىچە پىكىر تىزىمى بىكار قىلىنمىسا؛

(3) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار بولسا.

47-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات تىزىمدىن ئۆچۈرۈشتە، ئەسلىدىكى ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ۋە تىزىم ئىسپاتىنى قايتۇرۇۋېلىشى ياكى ئەسلىدىكى ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ۋە ئىسپات ھۆججىتىنىڭ ئىناۋەتسىزلىكىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

6-پاراگراف ئالدىن تىزىملاش

48-ماددا ئۆينى ئالدىن سېتىۋالغۇچى ياكى ئالدىن ئىجارە ئالغۇچى ئۆينى ئالدىن سېتىۋالسا ياكى ئالدىن ئىجارە ئالسا، ئۆينى ئالدىن سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى ياكى ئالدىن ئىجارە ئېلىش توختامىنى تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا كۆرسىتىپ، ئالدىن تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

49-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات پۈتمىگەن ئۆينى ئالدىن سېتىۋېلىش، ئالدىن ئىجارە بېرىشنى تىزىملاشئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشتا، ئۆينى ئالدىن سېتىش ئىجازەت ھۆججىتىنى تەكشۈرۈشى كېرەك؛ ئالدىن سېتىلىدىغان ياكى ئالدىن ئىجارە بېرىلىدىغان ئۆي رەنەقويۇلغان بولسا، رەنە ئالغۇچىنىڭ سېتىشقا ياكى ئىجارە بېرىشكە قوشۇلغانلىق ئىسپاتىنى كۆرۈشى كېرەك.

50-ماددا ئالدىن تىزىملاش ھوقۇقىغا ئېرىشكۈچى ئالدىن تىزىملىتىشتا، 3-كىشىنى رەت قىلىش ھوقۇقىغا ھەمدە ئۆينى بېرىشنى ئالدىن تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

51-ماددا ئالدىن تىزىملاتقان ئۆينى ئالدىن سېتىۋېلىپ، ئالدىن ئىجارە ئېلىپ، ئۆتۈنۈش، ئۆزگەرتىش ھوقۇقى ياكى باشقا ھوقۇققا ئېرىشكەنلەر يۆتكەش ھوقۇقى، ئۆزگەرتىش ھوقۇقى ياكى باشقا ھوقۇقنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

ئالدىن سېتىۋېلىنغان، ئالدىن ئىجارە ئېلىنغان ئۆي تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسىنى بېرىش ھەمدە ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىگە خاتىرىلەپ قويۇش كېرەك.

7-پاراگراف باشقىچە پىكىرنى تىزىملاش

52-ماددا ئۆيگە نىسبەتەن پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بارلاردىن ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىدىكى ئىشلارغا باشقىچە پىكرى بولغانلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئالاقىدار ئىسپاتلارنى ئېلىپ، تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا ئىلتىماس سۇنۇپ، باشقىچە پىكىرنى تىزىملاتسا بولىدۇ.

53-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات باشقىچە پىكىرنى تىزىملاش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، باشقىچە پىكىر چىققان ئىشلارنى ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىگە يېزىپ، 3-كىشىنىڭ سەمىگە سېلىپ قويۇشى ھەمدە ئۆي ئىگىسىگە يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

54-ماددا تىزىملاش ئاپپاراتلىرى باشقىچە پىكىرنى تىزىملاشتا، ئىلتىماس قىلغۇچى باشقىچە پىكىر تىزىملانغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە دەۋا قىلمىسا، باشقىچە پىكىر تىزىمى كۈچىدىن قالىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى باشقىچە پىكىر تىزىمىدىكى ئىش توغرىسىدا دەۋا قىلغان بولسا، تىزىملىغۇچى ئاپپارات باشقىچە پىكىر تىزىمىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتىنى ئۇزارتىپ بەرسە بولىدۇ.

باشقىچە پىكىر تىزىمى كۈچكە ئىگە مۇددەتتە، ئەسلىي ھوقۇق تەۋەلىكى تىزىمىنىڭ نامۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بولسا، تىزىملىغۇچى ئاپپارات تۈزىتىشى ياكى تىزىمدىن ئۆچۈرۈشى، نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىقنى تىزىملىشى كېرەك.

55-ماددا باشقىچە پىكىر تىزىمى كۈچكە ئىگە مۇددەتتە، باشقىچە پىكىر تىزىمىنىڭ نامۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بولسا، تىزىملىغۇچى ئاپپارات باشقىچە پىكىرنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈشى كېرەك. باشقىچە پىكىرنى تىزىملاش ئۆي ئىگىسىگە پايدىسىز ئاقىۋەت كەلتۈرگەن بولسا، ئاقىۋەتكە باشقىچە پىكىرنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغۇچى جاۋابكار بولىدۇ.

8-پاراگراف نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىقنى تىزىملاش

56-ماددا مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرىدىن ئۆينى قانۇن بويىچە پېچەتلەش، كېيىن پېچەتلەش، ئالدىن پېچەتلەش قاتارلىق مال-مۈلۈكنى ئامان ساقلاش بويىچە چەكلەش تەدبىرى ۋە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىرى ياكى ئۆينى مۇسادىرە قىلىش قارارى چىقىرىدىغانلىرى تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىقنى تىزىملاشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

57-ماددا مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرىدىن تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىقنى تىزىملاشنى ئۇقتۇرىدىغانلىرى ئىجرا ئاساسى قىلىنىدىغان قانۇن ھۆججەتلىرىنى ۋە ئىجراغا ھەمكارلىشىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئىجراغا ھەمكارلىشىش ئۇقتۇرۇشىدا نېرى-بېرى قىلدۇرمايدىغان ئۆي ياكى ئۇنىڭ كونكرېت قىسمى، نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىق مۆھلىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى كېرەك.

58-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىق مۆھلىتىدە، ئۆي ئىگىسىنىڭ ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىدىكى ھوقۇقىغا چەك قويىدۇ.

59-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىق تىزىمىنى بىكار قىلىشنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش ھۆججىتىنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان، نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىق تىزىمىنى بىكار قىلىشى كېرەك.

نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىق مۆھلىتى توشقان ياكى نېرى-بېرى قىلدۇرۇلمايدىغانلىقى تىزىملانغان ئۆيلەردىن قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىنغانلىرىنىڭ نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىق تىزىمى ئۆزلۈكىدىن كۈچتىن قالىدۇ.

نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىقنى تىزىملاش مۆھلىتىنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگىنى تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىقنى تىزىملاشنى قايتا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

4-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

60-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپاراتلاردىن بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ خاتا تىزىملىغان ياكى تىزىملاشنى سەۋەبسىز كېچىكتۈرگەن، ئۆي ئىگىسى ۋە پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بارلارنىڭ تىزىملاش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش ھەققىدىكى يوللۇق تەلىپىنى رەت قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكار مەسئۇل رەھبىرىگە ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا شۇ ئورۇن ياكى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ ئۆي ئىگىسىگە ۋە باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

61-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يوشۇرۇش، ئالداش قاتارلىق ناتوغرا ۋاسىتىلەربىلەن، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى، تىزىم ئىسپاتىنى ئېلىۋالغانلارنى شەھەرلىك، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئۆي باشقۇرۇش تارمىقى تىزىمدىن ئۆچۈرۈپ،ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ۋە تىزىم ئىسپاتىنى يىغىۋالىدۇ ياكى ئېلان چىقىرىپ ئىناۋەتسىز قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قوشۇمچە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ باشقىلارغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

62-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ياكى تىزىم ئىسپاتىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغانلارنىڭ گۇۋاھنامىسى ۋە ئىسپاتىنى شەھەرلىك، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئۆي باشقۇرۇش تارمىقى يىغىۋالىدۇ، ئالاقىدار تارماقنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ؛ باشقىلارغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگەئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

63-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ياكى تىزىم ئىسپاتىنى قانۇنسىز باستۇرغانلارنىڭ شۇ گۇۋاھنامە ۋە ئىسپاتىنى ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۆي باشقۇرۇش تارمىقى يىغىۋالىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

64-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يېڭىدىن سېلىنىپ ئالدىن سېتىۋېتىلگەن ياكى باشقا ھوقۇقى بېكىتىلگەن ئۆينى سالغۇچىلاردىن بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە دەسلەپكى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلمىغان ياكى شېپىنىڭ ھوقۇق يۆتكىلىشىنى تىزىملىتىشىغا ھەمكارلاشمىغانلىرىنى ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۆي باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە ئۆي توختامىدىكى باھانىڭ %5 ى بويىچە جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماققا يېڭى قۇرۇلۇشىنى تەستىقلاپ بەرمەسلىك، ئۆينى ئالدىن سېتىش ئىجازىتىنى تەستىقلىماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ؛ باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئۆي سالغۇچىلار بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە دەسلەپكى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلمىغان ياكى شېپىنىڭ ھوقۇق يۆتكىلىشىنى تىزىملىتىشىغا ھەمكارلاشمىغان ئەھۋالدا ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماق يېڭى تۈرنى تەستىقلاش رەسمىيىتىنى ۋە ئۆينى ئالدىن سېتىش ئىجازىتىنى بېجىرىپ بەرگەن بولسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا زىيان سالغانلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇنى بويىچە تۆلەپ بېرىدۇ.

65-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپاراتنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان ۋە نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

5-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

66-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات بۇ نىزام يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ئالغانلارنىڭ ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىنى ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى ئارخىپ ماتېرىيالى بويىچە تولدۇرۇشى، ئۆي ئىگىسىدىن تەكرار تىزىملىتىشنى، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسىنى قايتا ئېلىشىنى تەلەپ قىلماسلىقى كېرەك.

67-ماددا شەھەر پىلانلىنىدىغان رايون سىرتىدىكى دۆلەت يېرىگە سېلىنغان ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى شۇجايدىكى شەھەرلىك، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي باشقۇرۇش تارمىقى مۇشۇ نىزامدىن پايدىلىنىپ تىزىملايدۇ.

68-ماددا بۇ نىزام 2006-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

 (2006-يىل 3-ئاينىڭ 31-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-يىغىنىدا ماقۇللانغان؛ 2011-يىل 7-ئاينىڭ 29-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى30– يىغىنىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر ئۆيلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسەن تۈزىتىلدى)
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر ئۆيلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش نىزامى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى
(2001–يىل7–ئاينىڭ 29–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30–يىغىنىدا ماقۇللاندى)
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-يىغىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر ئۆيلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش نىزامىنىڭ تۈزىتىلمىسى(لايىھە)»نى قاراپ چىقىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر ئۆيلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش نىزامى»غا تۆۋەندىكىدەك تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:
1 . 8-ماددىنىڭ (3) تارماقچىسى مۇنداقتۈزىتىلدى: «خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈمى، كېسىمى، مۇرەسسەنامىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتىنىڭ قارارى، مۇرەسسەنامىسى ۋە ياكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلىش ھەققىدىكى قارارى قاتارلىقلار بولسا؛
(4) تارماقچىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: (4) بۇ نىزامنىڭ 38-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ (1) تارماقچىسىدىن (5) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلاردا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولۇپ، تىزىم ئۆزگەرتىلگەن بولسا»؛
بىر تارماق قوشۇلۇپ، 8-ماددىنىڭ 2-تارمىقى قىلىندى: «ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى تىزىمىنى ئۆزگەرتىشنى ئالاقىدار ئورتاق ئىگىدارلار ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ لېكىن، ئورتاق ئىگىدارلىق خاراكتېرى ياكى ئورتاق ئىگىدارلىق ئۈلۈشىدە ئۆزگىرىش بولسا، ئورتاق ئىگىدارلار بىرلىكتە ئىلتىماس قىلىشى لازىم. ئورتاق ئىگىدارلاردىن ئۆز ئۈلۈشىنى ئۆتۈنۈپ بېرىدىغانلىرى ئايرىم ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ».
2 . 11-ماددىنىڭ 2-تارمىقى مۇنداقتۈزىتىلدى: «تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئېلاننى شۇ جايدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىسىدە ۋە تىزىملىغۇچى ئاپپاراتنىڭ ئېلان تاختىسدا چىقىرىشى كېرەك، ئېلان ۋاقتى 15 كۈن بولىدۇ».
3 . 14-ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: «ئۆي ئىچى تام بىلەن ئايرىلمىغان، ئىككىدىن ئارتۇق ئىگىسى بار ئۆينى ئۈلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدۇ ياكى ئورتاق ئىشلىتىدۇ، دەپ تىزىملاش كېرەك؛ تۆت تەرىپى مۇقىم بەلگە بىلەن ئايرىلىپ، ئۆي پاسىلىنى ئۆي تىزىملىك خەرىتىسىدە سان-سىپىر بىلەن ئىپادىلىگىلى ھەمدە ئايرىم ئىشلەتكىلى بولسا، ھوقۇق تەۋەلىكى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن تىزىملانسا بولىدۇ».
4 . 25-ماددىنىڭ 1-تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئۆي ھوقۇقى تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىدىكىسى بويىچە ھوقۇقدارغا ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى بېرىشى كېرەك؛ ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسىگە ئۆينىڭ كونكرېت ئورنى كۆرسىتىلگەن قۇرۇلۇش تەكشىلىك خەرىتىسى ۋە قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلگەنيەرنىڭ نومۇرىنى قوشۇمچە قىلىشى كېرەك. تۇنجى تىزىمغا ئالدۇرغانلار ئۆينىڭ كونكرېت ئورنى، قۇرۇلۇش تەكشىلىك خەرىتىسى ۋە قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلگەن يەرنىڭ خەرىتىسىنى قوشۇمچە قىلىشى كېرەك».
25-ماددىنىڭ 2-تارمىقى چىقىرىۋېتىلىپ، 3-تارمىقى 2-تارمىقى قىلىندى.
5 . 27-ماددا مۇنداق تۈزىتىلدى: «ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ۋە تىزىم ئىسپاتىدىكى ئىش، ۋاقىت ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىدىكىسى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك. بىردەك بولمىسا، ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىدە خاتالىق بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات بولغانلىرىنىھېسابقا ئالمىغاندا، ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىدىكىسى ئاساس قىلىنىدۇ».
6 . 28-ماددىنىڭ 3-تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىگۇۋاھنامىسى، تىزىم ئىسپاتىنى ئۆي تىزىملاش دەپتىرىگە قاراپ تولۇقلاپ بېرىشى، ئەسلىي گۇۋاھنامە ۋە تىزىمئىسپاتىنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈشى كېرەك. تولۇقلاپ بېرىلگەن ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ۋە تىزىم ئىسپاتىغا <تولۇقلاپ بېرىلدى> دەپ ئەسكەرتىپ قويۇلۇشى كېرەك».
7 . 29-ماددىنىڭ 1-تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش ھەققى (جۈملىدىن گۇۋاھنامە تەننەرخ ھەققى) تاپشۇرۇش كېرەك. كونكرېت ھەق ئۆلچىمىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇۋە تەڭشەيدۇ».
8 . 30-ماددا مۇنداق تۈزىتىلدى: «تىزىملىغۇچى ئاپپارات ھوقۇق تەۋەلىكىنى بىۋاسىتە تىزىملىغان، تىزىم ئىسپاتىنى ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسىگە ئالماشتۇرۇپ بەرگەن ياكى تىزىملىغۇچىنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن قايتا بېجىرگەندە، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش ھەققى ئالمايدۇ.
ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن تىزىملاش ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىرىغا تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك؛ تىزىملىغۇچى ئاپپارات تىزىملىماسلىق قارارى چىقارغانبولسا، گۇۋاھنامىنىڭ تەننەرخ ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك».
9 . 34-ماددىنىڭ 1-تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «تىزىملىغۇچى ئاپپارات تەكشۈرۈپ بولۇپ دەسلەپكى تىزىملاشتا، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاشدەپتىرىدىكىسى بويىچە ئۆي ئىگىسىگە <ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى> بېرىشى كېرەك».
10 . 40-ماددا مۇنداق تۈزىتىلدى: «ئۆينى رەنەقويۇش ھوقۇقى ياكى يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە بېكىتىشتە، ئۆينىڭ باشقا ھوقۇقىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك؛ ئۆي ئىجارە بېرىشتە، باشقا ھوقۇقىنى تىزىملاش ئىلتىماس قىلىنسا بولىدۇ. باشقا ھوقۇق قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىلىدىغان بولسا ياكى ئۆينىڭ تىزىمىنى ئۆزگەرتىدىغان ئەھۋال بولسا، باشقا ھوقۇقنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى تىزىملىتىشنى ياكى تىزىم ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك».
11 . 41-ماددىنىڭ (1) تارماقچىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: «ھەقدارلىق، قەرزدارلىق ئاساسىي توختامى ۋە رەنە توختامى، يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقى توختامى».
12 . 45-ماددىغا بىر تارماق قوشۇلۇپ، 2 –تارمىقى قىلىندى: «ھوقۇق تەۋەلىكى تىزىمى تۈزىتىلىدىغان ياكى تىزىمىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلىدىغان ئۆيلەر مۇۋاپىق باھادا ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن، ئۆتۈنۈلگۈچى شۇ ئۆيگە ياخشى نىيەتبىلەن ئېرىشكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملىتىپ بولغان بولسا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانمايدۇ. ئەسلىي ئىگىدار ئۆتۈنگۈچىدىن زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ».
13 . 48-ماددا مۇنداق تۈزىتىلدى: «ئۆينى ئالدىن سېتىۋالغۇچى ياكى ئالدىن ئىجارە ئالغۇچى ئۆينى ئالدىن سېتىۋالسا ياكى ئالدىن ئىجارە ئالسا، ئۆينى ئالدىنسىتىۋېلىش-سېتىش توختامى ياكى ئالدىن ئىجارە ئېلىش توختامىنى تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا كۆرسىتىپ، ئالدىنتىزىملاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ».
  14 . 49-ماددا مۇنداق تۈزىتىلدى: «تىزىملىغۇچى ئاپپارات پۈتمىگەن ئۆينى ئالدىن سېتىۋېلىش، ئالدىن ئىجارە بېرىشنى تىزىملاش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشتا، ئۆينى ئالدىن سېتىش ئىجازەت ھۆججىتىنى تەكشۈرۈشى كېرەك؛ئالدىن سېتىلىدىغان ياكى ئالدىن ئىجارە بېرىلىدىغان ئۆي رەنە قويۇلغان بولسا، رەنە ئالغۇچىنىڭ سېتىشقا ياكى ئىجارە بېرىشكە قوشۇلغانلىق ئىسپاتىنى كۆرۈشى كېرەك».
15 . 54-ماددىنىڭ 1-تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «تىزىملاش ئاپپاراتلىرى باشقىچە پىكىرنى تىزىملاشتا، ئىلتىماس قىلغۇچى باشقىچە پىكىر تىزىملانغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە دەۋا قىلمىسا، باشقىچە پىكىر تىزىمى كۈچىدىن قالىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى باشقىچە پىكىر تىزىمىدىكى ئىش توغرىسىدا دەۋا قىلغان بولسا، تىزىملىغۇچى ئاپپارات باشقىچە پىكىر تىزىمىنىڭكۈچكە ئىگە مۇددىتىنى ئۇزارتىپ بەرسە بولىدۇ».
16 . 61-ماددا مۇنداق تۈزىتىلدى: «بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ يوشۇرۇش، ئالداش قاتارلىق ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى، تىزىم ئىسپاتىنى ئېلىۋالغانلارنى شەھەرلىك، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئۆي باشقۇرۇش تارمىقى تىزىمدىن ئۆچۈرۈپ، ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ۋە تىزىم ئىسپاتىنى يىغىۋالىدۇ ياكى ئېلان چىقىرىپ ئىناۋەتسىزقىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قوشۇمچە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەنجەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ باشقىلارغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ».
17 . 64-ماددا مۇنداق تۈزىتىلدى: «بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يېڭىدىن سېلىنىپ ئالدىن سېتىۋېتىلگەن ياكى باشقا ھوقۇقى بېكىتىلگەن ئۆينى سالغۇچىلاردىن بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە دەسلەپكى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلمىغان ياكى شېپىنىڭ ھوقۇق يۆتكىلىشىنى تىزىملىتىشىغا ھەمكارلاشمىغانلىرىنى ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۆي باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە ئۆي توختامىدىكى باھانىڭ %5ى بويىچە جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماققا يېڭى قۇرۇلۇشنى تەستىقلاپ بەرمەسلىك، ئۆينى ئالدىن سېتىش ئىجازىتىنى تەستىقلىماسلىق ھەققىدەئۇقتۇرۇش قىلىدۇ؛ باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئۆي سالغۇچىلار بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە دەسلەپكىتىزىملاشنى ئىلتىماس قىلمىغان ياكى شېپىنىڭ ھوقۇق يۆتكىلىشىنى تىزىملىتىشىغا ھەمكارلاشمىغان ئەھۋالدا،ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماق يېڭى تۈرنى تەستىقلاش رەسمىيىتىنى ۋە ئۆينى ئالدىن سېتىش ئىجازىتىنى بېجىرىپ بەرگەن بولسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا زىيان سالغانلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇنى بويىچە تۆلەپ بېرىدۇ».
بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر ئۆيلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش نىزامى» مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن قايتا ئېلانقىلىنىدۇ.
  1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام شەھەر ئۆيلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆي-زېمىن سودىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئۆي ئىگىسىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نەرسە ھوقۇقى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر ئۆي-زېمىنىنى باشقۇرۇش قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.
2-ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەرپىلانلىنىدىغان رايونىدىكى دۆلەت يېرىگە سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاشتا تەتبىقلىنىدۇ.
3-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاشقا مەسئۇلتارماقنىڭ ئالاقىدارلارنىڭ ئىلتىماسى ياكى خىزمەت ھوقۇقى بويىچە، ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلىرىنى بېكىتىش، يۆتكەش، ئۆزگەرتىش، ئالدىن ئۇقتۇرۇپ قويۇش، تىزىمدىن ئۆچۈرۈش قاتارلىقلارنى خاتىرىلەش ۋە ئېلان قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
4-ماددا ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلاردىن كۆچمە مۈلۈك تىزىمىغا كىرگۈزۈلگەنلىرى نەرسە ھوقۇقى كۈچىگە ئىگە بولىدۇ، لېكىن، قانۇندا ئايرىم بەلگىلىگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
5-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر ئۆيلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.
شەھەرلىك، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي باشقۇرۇش تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە شەھەر ئۆيلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، كونكرېت ئىشلارنى ئۆزىگە قاراشلىق ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملىغۇچى ئاپپارات (تۆۋەندە تىزىملىغۇچى ئاپپارات دېيىلىدۇ)قا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.
2-باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە
6-ماددا ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەسلەپكى تىزىملاش، يۆتكىلىشنى تىزىملاش، تىزىم ئۆزگەرتىش، باشقا ھوقۇقنى تىزىملاش، تىزىمدىن ئۆچۈرۈش، ئالدىن تىزىملاش، باشقىچە پىكىرنى تىزىملاش، نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىقنى تىزىملاش، شۇنىڭدەك قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا تىزىملاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
7-ماددا ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغان ئۆي ئىگىلىرى تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا ئىلتىماس قىلىشتا، يازما ئىلتىماسى، كۈچكە ئىگە سالاھىيەت ئىسپاتى، ئالاقىدار قانۇن ھۆججەتلىرى ۋە مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن باشقا ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى؛ تىزىملىتىشنى ۋاكالەتچىگە ھاۋالە قىلغۇچىلار ھاۋالىنامە بېرىشى؛ چېگرا سىرتىدىكى ئۆي ئىگىسىنىڭ ھاۋالىنامىسىنى قانۇن بويىچە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ياكى ئىسپاتلىقتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.
ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان كۈچكە ئىگە سالاھىيەت ئىسپاتى كىملىك ياكى نوپۇس دەپتىرى، ئوفىتسېرلىق-ئەسكەرلىك كىنىشكىسى، كارخانىلار، باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى، ئورگانلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ تىزىملاتقان گۇۋاھنامە ۋە ئىسپات ھۆججەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 
  8-ماددا ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاشنى ئۆي ئىگىسى بىلەن ئالاقىدار ھوقۇقدارلار بىرلىكتە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك؛ ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاشنى ھوقۇقدارلار بىرلىكتە ئىلتىماس قىلىدۇ. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، ئۆي ئىگىسى ئۆز ئالدىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ:
(1) يېڭىدىن سالسا، ئالدىن سېتىۋالسا، ئالدىن ئىجارە ئالسا؛
(2) ۋارىسلىق قىلسا، ھەدىيە قىلسا؛
(3) خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈمى، كېسىمى، مۇرەسسەنامىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتىنىڭ قارارى، مۇرەسسەنامىسى ۋە ياكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلىش ھەققىدىكى قارارى قاتارلىقلار بولسا؛
(4) بۇ نىزامنىڭ 38-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ (1) تارماقچىسىدىن (5) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلاردا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولۇپ، تىزىم ئۆزگەرتىلگەن بولسا؛
(5) باشقىچە پىكىر تىزىملانغان بولسا؛
(6) تىزىمدىن ئۆچۈرۈلگەن بولسا؛
(7) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللاربولسا.
ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى تىزىمىنى ئۆزگەرتىشنى ئالاقىدار ئورتاق ئىگىدارلار ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ لېكىن، ئورتاق ئىگىدارلىق خاراكتېرى ياكى ئورتاق ئىگىدارلىق ئۈلۈشىدە ئۆزگىرىش بولسا، ئورتاق ئىگىدارلار بىرلىكتە ئىلتىماس قىلىشى لازىم. ئورتاق ئىگىدارلاردىن ئۆز ئۈلۈشىنى ئۆتۈنۈپ بېرىدىغانلىرى ئايرىمئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
9-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە، تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى بىۋاسىتە تىزىملىسا بولىدۇ:
(1) ئۆي باشقۇرغۇچى تارماق ۋاكالىتەن باشقۇرۇۋاتقان ئۆي تىزىملىنىدىغان بولسا؛
(2) ئىگىسىز ئىكەنلىكى قانۇن بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ئۆي تىزىملىنىدىغان بولسا؛
(3) نېرى-بېرى قىلدۇرۇلمايدىغان ئۆي تىزىملىنىدىغان بولسا؛
(4) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋال بولسا.
10-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن تىزىملاش شەرتى بويىچە، ئۈلگە نۇسخىسىنى تەييارلىشى ھەمدە ئېلان قىلىشى؛ تىزىملاش شەرتىنى كۆپەيتىۋەتمەسلىكى كېرەك.
11-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات تىزىملاش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئىسپات يېزىپ بېرىشى ھەمدە تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك:
(1) تىزىملىنىدىغان مۇھىم ماتېرىياللارنى يېزىپ، تىزىملىنىدىغان ئىشلارنى ئېنىقلاش، ئەسلىسى ياكىكۆپەيتىلمىسىنى ساقلاپ قويۇش؛
(2) تىزىملىتىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى سۈرۈشتۈرۈش ياكى ئېلان قىلىش؛
(3) ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالىنى ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى تىزىم دەپتىرىگە كىرگۈزۈپ، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى بېرىش ياكى تىزىم ئىسپاتى بېرىش.
تىزىملىغۇچى ئاپپارات زۆرۈر تاپقاندا، ئۆينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تەكشۈرسە بولىدۇ، ئۆي ئىگىسى ھەمكارلىشىشى كېرەك.
تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئېلاننى شۇ جايدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىسىدە ۋە تىزىملىغۇچى ئاپپاراتنىڭ ئېلان تاختىسدا چىقىرىشى كېرەك، ئېلان ۋاقتى 15 كۈن بولىدۇ.
12-ماددا ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملىغۇچى خادىملار دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى ھەمدە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، كىنىشكا بىلەن ئىش ئورنىغا چىقىشى كېرەك.
13-ماددا ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى ئۆينىڭ ئىشىك نومۇرى، كورپۇسى، يۈرۈش (ئېغىز) سانى، شۇنداقلا ھوقۇق تەۋەلىكى ئېنىق بولغان قىسمى ئاساسىي بىرلىك قىلىپ تىزىملىنىدۇ.
بىر ئىمارەتنى ئىككىدىن ئارتۇق ئىگىدار ئىگىلىگەن بولسا، ھەر بىرىگە تەئەللۇق ئۆينىڭ كۆلىمى بىلەن ئۆينىڭ سىرتىدىكى ئورتاق قىسمىدىن چېچىلغان كۆلىمىنىڭ يىغىندىسى ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى تىزىملىنىدىغان كۆلەم بولىدۇ.
14-ماددا ئۆي ئىچى تام بىلەن ئايرىلمىغان،ئىككىدىن ئارتۇق ئىگىسى بار ئۆينى ئۈلۈش بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدۇ ياكى ئورتاق ئىشلىتىدۇ، دەپ تىزىملاش كېرەك؛ تۆت تەرىپى مۇقىم بەلگە بىلەن ئايرىلىپ، ئۆي پاسىلىنى ئۆي تىزىملىك خەرىتىسىدە سان-سىپىر بىلەن ئىپادىلىگىلى ھەمدە ئايرىم ئىشلەتكىلى بولسا، ھوقۇق تەۋەلىكى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن تىزىملانسا بولىدۇ.
15-ماددا ئۆيگە قوشۇپ بېرىلگەن گېرەم ياكى ئۆي ئۆلچەش قائىدىسى بويىچە قۇرۇلۇش كۆلىمىگە كىرگۈزۈلمەيدىغان قىسمىنى تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئۆيھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىگە ئۆي ئىگىسىنىڭ نامىدا خاتىرىلەيدۇ ھەمدە «ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقىگۇۋاھنامىسى» نىڭ قوشۇمچە بېتىدە ئەسكەرتىپ قويىدۇ.
16-ماددا ئىمارەتنىڭ گېرەم قەۋىتى، ئەڭ ئۈستى قەۋىتى ئىگىدارلار ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ياكى ئىشلىتىدىغان ۋە ياكى ئۆي-زېمىن خوجىلىقىغا ئىشلىتىلىدىغان ۋە باشقا جامائەت مۇلازىمىتىگە ئىشلىتىلىدىغان ئۆي بولسا، تىزىملىغۇچى ئاپپارات ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىگە ئىگىدارلارغا ئورتاق تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى خاتىرىلەيدۇ، لېكىن، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى بەرمەيدۇ.
17-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات تىزىملاش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ تۆۋەندىكى ۋاقىت چېكىدە تىزىملاش-تىزىملىماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك، ئېلان ۋاقتى بۇنىڭ سىرتىدا:
(1) باشقىچە پىكىرنى تىزىملاش، نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىقنى تىزىملاشقا ئىككى ئىش كۈنى؛
(2) دەسلەپكى تىزىملاش، تىزىم ئۆزگەرتىش، تىزىمدىن ئۆچۈرۈش، ئالدىن تىزىملاش ۋە باشقا ھوقۇقنى تىزىملاشقا ئون ئىش كۈنى؛
(3) يۆتكەشنى تىزىملاشقا 30 ئىش كۈنى.
ئالاھىدە سەۋەب بىلەن، تىزىملاش ۋاقىت چېكىنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، تىزىملىغۇچى ئاپپارات مەسئۇلىنىڭتەستىقى بىلەن ئۇزارتىشقا بولىدۇ، لېكىن ئۇزاق بولغاندىمۇ بۇرۇنقى ۋاقىت چېكىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
 18-ماددا تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى كۆرۈلسە، تىزىملىغۇچى ئاپپارات تىزىملاشنى كېچىكتۈرۈش قارارى چىقىرىشى كېرەك:
(1) تىزىملىتىش ئۇسۇلى ياكى ھۆججەتلىرى بەلگىلىمىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمىسە؛
(2) ئېلان مەزگىلىدە باشقىچە پىكىر ئىلتىماسى سۇنۇلسا؛
(3) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلسە.
19-ماددا تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى كۆرۈلسە، تىزىملىغۇچى ئاپپارات تىزىملىماسلىق قارارى چىقىرىشى كېرەك:
(1) بەرگەن قانۇن ھۆججەتلىرى ۋە باشقا ماتېرىياللار چىن بولمىسا ياكى ئۆينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇنكەلمىسە؛
(2) تىزىملاش ئىلتىماس قىلىنغان ئىش ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىدىكىسىگە زىت كەلسە؛
(3) ئۆي يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى مۇددىتى ياكى ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇق دائىرىسىدىن ئاشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغان بولسا؛
(4) ئۆي ۋاقىتلىق ئىشلىتىلىدىغان يەرگە سېلىۋېلىنغان بولسا؛
(5) نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىقنى تىزىملاشنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتىدە ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش ئىلتىماس قىلىنسا؛
(6) ئىگىدارلار ئۆينىڭ ئورتاق ئىشلىتىدىغان قىسمى ۋە مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان قىسمىنى بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن بولسا؛
(7) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلسە.
20-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات تىزىملاش ۋاقىت چېكىنى ئۇزارتىش، تىزىملاشنى كېچىكتۈرۈش ياكى تىزىملىماسلىق قارارى چىقارغان بولسا، قارار چىقىرىش پاكىتى ۋە سەۋەبىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا ۋە ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
21-ماددا تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن ئىلتىماسنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىرى تىزىملىغۇچى ئاپپارات تىزىملاش قارارى چىقىرىشتىن بۇرۇن قايتۇرۇۋېلىشى؛ تىزىملاش ئىلتىماسىدىكى ئىشلارنى ئېلان قىلىشقا توغرا كەلسە ئېلان چىقىرىلىشتىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.
22-ماددا ئۆي ئىگىسى ۋە پايدا-زىيانمۇناسىۋىتى بارلاردىن ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاشتا خاتالىق بار دەپ قارىغانلىرى تۈزىتىشنى قانۇنبويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تىزىملىغۇچى ئاپپاراتلار تىزىملاشتا خاتالىق بارلىقىنى بايقىسا، ئۆي ئىگىسىگە يازما ئۇقتۇرۇشى ھەمدە قانۇن بويىچە تۈزىتىشى كېرەك.
 23-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات شەھەر، ناھىيە (شەھەر) مەمۇرىي رايونى بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئۆي ھوقۇقى تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرى تۇتۇشى كېرەك. تىزىملاش دەپتىرىدىكى ھوقۇق ئىگىسى شۇ ئۆينىڭ ئىگىسى بولىدۇ، تىزىملاش دەپتىرىدىكى ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىكى ئىككىدىن ئارتۇق ھوقۇق رېتىنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى بولىدۇ.
ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. تىزىملاش دەپتىرى كاردىن چىقسا، ئەسلىدىكى خاتىرە بويىچە قايتا تولدۇرۇش كېرەك.
ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىنىڭ نۇسخىسىنى ئاپتونوم رايوننىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىر تۇتاش تەييارلايدۇ.
24-ماددا ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىنى ئاشكارىلاش كېرەك. تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئۆي ئىگىسى ۋە پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بارلارنىڭ ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۈشىگە، كۆچۈرۈۋېلىشىغا ۋە كۆپەيتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
ھەر قانداق كىشىنىڭ ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىنى تىزىملىغۇچى ئاپپاراتتىن ئېلىپ كېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
25-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئۆي ھوقۇقى تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىدىكىسى بويىچە ھوقۇقدارغا ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى بېرىشى كېرەك؛ ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسىگە ئۆينىڭ كونكرېت ئورنى كۆرسىتىلگەن قۇرۇلۇش تەكشىلىك خەرىتىسى ۋە قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلگەن يەرنىڭ نومۇرىنى قوشۇمچە قىلىشى كېرەك. تۇنجى تىزىمغا ئالدۇرغانلار ئۆينىڭ كونكرېتئورنى، قۇرۇلۇش تەكشىلىك خەرىتىسى ۋە قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلگەن يەرنىڭ خەرىتىسىنى قوشۇمچە قىلىشى كېرەك.
ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى دۆلەت بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە نۇسخا بويىچە تەييارلىنىدۇ، ئۇنىڭغا ئۆي بار جايدىكى شەھەرلىك، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ نامى ئىشلىتىلىدۇ، تىزىملىغۇچى ئاپپاراتنىڭ تامغىسى بېسىلىدۇ؛ شەھەرلىك، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتى ئۆي باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەسىس قىلمىغان بولسا، ئۇنىڭغا شەھەرلىك، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نامى ئىشلىتىلىدۇ، تىزىملىغۇچى ئاپپاراتنىڭ تامغىسى بېسىلىدۇ.
26-ماددا ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاشتا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولسا، تىزىملىغۇچى ئاپپارات تىزىم ئىسپاتى بېرىدۇ:
(1) ئالدىن تىزىملانغان بولسا؛
(2) سېلىنىۋاتقان ئۆي رەنىسى تىزىملانغان بولسا؛
(3) باشقىچە پىكىر تىزىملانغان بولسا؛
(4) بىۋاسىتە تىزىملانغان بولسا؛
(5) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار بولسا.
تىزىم ئىسپاتىنىڭ نۇسخىسىنى ئاپتونوم رايوننىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىر تۇتاش تەييارلايدۇ.
27-ماددا ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ۋەتىزىم ئىسپاتىدىكى ئىش، ۋاقىت ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىدىكىسى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك. بىردەك بولمىسا، ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىدە خاتالىق بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىدىكىسى ئاساس قىلىنىدۇ.
28-ماددا ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى، تىزىم ئىسپاتى كاردىن چىقسا، ئۆي ئىگىسى ئۇنى بەرگەن ئاپپاراتقا ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ ئۇنى بەرگەن ئاپپارات ئالماشتۇرۇپ بېرىشى ھەمدە ئەسلىي گۇۋاھنامىسى ۋە تىزىم ئىسپاتىنى قايتۇرۋېلىشى كېرەك.
ئۆي ئىگىلىرىدىن ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى،تىزىم ئىسپاتىنى يوقىتىپ قويغانلىرى تولۇقلاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئىلتىماس قىلغاندا يوقاپ كېتىش سەۋەبىنى ھەمدە ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى يازما ئىزاھلاپ قويۇشى كېرەك. يوقىتىپ قويغانلار شۇ جايدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىسىدە يوقاپ كەتكەنلىك ئېلانى چىقىرىشى ھەمدە تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا يوقاپ كەتكەنلىك ئېلانىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى، تىزىم ئىسپاتىنى ئۆي تىزىملاش دەپتىرىگە قاراپ تولۇقلاپ بېرىشى، ئەسلىي گۇۋاھنامە ۋە تىزىم ئىسپاتىنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈشى كېرەك. تولۇقلاپ بېرىلگەن ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ۋە تىزىم ئىسپاتىغا «تولۇقلاپ بېرىلدى» دەپ ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك.
29-ماددا ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش ھەققى (جۈملىدىن گۇۋاھنامە تەننەرخ ھەققى) تاپشۇرۇش كېرەك. كونكرېت ھەق ئۆلچىمىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ ۋە تەڭشەيدۇ.
ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش ھەققىبەلگىلىمە بويىچە مالىيە مەبلىغىگە كىرگۈزۈلۈپ، بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدۇ.
30-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات ھوقۇق تەۋەلىكىنى بىۋاسىتە تىزىملىغان، تىزىم ئىسپاتىنى ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسىگە ئالماشتۇرۇپ بەرگەن ياكى تىزىملىغۇچىنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن قايتا بېجىرگەندە، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش ھەققى ئالمايدۇ.
ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن تىزىملاش ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىرىغا تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك؛ تىزىملىغۇچى ئاپپارات تىزىملىماسلىق قارارى چىقارغان بولسا، گۇۋاھنامىنىڭ تەننەرخ ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
3-باب ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش
1-پاراگراف دەسلەپكى تىزىملاش
31-ماددا يېڭى ئۆي پۈتكەندىن كېيىن، ئۆي سالغۇچى تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا ئۆينىڭ ئىگىدارلىقھوقۇقىنى دەسلەپكى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك؛ يېڭى ئۆي ئالدىن سېتىلغان ياكى ئۇنىڭ باشقا ھوقۇقى بېكىتىلگەن بولسا، دەسلەپكى تىزىملاش ئىلتىماسىنى ئۆي پۈتكەن كۈندىن باشلاپ 90 كۈن ئىچىدە سۇنۇشى كېرەك.
ئۆينى ئالدىن ساتقۇچى دەسلەپكى تىزىملىتىشتا، ئۆينى ئالدىن سېتىۋالغۇچىنىڭ يۆتكەشنى تىزىملىتىشىغا ھەمكارلىشىشى كېرەك.
32-ماددا دەسلەپكى تىزىملاش ئىلتىماسى سۇنۇشتا، تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇش كېرەك:
(1) قۇرۇلۇش يېرى يىرىك پىلانى، قۇرۇلۇش پىلانى تەستىق ھۆججىتى ۋە خەرىتىسى؛
(2) دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ياكى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى ئىسپاتى؛
(3) پىلانلاش، ج خ ئوت مۇداپىئە، مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ پۈتكەن قۇرۇلۇشقا بەرگەنئېتىراپ ھۆججىتى ياكى ئىشلىتىش ئىجازەت ھۆججىتى؛
(4) قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىغان پۈتكەنقۇرۇلۇشنىڭ ئۆلچەمگە توشقانلىق ئىسپاتى؛
(5) ئۆي كۆلىمىنى ئۆلچەش-سىزىش دوكلاتى،قەۋەت، ئۆي تەكشىلىك خەرىتىسى؛
(6) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ھۆججەتلەر.
33-ماددا كوللېكتىپ يېرى قانۇن بويىچە دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىنغاندىن كېيىن، شۇ يەردىكى ئۆينىڭ ئىگىسى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ خاراكتېرى ئۆزگەرگەنلىك تەستىق ھۆججىتى، ئۆي سالغان چاغدىكى تەستىق ھۆججەت ياكى ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىگە دائىر باشقا قانۇن ھۆججەتلىرى شۇنداقلا ئۆي كۆلىمىنىئۆلچەش-سىزىش دوكلاتىنى ئېلىپ، دەسلەپكى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
34-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات تەكشۈرۈپ بولۇپ دەسلەپكى تىزىملاشتا، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىدىكىسى بويىچە ئۆي ئىگىسىگە «ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى» بېرىشى كېرەك.
ئالدىن تىزىملىتىلغان ئۆينى دەسلەپكى تىزىملاشتا، تىزىم ئىسپاتىنى قايتۇرۇۋېلىپ، تىزىمدىن ئۆچۈرۈۋېتىشكېرەك.
2-پاراگراف يۆتكەشنى تىزىملاش
35-ماددا ئېلىپ-سېتىش، ئالماشتۇرۇش، ھەدىيە قىلىش، ۋەسىيەتلىك ھەدىيە قىلىش، ۋارىسلىق قىلىش، بۆلۈشۈش، قوشۇۋېتىش، قارار قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى يۆتكەلسە، ئۆي ئىگىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھوقۇقدارلار قانۇن ھۆججىتىكۈچكە ئىگە بولغان ياكى قانۇن پاكىتى يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ 90 كۈن ئىچىدە، تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا يۆتكەشنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
ئۆي ئىگىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھوقۇقدارلاردىن ھوقۇق يۆتكىلىشنى تىزىملاشنى سۈرۈك ئۆتكەندىن كېيىن ئىلتىماس قىلغانلىرىنى تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئېلان قىلىشى، ئېلان مۇددىتى توشقۇچە باشقىچە پىكىر چىقمىسا، ھوقۇق يۆتكىلىشنى تىزىملىسا بولىدۇ.
ئۆينىڭ ئورتاق ئىگىدارلىرىدا ياكى ئۇلارنىڭ ئورتاق ئۈلۈشىدە ئۆزگىرىش بولسا، ھوقۇق يۆتكىلىشنى تىزىملاش كېرەك.
36-ماددا يۆتكەشنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ياكى تىزىم ئىسپاتىنى ھەمدە بېجىرىلىدىغان ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇش كېرەك:
(1) ئۆي سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى؛
(2) ئۆينى ئالماشتۇرۇش، بۆلۈشۈش، قوشۇۋېتىش كېلىشىمنامىسى؛
(3) ھەدىيە توختامى؛
(4) ۋەسىيەتلىك ھەدىيە ۋە ۋارىسلىق ئىسپاتى؛
(5) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ھۆججەتلەر.
 4-پاراگراف باشقا ھوقۇقنى تىزىملاش
40-ماددا ئۆينى رەنە قويۇش ھوقۇقى ياكى يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە بېكىتىشتە، ئۆينىڭ باشقا ھوقۇقىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك؛ ئۆي ئىجارە بېرىشتە، باشقا ھوقۇقىنى تىزىملاش ئىلتىماسقىلىنسا بولىدۇ. باشقا ھوقۇق قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىلىدىغان بولسا ياكى ئۆينىڭ تىزىمىنى ئۆزگەرتىدىغان ئەھۋال بولسا، باشقا ھوقۇقنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى تىزىملىتىشنى ياكى تىزىم ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك.
41-ماددا ئۆينىڭ باشقا ھوقۇقىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ياكى تىزىم ئىسپاتىنى تاپشۇرۇش ھەمدە بېجىرىدىغان ئىشلارغا قاراپ تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇش كېرەك:
(1) ھەقدارلىق، قەرزدارلىق ئاساسىي توختامى ۋە رەنە توختامى، يەردىن پايدىلىنىۋېلىش ھوقۇقى توختامى؛
(2) ئىجارە توختامى؛
(3) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقاھۆججەتلەر.
پۈتمىگەن ئۆينى رەنە قويغۇچىلار ئۆينى ئالدىن سېتىش ئىجازەت ھۆججىتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى ئۆينىڭ باشقا ھوقۇقىنى بېكىتىشتە، مۇناسىۋەتلىك ھوقۇقدارلارنىڭ قوشۇلغانلىق يازما پىكرىنى تاپشۇرۇش كېرەك.
بېكىتىلگەن باشقا ھوقۇق تىزىمىنى بىكار قىلىش ياكى ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، باشقا ھوقۇقئىگىلىرىنىڭ قوشۇلغانلىق يازما پىكرىنى تاپشۇرۇش شەرت.
42-ماددا باشقا ھوقۇقنى تىزىملاشنى ئىلتىماسقىلىشتا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى كۆرۈلسە، تىزىملىغۇچى ئاپپارات تىزىملىماسلىق قارارى چىقىرىشى كېرەك:
(1) مائارىپ، داۋالاش، شەھەر مەمۇرىيىتى قاتارلىق جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ئۆي رەنە قويۇلسا؛
(2) رەنە توختامىدا رەنە مۆھلىتى توشۇپ رەنە ئالغۇچى رەنە پۇلىنى ئالالمىغاندا، ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى رەنە ئالغۇچىغا يۆتكىلىدىغانلىقىنى پۈتۈشۈلگەنبولسا؛
(3) ئىجارە مۆھلىتى 20 يىلدىن ئېشىپ كەتسە؛
(4) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلسە.
43-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات باشقا ھوقۇقنى تىزىملاشتا، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاشدەپتىرىدىكىسى بويىچە، «ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى»دە باشقا ھوقۇقنى ئەسكەرتىپ، «ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى»نى ئۆي ئىگىسىگەقايتۇرۇپ بېرىشى ھەمدە ئۆينىڭ باشقا ھوقۇق ئىگىسىگە «ئۆينىڭ باشقا ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى»نى بېرىشى كېرەك.
سېلىنىۋاتقان ئۆينى رەنە قويۇشتا، تىزىملىغۇچى ئاپپارات رەنە قويغۇچى بىلەن رەنە ئالغۇچىغا تىزىم ئىسپاتى بېرىشى؛ ئۆي پۈتۈپ دەسلەپكى تىزىملاشتا تىزىم ئىسپاتىنى قايتۇرۇۋېلىپ، ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ۋە باشقا ھوقۇق گۇۋاھنامىسى بېرىشىكېرەك.
  5-پاراگراف تىزىمدىن ئۆچۈرۈش
44-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە، ئۆي ئىگىسى پاكىت يۈز بەرگەن ياكى قانۇن ھۆججىتى كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىشى ھەمدەئەسلىدىكى ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ياكى تىزىم ئىسپاتىنى، شۇنىڭدەك ئالاقىدار توختام، كېلىشىم ۋەئىسپات ھۆججىتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك:
(1) ئۆي يوق بولۇپ كەتسە؛
(2) يەر ئىشلىتىش مۇددىتى توشقان بولسىمۇ، مۇددەت ئۇزارتىپ بېرىلمىگەن بولسا؛
(3) باشقا ھوقۇق ياكى ئالدىن تىزىملىتىش ھوقۇقى ئاخىرلاشقان بولسا؛
(4) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلسە.
تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىش سۈرۈكىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ تىزىمدىن ئۆچۈرتۈشىگە تىزىملىغۇچى ئاپپارات ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك؛ يوللۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ تىزىمدىن ئۆچۈرۈتمىگەنلىرىنىڭ تىزىمىنى تىزىملىغۇچى ئاپپارات بىۋاسىتە ئۆچۈرسە ھەمدە ئەسلىي ئۆي ئىگىسىگە ئۇقتۇرۇپ قويسا بولىدۇ.
45-ماددا تۈزەتكىلى بولىدىغانلىرىنى ھېسابقائالمىغاندا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە، تىزىملىغۇچى ئاپپارات خىزمەت ھوقۇقى بويىچە تىزىمدىن ئۆچۈرۈشى ھەمدە ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك:
(1) ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش ئىلتىماس ماتېرىياللىرى راست بولمىسا؛
(2) تىزىملىغۇچى ئاپپاراتنىڭ خىزمەتتىكى سەۋەنلىكىدىن ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى توغرا تىزىملانمىسا؛
(3) مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگىنى كۈچكە ئىگە قانۇنھۆججەتلىرىنى كۆرسىتىپ، تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلسا؛
(4) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار بولسا.
ھوقۇق تەۋەلىكى تىزىمى تۈزىتىلىدىغان ياكى تىزىمىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلىدىغان ئۆيلەر مۇۋاپىق باھادا ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن،
ئۆتۈنۈلگۈچى شۇ ئۆيگە ياخشى نىيەت بىلەن ئېرىشكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملىتىپ بولغان بولسا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانمايدۇ. ئەسلىي ئىگىدار ئۆتۈنگۈچىدىن زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
46-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە، تىزىملىغۇچى ئاپپارات تىزىمدىن ئۆچۈرمەسلىك قارارى چىقىرىشى كېرەك:
(1) تىزىمدىن ئۆچۈرۈش ئىلتىماس قىلىنغان ئۆينىڭ باشقا ھوقۇقىنى تىزىملاش، ئالدىن تىزىملاشنى ۋە نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىقنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلسا؛
(2) باشقىچە پىكىر تىزىمى بىكار قىلىنمىسا؛
(3) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار بولسا.
 47-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات تىزىمدىن ئۆچۈرۈشتە، ئەسلىدىكى ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ۋە تىزىم ئىسپاتىنى قايتۇرۇۋېلىشى ياكى ئەسلىدىكى ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ۋە ئىسپات ھۆججىتىنىڭ ئىناۋەتسىزلىكىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.
6-پاراگراف ئالدىن تىزىملاش
48-ماددا ئۆينى ئالدىن سېتىۋالغۇچى ياكى ئالدىن ئىجارە ئالغۇچى ئۆينى ئالدىن سېتىۋالسا ياكى ئالدىن ئىجارە ئالسا، ئۆينى ئالدىن سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى ياكى ئالدىن ئىجارە ئېلىش توختامىنى تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا كۆرسىتىپ، ئالدىن تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
49-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات پۈتمىگەن ئۆينى ئالدىن سېتىۋېلىش، ئالدىن ئىجارە بېرىشنى تىزىملاشئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشتا، ئۆينى ئالدىن سېتىش ئىجازەت ھۆججىتىنى تەكشۈرۈشى كېرەك؛ ئالدىن سېتىلىدىغان ياكى ئالدىن ئىجارە بېرىلىدىغان ئۆي رەنەقويۇلغان بولسا، رەنە ئالغۇچىنىڭ سېتىشقا ياكى ئىجارە بېرىشكە قوشۇلغانلىق ئىسپاتىنى كۆرۈشى كېرەك.
50-ماددا ئالدىن تىزىملاش ھوقۇقىغا ئېرىشكۈچى ئالدىن تىزىملىتىشتا، 3-كىشىنى رەت قىلىش ھوقۇقىغا ھەمدە ئۆينى بېرىشنى ئالدىن تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.
51-ماددا ئالدىن تىزىملاتقان ئۆينى ئالدىن سېتىۋېلىپ، ئالدىن ئىجارە ئېلىپ، ئۆتۈنۈش، ئۆزگەرتىش ھوقۇقى ياكى باشقا ھوقۇققا ئېرىشكەنلەر يۆتكەش ھوقۇقى، ئۆزگەرتىش ھوقۇقى ياكى باشقا ھوقۇقنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ئالدىن سېتىۋېلىنغان، ئالدىن ئىجارە ئېلىنغان ئۆي تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسىنى بېرىش ھەمدە ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىگە خاتىرىلەپ قويۇش كېرەك.
7-پاراگراف باشقىچە پىكىرنى تىزىملاش
52-ماددا ئۆيگە نىسبەتەن پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بارلاردىن ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىدىكى ئىشلارغا باشقىچە پىكرى بولغانلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئالاقىدار ئىسپاتلارنى ئېلىپ، تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا ئىلتىماس سۇنۇپ، باشقىچە پىكىرنى تىزىملاتسا بولىدۇ.
53-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات باشقىچە پىكىرنى تىزىملاش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، باشقىچە پىكىر چىققان ئىشلارنى ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىگە يېزىپ، 3-كىشىنىڭ سەمىگە سېلىپ قويۇشى ھەمدە ئۆي ئىگىسىگە يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
54-ماددا تىزىملاش ئاپپاراتلىرى باشقىچە پىكىرنى تىزىملاشتا، ئىلتىماس قىلغۇچى باشقىچە پىكىر تىزىملانغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە دەۋا قىلمىسا، باشقىچە پىكىر تىزىمى كۈچىدىن قالىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى باشقىچە پىكىر تىزىمىدىكى ئىش توغرىسىدا دەۋا قىلغان بولسا، تىزىملىغۇچى ئاپپارات باشقىچە پىكىر تىزىمىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتىنى ئۇزارتىپ بەرسە بولىدۇ.
باشقىچە پىكىر تىزىمى كۈچكە ئىگە مۇددەتتە، ئەسلىي ھوقۇق تەۋەلىكى تىزىمىنىڭ نامۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بولسا، تىزىملىغۇچى ئاپپارات تۈزىتىشى ياكى تىزىمدىن ئۆچۈرۈشى، نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىقنى تىزىملىشى كېرەك.
55-ماددا باشقىچە پىكىر تىزىمى كۈچكە ئىگە مۇددەتتە، باشقىچە پىكىر تىزىمىنىڭ نامۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بولسا، تىزىملىغۇچى ئاپپارات باشقىچە پىكىرنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈشى كېرەك. باشقىچە پىكىرنى تىزىملاش ئۆي ئىگىسىگە پايدىسىز ئاقىۋەت كەلتۈرگەن بولسا، ئاقىۋەتكە باشقىچە پىكىرنىتىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغۇچى جاۋابكار بولىدۇ.
8-پاراگراف نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىقنى تىزىملاش
56-ماددا مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرىدىن ئۆينى قانۇن بويىچە پېچەتلەش، كېيىن پېچەتلەش، ئالدىن پېچەتلەش قاتارلىق مال-مۈلۈكنى ئامان ساقلاش بويىچە چەكلەش تەدبىرى ۋە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىرى ياكى ئۆينى مۇسادىرە قىلىش قارارى چىقىرىدىغانلىرى تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىقنى تىزىملاشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
57-ماددا مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرىدىن تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىقنى تىزىملاشنى ئۇقتۇرىدىغانلىرى ئىجرا ئاساسى قىلىنىدىغان قانۇن ھۆججەتلىرىنى ۋە ئىجراغا ھەمكارلىشىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئىجراغا ھەمكارلىشىش ئۇقتۇرۇشىدا نېرى-بېرى قىلدۇرمايدىغان ئۆي ياكى ئۇنىڭ كونكرېت قىسمى، نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىق مۆھلىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى كېرەك.
58-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىق مۆھلىتىدە، ئۆي ئىگىسىنىڭ ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىدىكى ھوقۇقىغا چەك قويىدۇ.
59-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىق تىزىمىنى بىكار قىلىشنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش ھۆججىتىنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان، نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىق تىزىمىنى بىكار قىلىشى كېرەك.
نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىق مۆھلىتى توشقان ياكى نېرى-بېرى قىلدۇرۇلمايدىغانلىقى تىزىملانغان ئۆيلەردىن قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىنغانلىرىنىڭ نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىق تىزىمى ئۆزلۈكىدىن كۈچتىن قالىدۇ.
نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىقنى تىزىملاش مۆھلىتىنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگىنى تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا نېرى-بېرى قىلدۇرماسلىقنى تىزىملاشنى قايتا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
4-باب قانۇن جاۋابكارلىقى
60-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپاراتلاردىن بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ خاتا تىزىملىغان ياكى تىزىملاشنى سەۋەبسىز كېچىكتۈرگەن، ئۆي ئىگىسى ۋە پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بارلارنىڭ تىزىملاش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش ھەققىدىكى يوللۇق تەلىپىنى رەت قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكار مەسئۇل رەھبىرىگە ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا شۇ ئورۇن ياكى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ ئۆي ئىگىسىگە ۋە باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
 61-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يوشۇرۇش، ئالداش قاتارلىق ناتوغرا ۋاسىتىلەربىلەن، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى، تىزىم ئىسپاتىنى ئېلىۋالغانلارنى شەھەرلىك، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئۆي باشقۇرۇش تارمىقى تىزىمدىن ئۆچۈرۈپ،ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ۋە تىزىم ئىسپاتىنى يىغىۋالىدۇ ياكى ئېلان چىقىرىپ ئىناۋەتسىز قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قوشۇمچە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ باشقىلارغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
62-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ياكى تىزىم ئىسپاتىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغانلارنىڭ گۇۋاھنامىسى ۋە ئىسپاتىنى شەھەرلىك، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئۆي باشقۇرۇش تارمىقى يىغىۋالىدۇ، ئالاقىدار تارماقنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ؛ باشقىلارغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگەئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
63-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ياكى تىزىم ئىسپاتىنى قانۇنسىز باستۇرغانلارنىڭ شۇ گۇۋاھنامە ۋە ئىسپاتىنى ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۆي باشقۇرۇش تارمىقى يىغىۋالىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
64-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىققىلىپ، يېڭىدىن سېلىنىپ ئالدىن سېتىۋېتىلگەن ياكى باشقا ھوقۇقى بېكىتىلگەن ئۆينى سالغۇچىلاردىن بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە دەسلەپكى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلمىغان ياكى شېپىنىڭ ھوقۇق يۆتكىلىشىنى تىزىملىتىشىغا ھەمكارلاشمىغانلىرىنى ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۆي باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە ئۆي توختامىدىكى باھانىڭ %5 ى بويىچە جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماققا يېڭى قۇرۇلۇشىنى تەستىقلاپ بەرمەسلىك، ئۆينى ئالدىن سېتىش ئىجازىتىنى تەستىقلىماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ؛ باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئۆي سالغۇچىلار بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە دەسلەپكى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلمىغان ياكى شېپىنىڭ ھوقۇق يۆتكىلىشىنى تىزىملىتىشىغا ھەمكارلاشمىغان ئەھۋالدا ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماق يېڭى تۈرنى تەستىقلاش رەسمىيىتىنى ۋە ئۆينى ئالدىن سېتىش ئىجازىتىنى بېجىرىپ بەرگەن بولسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقابىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا زىيان سالغانلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇنى بويىچە تۆلەپ بېرىدۇ.
65-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپاراتنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەتھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان ۋە نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
5-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
66-ماددا تىزىملىغۇچى ئاپپارات بۇ نىزام يولغاقويۇلۇشتىن بۇرۇن ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ئالغانلارنىڭ ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش دەپتىرىنىئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى ئارخىپ ماتېرىيالى بويىچە تولدۇرۇشى، ئۆي ئىگىسىدىن تەكرار تىزىملىتىشنى، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسىنى قايتا ئېلىشىنى تەلەپ قىلماسلىقى كېرەك.
67-ماددا شەھەر پىلانلىنىدىغان رايون سىرتىدىكى دۆلەت يېرىگە سېلىنغان ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى شۇجايدىكى شەھەرلىك، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي باشقۇرۇش تارمىقى مۇشۇ نىزامدىن پايدىلىنىپ تىزىملايدۇ.
68-ماددا بۇ نىزام 2006-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uygur.news.cn/2012-04/26/c_131553652_16.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#