Xbox
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
Xbox بولسا 2001-يىلى ئامېرىكا مىكروسوفت شىركىتى ياسىغان بىر خىل ئائىلە تبلبۋىزوردا ئويۇن ئويناش ماشىنىسى. 2001-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكا رايونىدا ئالدىن سېتىلىغان، ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەت ياپۇنىيەدە 2002-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ سېتىلغان، كېيىنچە ئارقا-ئارقىدىن شىمالىي ئامېرىكىنىڭ باشقا جايلىرىدا، ياۋرۇپا، ئاۋسترالىيە، ئاسىيا قىتئەسىدىكى كورىيە، سىنگاپور، ھەمدە جۇڭگونىڭ شياڭگاڭ ۋە تەيۋەن رايونىلىرىغا تارقالغان.
مىكروسوفت شىركىتى كېلەر يىلى 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان E3 ئويۇن كۆرگەزمىسىدە يېڭى ئەۋلاد Xbox نى چىقارماقچى ھەم سېتىشنى رەسمىي باشلىماقچى. مىكروسوفتنىڭ باياناتچىسى David Dennis ئالدىنقى پەيشەنبە كۈنى شىركىتىمىز بۇ يىلقىE3 ئويۇن كۆرگەزمىسىدە يېڭى ئەۋلاد Xboxنى ئاشكارىلىمايدۇ دېگەن. بۇ خەۋەر بىلەن بۇنىڭدىن سەل بۇرۇنراق چىققان « مىكروسوفت بۇ يىلقىE3 ئويۇن كۆرگەزمىسىدە يېڭى ئەۋلاد Xbox نى چىقىرىشى مۇمكىن » دېگەندەك پەرەز خەۋەرلەر بىراقلا ئاساسىنى يوقاتقان.
Xbox 360 بولسا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال شىركىتى ئاچقان ئىككىنچى ئەۋلاد ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان كۆرۈنمە چاستوتلىق ئويۇن ئويناش ئاساسىي مـاشىنىسى.
360 Xbox بولسا 2011-يىلى Kinect سېزىمچان كونتروللىغۇچنىڭ ياردىمىدە سېتىش رېكورتى ياراتقان. 2011-يىلىXbox بازارغا سېلىنغانلىقىنىڭ 7-يىلى. لېكىن بۇ بىر قانچە يىلدا Xbox ئىزچىل ئاز پايدا ھەتتا زىيان تارتىش ھالىتىدە تۇرغان، Xbox360 ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئاندىن ئەسلىدىكى پاسسىپ ۋەزىيەتتە ئازراق ياخشىلىنىش بولۇپ پايدا يارىتىشقا قاراپ يۈزلەنگەن، شۇڭا مىكروسوفت شىركىتى بۇ ئالقىشلانغان مەھسۇلاتنى ئۇزاقراق تۇتۇپ تۇرۇشنى ئويلىغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.