ئالەم ئۇرۇشى

ئالەم ئۇرۇشى

ئىنسانلار ئالەم تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ چەكسىز ئالەم بوشلۇقىغا كىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ھازىرلىق مۇسابىقىسىدە يېڭى ساھە پەيدا بولدى.

نامى ئالەم ئۇرۇشى
پايدىلىنىشى پايدىلىنىپ ئاساسىي قوراللار سىستېمىسى
خەنزۇچە نامى 太空战
مەقسىتى ئالەم بوشلۇقىنى كونترول قىلىش ھوقۇقى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالەم ئۇرۇشىئىنسانلار ئالەم تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ چەكسىز ئالەم بوشلۇقىغا كىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ھازىرلىق مۇسابىقىسىدە يېڭى ساھە پەيدا بولدى. كەلگۈسىدىكى ھەربىي توقۇنۇشتا، تاشقى بوشلۇق قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋادىن باشقا تۆتىنچى جەڭ مەيدانىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.

تاشقى بوشلۇقتىكى ھەربىي قارشىلىشىش ئالەم ئۇرۇشى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ، تاشقى بوشلۇق ۋە ئۇنىڭ يەر يۈزى، ھاۋا بىلەن بولغان ھۇجۇم-مۇداپىئە ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

ئالەم ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە قىلىشى-مەغلۇپ بولۇشىنى ئاساسەن ھەربىي ئالەم ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سۈپىتى بەلگىلەيدۇ. بۇ تۈردىكى ياراغلارنى تەخمىنەن مۇنداق ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ: بىرى، يەر يۈزىدىكى ھەربىي كۈچكە ياردەم بېرىدىغان سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسى، يەنە بىرى، دۈشمەننىڭ ئالەم بوشلۇقى ئۈسكۈنىلىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغان سۈنئىي ھەمراھقا قارشى سىستېما.

يەر يۈزىدىكى ھەربىي كۈچكە ياردەم بېرىدىغان سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسى

 يەر يۈزىدىكى ھەربىي كۈچكە ياردەم بېرىدىغان سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسى، مەسىلەن، رازۋېدكا سۈنئىي ھەمراھى، ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش سۈنئىي ھەمراھى، ھەربىي مېتېئورولوگىيە سۈنئىي ھەمراھى، خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھى، يول باشلاش سۈنئىي ھەمراھى، ئورۇن ئۆلچەش سۈنئىي ھەمراھى، يەر يۈزىنى ئۆلچىگۈچى سۈنئىي ھەمراھ قاتارلىقلار، بۇ سۈنئىي ھەمراھلار ھازىرقى زامان ھەربىي كۈچىنىڭ كۆز-قۇلىقى ۋە نېرۋىسى سۈپىتىدە يەر يۈزىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە بارغانسېرى زور تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ؛

 دۈشمەننىڭ ئالەم بوشلۇقى ئۈسكۈنىلىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغان سۈنئىي ھەمراھقا قارشى سىستېما

 دۈشمەننىڭ ئالەم بوشلۇقى ئۈسكۈنىلىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغان سۈنئىي ھەمراھقا قارشى سىستېما بولۇپ، سۈنئىي ھەمراھقا قارشى سۈنئىي ھەمراھ ۋە تۈرلۈك بوشلۇق ئېنېرگىيە دەستىسى ياراغلىرى، مەسىلەن، لازېر دەستىسى، زەررىچە دەستىسى ياراغلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئالەم ئۇرۇشىئالەم ھەربىي ياراغلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشى بوشلۇقنى بازا قىلغان ھۇجۇم-مۇداپىئە مەسىلىسىنى كۈنسايىن گەۋدىلەندۈرىدۇ، كەلگۈسىدە يېڭى ئىستراتېگىيىلىك، تاكتىكىلىق جەڭ قىلىش پرىنسىپى ۋە ئۇسۇلى تەدرىجىي شەكىللىنىپلا قالماستىن، يەنە جەڭگە قوماندانلىق قىلىشتىن جەڭ كاپالىتىگىچىلىك مۇستەقىل تەشكىلىي سىستېما شەكىللىنىپ، يېڭى ئارمىيە تۈرى − ئالەم ئارمىيىسى بارلىققا كېلىدۇ

ئالەم ئۇرۇشى20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا ئەينى چاغدا روسىيە فىدراتسىيەسى يەر-يەر باشقۇرۇلىدىغان سنارەد قويۇپ بېرىشنى تەجرىبە قىلىپ ئالەم بوشلىقىدا مۇلازىمەت ۋە كاپالەت بىلەن مەخسۇس شۇغۇللىنىدىغان قىسىم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. ھەربىي ئالەم قاتنىشىنى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى  كاپالەتلىك سۈنئىي ھەمراھ ئوڭۇشلۇق قويۇپ بېرىلدى.

20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئامېرىكا «پىلانېتالار ئارا ئۇرۇش» پىلانىنى تۈزگەندە، بۇ قىسىم تەرەققىي قىلىپ يۇقىرى پەللىگە چىققان. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغان چاغدا بۇ  قىسىمنىڭ نەچچە ئون مىڭ ئادىمى قاتناشقان. باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى، باشقۇرۇلىدىغان سنارەد ھۇجۇمىدىن ئالدىن سىگنال بېرىدىغان سىستېما ۋە ئالەم بوشلۇقىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى شۇنىڭدەك كۈچلۈك تېخنىكا ۋە تەتقىقات ئورگانلىرى تۇتاشتۇرۇلغان. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، بۇ قىسىم چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلار ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىغا ، ھاياتى كۈچى كۈندىن–كۈنگە كۈچلەندى.

ئالەم بوشلۇقى نەزەردە تۇتۇلۇپ 21-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى 20-يىلى ئالەم بوشلۇقىدا جەڭ قىلىش مۇھىم جەڭ مەيدانىغا ئايلاندى. روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ھازىر بوشلۇقتا ئۇرۇش قىلىش ھەرىكىتى ھازىرقى زامان ئۇرۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى دەپ قارىلىدۇ. رۇسىيە قوشۇنلىرى ئالىملار قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ئالەم بوشلۇقى ئىككى چوڭ ئۇرۇش رايونىغا ئايرىشقا بولدۇ، يەنى يېقىن ئالەم بوشلۇقى ئۇرۇش ۋە ئاي شارى ئالەم بوشلۇقى ئۇرۇش.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#