قېيىر يېزىسى
قېيىر يېزىسى باي ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان. يېزىغا قاراشلىق 13 كەنت ئاھالە كومىتېتى، بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى بار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قېيىر يېزىسىقېيىر يېزىسى باي ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان. يېزىغا قاراشلىق 13 كەنت ئاھالە كومىتېتى، بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى بار. ئومۇمىي كۆلىمى 5544 كۋادرات كىلومېتىر، ئومۇمىي نوپۇسى 12676 ئادەم. تېرىلغۇ يەر ئاساسەن تەڭرىتاغنىڭ ئېرىگەن قار سۈيى بىلەن سۇغىرىلىدۇ.
قېيىر يېزىسىقېيىر يېزىسى باي ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان تۈز سىزىق ئارىلىقى 75.25 كىلومېتىر. شىمالىي تەرىپى تەڭرىتاغ ۋە خېجىڭ ناھىيەسى، تېكەس ناھىيەسى بىلەن چېگرىداش، شەرقتە كۇچا بىلەن قوشنا، جەنۇب تەرىپى قىزىل يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي قىسمىدا ئېدىرلىقلار بار، ئومۇمىي كۆلىمى 5544 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
يېزا تەۋەسىدە 14 كەنت ئاھالە كومىتېتى، بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى بار، نوپۇس 12676 ئادەم، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي قازانچى.
«قېيىر» ئۇيغۇر تىلىدىكى «قېيىن» دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن ئۆزگەرگەن سۆز، قېيىن دېگەن مەنىدە. ئىلگىرى بۇ يەردە قېيىن دەرىخى كۆپ بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان.
قېيىر يېزىسىقېيىر يېزىسىنىڭ كىلىماتى ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى ئېگىز تاغ كىلىماتىغا كىرىدۇ. ئەتىيازدا بوران كۆپ، شامال كۈچلۈك، كۈز پەسلىدە بالدۇر سوغۇق چۈشىدۇ، يىللىق قىروسىز مەزگىل ئۈچۈن 130-120 كۈن. 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃15، 7-ئايدا ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى℃19 قا يېتىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا 7.2 سېلسىيە گىرادۇس. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 150مىللىمېتىر. تېرىلغۇ يەر ئاساسەن تەڭرىتاغنىڭ ئېرىگەن قار سۈيى بىلەن سۇغىرىلىدۇ، سۇ مىقدارى پەسىل ۋە ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.
قېيىر يېزىسىقېيىر يېزىسىنىڭ تەبىئىي بايلىقى مول. بىپايان تاغلىق، ئوتلاق بار، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە توغراق، ئاق شەمشاد، شەمشاد، قېيىن دەرىخى ئۆسىدۇ. ئورمانلىقلاردا يىلپىز، ئېيىق، بۇغا، بۆكەن، ئۇلار، بۆرە، سۇغۇر قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار بار، يەنە مېھرىگىياھ، كىرەش، ئېفېدرا، سوغىگۈل، بەش بارماق، سۇغۇر سېسىقئوتى قاتارلىقلار ئۆسىدۇ، قارلىق چوققىلاردا قار لەيلىسى قاتارلىق قىممەتلىك دورا ماتېرىيالى ئۆسىدۇ. زاپىسى ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقلاردىن مىس، تۆمۈر، ئاليۇمىن، كۆمۈر، ئاندالۇزىتلار ۋە كالتسىي، ئانارتاش قاتارلىقلار بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.