دونالد تىرامپ

دونالد تىرامپ

دونالد تىرامپ 1946-يىلى ئامېرىكا نيۇيورك  تا تۇغۇلغان، پرېزىدېنت، سىياسىيون، سودىگەر، يازغۇچى، رىياسەتچى. دونالد تىرامپ ئىلگىرى ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، «يەر-مۈلۈك شاھى» دەپ ئاتالغان. 

2016-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى دونالد تىرامپ 270 تىن ئارتۇق بېلەت سانىغا ئېرىشىپ، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارىنى يېڭىپ، ئامېرىكىنىڭ 45-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى دونالد تىرامپ
باشقا نامى 川普,川普老爹
يۇرتى نيۇيورك
يۇلتۇز تۈركۈمى جەزۋا يۇلتۇز تۈركۈمى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 唐纳德·特朗普
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1946-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى
كەسپى پرېزىدېنت، سىياسىيون، سودىگەر، يازغۇچى، رىياسەتچى
چەتئەلچە نامى Donald Trump、Donald John Trump、Donald J.Trump、Trump

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دونالد تىرامپدونالد تىرامپ 1946-يىلى ئامېرىكا نيۇيورك تا تۇغۇلغان، پرېزىدېنت، سىياسىيون، سودىگەر، يازغۇچى، رىياسەتچى. دونالد تىرامپ ئىلگىرى ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، «يەر-مۈلۈك شاھى» دەپ ئاتالغان. ئۆي-مۈلۈك ۋە پاي چېكىگە تايىنىپ، نيۇيورك، يېڭى جېرسىي، فىلورىدا ئىشتاتلىرىنىڭ ئالتۇن يەر بۆلەكلىرىدىكى ئۆي-مۈلۈكلەرگە ئىگە بولغان ھەمدە «تىرامپ ئاۋىياتسىيە شىركىتى» قۇرغان. ئۇ يەنە يېڭى جېرسىي «گېنېرال» كەسپىي پۇتبول كوماندىسىنىڭ غوجايىنى. ئۇ مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان شەھەر-بازارلاردا ھەشەمەت ساراي ۋە داچىلارنى سالدۇرغان، 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى غا ساياھەت كېمىسى سېتىۋالغان، يەنە خۇسۇسىي ئايروپىلانى بار. 

دونالد تىرامپ باشلانغۇچ مەكتەپتە ياخشى ئوقۇمىغانلىقتىن، 13 يېشىدا ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلاش ئۈچۈن «نيۇيورك ھەربىي مەكتىپى» گە ئاپىرىپ بەرگەن. ھەربىي مەكتەپتىكى مەزگىلىدە، تىرامپنىڭ ئەتراپتىكى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئوقۇش نەتىجىسى ئەلا بولۇپلا قالماي، تەنتەربىيە جەھەتتىمۇ ناھايىتى كۆزگە كۆرۈنگەن. 1964-يىلى ھەربىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە، ئۇنىڭ رەھبەرلىك سالاپىتى شەكىللەنگەن. 

ھەربىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تىرامپ پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋارتور سودا ئىنستىتۇتىغا كىرىپ ئوقۇغان. ئالىي مەكتەپتىكى مەزگىلىدە، تىرامپ سودا ساھەسىدىكى بىلىملەرنى ياخشى ئىگىلەپ، تىجارەت ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەن. 

ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تىرامپ دادىسىنىڭ ئۆي-مۈلۈك شىركىتىگە كىرىپ خىزمەت قىلغان. بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان پۇلدار شەخسلەر بىلەن تونۇشۇپ، كېيىنكى كۈنلەردىكى ئۆزىنىڭ ئۆي-مۈلۈك ئىشلىرىغا ئاساس سالغان. 

2015-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى، تىرامپ ئامېرىكا «دەۋر» ژۇرنىلى تەرىپىدىن 2015-يىللىق شەخسلەر نامزاتىغا كىرگۈزۈلگەن. 

2016-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن. 

2016-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ دەسلەپكى سايلىمىدا، جەمئىي 7 ئىشتاتتا غەلىبە قىلىپ، مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، مىچگان ئىشتاتى ۋە مىسسىسسىپى ئىشتاتىنىڭ دەسلەپكى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان. 

4-ئاينىڭ 20-كۈنى، نيۇيورك تا ئۆتكۈزۈلگەن دەسلەپكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %65 لىك بېلەت بىلەن غەلىبە قىلغان. 

5-ئاينىڭ 4-كۈنى، تىرامپنىڭ رىقابەتچىسى تېد كىرۇز سايلامدىن چېكىنىپ، تىرامپنىڭ نامزاتلىقى ئاساسەن بېكىتىلگەن. 

5-ئاينىڭ 26-كۈنى، تىرامپنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ۋەكىللىرى ئىچىدىكى قوللاش نىسبىتى 1238 گە يېتىپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەسمىي زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن. 

دونالد تىرامپ7-ئاينىڭ 25-كۈنى، CNN نىڭ ئەڭ يېڭى راي سىناش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تىرامپ %44 لىك قوللاش نىسبىتى بىلەن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى %39 لىك قوللاش نىسبىتىگە ئىگە ھىلارىدىن ئېشىپ كەتكەن. 

2016-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى دونالد تىرامپ 270 تىن ئارتۇق بېلەت سانىغا ئېرىشىپ، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارىي نى يېڭىپ، ئامېرىكىنىڭ 45-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان. 

1. تىرامپ سارىيى: نيۇيورك تىكى ئەڭ پۇلغا يارايدىغان مېھمانساراي؛

2. پالما بۇلاق قورۇقى: 2004-يىلى 40 مىليون دوللارغا سېتىۋالغان؛ 

3. Mar-A-Lago كۇلۇبى: فىلورىدا ئىشتاتىدىكى بۇ كۇلۇب 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يارايدۇ؛ 

4. تىرامپ كۆڭۈل ئېچىش ئىستىراھەت مەركىزى: نەچچە يۈز مىليون دوللارغا يارايدۇ؛

 تىرامپ ماركىسىدىكى مېھمانسارايلار

تۆۋەندىكىلىرى تىرامپ ماركىسىدىكى مېھمانسارايلار:

1. Trump Taj Mahal مېھمانسارىيى

2. تىرامپ مەيدانى مېھمانسارىيى

3. تىرامپ پورتى

4. Trump Grande

5. تىرامپ ئوردىسى

6. Trump Parc

7. Trump Park Avenue

8. Trump Tower

9. Trump World Tower

10. Trump Tower at City Center

11. Trump Plaza of the Palm Beaches

12. Trump Plaza

13. Grand Hyatt

دونالد تىرامپدونالد تىرامپ ئۈچ قېتىم نىكاھلىق بولغان، بىرىنچى ئايالى ئىۋانادىن بىر قىز ئىككى ئوغۇل، ئىككىنچى ئايالى مارلا مەپلېستىن بىر قىز، ئۈچىنچى ئايالى مېلانىيا تىرامپتىن بىر ئوغۇل بولۇپ، جەمئىي بەش پەرزەنتى بار.[0]

تىرامپنىڭ چوڭ قىزى ئىۋانكا تىرامپ (Ivanka Trump) دۇنياۋىي داڭلىق مودېل، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى چوڭ ئۆي-مۈلۈك سودا شىركىتى-تىرامپ گوروھىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى.

ئىككىنچى قىزى تىففىنىي تىرامپ (Tiffany Trump)، ئۇمۇ ئىنتايىن گۈزەل.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#