مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى
مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى «م د ب» دىيىلىدۇ. ئۇ 1991- يىلى 12- ئاينىڭ 8- كۈنى روسىيە، بىلوروسىيە ۋە ئۇكرائىنادىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت رەھبىرى بىلوروسىيە پايتەختى مىنسكىنىڭ ئەتراپىدىكى بېلوۋېژسكايادا ئالدى بىلەن مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «مەۋجۈتلۇقتىن قالغانلىقى» نى جاكارلىدى .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى «م د ب» دىيىلىدۇ. ئۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆپ ساندىكى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىدىن تەشكىللەنگەن دۆلەتلەر بىرلەشمىسى تەشكىلاتى بولسىمۇ، لېكىن بىر دۆلەت ئەمەس. 1991- يىلى 12- ئاينىڭ 8-كۈنى روسىيە، بىلوروسىيە ۋە ئۇكرائىنادىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت رەھبىرى بىلوروسىيەپايتەختى مىنسكىنىڭ ئەتراپىدىكى بېلوۋېژسكايادا ئالدى بىلەن مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «مەۋجۈتلۇقتىن قالغانلىقى» نى جاكارلىدى. باشقا ئىتتپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرمۇ بۇ كېلىشمىگە تېزلا ئاۋاز قوشتى. 12- ئاينىڭ 21- كۈنى، روسىيە، ئۇكرائىنا، بېلوروسىيە، قازاقستان، ئۆزبېكستان ، قىرغىزىستان، تاجىكستان، تۈركمەنىستان، ئارمېنىيە، ئازەربەيجان، مولداۋادىن ئىبارەت 11 جۇمھۇرىيەتنىڭ رەھبىرى قازاقىستان پايتەخىتى ئالمۇتادا كېلىشىمنامە ئىمزالاپ، 11 دۆلەتنىڭ «باراۋەرلىك پىرىنسىپى ئاساسىدا، كېلىشىم تۈزگەن تەرەپلەردىن مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى تەشكىل قىلغانلىقى» نى جاكارلىدى. 1993-يىل 12-ئايدا، گىروزىيە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا بولدى. شۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى 15 ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتتىن بالتىق دېڭىز بويىدىكى لىتۋا، ئېستونىيە ۋە لاتۋىيدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتتىن باشقىلىرى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا بولدى .[1][0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.