شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش نىزامى

شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش نىزامى

شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش نىزامى (2001-يىل 6-ئاينىڭ 6-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 40-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان).

ئۇيغۇرچە نامى شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2001-يىل 6-ئاينىڭ 6-كۈنى
خەنزۇچە نامى 城市房屋拆迁管理条例
يولغا قۇيۇلغان ۋاقتى 2001-يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، چېقىش-كۆچۈرۈش ئالاقىدارلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

2-ماددا شەھەر قۇرۇلۇشى پىلانىدىكى دۆلەت يېرىدە ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ھەمدە ئۆيى چېقىلغۇچىغا تۆلەم بېرىش ۋە ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا بۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈش شەھەر قۇرۇلۇشى پىلانىغا ئۇيغۇن بولۇشى، شەھەرنىڭ كونا رايونىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ياخشىلاشقا، مەدەنىيەت يادىكارلىقى، ئاسار-ئەتىقىلەرنى قوغداشقا پايدىلىق بولۇشى شەرت.

4-ماددا ئۆي چاققۇچى بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۆيى چېقىلغۇچىغا تۆلەم بېرىشى ۋە ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشى؛ ئۆيى چېقىلغۇچى كۆچۈش مۇددىتىدە كۆچۈپ بولۇشى كېرەك.

بۇ نىزامدا ئېيتىلغان ئۆي چاققۇچى ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ئىجازەتنامىسى ئالغان ئورۇننى كۆرسىتىدۇ.

بۇ نىزامدا ئېيتىلغان ئۆيى چېقىلغۇچى چېقىلىدىغان ئۆينىڭ ئىگىسىنى كۆرسىتىدۇ.

5-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەملىكەت بويىچە شەھەر ئۆيلىرىدە چېقىش-كۆچۈرۈش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى (تۆۋەندە ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقى دېيىلىدۇ) ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۆزئارا ماسلىشىپ، ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك يەر باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

2–باب چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش

6-ماددا ئۆي چاققۇچى ئورۇن ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ئىجازەتنامىسى ئالغاندىن كېيىن،  چېقىش-كۆچۈرۈشكە تۇتۇش قىلسا بولىدۇ.

7-ماددا ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ئىجازەتنامىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۆي بار جايدىكى شەھەرلىك، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقىغا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:

(1) قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ تەستىق  ھۆججىتى؛

(2) قۇرۇلۇش يېرىنى پىلانلاش ئىجازەتنامىسى؛

(3) دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى تەستىق ھۆججىتى؛

(4) چېقىش-كۆچۈرۈش پىلانى ۋە لايىھىسى؛

(5) ئامانەت پۇل كەسپىنى بېجىرگۈچى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ چېقىش-كۆچۈرۈش تۆلىمى بېرىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغى ھەققىدىكى ئىسپاتى.

شەھەرلىك، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ئىلتىماس قىلىنغان ئىشلارنى تەكشۈرۈشى؛ تەكشۈرۈشتە شەرتكە توشقانلارغا ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ئىجازەتنامىسى بېرىشى كېرەك.

8-ماددا ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقى ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ئىجازەتنامىسى بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ئىجازەتنامىسىدە يېزىلغان ئۆي چاققۇچى، چېقىش-كۆچۈرۈش دائىرىسى، چېقىش-كۆچۈرۈش مۆھلىتى قاتارلىق ئىشلارنى ئۆي  چېقىش-كۆچۈرۈش ئېلانى چىقىرىش شەكلىدە ئېلان قىلىشى كېرەك.

ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئۆي چاققۇچى ئۆيى چېقىلغۇچىغا تەشۋىقات، چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ئىشلىشى لازىم. 

9-ماددا ئۆي چاققۇچى ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ئىجازەتنامىسىدە بېكىتىلگەن چېقىش-كۆچۈرۈش دائىرىسى ۋە مۆھلىتىدە چېقىش-كۆچۈرۈشكە تۇتۇش قىلىشى كېرەك.

چېقىش-كۆچۈرۈش مۆھلىتىنى ئۇزارتىش توغرا كەلسە، ئۆي چاققۇچى چېقىش-كۆچۈرۈش مۆھلىتى توشۇشتىن 15 كۈن ئىلگىرى، ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقىغا چېقىش-كۆچۈرۈش مۆھلىتىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى؛ ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقى چېقىش-كۆچۈرۈش مۆھلىتىنى ئۇزارتىپ بېرىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە جاۋاب بېرىشى كېرەك.

10-ماددا ئۆي چاققۇچى چېقىش-كۆچۈرۈش ئىشىنى ئۆزى قىلسا بولىدۇ، چېقىش-كۆچۈرۈش سالاھىيىتى بار ئورۇنغا ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.

ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقى ئۆي چاققۇچى بولسا بولمايدۇ. چېقىش-كۆچۈرۈش ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلسا بولمايدۇ.

11-ماددا ئۆي چاققۇچى چېقىش-كۆچۈرۈشنى ھاۋالە قىلىشتا، ھاۋالە قىلىنغان  ئورۇنغا ھاۋالىنامە بېرىشى ھەمدە چېقىش-كۆچۈرۈش ھاۋالە توختامى تۈزۈشى كېرەك. ئۆي چاققۇچى چېقىش-كۆچۈرۈش ھاۋالە توختامى تۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، چېقىش-كۆچۈرۈش ھاۋالە توختامىنى ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

چېقىش-كۆچۈرۈش ھاۋالە قىلىنغان ئورۇننىڭ چېقىش-كۆچۈرۈش ئىشىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 

12-ماددا چېقىش-كۆچۈرۈش دائىرىسى بېكىتىلگەندىن كېيىن، چېقىش-كۆچۈرۈش دائىرىسىدىكى ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ:

(1) ئۆي سېلىش، كېڭەيتىش، ئۆزگەرتىش؛

(2) ئۆي ۋە يەرنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىش؛

(3) ئۆي ئىجارە بېرىش-ئېلىش.

ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقى ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەنئىشلار ھەققىدە ئالاقىدار تارماقلارغا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ۋاقتىنچە توختىتىش ھەققىدىكى يازما ئۇقتۇرۇشقا ۋاقتىنچە توختىتىش مۆھلىتىنى يېزىشى كېرەك. ۋاقتىنچە توختىتىش مۆھلىتى ئەڭ ئۇزاق  بولغاندا بىر يىلدىن ئاشمايدۇ؛ ئۆي چاققۇچى ۋاقتىنچە توختىتىش مۆھلىتىنى ئۇزارتىشنى زۆرۈر تاپسا، ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقىغا تەستىقلىتىشى شەرت، ئۇزارتىلىدىغان ۋاقتىنچە توختىتىش مۆھلىتى بىر يىلدىن ئاشمايدۇ.

13-ماددا ئۆي چاققۇچى بىلەن ئۆيى چېقىلغۇچى بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە، تۆلەم بېرىش ئۇسۇلى ۋە تۆلەم سوممىسى، ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئۆي كۆلىمى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان جاي، كۆچۈش مۆھلىتى، كۆچۈپ تۇرۇش ئۇسۇلى ۋە كۆچۈپ تۇرۇش مۆھلىتى قاتارلىق ئىشلار ھەققىدە چېقىش-كۆچۈرۈش تۆلىمى بېرىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈشى كېرەك.

ئىجارە بېرىلگەن ئۆيلەرنى چېقىش-كۆچۈرۈشتە، ئۆي چاققۇچى ئۆيى چېقىلغۇچى، ئۆي ئىجارە ئالغۇچى بىلەن چېقىش-كۆچۈرۈش تۆلىمى بېرىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈشى كېرەك.  

14-ماددا ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقى ۋاكالىتەن باشقۇرۇۋاتقان ئۆيلەرنى چېقىش-كۆچۈرۈشكە توغرا كەلسە، چېقىش-كۆچۈرۈش تۆلىمى بېرىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمىنى گۇۋاھلىق ئورگىنىنىڭ گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈشى ھەمدە دەلىل-ئىسپاتلارنى ئامان ساقلاش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى شەرت.

15-ماددا چېقىش-كۆچۈرۈش تۆلىمى بېرىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈلگەندىن كېيىن، ئۆيى چېقىلغۇچى ياكى ئۆي ئىجارە ئالغۇچى كۆچۈش مۆھلىتىدە كۆچۈشنى رەت قىلسا، ئۆي  چاققۇچى قانۇن بويىچە كېسىم ھەيئىتىگە كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ. دەۋا مەزگىلىدە، ئۆي چاققۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئالدىن ئىجرا قىلىپ تۇرۇشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

16-ماددا ئۆي چاققۇچى بىلەن ئۆيى چېقىلغۇچى ياكى ئۆي چاققۇچى، ئۆيى چېقىلغۇچى بىلەن ئۆي ئىجارە ئالغۇچى چېقىش-كۆچۈرۈش تۆلىمى بېرىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمى ھاسىل قىلالمىسا، ئالاقىدارلارنىڭ ئىلتىماسى بىلەن، ئۆي چېقىش -كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقى قارار چىقىرىدۇ. ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقى ئۆيى چېقىلغۇچى بولسا، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قارار چىقىرىدۇ. ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە قارار چىقىرىلىشى كېرەك.

ئالاقىدار قارارغا قايىل بولمىسا، قارار يەتكۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. ئۆي چاققۇچى بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆيى چېقىلغۇچىغا پۇل تۆلەپ بەرگەن ياكى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيى، ئوبوروت ئۆيى بەرگەن بولسا، دەۋا مەزگىلىدە چېقىش-كۆچۈرۈشنى توختاتمايدۇ.

17-ماددا ئۆيى چېقىلغۇچى ياكى ئۆي  ئىجارە ئالغۇچى قاراردا بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە كۆچمىسە، شۇ ئۆي بار جايدىكى شەھەرلىك، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار تارماقلارغا مەجبۇرىي چېقىش-كۆچۈرۈشنى تاپىلايدۇ ياكى ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقى خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي چېقىش-كۆچۈرۈشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىدۇ.

مەجبۇرىي چېقىش-كۆچۈرۈشتىن بۇرۇن، ئۆي چاققۇچى چېقىلىدىغان ئۆيگە ئالاقىدار ئىشلار ھەققىدە گۇۋاھلىق ئورگىنىغا بېرىپ دەلىل-ئىسپاتلارنى ئامان ساقلاش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك.

18-ماددا چېقىش-كۆچۈرۈش ئىشى ھەربىي ئەسلىھە، چېركاۋ، مەسچىت، بۇتخانا،  مەدەنىيەت يادىكارلىقى، ئاسار-ئەتىقە ۋە چەت ئەلنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسى (كونسۇلخانىسى) نىڭ ئۆيلىرىگە چېتىلسا، ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىش كۆرۈلىدۇ. 

19-ماددا چېقىش-كۆچۈرۈش تۆلىمى بېرىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشى تۈگىمىگەن قۇرۇلۇش تۈرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، ئەسلىدىكى چېقىش-كۆچۈرۈش تۆلىمى بېرىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمىدىكى ئالاقىدار ھوقۇق، مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆتۈنۈشنى قوبۇل قىلغۇچىغا تەڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك. قۇرۇلۇش تۈرىنى ئۆتۈنگۈچى ۋە قوبۇل قىلغۇچى ئۆيى چېقىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇشى ھەمدە ئۆتۈنۈش توختامى ئىمزالانغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئېلان چىقىرىشى لازىم.

20-ماددا ئۆي چاققۇچى چېقىش-كۆچۈرۈش تۆلىمى بېرىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغىنىڭ ھەممىسىنى ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشكە ئىشلىتىشى كېرەك، باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىشقا بولمايدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقى چېقىش-كۆچۈرۈش تۆلىمى بېرىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.

21-ماددا ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقى چېقىش-كۆچۈرۈش ئارخىپىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، چېقىش-كۆچۈرۈش ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

3–باب چېقىش-كۆچۈرۈش تۆلىمى بېرىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش

22-ماددا ئۆي چاققۇچى بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۆيى چېقىلغۇچىغا تۆلەم بېرىشى  كېرەك.

قائىدىگە خىلاپ سېلىنغان قۇرۇلۇش ۋە تەستىقلانغان مۆھلەتتىن ئېشىپ كەتكەن ۋاقىتلىق قۇرۇلۇشقا تۆلەم بېرىلمەيدۇ؛ تەستىقلانغان مۆھلەتتىن ئېشىپ كەتمىگەن ۋاقىتلىق قۇرۇلۇشقا مۇۋاپىق تۆلەم بېرىش كېرەك.

23-ماددا چېقىش-كۆچۈرۈش تۆلىمى بېرىشتە پۇل تۆلەش ئۇسۇلى قوللىنىلسا بولىدۇ، ئۆي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلسىمۇ بولىدۇ.

بۇ نىزامنىڭ 25-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى، 27-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۆيى چېقىلغۇچى چېقىش-كۆچۈرۈش تۆلىمى ئېلىش ئۇسۇلىنى تاللىۋالسا بولىدۇ.

24-ماددا پۇل تۆلەم سوممىسى چېقىلىدىغان ئۆينىڭ ئورنى، ئىشلىتىلىشى، قۇرۇلۇش كۆلىمى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، ئۆي-زېمىن بازىرىدا قويۇلغان  باھا بويىچە بېكىتىلىدۇ. كونكرېت چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزۈپ چىقىدۇ.

25-ماددا ئۆي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىشتە، ئۆي  چاققۇچى بىلەن ئۆيى چېقىلغۇچى بۇ نىزامنىڭ 24-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە چېقىلىدىغان ئۆيگە بېرىلىدىغان تۆلەم سوممىسى ۋە ئالماشتۇرۇپ بېرىلىدىغان ئۆينىڭ باھاسىنى ھېسابلاپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇش باھا پەرقى ھېساباتىنى ئۈزۈشى كېرەك.

جامائەت پاراۋانلىقىغا ئىشلىتىلمەيدىغان ئۆيلەرنىڭ قوشۇمچە قۇرۇلمىلىرى چېقىلسا، مۈلۈك ھوقۇقى ئالماشتۇرۇپ بېرىلمەيدۇ، ئۆي چاققۇچى پۇل تۆلەيدۇ.

26-ماددا جامائەت پاراۋانلىقىغا ئىشلىتىلىدىغان ئۆيلەرنى چېقىش-كۆچۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئۆي چاققۇچى ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى پىلانىدىكى تەلەپ بويىچە قايتا سېلىشى ياكى پۇل تۆلىشى كېرەك. 

27-ماددا ئىجارە بېرىلگەن ئۆيلەرنى چېقىش-كۆچۈرۈشتە، ئۆيى چېقىلغۇچى بىلەن ئۆي ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلغان ياكى ئۆيى چېقىلغۇچى ئۆي ئىجارە ئالغۇچىنى ئورۇنلاشتۇرغان بولسا، ئۆي چاققۇچى ئۆيى چېقىلغۇچىغا تۆلەم بېرىدۇ.

ئۆيى چېقىلغۇچى بىلەن ئۆي ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش جەھەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، ئۆي چاققۇچى ئۆيى چېقىلغۇچىغا ئۆي-مۈلۈك ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. مۈلۈك ھوقۇقى ئالماشتۇرۇلغان ئۆينى ئەسلىي ئۆي ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ئالىدۇ، ئۆيى چېقىلغۇچى ئەسلىي ئۆي ئىجارە ئالغۇچى بىلەن قايتىدىن ئۆي ئىجارە توختامى تۈزۈشى كېرەك.

28-ماددا ئۆي چاققۇچى ئۆيى چېقىلىدىغانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا دۆلەتنىڭ سۈپەت-بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۆيلەرنى بېرىشى كېرەك.

29-ماددا مۈلۈك ھوقۇقى ئېنىق بولمىغان ئۆيلەرنى چېقىش-كۆچۈرۈشتە، ئۆي چاققۇچى تۆلەم بېرىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن چېقىش-كۆچۈرۈشكە تۇتۇش قىلىشى كېرەك. چېقىش-كۆچۈرۈشتىن ئىلگىرى ئۆي چاققۇچى چېقىلىدىغان  ئۆيگە دائىر ئىشلار ھەققىدە گۇۋاھلىق ئورگىنىغا بېرىپ دەلىل-ئىسپاتلارنى ئامان ساقلاش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك.

30-ماددا رەنە ھوقۇقى بولغان ئۆيلەرنى چېقىش-كۆچۈرۈش دۆلەتنىڭ كېپىللىككە دائىر قانۇنلىرى بويىچە بولىدۇ.  

31-ماددا ئۆي چاققۇچى ئۆيى چېقىلغۇچى ياكى ئۆي ئىجارە ئالغۇچىغا كۆچۈش ياردەم پۇلى بېرىشى كېرەك. 

كۆچۈپ تۇرۇش مۆھلىتى ئىچىدە، ئۆيى چېقىلغۇچى ياكى ئۆي ئىجارە ئالغۇچى ئۆزى ئۆي تاپقان بولسا، ئۆي چاققۇچى ۋاقىتلىق ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى بېرىشى كېرەك؛ ئۆيى چىقىلغۇچى ياكى ئۆي ئىجارە ئالغۇچى ئۆي چاققۇچىنىڭ ئوبوروت ئۆيىنى ئىشلەتكەن بولسا، ئۆي چاققۇچى ۋاقىتلىق ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى بەرمەيدۇ.

كۆچۈش ياردەم پۇلى ۋە ۋاقىتلىق ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەيدۇ. 

32-ماددا ئۆي چاققۇچىنىڭ كۆچۈپ تۇرۇش مۆھلىتىنى خالىغانچە ئۇزارتىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئوبوروت ئۆينى ئىشلەتكۈچى ئۇنى ۋاقتىدا بوشىتىپ بېرىشى كېرەك.

ئۆي چاققۇچىنىڭ جاۋابكارلىقى تۈپەيلىدىن كۆچۈپ تۇرۇش مۆھلىتى ئۇزىراپ كەتسە، ئۆيى چېقىلغان ياكى ئۆي ئىجارە ئالغانلاردىن ئۆزى ئۆي تاپقانلىرىغا مۆھلەت توشقان ئايدىن باشلاپ ۋاقىتلىق ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلىنى كۆپەيتىپ بېرىشى كېرەك؛ ئوبوروت ئۆينى ئىشلەتكەنلىرىگە مۆھلەت توشقان ئايدىن باشلاپ ۋاقىتلىق ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى بېرىشى كېرەك.

33-ماددا تۇرالغۇ ئەمەس ئۆيلەرنى چېقىش-كۆچۈرۈش تۈپەيلىدىن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت توختاپ قالسا، ئۆي چاققۇچى مۇۋاپىق تۆلەم بېرىشى كېرەك.

4–باب جازا پرىنسىپى

34-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ، چېقىش-كۆچۈرۈشكە خالىغانچە تۇتۇش قىلغانلارنى ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقى چېقىش-كۆچۈرۈشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرىدۇ، قوشۇمچە چېقىلغان ئۆينىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمىنىڭ ھەر كۋادرات مېتىرى  ئۈچۈن 20 يۈەندىن يۇقىرى، 50 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

35-ماددا ئۆي چاققۇچىلاردىن بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ئىجازەتنامىسىنى ئالدامچىلىق بىلەن ئېلىۋالغانلىرىنىڭ ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ئىجازەتنامىسىنى ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقى بىكار قىلىدۇ، قوشۇمچە چېقىش-كۆچۈرۈش تۆلىمى بېرىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغىنىڭ %1 تىن يۇقىرى، %3 تىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

36-ماددا ئۆي چاققۇچىلار بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقى چېقىش-كۆچۈرۈشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرىدۇ، قوشۇمچە  چېقىش-كۆچۈرۈش تۆلىمى بېرىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغىنىڭ %3 تىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ:

(1) چېقىش-كۆچۈرۈش ئىشىنى ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ئىجازەتنامىسىدە بېكىتىلگەن چېقىش-كۆچۈرۈش دائىرىسى بويىچە قىلمىغانلار؛

(2) چېقىش-كۆچۈرۈش ئىشىنى چېقىش-كۆچۈرۈش سالاھىيىتىنى ھازىرلىمىغان ئورۇنغا ھاۋالە قىلغانلار؛

(3) چېقىش-كۆچۈرۈش مۆھلىتىنى خالىغانچە ئۇزارتقانلار.

37-مادداچېقىش-كۆچۈرۈش ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلغان ئورۇنلاردىن بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، چېقىش-كۆچۈرۈش ئىشىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىرىنى ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە توختامدا پۈتۈشكەن چېقىش-كۆچۈرۈش مۇلازىملىق ھەققىنىڭ %25 تىن يۇقىرى، %50 تىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

38-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش تارمىقى بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ئىجازەتنامىسى ۋە باشقا تەستىق ھۆججەت تارقاتقان، ئۇلارنى تارقاتقاندىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلمىغان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جامائەت مۈلكىنى، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

5–باب قوشۇمچە پرىنسىپ

39-ماددا شەھەر قۇرۇلۇشى پىلانى سىرتىدىكى دۆلەت يېرىدە ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ھەمدە ئۆيى چېقىلغانلارغا تۆلەم بېرىش ۋە ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش زۆرۈر بولسا، بۇ نىزامدىن پايدىلىنىپ ئىش كۆرۈلىدۇ.

40-ماددا بۇ نىزام 2001-يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1991-يىل 3-ئاينىڭ 22-كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش نىزامى» بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#