كۈدە دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. كۈدە (خام دورا)
  2. كۈدە ()
خام دورا
كۈدە

كۈدە گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، شاقاقۇلغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئىچىنى يۇمشىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى كۈدە
تەبىئىتى ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 韭菜

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۈدەكۈدە گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، شاقاقۇلغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى ئىنچىكە، ئۇزۇن ھەم ياپىلاق، گۈلى ئاق، ئادەتتىكى كۆكتاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

توسالغۇلارنى ئېچىش، ئىچىنى يۇمشىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

دورىلىق قىسمى

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى، ئۇرۇقى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى

ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

ئىشلىتىش مىقدارى

ئەھۋالغا قاراپ 18 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقاندا يوپۇرمىقى ۋە ئۇرۇقىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.

كۈدەكۈدە يوپۇرمىقىنى ئېزىپ سىركە بىلەن پېشانىغا قويۇپ بەرسە، بۇرۇننىڭ قېنىنى توختىتىدۇ. 65 گرام كۈدە يىلتىزىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆزلۈكىدىن تەرلەش ۋە ئوغرى تەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

65 گرام كۈدە يىلتىزىنىڭ سۈيىگە بىر تال توخۇ تۇخۇمىنى چېلىپ، ھورداپ تۇخۇم پوشكىلى تەييارلاپ، ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سازاڭسىمان مەددە قۇرتنى چۈشۈرىدۇ. 

ھۆل كۈدىدىن 135 گرام، ھۆل زەنجىۋىلدىن 53 گرام، نەشپۈتتىن ئىككى دانە ئېلىپ، ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ، ئۇنىڭغا 135 گرام قاينىتىلغان كالا سۈتى قوشۇپ ئۈزمەستىن ئىچىپ بەرسە، ھېق تۇتۇش ۋە يۇتقۇنچاق ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

كۈدىنى چاناپ، بۇنىڭغا ئازراق تۇز قوشۇپ، بىرلىكتە سوقۇپ سۈيىنى چىقىرىپ كۈنىگە 1 ~ 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر ئىستاكان قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، بۇرۇن قاناش ۋە ھەيز بىلەن تەڭ بۇرۇن قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

كۈدە ئۇرۇقىنى سارغايغىچە قورۇپ، سوقۇپ، ھەر قېتىمدا سەككىز گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، سىيىپ يېتىش ۋە كۆپ ئېھتىلام بولۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

135 گرام كۈدىنى يىلتىزى بىلەن ئېلىپ، ئۇنىڭغا خام ھاكتىن 65 گرام قوشۇپ سوقۇپ، خېمىردەك قىلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن يەنە سوقۇپ يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە، ھەر خىل جاراھەتلەرنىڭ قېنىنى توختىتىدۇ. 

كۈدىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە، قۇلاققا كىرىۋالغان قۇرتنى چىقىرىدۇ. ھۆل كۈدە ئۇرۇقىنى سوقۇپ ئاچچىقسۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئاغرىق چىشنىڭ كاۋىكىغا تىقىپ قويسا، قۇرت يېگەن چىشنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. 

ھۆل كۈدىنى سوقۇپ خېمىردەك قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، قايرىلىش، سوقۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جاراھەتلەرنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.

كۈدىنى تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، زەردە قايناشنى توسۇپ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ. 

كۈدە يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىدىن 15 گرام ئىچىپ بەرسە، بوۋاسىرنىڭ قېنىنى توختىتىدۇ. كۈدىنىڭ سۈيىدىن 15 گرامنى ھەسەل بىلەن ئىچىپ بەرسە، كۆكرەكنىڭ سوغۇقتىن بولغان كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىپ، ئۆپكىنىڭ ئىششىقلىرىنى پەسەيتىدۇ. 

كۈدىنىڭ سۈيىنى ئارپا سۈيى بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە ياكى يوپۇرمىقىنى ئارپا بىلەن پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كۆكرەك ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

كۈدىنى سىركىگە چىلاپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، جىگەر ۋە تالنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ. كۈدىنى پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ ياكى يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، باھ ئاجىزلىقى ۋە بوۋاسىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

كۈدىنىڭ يوپۇرمىقىنى ئېزىپ يەككە ھالەتتە ياكى مۇناسىپ دورىلار بىلەن قوشۇپ ھەمەل قىلسا، بالىياتقۇنىڭ ھۆللۈكلىرىنى قۇرۇتۇپ، ھامىلە چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 

كۈدە يوپۇرمىقىنى سىركە، سۇ، تۇز بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ، ئىلمان ھالدا سۈيىدە ئولتۇرۇپ بەرسە، بالىياتقۇنىڭ قاتتىقلىقىنى يۇمشىتىدۇ. كۈدىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىگە گۈل يېغى ۋە كونا سىركە ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا تېمىتىپ بەرسە، قۇلاق ئاغرىقى ۋە غوڭۇلدىشىنى يوقىتىدۇ. كۈدە يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىنى بەزرۇلبەنجى، كونا سىركە بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا تېمىتىپ بەرسە، بۇرۇندىن قان كېلىشنى توختىتىدۇ. 

كۈدەكۈدىنى بىر-ئىككى قېتىم قاينىتىپ سىقىپ، ئاندىن سوغۇق سۇغا چىلاپ، بىر ئازدىن كېيىن سۇدىن ئېلىپ تاماق بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، تاماقلارنى تەملىك قىلىپ، ياخشى سىڭدۈرىدۇ. 

كۈدىنىڭ يوپۇرمىقىنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە ياكى ھەسەل سۈيى بىلەن ئىچسە، يىلان ۋە باشقا زەھەرلىك ھاشاراتلار چاققان زەھەرنى قايتۇرىدۇ. 

كۈدىنى تېنى بىلەن قوشۇپ ئېزىپ، سۇماق بىلەن يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، شىرا (تېرىگە چىققان ياپىلاق قىزىلغا مايىل مودۇرلار) كېسەللىكى ۋە سۆگەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

كۈدىنى تۇز بىلەن يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، يىرىڭلىق جاراھەتلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

كۈدە يوپۇرمىقىنىڭ سۈيى بىلەن پىچاق، شەمشەرلەرنى سۈرۈپ بەرسە ئۆتكۈرلۈكى كەتمەيدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#