ياۋا ئارىلى
ياۋا ئارىلى __ ھىندۇنېزىيىنىڭ مۇھىم ئارىلى، ھىندۇنېزىيىنىڭ ئىقتىساد، پەن-مەدەنىيەت، قاتناش ترانسىپپورتى ئەڭ تەرەققىي قىلغان. پۈتۈن ھىندۇنېزىيە ئاھالىسىنىڭ %50 تىن كۆپرەكى مۇشۇ ئارالغا جايلاشقان. ھەربىر كۋادرات كىلومېتىر يەرگە 650 كىشى توغرا كېلىدۇ. ياۋا ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمىنى تاغلىق، ئېدىرلىقلار ئىگىلەپ تۇرىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ياۋا ئارىلى ھىندۇنېزىيىنىڭ مۇھىم ئارىلى، ھىندۇنېزىيىنىڭ ئىقتىساد، پەن-مەدەنىيەت، قاتناش ترانسىپپورتى ئەڭ تەرەققىي قىلغان. ئاھالىسى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان بىر ئارال. ئۇنىڭ يەر مەيدانى 126 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 970 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 80 مىليوندىن ئاشىدۇ. پۈتۈن ھىندۇنېزىيە ئاھالىسىنىڭ %50 تىن كۆپرەكى مۇشۇ ئارالغا جايلاشقان. ھەربىر كۋادرات كىلومېتىر يەرگە 650 كىشى توغرا كېلىدۇ.
كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنىڭ ئىقلىمى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان كىلماتىغا خاس بولۇپ، تېمپېراتۇرىسى يىل بويى يۇقىرى بولىدۇ، تېمپېراتۇرىنىڭ يىللىق پەرقى چوڭ ئەمەس، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 2000 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ %23 يېرى ئورمان، قالغان جايلىرى ئوت-چۆپ ۋە تېرىلغۇ زىرائەتلىرى بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ.
ياۋا ئارىلى ھىندۇنېزىيىنىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان بىر رايونى، بۇ جايدا ئۆستۈرۈلىدىغان شال، كۆممىقوناق، مانىخوت، دادۇر، خاسىڭ قاتارلىق بەش خىل مۇھىم زىرائەت مەھسۇلاتى پۈتۈن دۆلەتتە ئۆستۈرۈلىدىغان شۇ خىل زىرائەتلەرنىڭ %65-%80 نى ئىگىلەيدۇ. ئۇلاردىن باشقا شېكەر قومۇشى، چاي، كوفى، ياغاچ، پاختا، خىنىن دەرىخى، كاۋچۇك، تاماكا قاتارلىقلارمۇ كۆپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ياۋا ئارىلىنىڭ تەبىئىي شارائىتى ياخشى، بايلىقى مول، ئەمگەك كۈچى تولۇق، شۇڭا ئۇ ھىندۇنېزىيىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي رايونى ھېسابلىنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.