پۇل دىگەن شۇنداق نەرسە

پۇل دىگەن شۇنداق نەرسە

"پۇل دىگەن شۇنداق نەرسە" ناملىق كىنو 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 12- كۈنى قۇيۇلغان بۇلۇپ ،ئاتاقلىق ئارتىس ئابدۇكېرىم ئابلىز ،مۇھەممەتچان رۇزى سايىت ،دىلشات بارات ،ماھىرە ئەمەت قاتارلىقلار باش رول ئالغان .كۈرۈرمەنلەرنىڭ ئىنتايىن ياقتۇرۇپ كۈرىشىگە ئىرىشكەن .

ئۇيغۇرچە نامى پۇل دىگەن شۇنداق نەرسە
خەنزۇچە نامى 钱在路上跑
باشقا نامى THIS IS WHAT MONEY IS
ئىشلىگەن شىركەت تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى
رېژىسسور ئارىسلان ئابدۇكېرىم
باش رولچى ئابدۇكېرىم ئابلىز ،مۇھەممەتجان رۇزى سايىت ،دىلشات بارات ،ماھىرە ئەمەت
تۈرى كومىدىيە ،ۋەقەلىك
قويۇلغان ۋاقتى 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى
ئىشلەنگەن ئورۇن 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى
سېنارىست ئارىسلان ئابدۇكېرىم،董丹蕊

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بىر خالتا مەخسەتسىز ھالدا قېزىۋېلىنغان كونا پۇل كېرەم،ئالىم،سەلىم ئۈچچەيلەننىڭ بەخىت ئىشىكىنى ئاچامدۇ  ياكى سانسىزلىغان ئاۋارچىلىق ،پۇتلىكاشاڭلارنى پەيدا قىلامدۇ ؟  بۇكىنودا ئۈچ ساددا ،سەمىمى دېھقان كېرەم،ئالىم،سەلىملەر ۋە بىر خالتا كۆپ بولمىغان كونا پۇل ئوتتۇرسىدىن كىلىپ چىققان  ئارلىشىپ كەتكەن  كىشىنى يا كۈلۈشنى يا يىغلاشنى بىلەلمەي قالدۇرىدىغان ھىكايە ئارقىلىق پۇل ،ئىنسانىڭ تەبىئىتى ،تۇغقانچىلىق مېھرى،مۇھاببەت،دوسلۇققا مۇناسىۋەتلىك بولغان تىمىلار مۇلاھىزە قىلىنغان .

ئابدۇكېرىم ئابلىز ،مۇھەممەتچان رۇزى سايىت ،دىلشات بارات ،ماھىرە ئەمەت قاتارلىقلار باش رول ئالغان، ئارسىلان ئابدۇكېرىم رېژىسورلۇق قىلغان ، ئارسىلان ئابدۇكېرىم،董丹蕊 لار سىنارىيىنى يازغان .

 

كېرىم(ئابدۇكېرىم ئابلىز)كېرىم

ئاچكۆزرەك، مەنمەنچى، ھۇرۇن، ئايالى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قېيداپ كەتكەن. 

لېكىن سېلىمغا چىن قەلبىدىن ياردەم بېرىدۇ.

رول ئالغۇچى: ئابدۇكېرىم ئابلىز

 



ئالىمدىلشات باراتئالىم

ئەسلىدە بوتكا دۇكان ئاچىدۇ، توختىماي كېرەم بىلەن قېيىشىدۇ، پۇل 

تېپىۋالغاندا گەرچە ئىگىسىنى ئىزدەشنى ئېيتقان بولسىمۇ، كېيىن پايدىنىڭ 

كەينىگە كىرىپ كېتىدۇ.

رول ئالغۇچى: دىلشات بارات سۇلتانى

 



سېلىم (مەمەتجان روزى سايىت)سېلىم

كېرىمغا ئىشىنىدۇ، ئاقكۆڭۈل، ساددا، ئۆزىنىڭ كۆزقارىشى يوق، 

كېم نېمە دېسە ماقۇل دەپدۇ، گۇلنارنى ياخشى كۆرىدۇ، توي قىلىش 

سەۋەبىدن پۇلغا ناھايىتى ئېھتىياجلىق.

رول ئالغۇچى: مەمەتچان روزى سايىت


 



ۋاڭ خوجايىنۋاڭ خوجايىن

سودىغا پىششىق، لېكىن پۇلپەرەس،، پۇرسەتپەرەس  

رول ئالغۇچى: لى گېڭ

 





گۇلنار (ماھىرە ئەمەت)گۇلنار

ئاقكۆڭۈل قىز، سېلىمنى ياخشى كۆرىدۇ،ئانىسى سېلىمنى نامرات دەپ توي قىلىشقا قوشۇلمايدۇ

. سېلىمنىڭ تېپىۋالغان پۇلنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرمىگەنلىكىنى ئەيىپلەيدۇ. 

رول ئالغۇچى: ماھىرە ئەمەت




 

مۇسا

قۇرلۇش ھۆددىگىرى، ۋەدىگە ۋاپا قىلىدىغان ئادەم

رول ئالغۇچى: ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

 

 

كىنودا گەرچە مۇناسىۋەتلىك شەخىسلەر كۆپ بولمىسىمۇ ،ئەمما مەركىزى ئىدىيىسى ئېنىق،يەنى توغرا بولغان كىشىلىك تۇرمۇش قارشىنى ،قىممەت قارىشىنى تىكلىگەندە ،بىزنىڭ روھى دۇنيارىمىز تېخىمۇ ساپ،ئەخلاقىمىز تېخىمۇ ياخشى،تۇرمىشىمىز تېخىمۇ بەخىتلىك بۇلىدۇ دىگەندەك ئىدىيە ئوتتۇرغا قۇيۇلغان . بۇ كىنو شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلىرىنىڭ كومىدىيە سىيۇژىتىدىكى كىنو ئىشلەپچىقىرىشىدا بىرقېتىملىق يۈرەكلىك ھالەتتە سىناپ بېقىشى بۇلۇپلا قالماستىن،يەنە ھەقىقى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغا كىنو بازىرىدىكى يول ئاچقان ئەسەر بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ .

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (13 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    53.8%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    30.8%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    7.7%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    7.7%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#