ئابدۇسالام ۋەلى

ئابدۇسالام ۋەلى

يىڭى دەۋېردىكى ياش ئۇيغۇر سەنئەتكار، رىژىسور، فوتوگىراف، كىنو-فىلىم سۈرەتچىسى، كىنو-فىلىم گۇزەل سەنئەت يىتەكچىسى ئابدۇسالام ۋەلى 1992-يىلى سانجى شەھىرى دە تۇغۇلغان. ساۋىس كۆرۈپ سىزىش سەنئەت ستۇدىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، جۇڭگو كىنو-تىلىۋىزىيە ئويۇشمىسىنىڭ ئەزاسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئابدۇسالام ۋەلى
مىللىتى ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1992-يىلى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى سىچۇەن گۇزەل-سەنئەت ئىنىستىتۇتى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى سانجى شەھىرى
كەسپى رىژىسسور، فوتوگىراف، كىنو-فىلىم سۈرەتچىسى، كىنو-فىلىم گۇزەل سەنئەت يىتەكچىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئابدۇسالام ۋەلىيىڭى دەۋېردىكى ياش ئۇيغۇر سەنئەتكار، رىژىسور، فوتوگىراف، كىنو-فىلىم سۈرەتچىسى، كىنو-فىلىم گۇزەل سەنئەت يىتەكچىسى ئابدۇسالام ۋەلى 1992-يىلى سانجى شەھىرى دە تۇغۇلغان.

2015-يىلى سىچۇەن گۇزەل-سەنئەت ئىنىستىتۇتى دارامما، كىنو-فىلىم گۇزەل سەنئەت لاھىيەلەش كەسپىنى پۇتتۇرگەن. ساۋىس كۆرۈپ سىزىش سەنئەت ستۇدىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، جۇڭگو كىنو-تىلىۋىزىيە ئويۇشمىسىنىڭ ئەزاسى.

ئابدۇسالام ۋەلى«تارىمنىڭ كۆز ياشلىرى ناملىق فىلىمنىڭ-گۈزەل-سەنئەت كۆرۈپ سىزىش لاھىيەسى ۋە فېلىمنىڭ ئىشلىنىش بايانى» ناملىق كىتابنى يازغان. بۇ كىتابتا بىرىنچىدىن «تارىمنىڭ كۆز ياشلىرى» ناملىق فېلىمنىڭ سۇرئەتكە ئىلىش ئالدىدىكى تەييارلىق، فىلىمنىڭ سۇرئەتكە ئىلىش جەريانى، فىلىمنىڭ كىيىنكى تەھرىرلەش ۋە گۈزەل-سەنئەت لاھىيەلەش توغىرىسىدىكى بارلىق جەريان تەپسىلى خاتېرلەنگەن.

ئىككىنچىدىن «تارىمنىڭ كۆز ياشلىرى» ناملىق فېلىمنىڭ تەقلىدىي فىلىم سۇرەتكە ئىلىش مەيدانى مودىلىنىڭ ياسىلىش جەريانى بىلەن مودىلنىڭ كۆرگەزمە قىلىنىش ئەھۋالى خاتىرلەنگەن بولۇپ، بۇ تەقلىدىي فىلىم سۇرەتكە ئىلىش مەيدانى مودىلى سەنئەتكارنىڭ بىر قانچىلىغان ئەسەرلىرى ئىچىدىكى نەمۇنە بولۇپ ھىسابلىنىدۇ!

بۇ ياش رىژىسورنىڭ 22 يىشىدا تۇنجى قىسقى فىلىمى «تارىمنىڭ كۆز ياشلىرى»نى ئۆزى سىنارىيە يىزىپ، ئۆزى رىژىسور بوپ، ئائىلىدىكىلىرى ۋە دوسلىرىنى ئارتىس، فىلىم ياردەمچىسى قىلىپ يىتەكلەپ  ئىشلىگەن.

ئۇ قاتناشقان كۆپلىگەن كىنو-فىلىم ئەسەرلىرى ئىچىدە، ئۆزى فىلىم ئىشلىگۇچى، سېنارىست، رىژىسسور، گۈزەل-سەنئەت يىتەكچىسى ۋە كىرىشتۇرگۈچى بولغان.

ئابدۇسالام ۋەلىئۇ ئىشلىگەن قىسقا فىلىم «تارىمنىڭ كۆز ياشلىرى» 2015-يىلى 6-ئايدا سىچۇەن گۇزەل سەنئەت ئىنىستىتۇتى كىنوخانىسىدا قويۇلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان قىسقىغىنە بىر يىلدا تۆۋەندىكى شەرەپلەرنىڭ ساھىبى بولغان:

ئامېرىكا سانفىرانسىسكو يىڭى ئۇقۇم خەلىقئارا كىنو بايرىمىدا «ئەڭ ياخشى جامائەت پاراۋانلىق فىلىمى» مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

ئاۋمىن خەلىقئارالىق كىنو-تىلىۋىزىيە بايرىمىدا «ئەڭ ياخشى فىلىم سىنارىيەسى» مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

خەيشىيا ئىككى قىرغاق خەلىقئارالىق مىكرو كىنو بايرىمىدا «ئەڭ ياخشى جامائەت پاراۋانلىق فىلىمى» مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

چۇڭچېڭ ياشلار كىنو-سەنئەت كۆرگەزمىسىدە «باھالىغۇچىلارنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ ياخشى فىلىم» مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

شىنجىن (جۇڭگو) خەلىقئارالىق مىكرو كىنو بايرىمىدا «كىنو فىلىم ساھەسىدىكى ئەڭ ئىلغار ياش رىژىسور» مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

شىياڭياڭ (جۇڭگو) سىتۇدىنتلار مىكرو كىنو كۆرگەزمىسىدە «ئەڭ ياخشى فىلىم سىنارىيەسى» مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

22-نۆۋەتلىك بېيجىڭ سىتۇدىنتلار مىكرو كىنو بايرىمىدا «ياخشى تاللانما ئەسەرلەر» مۇكاپاتى قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

ھەمدە ياۋروپا ۋەنشىياڭ خەلىقئارالىق كىنو-فىلىم بايرىمى، كانادا تورىنتو كىنفىن لوڭقىسى خەلىقئارالىق مىكرو كىنو بايرىمى، شىئەن(جۇڭگو) جىندەنرو خەلىقئارالىق مىكرو فىلىم سەنئەت بايرىمى، يىڭى يىپەك يولى چاڭئەن لوڭقىسى مىكرو كىنو بايرىمى قاتارلىق دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇسابىقە، كىنو-فىلىم بايرىمى ۋە سەنئەت كۆرگەزمىلىرىدە ياخشى باھا ۋە مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

بۇ جەرياندا دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى داڭلىق رىژىسورلار،كىنو ئىشلىگۇچىلەر ۋە چولپانلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغان. «تارىمنىڭ كۆز ياشلىرى» ناملىق ئەسىرى ھەرخىل سەنئەت كۆرگەزمىلىرىدە، كىنوخانىلاردا، تىلىۋىزىيە ئىستانىسىلىرىدا، ئىنتىرنىت تور تاراتقۇلىرىدا نۇرغۇن قىتىم قويۇلغان ھەمدە كۆرۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن.

مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ھەرخىل سۇرەت ۋە فىلىم سۇرئەتكە ئىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئۆزى ۋە  ئەتراپتىكى تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى خاتىرلەپ كەلگەن.

سىچۇەن گۇزەل-سەنئەت ئىنىستىتۇتى مىللىي مەدىنيەت ئويۇشمىسىنى قۇرغان ھەمدە ئويۇشما باشلىقى، كىنو-فىلىم ئىشلەش بۆلۇمنىڭ بۆلۇم باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى پىلانلاپ ۋە تەشكىللەپ مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن.

سىچۇەن گۇزەل-سەنئەت ئىنىستىتۇتى مىللىي مەدىنيەت ئويۇشمىسى كىنو-فىلىم بۆلۇمى «كىنو-فىلىم تەھرىرلەش تەربىيەلەش سىنىپى» ئىچىپ، باش مۇئەللىملىك خىزمىتىنى ئۆتىگەن.

 ئابدۇسالام ۋەلىنىڭ توختىماي تىرىششى نەتىجىسىدە ئويۇشما قۇرلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي سىچۇەن گۇزەل-سەنئەت ئىنىستىتۇتى 2011-، 2012-يىللىق «ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشكەن ئويۇشما» بولۇپ باھالانغان.

سىچۇەن گۇزەل-سەنئەت ئىنىستىتۇتى مودا ئىقىم ئويۇشمىسىنىڭ ئەزاسى سالاھىيتى بىلەن كۆپ قىتىم مودا كىيىم ھەپتىلىكى ۋە مودا كىيىم كۆرگەزمىلىرىگە قاتناشقان.

سىچۇەن گۇزەل-سەنئەت ئىنىستىتۇتى دارامما ئويۇشمىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، «ئەما ئادەم» ناملىق داراممىدا رول ئېلىپ مەكتەپكە ۋاكالىتەن 2012-يىللىق چۇڭچىڭ شەھەرلىك سىتۇدىنتلار دارامما بايرىمىغا قاتناشقان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#