مۈشۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋان

يولۋاس بولسا چوڭ تىپتىكى مۈشۈك ئائىلىسىگە تەۋە ھايۋان ،تۈكلىرىنىڭ رەڭگى سۇس سېرىق رەڭدە ياكى قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ ،بەدىنىدە توغرىسىغا قارا سىزىقچىللىرى بولىدۇ ،بېشى يۇمىلاق ،قۇلىقى قىسقا ،قۇلىقىنىڭ رەڭگى قارا رەڭدە ،ئوتتۇرسىدا بىر ئاق گەۋدىلىك بولغان نۇقتا بار ،پۇتلىرى ئىنتايىن كۈچلۈك .قۇيرۇقلىرى يوغان ھەم ئۇزۇن ،قارا رەڭلىك چەمبەرسىمان سىزىقلىرى بار

ئۇيغۇرچە ئىسمى يولۋاس
خەنزۇچە ئىسمى 老虎
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى گۆشخور ھايۋانلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى يىلپىز ئۇرۇقدىشى
ئېنگىلىزچە ئىسمى Tiger
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسىغا تەۋە
سىنىپى سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى مۈشۈك ئائىلىسى
تۈرى يولۋاس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يولۋاس تىپىك تاغ –ئورمانلاردا ياشايدىغان ھايۋانلار تۈرى يولۋاس دائىم يالغۇز ھەرىكەت قىلىدۇ ،پەقەت كۆپىيىش مەزگىلىدە بىللە ياشايدۇ،مۇقىم ماكانى يوق ،كۆپىنچە ئورمانلىقلاردا يۈرۈپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ ،سۇ ئۈزەلەيدۇ لېكىن دەرەخكە يامىشىشنى بىلمەيدۇ ،يولۋاس كۆپىنچە گۇگۇمدا ھەرىكەت قىلىدۇ،كۈندۈزى ئارام ئالىدۇ ،شەپە بولمىسا ئاسانلىقچە چىقمايدۇ ،يولۋاسنىڭ ھەرىكەت قىلىش دائىرىسى بىرقەدەر كەڭ ئوزۇقلۇق ئىزدەش دائىرىسى ئون نەچچە كېلومېتىرغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ 

  يولۋاسنىڭ بەدەن قىياپىتى ئىنتايىن ھەيۋەت ،تۈكىنىڭ رەڭگى چىرايلىق ،بېشى يۇمىلاق ،كۆزى چوڭ ،ئاغزىنىڭ ئەتراپىدا ئاق-قارا ئارىلاش يېرىك بۇرۇتى بار ،ئۇزۇنلىقى 15 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ،بويۇن قسىمى توم ھەم قىسقا ، مۈرە ۋە كۆكرەك قىسىمى ، قورساق قىسقمى ،ساغرا قىسىمى بىر قەدەر تار ،ياپىلاق كۆرىنىدۇ ،پۇتلىرى ئىنتايىن كۈچلۈك ،قوزۇق چىشى ۋە تىرناقلىرى ئىنتايىن ئۆتكۈر ،پۈتۈن بەدىنى ،قورساق ۋە پۇت قىسىملىرىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئاق –قارا ئارىلاش سىزىقچىلار بار ،پىشانىسىدا خەنزۇ تىلىدىكى پادىشاھ خېتىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان قارا سىزىقچىللىرى بولۇپ ،تېخىمۇ ھەيۋەت كۆرسىتىدۇ ،شۇنىڭ ئۈچۈن «تاغ پادىشاھى»ياكى «ھايۋانلار پادىشاھى»دەپ ئاتالغان .

       شەرقى شىمال يولۋىسى ،جەنۇبى جوڭگۇ يولۋىسى ،بالى يولۋىسى ،ھىندىچىنى يولۋىسى ،مالايشىيا يولۋىسى ،ياۋايولۋىسى ،سۇماترا يولۋىسى ،بېنگال يولۋىسى ،كاسپىي دېڭىز يولۋىسى قاتارلىق تۈرلىرى بار 

 

         يولۋاس يالغۇز ھەركەت قىلىدىغان ھايۋان ،ھەربىر يولۋاسنىڭ  ئۆزىگە خاس تېروتېرىيىسى بولىدۇ ،مۇقىم ماكانى بولمايدۇ ،ھەرىكەت دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ 

،ئادەتتە 100 كۇۋادىرات كېلومېتىردىن 400 كۇۋادىرات كېلومېتىر  ئەتراپىدا بولىدۇ .ئەڭ چوڭ بولغاندا 900 كۇۋادىرات كېلومېتىرغىچە يېتىدۇ ،ئەڭ ياخشى بولغان مۇداپىئە قورالى بولسا قوزۇق چىشى ۋە ئۆتكۈر تىرنىقى ،ئۇزۇقلۇق تۇتۇشتىكى سۈرئىتى ئىنتايىن تېز ھەم كەسكىن ،ئەڭ تۆۋەن بولغان ئېنىرگىيە بىلەن ئەڭ چوڭ ھالەتتىكى ئولجىغا ئېرىشىش ئوزۇقلۇق تۇتۇشتىكى پىرىنسىپى ،ئوزۇقلىنىش خۇسۇسىيىتى جەھەتتىن چوڭ تىپتىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنى ئاساس قىلىدۇ ،مەسىلەن ؛ياۋا ئات ،ئارقار ،ياۋا كالا ،ياۋا توڭگۇز ،ياۋا ئېشەك ،قوڭۇر بۇغا قاتارلىق ھايۋانلار ،ھەرقېتىملىق ئوزۇقلىنىش مىقدارى 17 كېلوگىرامدىن 22 كېلوگىرامغىچە ،ئاندىن 6 كۈنگىچە گۆش يېمىسىمۇ بولىدۇ ،بەزىدە يەنە كىچىك ھايۋانلارنىمۇ تۇتۇپ يەيدۇ مەسىلەن؛قۇش تۈرى ،مايمۇن ،بېلىق قاتارلىقلار ،ئەگەر ئولجىنى يەپ بولالمىسا ،ئېشىپ قالغان قىسىىمىنى سۇدىن يېراق بولمىغان يەرگە يوشۇرۇپ قويۇپ ،نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن كېلىپ يەيدۇ .

    يولۋاس ئادەتتە ئۆزىنىڭ تېروتېرىيىسى ئىچىدە يالغۇز ياشايدۇ ،بۇ دائىرە ئادەتتە چەمبەرسىمان ھالەتتە 40 كېلومېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ ، يالغۇز ياشايدىغان يولۋاسلار ئۆزگىچە بولغان ئۇسۇللار ئارقىلىق ئالاقىنى بەلگىلەيدۇ ، ھۆركىرەش ياكى پۇراق قالدۇرۇش ئارقىلىق ئۆز تەۋەلىكىنى بەلگىلەيدۇ ھەم قوغدايدۇ ،چىشى يولۋاس بوغاز بولۇشقا باشلىغان ۋاقىتتا ،يەنىلا يالغۇز ياشايدۇ،كۈيلەش جۈپلىشىش مەزگىلى 11 –ئايدىن 2 – ئايغىچە ،كۈيلەش مەزگىلىدە يولۋاسنىڭ ئاۋازى ئىنتايىن ياڭراق بولۇپ ئىككى كېلومېتىر يېراقلىققا بارالايدۇ . بوغاز بولۇش مەزگىلى 105 كۈن ئەتراپىدا ،ھەر قېتىمدا بىردىن بەشكىچە تۇغالايدۇ ،ئومۇمەن ئىككى ئەتراپىدا بولىدۇ يېڭى تۇغۇلغان يولۋاس بەش ئالتە ئاي ئەتراپىدا سۈت ئېمىدۇ ،ئىككى ئۈچ يىل ئانا يولۋاسقا ئەگىشىپ ئاساسلىق ماھارەتلەرنى ئۆگىنىدۇ ، يولۋاسنىڭ ئۆمرى ئادەتتە 20 يىلدىن 25 يىلغىچە بولىدۇ .

   ئىنسانلارنىڭ يولۋاسنى  ھەددىدىن ئارتۇق تۇتۇشى ۋە ئۆلتۈرۈشى ھەمدە تەبىئەتنى نامۇۋاپىق ئېچىش سەۋەبىدىن يولۋاسنىڭ سانىنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ،نۆۋەتتە يولۋاس ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈر بولۇپ قالدى .ھەمدە دۆلەتنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلار قاتارىغا كىردى. [0]

شىر ۋە يولۋاسكىشىلەر شىرنى «ئافرىقا زومىگىرى» ، يولۋاسنى «ھايۋانلار پادىشاھى» دەپ ئاتىشىدۇ. بۇ ئىككى ئادەتتىن تاشقىرى يىرتقۇچ ھايۋاندىن قايسىسى يامانراق؟

تەبىئىي شارائىتتا، بۇ ئىككىسىنىڭ سوقۇشۇش پۇرسىتى بولمايدۇ، چۈنكى يولۋاس ئاسىيادا ياشايدۇ، شىر بولسا ئافرىقىدا زومىگەرلىك قىلىدۇ، شۇنداق بولسىمۇ، ئالىملار ئۇلارنىڭ بەدەن شارائىتىغا ئاساسەن مۇنداق قىياس قىلغان:

ئەگەر شىر بىلەن يولۋاس بىرگە بىر ئېلىشسا، يولۋاس يامانراق كېلىشى مۇمكىن، چۈنكى يولۋاس سەزگۈرلۈك، چىداملىق ۋە ئېغىرلىق جەھەتتە شىردىن ئۈستۈن تۇرۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ شەرقىي شىمال يولۋىسىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 180 كىلوگرام كېلىدۇ، شىرنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 100 كىلوگرام كېلىدۇ.

كوللېكتىپ ئېلىشىش جەھەتتىن قارىغاندا، شىر يولۋاستىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، چۈنكى شىر كوللېكتىپ ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، يولۋاس بولسا ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەگەر ئىككى تەرەپ توقۇنۇشۇپ قالسا، بىر توپ شىر چوقۇم يولۋاسنى يېڭىۋالىدۇ.

ھازىر، شىر بىلەن يولۋاسنىڭ ئېلىشىشنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولمىسىمۇ، لېكىن، قەدىمكى رىم دەۋرىدە كىشىلەر شىر بىلەن يولۋاسنى بىر-بىرى بىلەن ئېلىشىشقا سالغان، نەتىجىدە ھەر قېتىمدا يولۋاس شىرنى يېڭىۋالغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    66.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    33.3%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#