كـلىنىكىلىق دىئـاگنوز

كـلىنىكىلىق دىئـاگنوز

 كـلىنىكىلىق دىئـاگنوز بـولـسا كېسەللىكلەرنـى تـونـۇش جـەريانى بـولۇپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشنىڭ مۇھىم ئاساسى بولىدۇ. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى كـلىنىكىلىق دىئـاگنوز

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كـلىنىكىلىق دىئـاگنوز بـولـسا كېسەللىكلەرنـى تـونـۇش جـەريانى بـولۇپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشنىڭ مۇھىم ئاساسى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈر بولغان توغرا ماتېرىياللارنى توپلاپ، ئۇلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەھلىل قېلىش، بىرلەشتۈرۈش، پەرەز قېلىش ۋە ھۆكۈم قېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

كلىنىكىلىق دىئاگنوزدا ئاساس قىلىدىغان ماتېرىياللار – كېسەللىك تارىخىنى سوراش، بەدەن تەكشۈرۈش، زۆرۈر بولغان لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە سايمان بىلەن تەكشۈرۈشنىڭ بارلىق نەتىجىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ماتېرىياللارنى يىغىشتا ماتېرىيال مەنبەسىنىڭ ئوبيېكتىپ، ھەقىقىيلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئىمكانقەدەر توپلانغان ماتېرىيالنىڭ ئەتراپلىق ۋە سىستېمىلىق بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم. پەقەت ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي ماتېرىيال ھۆكۈم قىلىش جەريانىدا ئىشەنچلىك ماتېرىيال بولالايدۇ.شۇنداقلا توغرا دىئاگنوزنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى بولىدۇ. كلىنىك ئەمەلىيەتنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، بىمارلارنى يۇقىرى دەرىجىدە مەسئۇل بولۇش رولى ۋە سالماق، ئەستايىدىل پوزىتسىيە بىلەن ئەتراپلىق، چوڭقۇر، ئىنچىكىلىق بىلەن سوراپ تەكشۈرۈش ۋە باشقا تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىش لازىم. تەكرارلىنىشتىن قورقماسلىق، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان مۇرەككەپ ھادىسىلەردىن قاچماسلىقىمىز لازىم. سۇبيېكتىپ خاھىش بويىچە مۆلچەرلەش ۋە ئاساسسىز بولغان ئالدىنئالا ھۆكۈملەرنى كونكرېتنى رېئاللىققا زورمۇ-زور تېڭىپ، خالىغانچە ئۇيان – بۇيان قىلىشقا تېخىمۇ يول قويۇلمايدۇ. كېسەللىك ئارخىپلىرى، كېسەللىك پەيدا بولۇش ۋە داۋالاش جەريانلىرىدىكى پۈتۈن ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىپ بېرىش لازىم. بىمار سۆزلەپ بەرگەن كېسەللىك ئەھۋالى ئېھتىمال قالايمىقان، تەرتىپسىز بولۇپ، ئالدى – كەينى باغلاشماسلىقى مۇمكىن. كېسەل باشلانغاندىن بېرى دىئاگنوز ۋە داۋالاشقا قارىتا بىمارنىڭ ھېسسىياتى كۆپ تەرەپلىمە بولىشى مۇمكىن. بەدەن تەكشۈرۈش ۋە باشقا سايمانلار بىلەن تەكشۈرۈشكە قارىتا قائىدە، بەلگىلەنگەن مەزمۇن ۋە مەزمۇنلارغا ئاساسەن ئەتراپلىق كۆزىتىش لازىم. نۇرغۇن ئارخىپلاردىكى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدە كېسەلنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولماسلىقى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ھاللاردا ئاساسلىقى كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دەسلەپكى دىئاگنوزنى قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. پەقەت بىمارنىڭ كېسەللىك تارىخى ۋە بەدەن تەكشۈرۈش، سايمان بىلەن تەكشۈرۈشلەردىكى تولۇق نەتىجە ياكى تەكرار تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن ئەستايىدىللىق بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بارغاندا، ئاندىن بىر قەدەر ئەتراپلىق ۋە توغرا بولغان دىئاگنوز تۇرغۇزغىلى بولىدۇ. توپلانغان ماتېرىياللار ئەتراپلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇ سىستېمىلىق بولۇشى لازىم. كېسەللىك تارىخىنى سوراش جەريانىدا، بىمار سۆزلەپ بەرگەن ئايرىم ئالامەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىخچام باغلىنىش ۋە ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا ئۈزلۈكسىز پىكىر قىلىشنى ئۆگىنىش لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەدەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، چوڭ–كىچىكلىـكى ئوخشـاش بولـغان ھـەر خىـل كېـسەللىـك ئۆزگىرىشلەردىكى بەدەن بەلگىلىرىنىڭ پاتولوگىيىلىك ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى باغلىنىشىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىش لازىم. كېسەللىك ئەھۋالى ماتېرىياللىرىنى يىغىشتا، ئۇنىڭ تەپسىلىي بولۇشىدىن زېرىكمەسلىكىمىز لازىم. ئەمما يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغان تەكشۈرۈشلەرنىڭ بارلىقىنى پىلانلىق ۋە مەقسەتلىك ھالدا ئېلىپ بېرىش لازىم. خۇلاسىلانغان نۇقتىلىق ئالامەتلەرگە قارىتا قايتا–قايتا چوڭقۇر سوراپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى سىستېمىلىق ۋە لوگىكىلىق قىلىپ چىقىش لازىم. بەدەن تەكشۈرۈشتە بايقالغان سېزىم بەدەن بەلگىلىرىگە قارىتا، ئۇلاردىكى ئۆزگىرىشنى قايتا – قايتا تەكشۈرۈش، زۆرۈر بولغان لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە باشقا سايمان بىلەن تەكشۈرۈشلەرگە بىرلەشتۈرگەندە، كېسەللىك ئەھۋالى ماتېرىياللىرىنى ئەتراپلىق ھەم سىستېمىلىق تۈردە ئىگىلەشنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ماتېرىياللارنى رەتلەش خىزمىتىدە ئەتراپلىق توپلاش بىلەن سىستېمىلىق رەتلەشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشكە دىققەت قىلىش لازىم. كېسەللىك تارىخى ۋە ھەر خىل تەكشۈرۈشلەردىكى بارلىق ماتېرىياللار ھېسسىي بىلىشنىڭ مەزمۇنى بولىدۇ. بىمارلار تەمىنلىگەن بارلىق ماتېرىياللار كۆپىنچە ئايرىم ياكى بىر بۆلەك ھەقىقەت ياكى ھادىسىلەردىن ئىبارەت بولۇپ، سىستېمىلىق خۇسۇسىيىتى كەم بولىدۇ. بەزى ئوبيېكتىپ تەكشۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن ماتېرىياللارنىڭمۇ ھازىرقى كېسەللىك بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولماسلىقى مۇمكىن. كېسەللىك ماھىيىتى تولۇق، ھەقىقىي ئىنكاس قىلىپ بېرىش ئۈچۈن، چوقۇم توپلاش، يىغىنچاقلاش، رەتلەش ئارقىلىق قولغا كەلگەن ماتېرىياللاردىن ئاساسلىق زىددىيەتنى تۇتۇپ، شاكىلىنى چىقىرىپ تاشلاپ، مېغىزىنى ئېلىپ، ساختىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، راستىنى قالدۇرۇپ، كاللىمىزدا تەھلىل قىلىش، بىرلەشتۈرۈش ۋە مۆلچەرلەپ پىكىر قىلىش جەريانلىرى ئارقىلىق ئۇنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئەقلىي بىلىش دەرىجىسىگە يەتكۈزۈپ ھۆكۈم قىلىشمىز لازىم. ئالدى بىلەن ھەر بىر ماتېرىيالنىڭ راستلىقى ۋە ئىشەنچىلىكلىكىگە قارىتا چۈشەنچە ھاسىل قىلىش لازىم. نۇرغۇن روھىي ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىكلەردە ئالامەتلەر كۆپ خىل، ئىپادىلىنىشى مۇرەككەپ بولىدۇ. ئۇلارنى يىغىنچاقلاپ تەھلىل قىلىش جەريانىدا تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇش لازىم. ئالامەتلەر پەيدا بولۇشنىڭ ئالدى – كەينىدىكى ئەھۋاللار ۋە ھەر بىرى ئالامەتلەر پەيدا بولۇشنىڭ ئىلگىرى– كېيىنلىك تەرتىپى ۋە تەرەققىياتىغا ئاساسەن، كېسەللىك پەيدا بولۇپ تەرەققىي قىلىش قانۇنىيىتىنى مۇۋاپىق پەرەز قىلىش لازىم. ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك پاتولوگىيىلىك بەدەن بەلگىلىرى ۋە ھەرخىل تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئومۇمىي بەدەن ۋە يەرلىك قىسىمدىكى پاتولوگىيىلىك شەكىل ھالەت ۋە ئۆزگىرىش خاراكتىرىنى بىر قەدەر سىستېمىلىق ھالدا تونۇپ چىقىش لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ چىقىپ، دەسلەپكى قەدەملىك دىئاگنوزنى ئوتتۇرىغا قويغىلى بولىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ، دىئاگنوزنى تۇرغۇزۇشتا بىر نەچچە مۇناسىۋەتكە دىققەت قىلىش لازىم.

ھادىسە بىلەن ماھىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى

بىماردىكى سۇبيېكتىپ ئالامەتلەر ۋە ھەر خىل ئوبيېكتىپ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنىڭ ھەممىسى بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلىپ بېرىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىلا بىر خىل ھادىسە بولىدۇ. بىز ھادىسە ئارقىلىق ماھىيەتنى تونۇشىمىز لازىم. ھەر خىل تۈردىكى كلىنىك ئىپادىلەر ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ ھەقىقىي كۆرۈنۈشىنى تونۇپ، كېسەللىكنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش لازىم. مەسىلەن: تەب، يارقان، ئىستىسقا، يۈرەك ئۇچى رايونىدىن كېڭىيىش دەۋرىنىڭ گۈلدۈرماما شاۋقۇنى ئاڭلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كېسەللىكلەرنىڭ ئۆزىدىكى ھادىسە بولىدۇ. يالغۇز بىرلا ئالامەتنىڭ ئىپادىسىدىن ئۇنىڭ ماھىيىتىنى بىر قەدەر ئاسان تونۇپ چىققىلى بولىدۇ. ئەگەر كۆپ خىل مۇرەككەپ ئالامەتلىرى بولسا، ئۇنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ چىقىش بىر قەدەر قېيىن بولىدۇ. مەسىلەن: بىمارنىڭ بەدەن بەلگىسىدە پەقەت يۈرەك ئۇچى رايونىدا كېڭىيىش دەۋرلىك گۈلدۈرماما شاۋقۇنىدىن ئىبارەت مۇشۇ بىر پاتولوگىيىلىك ھادىسە بولسا، ئۇنىڭ ماھىيىتى مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تارىيىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، بۇ بىر ئۆزگىرىشنى ئادەتتە رېماتىزم كەلتۈرۈپ چىققان كلاپان پەردىسىنىڭ چاپلىشىپ تارىيىشى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر بىر نەپەر رېماتىزم خاراكتېرلىك ئىككى قاپقاقلىق كلاپان كېسەللىك ئۆزگىرىش بولغان بىماردا كۆپ خىل مۇرەككەپ ئالامەت ۋە بەدەن بەلگىلىرىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئەگەر بىر ۋاقىتتا قىززىش، قان ئازلىق، تال چوڭىيىش، تېرىدە قاناش نوچكىلىرى بولۇش، قاندىكى ئاق قان ھۈجەيرىسى يۇقىرىلاش قاتارلىقلار بولسا، ئۇ چاغدا رېماتىزم خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى بىلەن ئاغرىغان بىمارنىڭ كېسەللىك خاراكتېرى ئاللىقاچان ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئوفۇنەتلىك يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى شەكىللىنىش ئېھتىمالى بولىدۇ. دىئاگنوز جەھەتتىكى ئۆزگىرىش مۇقەررەركى داۋالاش تەدبىرى جەھەتتىمۇ مۇناسىپ ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مانا بۇ ھادىسە بىلەن ماھىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تونۇشتىكى مەقسەت.

ئورتاقلىق بىلەن ئايرىمىلىقنىڭ مۇناسىۋىتى

ئورتاقلىق بىلەن ئايرىمىلىقنىڭ مۇناسىۋىتى بولسا، ئوخشاشلىق بىلەن ئالاھىدىلىكنىڭ مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بولىدۇ. مەسىلەن: ئىستىسقا بولسا، يۈرەك كېسىلى، بۆرەك كېسىلى، جىگەر كېسىلى ۋە ئوزۇقلىنىش ناچارلىشىش قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئورتاق ئىپادىسى بولىدۇ. ئەمما ئوخشاش بولغان كېسەللىكلەردە سۇلۇق ئىششىقنىڭ پەيدا بولۇش مېخانىزمى ئانچە ئوخشاش ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قايسىسىدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك بولىدۇ. يۈرەك مەنبەلىك سۇلۇق ئىششىق كۆپىنچە تۆۋەندىكى مۈچىدىن باشلىنىش بىلەن بىللە، بەدەن ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۆرەك مەنبەلىك سۇلۇق ئىششىق بولسا، ئالدى بىلەن كۆز قاپىقى قاتارلىق تېرە ئاستى توقۇلما شالاڭ جايلردىن باشلىنىدۇ. خۇسۇسىيىتى يېقىن بولغان ئوخشاش خىلدىكى كېسەللىكلەردە ئۇلارنىڭ ئورتاق ئىپادىلىرى شۇنچە كۆپ بولىدۇ. مەسىلەن: قىززىش، يۆتىلىش، ئاق قان ھۈجەيرىسى يۇقىرىلاش بولسا، نەپەس سىستېمىسىدىكى ياللۇغلىنىش مەنبەلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئورتاق ئىپادىسى بولۇپ، ئەگەردە بىرلا ۋاقىتتا كۆكرەك ئاغرىش، يىرىڭلىق بەلغەم تۈكۈرۈش، نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىقلار بولسا، ئۇ چاغدا ئۆپكە ياللۇغى ياكى ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى قاتارلىقلارنى مۇشۇ خىل جاراسىملىق يۇقۇملىنىشلاردىن ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر خىل كېسەللىكلەردىكى ئاساسىي ئورتاق ئالامەتلەرنى ئىگىلىگەندە، دىئاگنوز قويۇشتا توغرا يۆنىلىشنى تاپقىلى بولىدۇ. ئەمما پەقەت بەزى كېسەللىكلەرنىڭ ئورتاق قانۇنىيىتىنى تونۇشنىڭ ئۆزىلا دىئاگنوز مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە ھەر بىر كېسەلنىڭ ئالاھىدە قانۇنىيەتلىرىنى تونۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقىنىڭ كېسەللىك خۇسۇسىيىتى ۋە كلىنىك ئىپادىلىرى جەھەتتە نۇرغۇن ئوخشىماسلىقلىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقىدا ئۆپكە توقۇلمىسىدا چوڭ دائىرىدە بۇزۇلۇش بولغانلىقىدىن، خەپرۈك مىقدارى كۆپ، كۆپىنچە يەنە قان تۈكۈرۈشمۇ بولىدۇ. يۇقۇملانغان جاراسىم مۇرەككەپ بولغانلىقتىن، كۆپىنچە يىرىڭلىق سېسىق خەپرۈك تۈكۈرىدۇ، كېسەللىك جەريانىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ، رېنتىگېندە تەكشۈرگەندە كاۋاك كۆرۈلىدۇ، چوڭ بۆلەكلىك ئۆپكە ياللۇغىدا ئادەتتە بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەر بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئورتاقلىق بىلەن ئايرىمىلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى تونۇشتا، ھەر قايسى كېسەللىكلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە قارىتا تەپسىلىي ئانالىز قىلىش ۋە سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشقا دىققەت قىلغاندا، كېسەللىكلەرگە بىر قەدەر توغرا دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ.

ئاساسىي زىددىيەت بىلەن ئاساسلىق بولمىغان زىددىيەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى

كېسەللىكلەرنىڭ جەريانى مۇرەككەپ بولۇپ، كۆپىنچە نۇرغۇن ئالامەت ۋە بەلگىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇشتا، مۇرەككەپ كلىنىك ئىپادىلەر ئىچىدىن ئاساسلىق بولمىغان ۋە ئاساسلىق بولغان تەرەپلەرنى ئايرىپ چىقىپ، ئۇنىڭدىكى ئاساسىي زىددىيەتنى تېپىپ چىقىش لازىم. ئاساسلىق زىددىيەتنى تونۇشتا بولسا، بىماردىكى كلىنىك ئىپادىلەر ئىچىدىن ئەڭ ئاساسلىق ئالامەتلەرنى تونۇش دېگەنلىكتۇر. ئاساسىي زىددىيەتنى تونۇشتا ئۈچ تەرەپتىن قول سېلىشقا بولىدۇ. بىرىنچىدىن، بىمارنىڭ مۇھىم زارىغا ئېتىبار بېرىش لازىم. چۈنكى مۇھىم زارى كۆپىنچە بىماردىكى ھازىرقى ئاساسلىق كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئەڭ دىئاگنوزلۇق ئەھمىيىتى بولغان ئالامەت ۋە بەدەن بەلگىلىرىنى تونۇش لازىم. ئۈچىنچىدىن، ھەر خىل كلىنىك ئىپادىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەت ۋە ھەرىكەتلىك ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلىش لازىم. مەسىلەن: بىر نەپەر ئوتتۇرا ياشلىق بىماردا ئۇزۇن يىللىق يۆتىلىش، ھاسىراش، يۈرەك سېلىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قورساق كۆپۈش، سۈيدۈك ئازلاش، تۆۋەنكى مۈچە ئىششىش، كۆكىرىش، بويۇن ۋېناسى كۆپۈش، جىگەر چوڭىيىش، ئوڭ قېرىنچا كېڭىيىش قاتارلىق ئىپادىلەر بولۇپ، سۈيدۈكتىن ئاز مىقداردا ئاقسىل ۋە سلىندىر كۆرۈلسە، بۇنىڭ ئىچىدە ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ئالامەتلىرىدىن ئىشتىھاسىزلىق، قورساق كۆپۈش، جىگەر چوڭىيىشلار بار. سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېما ئالامەتلىرىدىن سۈيدۈك ئازلاش، ئىستىسقا ۋە سۈيدۈكنى لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈشتىكى ئۆزگىرىشلەر بولسىمۇ، لېكىن قان ئايلىنىش سىستېمىسى ئالامەتلىرى ۋە بەدەن بەلگىلىرى يەنىلا ئاساسلىق بولىدۇ. مەسىلەن: يۈرەك سېلىش، ھاسىراش، كۆكىرىش، بويۇن ۋېناسى كۆپۈش، ئوڭ قېرىنچە كېڭىيىش قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ بولىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ يىلدىن بېرى يۆتىلىش تارىخى بولغان بىر ئوتتۇرا ياشلىق كىشىنى بىرلەشتۈرگەندە بۇلارنىڭ ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى ئېھتىمالىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھەزىم قىلىش ۋە سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى ئالاھىدىلىكلىرى پەقەت ئانچە مۇھىم بولمىغان زىددىيەت بولىدۇ. ئۇنداق بولىشى ۋە ئالامەتلەر يۈرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىق سەۋەبىدىن ئاشقازان، ئۈچەي ۋە بۆرەك قان ئايلىنىشقا قان قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن پەيدا بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن گىرەلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ كلىنىك ئىپادىلەر ئىچىدە پەقەت ئاساسلىق زىددىيەتنى تونۇپ، ئاساسلىق بولمىغان زىددىكەتكىمۇ سەل قارىمىغاندا ئاندىن توغرا دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ.

يەرلىك قىسىم بىلەن پۈتۈن بەدەننىڭ مۇناسىۋىتى

ئادەم ئورگانىزمى بىرلىككە كەلگەن بىر پۈتۈن گەۋدىدىن ئىبارەت بولۇپ، ھەر قايسى سىستېما ۋە ھەرقايسى ئەزالارنىڭ گەرچە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىقى بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۆزئارا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. يەرلىك قىسىمدىكى ئالامەت ۋە كېسەللىك ئۆزگىرىشلەر كۆپىنچە پۈتۈن بەدەنلىك كېسەللىك ئىپادىلىرىنىڭ بىر قىسمى بولىدۇ. شۇنداقلا ئومۇمىي بەدەنلىك ئالامەتلەر ۋە كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يەرلىك قىسىمدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دىئاگنوز قويۇش جەريانىدا، چوقۇم يەرلىك قىسىمدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى بىلەن پۈتۈن بەدەنلىك ئەھۋالىنى بىرلەشتۈرۈپ ئويلىنىش لازىم. بىپەرۋالىق بىلەن بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا كلىنىك ئالامەت ۋە بەدەن بەلگىلىرىگە يەككە – يېگانە قارايدىغان خاتا كۆز قاراشقا قارشى تۇرۇش لازىم. مەسىلەن؛ رېماتىزم قىزىتمىسىنى مىسالغا ئالغاندا، ئۇ پۈتۈن بەدەنلىك كېسەللىك بولۇپ، قىززىش، ئاق قان ھۈجەيرىلىرى كۆپىيىش، قان چۆكۈش سۈرئىتى تېزلىشىش قاتارلىق ئىپادىلەر بولىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا بوغۇم، يۈرەك ۋە نېرۋا سىستېمىسى (مەسىلەن: ئۇسسۇل كېسىلى) قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ يەرلىك ئىپادىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر پەقەت ئۇنىڭدىكى نېرۋا سىستېمىسى ھەرىكەت نورمالسىزلىقىدىكى ئىپادىلەرگە دىققەت قىلىپ، بىمارنىڭ باشقا توقۇلما ئەزالىرىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىگە سەل قارايدىغان بولسا، ئۇ چاغدا خاتا دىئاگنوز قويۇش ۋە خاتا داۋالاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. يەنە بىر مىسال: يىرىڭلىق قوشۇمچە بۇرۇن كاۋاك ياللۇغى ياكى يىرىڭلىق ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى، ئەمچەكسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى بىلەن ئاغرىغان بىماردا ئومۇمىي بەدەنلىك ئالامەتلەر بىر قەدەر روشەن بولىدۇ. ئەگەر پەقەتلا ئۇلاردىكى قىزىش، توڭۇپ – تىترەش، باش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەرگە دىققەت قىلىپ، يەرلىك قىسىمنى تەكشۈرۈشكە سەل قارايدىغان بولسا، ئوخشاشلا دىئاگنوز قويۇشقا تەسىر يەتكۈزۈپ، بىمارغا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دىئاگنوز قويۇش جەريانىدا يەرلىك قىسىم بىلەن پۈتۈن گەۋدىنىڭ مۇناسىۋىتىگە دىققەت قىلىپ، پۈتۈن گەۋدە كۆز قارىشىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، كلىنىك ماتېرىياللارنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلغاندىلا ئاندىن توغرا دىئاگنوز قويۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

ئەزالار خىزمىتى مەنبەلىك كېسەللىك بىلەن ئاناتومىيىلىك كېسەللىكلەرنىڭ مۇناسىۋىتى

ئەزالار خىزمىتى مەنبەلىك كېسەللىك بىلەن ئاناتومىيىلىك كېسەللىكلەرنىڭ پەرقىنى ئاسان ئايرىغىلى بولمايدۇ. ئالىي نېرۋا خىزمەت پائالىيىتىنىڭ پۈتۈن بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزا، توقۇلمىلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ۋە پاتولوگىيىلىك ئۆزگىرىشىگە قارىتا ناھايىتى مۇھىم تەسىرى بولىدۇ. مەسىلەن: نېرۋا ئاجىزلىقىدا نۇرغۇن ئالامەتلەر بولۇپ، بەدەن تەكشۈرۈشتە نورمالسىز بەدەن بەلگىلىرى بولمايدۇ. بەزى بىمارلاردا كۆرۈنەرلىك ئالامەتلەر بولۇپ، نورمالسىز بەدەن بەلگىلىرىنى بايقىغىلى بولمايدۇ. ئەمما بۇلاردا ئاناتومىيىلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ بولماسلىقى ناتايىن. بۇنداق بولۇش ئېھتىمالى بەزى ئاناتومىيىلىك كېسەللىكلەرنىڭ بالدۇرقى دەۋرىدە ئورنى ياكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ كىچىكرەك بولىشى سەۋەبىدىن كۆرۈنەرلىك بەدەن بەلگىلىرى بولماسلىقى مۇمكىن. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، نورمالسىز بەدەن بەلگىلىرىنى چوقۇم ئاناتومىيىلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ ناتايىن بولۇپ، مەسىلەن: يۈرەك قېتىمىنىڭ تېزلىشىشى روھىي ھاياجانلىنىشتىن بولۇپ، ۋاقىتتىن بۇرۇن قىسقىرىش ياكى يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىشلەردىمۇ كۆپىنچە يۈرەكتە ئاناتومىيىلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولمايدۇ. ئەزالار خىزمىتى مەنبەلىك كېسەللىك بىلەن ئاناتومىيىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئېھتىمالىنى كۆپ ئويلىغاندا ئاندىن ئامال قىلىپ، دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىققىلى بولۇپ، كېسەلگە تەسىر قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. پەقەت ئومۇميۈزلۈك كېسەللىك پەرقىنى تەھلىل قىلىش ۋە تەكرار – تەكرار لابوراتورىيىدە تەكشۈرۈش ياكى زۆرۈر بولغان سايمانلار بىلەن تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق نورمالسىزلىق بايقالماي، ئاناتومىيىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئېھتىمالىنى تامامەن ئىنكار قىلىشقا بولغاندىلا، ئاندىن ئەزالارنىڭ خىزمىتى خاراكتېرلىك كېسەللىك ئېھتىمالىنى ئويلىنىشقا بولىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=1095

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#