قىزىل دەرەخ
قىزىل دەرەخ تروپىك بەلۋاغ، سۇبتروپىك بەلۋاغ دېڭىز ساھىللىرىدىكى سازلىقلاردا ئۆسىدىغان بىر خىل كىچىك دەرەخ بولۇپ، دۇنيادا جەمئىي 82 تۈرى، مەملىكىتىمىزدە 29 تۈرى بار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قىزىل دەرەخ تروپىك بەلۋاغ، سۇبتروپىك بەلۋاغ دېڭىز ساھىللىرىدىكى سازلىقلاردا ئۆسىدىغان بىر خىل كىچىك دەرەخ بولۇپ، دۇنيادا جەمئىي 82 تۈرى، مەملىكىتىمىزدە 29 تۈرى بار. دېڭىز ياقىسىدىكى سازلىقلار بوش، يۇمشاق، يەنە كېلىپ دائىم دېڭىز دولقۇنىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ، ئادەتتىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇ يەردە ياشىيالىشى زادىلا مۇمكىن ئەمەس. قىزىل دەرەخنىڭ تەرەققىي قىلغان يىلتىز سىستېمىسى بولىدۇ، دەرەخ غولىدا يەنە نۇرغۇن گىرەلىشىپ كەتكەن تىرەك يىلتىزلىرى دېڭىز چۆكمە سازلىقلىرىغىچە ساڭگىلاپ كىرىپ، دەرەخ تېنىنى تىرەپ تۇرغاندىن باشقا، يەنە ھاۋا ئۆتۈشتۈرۈش ۋە نەپەسلىنىش رولىنى ئوينايدۇ.
قىزىل دەرەخ چېچەكلىگەندىن كېيىن دۈم نەشپۈت شەكىللىك مېۋە چۈشىدۇ. مېۋىسى پىشقاندىن كېيىن، ئۇرۇقى مېۋە ئىچىدىلا بىخلىنىپ، ئۆسۈپ سىلىندىر شەكىللىك تاياقچىغا ئايلىنىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 20 ~40 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ. خۇددى نۇرغۇن يېشىل رەڭلىك ئۇزۇن پۇرچاقلاردەك، ئېسىلىپ شاخلىرىغا تولۇپ كېتىدۇ. تۆرەلمىسى يېتىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئانا تەندىن ئايرىلىپ، ئېغىرلىق كۈچىگە تايىنىپ تۆۋەنگە چۈشۈپ، دېڭىز ياقىسىدىكى پاتقاق-لايلارغا سانجىلىپ كىرىدۇ. نەچچە سائەتتىن كېيىنلا يىلتىزلىرى ئۆسۈپ چىقىپ، يېڭى بىر ياش دەرەخقە ئايلىنىشقا باشلايدۇ. بۇنداق ئالاھىدە ئۇسۇلدا ئەۋلاد قالدۇرىدىغان ئۆسۈملۈكلەر» تۇغىدىغان ئۆسۈملۈكلەر «دېيىلىدۇ. لايغا سانجىلىپ كىرەلمەي قالغان قىزىل دەرەخ مايسىلىرى، سۇدا لەيلەپ باشقا دېڭىز ساھىللىرىغا بېرىپ ماكانلىشىدۇ. يۇمران دەرەخ مايسىسى تەركىبىدە تاننىن ماددىسى مول بولۇپ، چىرىپ سېسىپ كېتىشى ۋە دېڭىزدىكى ھايۋانلارنىڭ يەپ كېتىشىدىن مۇداپىئەلىنەلەيدۇ. قىزىل دەرەخنىڭ تىرىك تۇغىدىغان ئىقتىدارى بولغاچقا، ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ دېڭىز ساھىللىرىدا قىزىل دەرەخ ئورمانلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
قىزىل دەرەخنىڭ يىلتىزى تۇزغا قارشى تۇرالايدۇ ھەمدە دېڭىز سۈيىدىن ئوزۇقلۇقلارنى سۈمۈرەلەيدۇ. ئۇنىڭ يوپۇرمىقى ناھايىتى قاتتىق، يوپۇرمىقىدا ناھايىتى قېلىن موم ماددىلق ئېپىدېرمىسى ۋە نۇر قايتۇرۇش تۈزۈلمىسى بولۇپ، تېنىدىكى سۇلارنى ساقلاپ قالالايدۇ. يوپۇرمىقىدىكى تۇز چىقىرىۋېتىش بەزلىرى ئارتۇقچە تۇزلارنى ئۆسۈملۈك تېنىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتەلەيدۇ. كىشىلەر قىزىل دەرەخنى «ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدىكى دېڭىز سۈيىنى تاتلىقلاشتۇرغۇچى» دېيىشىدۇ. ھازىر ئالىملار قىزىل دەرەخنىڭ تۇزسىزلاشتۇرۇش فىزىئولوگىيىسىنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.
بۈك-باراقسان قىزىل دەرەخ ئورمانلىقى قاتتىق بوران، كۈچلۈك دولقۇنلارنىڭ دېڭىز ساھىلىغا بولغان ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇپلا قالماستىن، يەنە دېڭىز ساھىلىنى كېڭەيتەلەيدۇ. ئۇلار دېڭىز سۈيىدىكى چۆكۈندىلەرنى تۇراقلاشتۇرالايدۇ، بۇنىڭغا غازاڭلار، قۇشلارنىڭ ماياقلىرى قاتارلىق چىرىندىلەرنىڭ يىغىلىپ جۇغلىنىشى قوشۇلۇپ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يېڭى بىر كىچىك ئارال ياكى قۇرۇقلۇق شەكىللىنىدۇ. قىزىل دەرەخ ئورمانلىقى يەنە دېڭىز بويىدىكى قۇشلار ۋە بېلىق، راك، قىسقۇچپاقا قاتارلىقلارنى ياشاش ۋ كۆپىيىپ نەسىل قالدۇرۇش سورۇنى بىلەن تەمىنلەپ، دېڭىز ساھىلى ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش بازىسىغا ئايلانغان.
مەملىكىتىمىزنىڭ جېجياڭ، فۇجيەن، تەيۋەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشىلاردىن تارتىپ خەينەن ئۆلكىسىنىڭ دېڭىز ياقىلىرىغىچە تۈركۈم-تۈركۈم يېشىل قورغانلار مەملىكىتىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇبى دېڭىز ساھىللىرىنى قوغداپ تۇرماقتا. بۇلار كىشىلەر «دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەتچىسى» دەپ مەدھىيىلەيدىغان قىزىل دەرەخ (رىزوفورا دەرىخى) ئورمانزارلىقىنىڭ دەل ئۆزى. ئۇنىڭ قوۋزىقىدىن قوڭۇر-قىزىل بوياق ماتېرىيالى ياساشقا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن «قىزىل دەرەخ» دەپ ئاتالغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.