توشۇغۇچى راكېتا

توشۇغۇچى راكېتا

توشۇغۇچى راكېتادا ئىتتىرگۈچ(پروپېللانت) ، ماتور، ئوكسىدلىغۇچى رېئاگېنتنى ساقلاش ساندۇقى ۋە تىرەكلەردىن باشقا، راكېتانىڭ ئۇچۇشىنى تىزگىنلەيدىغان يول باشلاش ۋە كونترول سىستېمىسى، توك مەنبەسى، يىراقتىن تىزگىنلەش ۋە ئۆلچەش قۇرۇلمىلىرى بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى توشۇغۇچى راكېتا
چەتئەلچە نامى The launch vehicle
خەنزۇچە نامى 运载火箭

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

توشۇغۇچى راكېتائىنسانلارنىڭ يەر شارىدىن ئۇچۇپ چىققان تۇنجى قاتناش قورالى توشۇغۇچى راكېتادۇر.

بىرەر جىسىمنى يەر شارى ئاتموسفېراسىنىڭ سىرتىغا چىقىرىش ئۈچۈن، بۇ جىسىمنىڭ تېزلىكى كەم دېگەندە سېكۇنتىغا 9.7 كىلومېتىر بولۇشى كېرەك. ئاپتوموبىل، پويىزلارنىڭ مۇنچە چوڭ قۇۋۋىتى يوق؛ ئايروپىلان ماتورىنىڭمۇ كۈچى يەتمەيدۇ، چۈنكى ئاتموسفېرا قەۋىتىنىڭ سىرتى ۋاكۇئۇم(ھەقىقىي) بوشلۇق بولۇپ، ئوكسىگېن بولمىغاچقا، بېنزىن كۆيمەيدۇ، شۇڭا ئىتتىرىش كۈچىمۇ بولمايدۇ. توشۇغۇچى راكېتا يېقىلغۇ ۋە ئوكسىدلىغۇچى رېئاگېنتلارنى ئۆزى ئېلىۋالىدۇ، بۇلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئىتتىرگۈچ(پروپېللانت) دېيىلىدۇ. يېقىلغۇلاردىن كىرسىن، ئىسپىرت، ھىدرازىن(كاربون-ھىدروگېن بىرىكمىسى) ۋە سۇيۇق ھىدروگېن قاتارلىقلار بار، بۇلار ئايروپىلاندىكى بېنزىنگە توغرا كېلىدۇ؛ ئوكسىدلىغۇچى رېئاگېنت ھاۋادىكى ئوكسىگېنگە توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ رولى كۆيۈشكە ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت، ئادەتتە سۇيۇق ئوكسىگېن ۋە ئازوت (Ⅳ) ئوكسىد ئىشلىتىلىدۇ. راكېتا يېقىلغۇسىنى ئۆزى ئېلىۋالىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئالەم بوشلۇقىدىمۇ خىزمەت قىلىۋېرىدۇ. 

توشۇغۇچى راكېتادا ئىتتىرگۈچ(پروپېللانت) ، ماتور، ئوكسىدلىغۇچى رېئاگېنتنى ساقلاش ساندۇقى ۋە تىرەكلەردىن باشقا، راكېتانىڭ ئۇچۇشىنى تىزگىنلەيدىغان يول باشلاش ۋە كونترول سىستېمىسى، توك مەنبەسى، يىراقتىن تىزگىنلەش ۋە ئۆلچەش قۇرۇلمىلىرى بولىدۇ. يول باشلاش سىستېمىسى راكېتانىڭ ئۇچۇش سۈرئىتى ۋە ھالىتىنى ئۆلچەيدۇ ھەم ماتورنى ئوت ئالدۇرۇش ۋە ئۆچۈرۈشنى كونترول قىلىدۇ؛ كونترول سىستېمىسى راكېتانىڭ ئۇچۇش يۆنىلىشى ۋە ھالىتىنى ئاپتوماتىك تەڭشەيدۇ. 

سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئۇچار كېمە راكېتانىڭ ئۇچىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، سىرتىدا ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان قېپى بولىدۇ، ئۇ ھاۋا ئېقىمىنى تەڭشەش قېپى دەپ ئاتىلىدۇ. راكېتا قويۇق ئاتموسفېرا قەۋىتىدىن ئۆتكەندە، بۇ قاپ ھاۋانىڭ قارشىلىقىنى كېمەيتىدۇ، يەنە سۈنئىي ھەمراھنى يۇقىرى تېزلىكتە ئۇچقاندا ھاسىل بولغان يۇقىرى ھارارەتنىڭ زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلايدۇ. ۋاكۇئۇم بوشلۇققا يېقىنلاشقاندا ھاۋا ئېقىمىنى تەڭشەش قېپى راكېتادىن ئايرىلىپ چۈشۈپ قالىدۇ. 

توشۇغۇچى راكېتاتوشۇغۇچى راكېتانىڭ تۈرى كۆپ، ئادەتتىكىلىرى ئىككى ئۈگىدىن يۇقىرى كۆپ ئۈگىلىك راكېتادىن ئىبارەت. ئۇ قويۇپ بېرىلگەندە بىرىنچى ئۈگىسى، يەنى ئەڭ ئاستىدىكى ئۈگىسى ئوت ئېلىپ، راكېتانى ھاۋاغا ئېلىپ چىقىدۇ؛ مۇئەييەن تېزلىك ۋە ئېگىزلىككە يەتكەندە، بۇ ئۈگىدىكى ماتور ۋە ساقلاش ساندۇقى ئاپتوماتىك ئاجراپ، يۈك يېنىكلەيدۇ ۋە ئىككىنچى ئۈگىدىكى ماتور ئوت ئالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، راكېتا ئارقا-ئارقىدىن تېزلىنىش ئېلىپ، سۈنئىي ھەمراھ ياكى ئۇچار كېمىنى ئوربىتىغا يەتكۈزىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#