شېكەركۆل بازىرى

شېكەركۆل بازىرى

شېكەركۆل بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى پەيزىۋات ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان. شەرقتە مارالبېشى ئاچال، جەنۇبتا غولتوغراق يېزىسى، شىمالدا تەڭرىتاغ تېغى، كەلپىن تاغ سىستېمىسى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن قوشنا، يەر تۈزۈلۈشى بىر قەدەر تەكشى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1171 مېتىر، ئۆزىگە قاراشلىق ئومۇمىي كۆلىمى 198 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى شېكەركۆل بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 198 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 西克尔库勒镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى پەيزىۋات ناھىيەسى
نوپۇسى 1125 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شېكەركۆل بازىرىبازارلىق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق 3 ئاھالىلەر كومىتېتى بار، نوپۇسى 1125 ئادەم. بۇ بازار ئەسلىدە غولتوغراق يېزىسى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولغان. 1984-يىلى، ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شېكەركۆل بازىرى بولۇپ قۇرۇلغان. 1985-يىلى رەسمىي ئىشتاتلىق بازارغا ئايلانغان. شېكەركۆل بازىرى ۋاكالەت نومۇرى : 653129101. قاراشلىق 3 مەھەللە : 1-مەھەللە، 2-مەھەللە، 3-مەھەللە قاتارلىقلار. 1999-يىلى، شېكەركۆل بازىرىدا 210 ئائىلە، 1300 ئادەم بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 1250 كىشى؛ خەنزۇ 50، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %3.8؛ غەيرىي يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 35 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %2.7 نى ئىگىلەيدۇ. مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتىن بىر، ئوقۇغۇچى 253 نەپەر، ئوقۇتقۇچىلار 15 ئادەم، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %100 كە يەتكەن. 

شېكەركۆل بازىرىدىكى ھەر مىللەت خەلقى ساي كۆل ئەتراپىنى چۆرىدەپ ئولتۇراقلاشقان. يولدىن ئۆتكەن قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە مېھمانلارغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، مېھمانلارغا مۇلازىمەت قىلىش مەقسىتىدە، شېكەر سۇ ئامبىرى باشقارمىسى تەبىئىي شەكىللەنگەن، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتىنى ئاساس قىلغان كەنت بولۇپ، بۇ يەردە ساياھەت كوپىراتىپى قۇرۇلۇپ، ئاشخانا ئېچىلىپ، ماشىنا رېمونت قىلىش، پەيزىۋات قوغۇنىنى ئۇلاپ توشۇش سېتىش بازىرىغا ئايلانغان. بازارنىڭ تەدرىجىي كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ئارقا-ئارقىدىن پوچتا-تېلېگراف پونكىتى، بىڭتۇەن تىرانسپورت شىركىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى تاشيول ئاسراش ئۇچاستىكىسى، گىدرولوگىيە ئىستانسىسى، قىسىملارنىڭ ئالاقە پونكىتى، باش مەيدان مېھمانخانىسى، شىپاخانا، سودا–سانائەت، باج، ماي قاچىلاش پونكىتى قاتارلىق 10 نەچچە مۇلازىمەت ئاپپاراتى تەسىس قىلىنغان.  [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#