ۋېنىتسىيە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئىتالىيىنىڭ شەرقىي شىمالىغا، ئادرىياتىك دېڭىزغا تەۋە ۋېنىتسىيە قولتۇقىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان مۇھىم پورت، ئىتالىيىنىڭ مۇھىم سانائەت ۋە سودا مەركەزلىرىنىڭ بىرى. ئاھالىسى 362 مىڭدىن ئاشىدۇ، ۋېنىتسىيە قۇرۇقلۇقتىن 4 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دېڭىز تېيىزلىكىدىكى 118 ئارال ئۈستىگە جايلاشقان شەھەر، ئۇنى 117 سۇ يولى، 450 دىن ئوشۇق كۆۋرۈك بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇ «سۇدىكى پايتەخت» دەپ ئاتىلىدۇ، ۋېنىتسىيە شەھىرىگە مىلادىيە 5-ئەسىردە بالقان يېرىم ئارىلىدىن قاچقان بىر قىسىم خەلقلەر كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. 6-ئەسىردە ۋېنېتسىيە شەھىرى سېلىنغان. شەھەرنىڭ نامى لاتىن تىلىدا «ۋېنېتيە» دەپ ئاتالغان، ھازىرقى ۋېنېتسىيە دېگەن نام بۇرۇنقى ۋېنېيەنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى.
ۋېنىتسىيە شەھىرىگە مىلادىيە 5-ئەسىردە بالقان يېرىم ئارىلىدىن قاچقان بىر قىسىم خەلقلەر كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. 6-ئەسىردە ۋېنىتسىيە شەھىرى سېلىنغان. شەھەرنىڭ نامى لاتىن تىلىدا «ۋېنېتيە» دەپ ئاتالغان، ھازىرقى ۋېنىتسىيە دېگەن نام بۇرۇنقى ۋېنېيەنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى. ۋېنىتسىيە شەھىرى 10-ئەسىرگە كەلگەندە شەھەرلىك جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان. ئوتتۇرا ئەسىردە يەر ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى ئەڭ ئاۋات سودا مەركىزىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. شىمالىي ھەم جەنۇبىي ئامېرىكىغا بارىدىغان يېڭى سۇ قاتناش يولى ئېچىلغاندىن كېيىن، ۋېنېتسىيىنىڭ بۇرۇنقى يولى تەدرىجىي تۆۋەنلىگەن. 1866-يىلى ئىتالىيە پادىشاھلىقى تەركىبىگە قوشۇلغان.
ھازىر ئۇ ئىتالىيىنىڭ مۇھىم سودا-سانائەت، ساياھەت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ جاينىڭ رەڭلىك مېتاللۇرگىيە، كېمىسازلىق، نېفىت ئايرىش، خىمىيە، توقۇمىچىلىق، ئەينەك ۋە ھەرخىل ئېسلى قول ھۈنەرۋەنچىلىكى تەرەققىي قىلغان. ۋېنېتسىيە شەھىرىنىڭ يېنىدىكى مارگېرا پورتى ئاتاقلىق ھەم پاساژىر پورتى ھېسابلىنىدۇ.
ۋېنىتسىيە ئىتالىيىنىڭ مۇھىم ساياھەت مەركىزى.
ۋېنىتسىيە ئىتالىيىنىڭ مۇھىم ساياھەت مەركىزى، شەھەردە قەدىمىي ئەۋلىيا مارك مەيدانى ۋە باش ۋالىي مەھكىمىسى، سائەت بىناسى، چوڭ چېركاۋلار، ھەيۋەتلىك مېھمانخانىلار، سودا سارايلىرى ۋە باشقا دەم ئېلىش، ساياھەت قىلىش ئورۇنلىرى بار.
118 كىچىك ئارال ھاسىل بولغان ۋېنىتسىيە ، 10 - ئەسىردە ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ ئاساسلىق سۇ تىرانسپورت تۈگۈنى . ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا ،بۇ جايغا ساھايەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ يەردىن پەقەت ئايرىلغۇسى كەلمەيدۇ،چۈنكىئۇ بىر پارچە ئاجايىپ مەشھۇر ئىمارەت .
« غەربتىكى سۇجۇ » دەپ نام ئالغان ۋېنىتسىيەنىڭ تۆت ئەتراپىنى دېڭىز ئوراپ تۇرغان ، ئىتالىيەنىڭ شەرقىي دېڭىزىنىڭ ساھىلى ۋېرنېر تۆۋەن تەرىپى ئۆلكە خەرىتىدىن قارىغاندا ، ئىنتايىن گۈزەل بىر كۈرىنىدۇ.خۇددى جەننەتتەكلا ھەممە يىرى سۈپسۈزۈك سۇلار.....
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.