قاتلىما سامسا

قاتلىما سامسا بولسا ئۇن، پىياز، سۇ، تۇز، ئېرىتكەن قوي يېغى، قارىمۇچ ، گۆش ، زىرە، سۇ يېغى قاتارلىقلارنى ماتېرىيال قىلىپ تەييارلىنىدىغان يېمەكلىك ..

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كېرەكلىك ماتېرىيالىئۇن ئىككى كىلوگرام، پىياز 750 گرام، سۇ بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق، ئېرىتكەن قوي يېغى 250 گرام، قارىمۇچ ئازراق، گۆش بىر كىلوگرام، زىرە ئازراق، سۇ يېغى 500 گرام.

1. ئىلمان سۇغا تۇز سېلىپ تەڭشەپ، قاتتىق خېمىر يۇغۇرۇپ، ياخشى ئىشلەپ 10 مىنۇت تىندۇرغاندىن كېيىن، خېمىرنى نېپىز قىلىپ يۈزىگە ئېرىتكەن قوي يېغى سۈركەپ، بىر چەتتىن تۈرۈپ ئۇزۇنچاق قاتلىما قىلىپ، 20 گرامدىن زوۋۇلا ئۈزۈپ نېپىزلىتىپ جىلت ئېچىلىدۇ. 

2. گۆشنى قوناقتەك، پىيازنى ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا سوققان قارىمۇچ، زىرە، تۇز سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما جوپلاپ، تەييارلانغان قىيمىنى قىزىتلغان ياغقا سېلىپ، ئازراق قورۇپ پىششىق قىيما قىلىپ تەييارلىنىدۇ. 

3. تەييارلانغان جىلتىنىڭ ئىچىگە پىششىق قىيمىدىن سېلىپ سامسا شەكلىدە ياكى يۇمىلاق توقاچ شەكلىدە تۈگۈپ(ئاي شەكلىدە تۈگسىمۇ بولىدۇ) تەييارلىنىدۇ.

4. قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىتىپ، تۈگۈلگەن قاتلىما سامسىنى سېلىپ سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#