شىنجاڭ ئەدلىيە ساقچى-ئوفېتسىرلار مەكتىپى

شىنجاڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش خىزمىتى كادىرلار مەكتىپى، شىنجاڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ساقچىلار مەكتىپى، شىنجاڭ تۈرمە ساقچى ئوفىتسىرلار مەكتىپى قاتارلىق ناملارنى ئىشلەتكەن.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئەدلىيە ساقچى-ئوفېتسىرلار مەكتىپى
خەنزۇچە نامى 新疆司法警官学校

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش خىزمىتى كادىرلار مەكتىپى، شىنجاڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ساقچىلار مەكتىپى، شىنجاڭ تۈرمە ساقچى ئوفىتسىرلار مەكتىپى قاتارلىق ناملارنى ئىشلەتكەن. شىنجاڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش كادىرلار مەكتىپى 1981-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، 1-تۈرمە باشلانغۇچ مەكتىپىدە قۇرۇلغان. 1983-يىلى شىنجاڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ساقچىلار مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، 9-ئايدا تۇنجى قارار ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلغان ( باشقۇرۇش تەربىيىلەش كەسپىي) . 1984-يىلدىن 1985-يىلغىچە شىنجاڭ ئەدلىيە مەكتىپى بىلەن بىرلەشكەن. 1986-يىلى شىنجاڭ ئەدلىيە مەكتىپى ئايرىلىپ چىقىپ، مۇستەقىل مەكتەپ

 قۇرغان. 1987-يىلى شىنجاڭ تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خىزمەت پونكىتى بولۇپ قۇرۇلغان. 1995-يىلى شىنجاڭ تۈرمە ساقچى ئوفىتسىرلار مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.  1996-يىلى شىنجاڭ ئەدلىيە ساقچى ئوفىتسېرلار مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.

1989-يىلى زوراۋانلىققا، توپىلاڭغا قارشى تۇرۇپ زوراۋانلىقنى بېسىقتۇرۇش كۈرىشىدە كوللېكتىپ 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسىتىپ، ئەدلىيە مىنىستىرلىكى، شىنجاڭ خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇكاپاتلىشىغا ئېرىشكەن. 1991-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن ئوقۇتۇش شارائىتى ئاساسەن لاياقەتلىك مەكتەپ دەپ باھالانغان. 1993-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى قايتا باھالىشىدىن ئۆتۈپ، لاياقەتلىك مەكتەپ بولۇپ باھالانغان. 1995-يىلى شىنجاڭ تۈرمە ساقچى ئوفىتسىرلار مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. شۇ يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك ئورۇن بولۇپ باھالانغان. 9-ئايدا تۇنجى تۈركۈم تولۇقسىز ئوتتۇرا تېخنىكوم 

ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلغان (قانۇن كەسپىي) . 1996-يىلى شىنجاڭ ئەدلىيە ساقچى ئوفىتسېرلار مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.

 1997-يىلى 6-ئايدا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى تۈرمە ئىدارىسى تەرىپىدىن مەملىكەتلىك تۈرمە سىستېمىسىدىكى ئوفىتسىرلار مەكتىپىنى باھالاش مائارىپىدىكى دەرىجىلىك لاياقەتلىك مەكتەپ بولغان. 1998-يىلى 9-ئايدا رادىئو-تېلېۋىزىيە داشۆسى خىزمەت پونكىتى مەكتەپ دەرىجىلىك ئورۇن بولۇپ باھالانغان 1999. يىلى 9. ئايدا رادىئو تىلىزىۋىيە ئونۋىرسىتى خىزمەت پونكىتى مەكتەپ دەرىجىلىك ئورۇن بولوپ ئۆستۈرۈلۈپ، شىنجاڭ ئەدلىيە ساقچى ئوفىتسىرلار رادىئو-تېلېۋىزىيە داشۆسى قىلىپ بېكىتىلگەن. 

بۇ مەكتەپ شىنجاڭ ئەدلىيە نازارىتى تۈرمە ئىدارىسىغا تەۋە. ئوقۇتۇش ئۇيغۇر، خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئوقۇش تۈزۈمى ئۈچ يىللىق، تولۇقسىز ئوتتۇرا تېخنىكوم، چوڭلار ئالىي تېخنىكوم، چوڭلار ئوتتۇرا تېخنىكوم قاتارلىقلار.

 دائىملىق كەسىپلەردىن جىنايى ئىشلار ئەدلىيىسى، قانۇن، جىنايى ئىشلار رازۋىتكىلىقى قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، يەنە تۈرمە قانۇن، ھازىرقى زامان كاتىباتلىقى، يېزا ئىگىلىك ئىلمى، بوغالتىرلىقنى كومپيۇتېرلاشتۇرۇش، مەمۇرى باشقۇرۇش قاتارلىق 10 نەچچە كەسىپ تەسىس قىلغان.

 ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 60931 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 14722 كۋادرات مېتىر. بىر قەدەر تولۇق بولغان ئوقۇتۇش ۋە تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىگە ئىگە.

 مەكتەپ شتاتى 1999-يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 74 نەپەر(ئالىي دەرىجىلىك لىكتور 10 نەپەر، لىكتورلار 299 نەپەر) ، ئوقۇغۇچى سانى 1763 نەپەر. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىدىن 4100 نەپەر، ئىش ئورنىدىكى ساقچى كادىرلاردىن 6000 دىن ئارتۇقنى تەربىيىلىگەن. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (5 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    40%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    60%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#