ئاقسىل ئېنزىمى

ئاقسىل ئېنزىمى(پروتېئازا) ھازىرغىچە بايقالغان2000 دىن ئارتۇق تۈردىكى ئېنزىملارنىڭ بىر تۈرى.ئۇنىڭ ئۈنۈمى ئادەتتىكى كاتالىزاتورلارنىڭكىدىن10 مىليونلىغان ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. ھەر خىل ئېنزىمنىڭ ئۆزىگە خاس كاتالىزلاش ئوبيېكتى بولىدۇ، ئاقسىل ئېنزىمىنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئۇ ئاقسىلنى ھىدرولىزلىيالايدۇ. بىرەيلەن مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلەپ كۆرگەن:1 گرام ئاشقازان ئاقسىل ئېنزىمى ئىككى سائەت ئىچىدە50 كىلوگرام پىشۇرۇلغان توخۇ تۇخۇمى ئېقىنى ئېرىتىۋېتەلەيدىكەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئاقسىل ئېنزىمى
باشقا نامى Protease , 枯草溶菌素;解朊酶; 舒替兰酶;得自地衣芽孢杆菌
خەنزۇچە ئىسمى 瞪白酶

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كىشىلەر ئاقسىل ئېنزىمىنى باشقا نۇرغۇن ئېنزىملارغا ئوخشاش ئالدى بىلەن ھايۋانات-ئۆسۈملۈك تېنىدىن ئاجرىتىۋېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەنىدى. لېكىن، بۇ خىل ئۇسۇل قوللىنىلسا، تەننەرخ يۇقىرى، مەھسۇلات تۆۋەن بولۇپلا قالماستىن، يەنە ھايۋانات-ئۆسۈملۈك مەنبەسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، ئېنزىمنىڭ ئىشلىتىلىشىگە دەخلى يەتكۈزىدۇ. كىشىلەر ھايۋانات-ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تېنىدىكى نۇرغۇن ئېنزىملارنى كىچىككىنە مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تېنىدىن تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى، مەسىلەن، ئېنزىم قوشۇلغان ئۇنسوپۇنغا ئىشلىتىلىدىغان ئاقسىل ئېنزىمىنى بىر خىل كىچىك بىخ سپورىلىق تاياقچە باكتېرىيە ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، يېڭى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. مىكرو ئورگانىزملارنىڭ كۆپىيىشى تېز، مەھسۇلاتى يۇقىرى، ئىشلەپچىقىرىش خام ئەشيالىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى مول بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بولغانلىقتىن، كۆپ مىقداردا ئۆستۈرۈشتە قىيىنچىلىق يوق، ئەلۋەتتە، رايون، پەسىل، كىلىماتنىڭ چەكلىمىسىگىمۇ ئۇچرىمايدۇ. بۇ، ئېنزىمنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشلىتىش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

ئاقسىل ئېنزىمى(پروتېئازا) ھازىرغىچە بايقالغان2000 دىن ئارتۇق تۈردىكى ئېنزىملارنىڭ بىر تۈرى. بىزگە مەلۇمكى، ئېنزىم ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە بىئولوگىك كاتالىزاتور بولۇپ، ھېچقانداق ئالاھىدە ئۈسكۈنە ۋە شارائىت بولمىسىمۇ، نورمال تېمپېراتۇرا ۋە نورمال بېسىم ئاستىدىلا نۇرغۇنلىغان مۇرەككەپ خىمىيىۋى رېئاكسىيىلەرنى تېز سۈرئەتتە تاماملايدۇ، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ئادەتتىكى كاتالىزاتورلارنىڭكىدىن10 مىليونلىغان ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. ھەر خىل ئېنزىمنىڭ ئۆزىگە خاس كاتالىزلاش ئوبيېكتى بولىدۇ، ئاقسىل ئېنزىمىنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئۇ ئاقسىلنى ھىدرولىزلىيالايدۇ. بىرەيلەن مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلەپ كۆرگەن:1 گرام ئاشقازان ئاقسىل ئېنزىمى ئىككى سائەت ئىچىدە50 كىلوگرام پىشۇرۇلغان توخۇ تۇخۇمى ئېقىنى ئېرىتىۋېتەلەيدىكەن. 

ئاقسىل ئېنزىمىنى ئىشلەپچىقىرالايدىغان مىكرو ئورگانىزملار ناھايىتى كۆپ. ئاكتىنومىتىسېتلار، باكتېرىيىلەر ۋە كۆكىرىك زەمبۇرۇغى قاتارلىقلار چوڭ جەمەتىنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى ئۆسۈش-كۆپىيىش ۋە مېتابولىزم جەريانىدا ئاقسىل ئېنزىمى ھاسىل قىلالايدۇ. بىز ئۇلارنى ئايرىم-ئايرىم تۈردە ئاكتىنومىتسېت ئاقسىل ئېنزىمى، باكتېرىيە ئاقسىل ئېنزىمى ۋە كۆكىرىك زەمبۇرۇغى ئاقسىل ئېنزىمى دەپ ئاتايمىز. ئەگەر ئۇلار ئۆز رولىغا ئەڭ مۇۋاپىق كىسلاتالىق-ئىشقارلىق دەرىجىسى بويىچە بۆلۈنسە، كىسلاتالىق ئاقسىل ئېنزىمى، نېيترال ئاقسىل ئېنزىمى ۋە ئىشقارلىق ئاقسىل ئېنزىمى دەپ ئايرىلىدۇ. 

يېڭىچە تازىلاش رېئاكتىۋى − ئېنزىم قوشۇلغان ئۇنسوپۇن(سوپۇن پاراشوكى) دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن، كىشىلەر كىيىملىرىدىكى ھەر خىل پاسكىنا داغلاردىن غەم قىلمايدىغان بولدى. مەيلى قان دېغى، تەر دېغى ياكى ماي دېغى، تاماق دېغى بولسۇن، بۇ خىل ئۇنسوپۇننى ئىشلەتسىلا، ئۇلارنى پاك-پاكىز يۇيۇپ چىقىرىۋېتىدۇ. 

ئېنزىم قوشۇلغان ئۇنسوپۇننىڭ بۇ خىل ئالاھىدە يۇيۇش ئىقتىدارى ئۇنىڭدا بار بولغان ئاقسىل ئېنزىمدىن كېلىدۇ.

ئاقسىل ئېنزىمى − ئىشلىتىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ مىكرو ئورگانىزم ئېنزىملىرىنىڭ بىرى. سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىن كۈندىلىك تۇرمۇشقىچە، مېدىتسىا-سەھىيىدىن يېمەك-ئىچمەكلەرگىچە ھەممىلا يەردە ئۇلارنىڭ ئىزناسىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مەسىلەن، چوشقا، كالا، قوي تېرىسىدىن خۇرۇم ياساشتا، ئالدى بىلەن تېرىدىكى يۇڭ چىقىرىۋېتىلىپ، ئاندىن ئاشلىنىپ پىششىقلىنىش ئارقىلىق خۇرۇمغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. ئۆتمۈشتە يۇڭسىزلاشتا يۇڭنى ھاك-شۇلتا ئۇسۇلى بىلەن چۈشۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلاتتى، ئۇنىڭ ئىش تەرتىپى مۇرەككەپ، مەشغۇلاتى ئېغىر بولۇپ، ئاتاقلىق پاسكىنا، چارچىتىدىغان، سېسىق كەسىپ ئىدى. ئېنزىم ئارقىلىق يۇڭسىزلاشتا، ئازراق ئاقسىل ئېنزىمى بولسىلا، تۈك خالتىلىرى بۇزۇپ تاشلىنىپ، يۇڭلار ئاسانلا چۈشۈرۈپ تاشلىنىدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئىش تەرتىپى زور دەرىجىدە ئاددىيلىشىپ، ئەمگەك شارائىتى ياخشىلاندى، ئەسلىدىكى مۇھىتنى بۇلغاپ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگە زىيان سالىدىغان كېرەكسىز سۇلار ياخشى ئوغۇتقا ئايلاندۇرۇلدى. ئاقسىل ئېنزىمى يەنە تېرە تالالىرىدىكى ئېرىشچان ئاقسىللارنى چىقىرىپ تاشلاپ، تېرە تالالىرىنى تېخىمۇ يۇمشاتقاچقا، خۇرۇم ياساش ئىشلىرىغا تېخىمۇ پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەردى. sf 

ھازىر بىزنى ئاقسىل ئېنزىمى بىلەن تەمىنلەيدىغان مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تۈرى بىرقانچە ئون خىلدىن ئاشتى، بۇلار نۇرغۇن جەھەتلەردە ھايۋانات-ئۆسۈملۈك ئېنزىم ياسالمىلىرىنىڭ ئورنىنى بېسىپ، ئېنزىم ياسالمىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش خەزىنىسىگە ئايلاندى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#