«قاپ» سۇيۇق نەرسىلەرنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەش ئەسۋابى ۋە ئۆلچەم بىرلىكىدۇر.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قاپ-رەختتىن، تېرىدىن تىكىلگەن ياكى چىگە، يۇڭ، پاختا يىپلىرى بىلەن توقۇلغان. ئۆلچەش ئەسۋابى ۋە ھەجىم ئۆلچەم بىرلىكىنىڭ نامى. ئۇ قەدىمدە ھاراق قاچىلايدىغان تۇلۇمنى كۆرسىتەتتى. فون گابائىن خانىم «قاپ» (qap) دېگەن ئۆلچەم نامى 10 / 1 شىڭغا باراۋەر كېلىدىغان «غاپ» (hap) دېگەن نامدىن كەلگەن دەپ قارايدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا «يېرىم قاپ ئۈزۈم ھارىقى» دېگەن ئىبارە بار. تۇرپاندىن تېپىلغان ئىجتىمائىي-ئىقتىسادقا دائىر ھۆججەتلەردە «30 تامبىن بىر قاپ ئۈزۈم ھارىقى» دېگەندەك ئىبارىلەر بار. «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر» دىكى ئائىلە مال-مۈلكنى تىزىملاش ھۆججىتىدە. . . «. . . ئۈچ(دانە) » ھەر بىرى ئۈچ قاپلىق كۈپ، ئۈچ(دانە) «ھەر بىرى بىر قاپلىق ئىدىش» (مۇھەممەترېيىم سايىت، ئىسراپىل يۈسۈپ: «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 322-بەت) دېگەن خاتىرە بار. دېمەك، «قاپ» سۇيۇق نەرسىلەرنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەش ئەسۋابى ۋە ئۆلچەم بىرلىكىدۇر.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#