تەشتەكتە گۈل ئۆستۈرۈش

تەشتەكتە گۈل ئۆستۈرۈش

گۈل تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەنلىكتىن، ئۇنىڭغا دائىم سۇقويۇپ ھەم ئۇنى ئوغۇتلاپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى تەشتەكتە گۈل ئۆستۈرۈش
خەنزۇچە نامى 花卉盆栽

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تەشتەكتە گۈل ئۆستۈرۈشگۈل تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەنلىكتىن، ئۇنىڭغا دائىم سۇقويۇپ ھەم ئۇنى ئوغۇتلاپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تەشتەكتىكى توپا قېتىپ كېتىدۇ، كىسلاتا ئىشقارلىق دەرىجىسىمۇ گۈلنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئورگانىك ماددىلار مىقدارى ئازىيىدۇ، ۋەھاكازا. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا تەشتەكنى ئالماشتۇرۇپ، يېڭى ئوزۇقلۇق توپا يەڭگۈشلەپ، گۈلگە ئەۋزەل بىر ياشاش مۇھىتى يارىتىپ بەرگەندە، گۈل تېخىمۇ ياخشى ئۆسىدۇ.

تەشتەكتە گۈل ئۆستۈرۈش   تەشتەكنى ئالماشتۇرغاندا گۈلنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. تەشتەككە يېڭى تىكىلگەن گۈل تۈپىنىڭ تېنى ئادەتتە بىر قەدەر كىچىك، يىلتىزلىرىمۇ تەرەققىي قىلمىغان بولىدۇ. لېكىن گۈلنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، گۈل تۈپىمۇ ئۈزلۈكسىز زورىيىدۇ، يىلتىزلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز توملىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئەسلىدىكى تەشتەك يىلتىزىنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كەلمەي قالىدۇ، گۈل تۈپى بىلەن تەشتەكنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىمۇ بىر-بىرىگە مۇناسىپ كەلمەي قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تاشتەكنى چوڭراق تەشتەككە يەڭگۈشلىگەندە، ھەم گۈل تۈپىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ، ھەم گۈل تۈپىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن تەشتەك بىر-بىرىگە ماس كېلىپ، كىشىگە بىر خىل گۈزەللىك تۇيغۇسى بېرىدۇ.

تەشتەكتە گۈل ئۆستۈرۈشتەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن بەزى ئۆسۈملۈكلەر يىلتىزىنىڭ يىلتىز سۈرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، تۈپلەگە ئايرىپ كېڭەيتىش ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ. مەسىلەن، سەبرىنى ئالساق، ھەر يىلى 5-, 6-ئايلاردا ئۇنىڭ ئەتراپىدىن نۇرغۇن ئۇششاق سەبرىلەر (ئالوي) ئۆسۈپ چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تەشتەكنى يەڭگۈشلەپ، كىچىك سەبرىلەرنى ئايرىۋېلىپ باشقا جايغا تىكسە بولىدۇ. 

بۇلاردىن باشقا، ئۇيقۇ مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بەزى گۈللەرنى تەشتىكىنى ئالماشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىسمەن قۇرۇغان يىلتىز ۋە قۇرۇغان شاخلىرىنى كېسىپ چاتىۋېتىش ھەمدە يىلتىزىنىڭ سېسىغان-سېسىمىغانلىقى ياكى قۇرت پەيدا بولغان-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىش لازىم. بۇنداق قىلىشنىڭمۇ گۈلنىڭ ئۆسۈشىگە ناھايىتى چوڭ پايدىسى بولىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#