روسيە فىدراتسىيەسى
رۇسيە فىدراتسىيەسى ئەسلىدىكى چارروسىيە ئىمپىرىيىسى ۋە سوۋېتلەر ئىتىپاقىنىڭ ۋارىسى بولۇپ، يەر مەيدانى 17 مىليون 90 مىڭ  كۇۋادىرات كىلومېتىر، دۇنيادىكى زىمىنى ئەڭ چوڭ دۆلەت.

ئۇيغۇرچە نامى رۇسيە فىدراتسىيەسى
قىسقارتىلغان نامى رۇسيە 俄罗斯、俄联邦、俄国
ۋاقىت رايونى ياۋروپا ۋاقتى (2- ۋاقىت رايونى)
دۆلەت تىلى روس تىلى
يەر مەيدانى 17مىليون 90 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر
خەنزۇچە نامى 俄罗斯联邦
قىتئە تەۋەلىكى ياۋروپا قىتئەسى
پايتەختى موسكۋا
نوپۇسى 143 مىليون
ئىنگىلىزچە نامى Russian Federation

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

رۇسيە فىدراتسىيەسىرۇسىيە فىدراتسىيەسى ئەسلىدىكى چاررۇسىيە ئىمپىرىيىسى ۋە سوۋېتلەر ئىتىپاقىنىڭ ۋارىسى بولۇپ، يەر مەيدانى 17 مىليون 90 مىڭ  كۇۋادىرات كىلومېتىر، دۇنيادىكى زىمىنى ئەڭ چوڭ دۆلەت.

نوپۇسى 2013-يىلىغا قەدەر 143 مىليون بۇلۇپ، دۇنيادا 8-ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئاھالىسنىڭ %79 نى روسلار، %4 نى تاتارلار، %2 نى ئوكرائىنلار قالغانلىرىنى چۇۋاش، باشقىرت، چېچەن قاتارلىق مىللەتلەر ئىگەللەيدۇ. روس تىلى دۆلەت تىلى. دۆلەت بايرىمى ( 1991-يىلى) 6 -ئاينىڭ 12-كۈنى، رۇسىيە فىدىراتسىيىسىنىڭ سوۋېت ئىتىپاقىدىن ئايرىلىپ جۇمھۇرىيەت بولغان كۈنى.

رۇسيە فىدراتسىيەسىرۇسىيە زىمىنىنىڭ غەربى قىسمى سىلاۋيانلارنىڭ ئانا زىمىنى بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇن ھۇنلارنىڭ پاراكەندىچىلىك سالىدىغان يايلىقى ئىدى. 9-ئەسىردىن بۇرۇن رۇسىيە زىمىنىدا بىرەر بىرلىككە كەلگەن دۆلەت ياكى بەگلىكلەر بولۇپ باقمىغان،9-ئەسىردىن كېيىنكى رۇسىيە تارىخىدا پەقەت ئىككىلا خانلىق ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى، مىلادى 862-يىلى سىكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىدىن كەلگەن ۋارانگىيەلىكلەر رۇسىيەنىڭ نوۋگورد ئەتراپىنى ئىشغال قىلىپ قۇرغان، كېيىن رۇسلىشىپ كەتكەن رولك بەگلىكى. يەنە بىرى  1147-يىلى قۇرۇلغان ئىۋان تۆت قۇرغان موسكۋا كېنەزلىكىكە ۋارىسلىق قىلىپ دەۋرىدە رۇسىيە تۇنجى قېتىم بىر مۇنتىزىم بىرلىككە كەلگەن ھاكىمىيەت قۇرغان رۇسلار دۆلەت ئاتىسى دەپ بىلىدىغان ۋىلادىمىر يۇرى گۈللەندۈرگەن رومانوۋ خانلىقى.  1237-يىلى باتۇخان بىلەن بىلەن بىرلىكتە غەرپكە كېڭەيگەن تۈركلەر ئاللىبۇرۇن كىيىۋ ۋە رۇلىك خانلىغىنىڭ بوسۇغىسىدا ئالتۇن ئوردا خاقانلىغىنى قۇرغان. 1547-يىلىدىن كېيىن  موسكۋا كېنەزى ئۆزىنى چار پادىشاھ دەپ ئاتىغاندىن كېيىنروىيە گۈللىنىش يولىغا ماڭغان،1598-يىلى چار پادىشاھ رۇلىك خانلىغىنى بويسۇندۇرۇپ يەنە داۋاملىق ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا قاراشلىق باشقا  رۇس بەگلىكلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ئىمپىرىيە زىمىنىنى كېڭەيتكەن. 1605-يىلى چار پادىشاھ گادونۇف تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن چاررۇسىيە يەنە بىر قېتىم قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قالغان. نىژنىنوۋگورد كېنەزى مىنىن كېيىن  ۋە پوزارىسكى  قوشۇن باشلاپ پولەك پادىشاھلىقىنىڭ قىسىملىرىنى موسكۋادىن قوغلاپ چىقىرىپ 16ياشلىق خان ئەۋلادى مىخائىل رومانوفنى چار پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەندىن كېيىن ھۆكۈم سۈرگەن رومانوۋ خانلىقىنىڭ چار پادىشاھلىقى 1697-يىلى پىتىرI غەربى ياۋروپانى دوراپ ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندا گۈللىنىپ تاكى 1917-يىلى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدا ئاغدۇرۇلغانغا قەدەر ھۆكۈم سۈرگەن. ئىمپىرىيەگە ۋارىسلىق قىلىپ سوۋېت ئىتىپاقىنى تەشكىللىگەن، لېنىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن سىتالىن سوۋېت ئىتىپاقىدا مۇستەبىت سىياسەت يۈرگۈزۈپ  ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا سوۋېت ئىتىپاقى غەلىبە قىلغان. 1991-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى رۇسىيە سوۋېت ئىتىپاقىدىن ئايرىلىپ  مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان. ھازىرقى رۇسىيە فىدىراتسىيىسى ئۆز ئارمىيىسى ۋە دىپلوماتىيە، ئىقتىسادى ھوقۇق، مەمۇرى قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئاديگەي جۇمھۇرىيىتى( مەركىزى مايكوپ)، ئالتاي جۇمھۇرىيىتى(مەركىزى گورنو-ئالتايسك)، باشقىرتىستان جۇمھۇرىيىتى (مەركىزى ئۇفا)، بۇرياتىيە جۇمھۇرىيىتى(مەركىزى ئۇلان-ئۇدې)، چېچىنيە جۇمھۇرىيىتى(مەركىزى گروزنيي)، چۇۋاش جۇمھۇرىيىتى (مەركىزى چېبوكساري)، داغىستان جۇمھۇرىيىتى(مەركىزى ماخاچكالا)، ئىنگۇشت جۇمھۇرىيىتى(مەركىزى ماگاس)، كاباردىنو-بالقار جۇمھۇرىيىتى(مەركىزى نالچىك)، قالماق جۇمھۇرىيىتى(مەركىزى ئېلىستا)، قاراچاي-چېركەس جۇمھۇرىيىتى(مەركىزى چېركېسكى)، كارېلىيە جۇمھۇرىيىتى (مەركىزى پېتروزاۋودسكى)، خاقاس جۇمھۇرىيىتى (مەركىزى ئاباكان)، كومى جۇمھۇرىيىتى(مەركىزى سىكتيۋكار)، مارىي-ئەل جۇمھۇرىيىتى (مەركىزى يوشكار-ئولا)، موردوۋىيا جۇمھۇرىيىتى(مەركىزى سارانسكى)، شىمالى ئوسسېتىيە ئالان جۇمھۇرىيىتى(مەركىزى ۋلادىكاۋكاز)، ساخا [ياقۇت]جۇمھۇرىيىتى(مەركىزى ياقۇتسكى)، تاتارستان جۇمھۇرىيىتى(مەركىزى قازان)، تۇۋا جۇمھۇرىيىتى(مەركىزى قىزىل)، ئۇدمۇرت جۇمھۇرىيىتى (مەركىزى ئىژېۋسكى) قاتارلىق 21جۇمھۇرىيەتتىن تەركىپ تاپقان فىدىراتىپ دۆلەت.

رۇسىيە رۇبلىسى، (2006-يىلى) 27.6 رۇبلى = بىر دوللار. 2004-يىلى 28.814 رۇبلى = بىر دوللار. 2002-يىلى 31.349 رۇبلى = بىر دوللار .

رۇسلارنىڭ كۆپ قىسمى دىنغا ئىشەنمىسىمۇ ئەمما ئەنئەنە جەھەتتىن ئاساسەن پروۋسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ ، تاتار باشقىرت ۋە چېچىنلار ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدۇ.

دۆلەت بايرىقى

رۇسيە فىدراتسىيەسىئاق ، كۆك ، قىزىل رەڭلىڭ ۋە تۈز يوللۇق تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىلدىن تۈزۈلگەن . بۇ رەڭلەر دۆلەت زېمىنىنىڭ سوغۇق بەلباغ ، مۆتىدىل سوغۇق بەلباغ ۋە ئىسسىق بەلباغدىن ئىبارەت ئۈچ بەلباغنىڭ كىلىماتىدىن ھالقىغان جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىككە ۋەكىللىك قىلىدۇ . ئاق رەڭ چەكسىز قارلىق دالىنىڭ سىمۋولى ، كۆك رەڭ مول كان بايلىقى ۋە تەبىئىي بايلىقنىڭ سىمۋولى . قىزىل رەڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەتنىڭ سىمۋولى .

دۆلەت گېربى 

رۇسيە فىدراتسىيەسى قالقانسىمان گېرب بولۇپ ، قىزىل رەڭلىك قالقاننىڭ ئۈستىدە بىر ئالتۇن رەڭلىك ، قوش باشلىق شۇڭقار بار .شۇڭقارنىڭ بېشىدىكى ئىمپېراتور پېتىرنىڭ ئۈچ دانە پادىشاھلىق تاجى . شۇڭقار تىرناقلىرى بىلەن قاماللاپ تۇرغان سەلتەنەت ھاسىسى بىلەن ئالتۇن توپ پادىشاھلىق سەلتەنەتنىڭ سىمۋولى . شۇڭقارنىڭ پوكىنىدا بىر كىچىك قالقان شەكلى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكىسى ئاق تۇلپارغا مىنگەن باتۇرلۇق رەسىمى .

رۇسيە فىدراتسىيەسى  2006 -يىلى رۇسىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 733 مىليارت 560 مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 5200 دوللار توغرا كەلگەن. رۇسىيەنىڭ 2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى %6 -%7 بولۇۋاتىدۇ.

 رۇسىيە  سابىق سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ئاساسى شۇنداقلا تەرەققىيات ئاساس ۋە تېخنىكا-مائارىپ تەرەققىياتى بىر قەدەر كۈچلۈك جۇمھۇرىيەت بولۇپ، تۇپرىقى ئۈنۈملۈك، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كۆلىمى كەڭ. نېفىت، تەبىئى گاز ۋە باشقا كان بايلىقلىرى ئىنتايىن مول. ئەمما پارچىلانغاندىن كېيىن يەككە ئىگىلىككە ئادەتلىنىپ قالغان رۇسىيىنىڭ ئېكىسپورتى تەسىرگە ئۇچرىغاندىن سىرت ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى جازاسىغا ئۇچراپ  ئىقتىسادى ناھايىتى تېزلا چېكىنىپ كەتكەن ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى رۇسىيە خەلقئارادا نېفىت ۋەتەبىئى گاز باھاسىنىڭ ئۆرلىشى شۇنداقلا ئەسلىدىكى ساپالىق پۇخرا، يۇقىرى تېخنىكىغا ئىگە سانائەت ئاساسى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى يۇقىرى ساپالىق مەلىكىلىك خادىملارغا تايىنىپ ناھايىتى تېز ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. 2006-يىلىدىكى رۇسىيەنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %5.3، سانائەت %36.6، مۇلازىمەت %58.2 نى ئىگەللەپ، مۇقىم تېلفون ئابونتى 40 مىلىيون 300 مىڭ، يانفون ئابونتى 120 مىليون 300 مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 24 مىليون 700 مىڭ بولغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#