پراگا

چېخ ۋەسلوۋاك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. بۇ شەھەر ئېلىسبا، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. 

ئىسمى پراگا
باشقا تىللاردىكى ئاتىلىشى bvlag(蒙古语)Prague(英语),Praha(捷克语
تەۋەلىكى چېخ جۇمھۇرىيىتى
ھاۋا كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا تەۋە
خەنزۇچە ئىسمى 布拉格
رايون تۈرى پايتەخىت
يەر مەيدانى 6977 كۋادىرات كىلومېتىر
نوپۇسى 1،230،891 ئادەم (2012-يىل)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پراگا

پراگا دىگەن بۇ نام مۇڭغۇلچە (bvlag) مەنىسى بۇلاق دىگەن مەنىدە .

بۇ شەھەر ئېلىسبا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىم تارمىقى بولغان بىلتاۋا دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان . يەر مەيدانى 6977 كۋادرات كىلومېتىر ، ئاھالىسى 1،230،891 ئادەم (2012-يىل) ، پراگا 928-يىلدىن باشلاپ بىنا قىلىشقا باشلانغان. 14-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئوتتۇرا ياۋروپادىكى مۇھىم ئىقتىسادىي مەركەز بولۇپ شەكىللەنگەن، 1928-يىلىدىن باشلاپ پايتەخت بولغان.

پراگا ياۋرۇپا دىكى مەدەنىيەت شەھەرلىرىنىڭ بىرى . مۇزىكا ، ئەدەبىيات ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخسىلەر بۇ جايدا مۇزىكا ۋە مەدەنىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن  شۇنداقلا ساقلاپ قالغان . كومپوزىتور مۇزات گۈزەل تانا ، دۋورشاك ، قاتارلىق مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلغان .

يازغۇچى لاينا مارىيە لىرك ، فرانتىس كافكا ، ۋە مىلان كۈندۇرا ، ۋاسلاۋ خاۋىر قاتارلىق شەخىسلەر بۇجايدا ئىجادىيەت پائالىيىتى ئېلىپ بارغان ۋە بۇ شەھەرنىڭ قۇيۇق مەدەنىيەت كەيپىياتىنى ساقلاپ قالغان. تىياتىرخانا ، مۇزىكا زالى ،مۇزىي،كۇتۇپخانا ،كىنوخانا قاتارلىق مەدەنىيەت ئۇرۇنلىرى كۆپىيىشكە باشلىغان .

پراگا

پراگا ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ ، ئارىلىقى بېرلىن ، ۋېنا قاتارلىق باشقا دۆلەتنىڭ ئاساسلىق يېزا شەھەرگە يېقىن . ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن كۆپ قىسىم چېگرا ئارىلىقى 100 كىلومېتىر دىن 200 كىلومېتىرغىچە كېلىدۇ . ھاۋا كىلىماتى براگا تىپىك مۆتىدىل بەلباغ قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا تەۋە . قىشتا قۇرغاق ۋە سوغۇق بولىدۇ ، ياز پەسلىدە ئىللىق ھەم نەم . يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 500 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرا دەرىجىسى  7.9

پراگا

ساينت مۇنارى چوڭ چىركاۋى مىلادىيە 1344-يىلى چارلىز Ⅳ گوتچە ئۇسلۇبتا قۇرلۇش سېلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن مىلادىيە 1929- قۇرلۇش پۈتكەن.

ساينت مۇنارى چوڭ چېركاۋى نۇرغۇن كلاسسىك بىناكارلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بۇلۇپ  دەرۋازا ئۈستىدىكى ئەگمە تۈۋرۈك ۋە تىرەك تام ، ھەممىسى  ھەشەمەتلىك بېزەلگەن . 

كونا خان ئوردىسى ، ئىلگىرى كەنجى پادىشاھ پاۋسىمى تۇرغان جاي .

ئالتۇن كوچىسى پراگا دىكى قەدىمى مەشھۇر مەنزىرلىك جايلارنىڭ بىرى قىستاڭچىلىق دەرجىسى چارلى چوڭ كۆۋرىكىدىن قېلىشمايدۇ .

شەھەردە يەنە دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى، 1348-يىلى قۇرۇلغان پراگا داشۆسى ۋە باشقا كۆپلىگەن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، مۇزېي، خان سارايلىرى ھەم باشقا ئاتاقلىق مەدەنىيەت ئورۇنلىرى، 20 كىلومتېر ئۇزۇنلۇقتىكى يەر ئاستى تۆمۈريول لىنىيىسى بار.

 پراگا چېخ ۋەسلوۋاكىيىنىڭ ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى. بولۇپمۇ ئۇ ماشىنىسازلىق سانائىتى جەھەتتە دۆلەت بويىچىلا ئەمەس، ياۋروپا بويىچىمۇ ئاتاقلىق شەھەر، بۇ جاي ئاپتوموبىل، ئايروپىلان، ستانوك، ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل، كان ماشىنىلىرى، ۋاگون قاتارلىق ئېغىر تىپتىكى ماشىنىسازلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشتا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

بۇلاردىن سىرت ئوپتىكىلىق ئەسۋابلارنى ئىشلەپچىقىرىش، يېمەك-ئىچمەك، خىمىيە، توقۇمىچىلىق، تېرە-خۇرۇم، نەشرىياتچىلىق جەھەتتىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. 



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#