ئۆتكۈر خارەكتېرلىك دالانچە بېزى ياللۇغى

بۇ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دالانچە چوڭ بېزى ياللۇغلىنىپ، كلىنكىدا چوڭ جىنسىي لەۋ قىزىرىش، قىزىش، ئىششىش، يىرىڭداش، ئاغرىش، يۇقىرى قىزىتما بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى ئۆتكۈر خارەكتېرلىك دالانچە بېزى ياللۇغى
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس
تەۋە بۆلۈم ئاياللار بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى دالانچە چوڭ بېزىگە تەسىر قىلىپ، توقۇلما ھۈجەيرىلەرنى تەكرار غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 2. قوشنا ئەزا كېسەللىكلىرىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. جىنسىي يول ياللۇغى، سۆزنەك، تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەردىكى ئاجرالما ماددىلار ياكى جاراسىملار دالانچە چوڭ بېزىگە تەسىر قىلىپ، دالانچە چوڭ بېزىنى ياللۇغلاندۇرىدۇ ياكى ياللۇغ ۋە چىقىرىندى ماددىلارنىڭ دالانچە چوڭ بېزى نەيچىسىنى ئېتىۋېلىشتىن ئاجراتما ماددىلار ۋاقتىدا سىرتقا چىقىپ كېتەلمەسلىك نەتىجىسىدە يەرلىك ئورۇن ياللۇغلىنىپ، ئۆتكۈر دالانچە چوڭ بېزى ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ.

 3. سوزۇلما خاراكتېرلىك دالانچە چوڭ بېزى ياللۇغىنىڭ ئۆتكۈر قوزغىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. سوزۇلما خاراكتېرلىك دالانچە چوڭ بېزى ياللۇغىنىڭ قاپلىق ئىششىق شەكىللەنگەن تۈرىدە قاپ ئىچىدىكى ماددىلار چىرىپ قانغا ئۆتۈپ قاننى ئوفۇنەتلەندۈرۈش نەتىجىسىدە ئۆتكۈر خاراكتېرلىك دالانچە چوڭ بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. جىنسىي ئەزا تازىلىقىغا دىققەت قىلماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. جىنسىي ئەزا ۋە ئىچ كىيىم تازىلىقىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن، بولۇپمۇ ھەيزە (ئادەت) مەزگىللىرىدىكى جىنسىي ئەزا تازىلىقىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن دالانچە چوڭ بېزى ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ.

دالانچە چوڭ بېزى ئىششىيدۇ، يوغىنايدۇ، كۆپ مىقداردا يىرىڭلىق ئاجرالمىلار يىغىلىپ قالىدۇ. بەزىدە دالانچە چوڭ بېزى نەيچىسى ئېتىلىپ قېلىپ يىرىڭلىق ئاجرالمىلار چىقىپ كېتەلمەسلىكتىن يىرىڭلىق ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەرلىك ئورۇننى باسقاندا ئاغرىش كۈچىيىدۇ. بەز كانالچە ئېغىزى قىزىرىپ ئىششىپ، سىرتىغا ئۆرۈلۈپ قالىدۇ. چوڭ جىنسىي لەۋلەر قىزىرىپ ئىششىپ، ئاغرىيدۇ، ئاغرىق سەۋەبىدىن ئولتۇرۇپ-قوپۇش، مېڭىش قىيىن بولىدۇ، قىزىتما كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرىلايدۇ.

كېسەلگە ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك داۋالاش ئېلىپ بېرىلغاندا ساقىيىپ كېتىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك داۋالاش ئېلىپ بارمىغاندا، كېسەلنىڭ جەريانى ئۇزىراپ سوزۇلما خاراكتېرلىك دالانچە چوڭ بېزى ياللۇغىغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ ياكى يىرىڭ قانغا ئۆتۈپ، قان زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

1. كېسەللىك تارىخى ۋە تىپىك بولغان كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. بۇنىڭدا بىماردا ئىلگىرى جىنسىي يول ياللۇغى، سۆزنەك، تاشقى جىنىسي ئەزا ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىش تارىخى بولۇش بىلەن بىرگە چوڭ جىنسىي لەۋ قىزىرىپ، ئىششىش، ئاغرىش، دالانچە چوڭ بېزى يىرىڭداش، ئاغرىق سەۋەبىدىن ئولتۇرۇپ قوپۇش، مېڭىش قىيىن بولۇش، يەرلىك ئورۇننى باسقاندا ئاغرىق كۈچىيىش، يۇقىرى قىزىتما بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1) قان رايىنى تەكشۈرگەندە ئاق قان دانچىلىرى (WBC) ئارتىپ كېتىدۇ. ) WBC>4.0×10[KG-1]9/L)  بولىدۇ. بەزىدە قاندىكى دانچىلىق ھۈجەيرىلەر سانىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ. كىسلاتا خۇمار دانلىق ھۈجەيرە (B) ، ئىشقار خۇمار دانلىق ھۈجەيرە، نىترال تاياقچە يادرولۇق دانلىق ھۈجەيرە (st) ، نىترال ياپراقچە ئايرىلغان يادرولۇق دانلىق ھۈجەيرە (sg) قاتارلىقلاردا ئۆزگىرىش بولىدۇ. st>1~5%) ، B>0~1%، ) E>0.5~5%، ) sg>50~70%) . 2) قاننىڭ چۆكۈش تېزلىكى (ESR) نىڭ سۈرئىتى ئاشىدۇ. (ESR>20mm/h)

1. ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

 2. قوشنا ئەزا كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كېسەللىككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

3. ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

 4. ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قاننىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش مەقسىتىدە ئەرقى شاھتەررە كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، تاماقتىن كېيىن؛ ئەرقى كاكىنەچ كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا 80 ~ 60 مىللىلىتىر، تاماقتىن كېيىن؛ ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، تاماقتىن كېيىن؛ چىلان شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، تاماقتىن كېيىن؛ بىنەپشە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا 80 ~ 60 مىللىلىتىردىن، تاماقتىن كېيىن؛ مەتبۇخى ئەفتىمون كۈندە ئىككى قېتىم، ھەرقېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن، تاماقتىن كېيىن؛ قۇرسى كاكىنەچ كۈندە ئىككى قېتىم، ھەرقېتىمدا 10 گرامدىن، تاماقتىن كېيىن؛ ئىترىفىل چۆپچىن كۈندە ئىككى قېتىم، ھەرقېتىمدا 10 گرامدىن، تاماقتىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە، سىرتىدىن تۆۋەندىكى ئۇسۇللار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ قوللىلىنىدۇ. كېسەللىك جىددىي باشلىنىپ تېخى يىرىڭلىق ئىششىق شەكىللەنمىگەن بولسا ھۆل يۇمغاقسۈتتىن 20 گرام، ھۆل كاسىنە چۆپىدىن 15 گرام، ئىتئۈزۈمى چۆپىدىن 10 گرام ئېلىپ سوقۇپ، 0.5 گرام كافۇرنى قوشۇپ زىمات تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ. ئوسما يىلتىزى، مامكاپ، سېرىقچېچەك، ئىكلىلمىلىك قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 50 گرام ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، دورا سۈيىدە كۈندە 2~3 قېتىم ئابىزەن قىلىنىدۇ. ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ئەگەر يىرىڭلىق ئىششىق شەكىللەنگەن بولسا ئىششىغان ئورۇننى تىك ھالدا كېسىپ يىرىڭ تازىلىنىپ، ئەرقى گۈل ياكى %10 لىك مامىرانچىنى سۈيى بىلەن يەرلىك ئورۇن يۇيۇلىدۇ ھەمدە ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلار ئىچىدىن قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەللىك، زىيادە يۇقىرى ھارارەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، قان ۋە سەپرا خىلىتىنىڭ ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يىمەك-ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ. مەسىلەن: توخۇ گۆشى، پاقلان گۆشى، كەپتەر گۆشى، چىلان، كۆك ئۈزۈم، بادام قاتارلىقلار.

3. شەخسىي تازىلىق ۋە ئاممىۋى تازىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، جىنسىي ئەزالارنىڭ پاكىز، قۇرغاق بولۇشىغا دىققەت قىلىش، باشقا كېسەللىكلەر بولسا ۋاقتىدا داۋالىتىش، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

4. بەك قېلىن كىيىنىشتىن، ئاممىۋى مۇنچىغا چۈشۈش ۋە سۇ ئۈزۈش كۆلچەكلىرىدە سۇ ئۈزۈشتىن، ئىچ كىيىملەرنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ كىيىشتىن، ناپاك جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم، بولۇپمۇ كېسەل تولۇق ساقىيىپ بولمىغىچە قەتئى جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماسلىق كېرەك.[0]


1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەللىك، زىيادە يۇقىرى ھارارەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. 2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، قان ۋە سەپرا خىلىتىنىڭ ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يىمەك-ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ. مەسىلەن: توخۇ گۆشى، پاقلان گۆشى، كەپتەر گۆشى، چىلان، كۆك ئۈزۈم، بادام قاتارلىقلار. 3. شەخسىي تازىلىق ۋە ئاممىۋى تازىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، جىنسىي ئەزالارنىڭ پاكىز، قۇرغاق بولۇشىغا دىققەت قىلىش، باشقا كېسەللىكلەر بولسا ۋاقتىدا داۋالىتىش، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 4. بەك قېلىن كىيىنىشتىن، ئاممىۋى مۇنچىغا چۈشۈش ۋە سۇ ئۈزۈش كۆلچەكلىرىدە سۇ ئۈزۈشتىن، ئىچ كىيىملەرنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ كىيىشتىن، ناپاك جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم، بولۇپمۇ كېسەل تولۇق ساقىيىپ بولمىغىچە قەتئى جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماسلىق كېرەك.ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قاننىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش مەقسىتىدە ئەرقى شاھتەررە كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، تاماقتىن كېيىن؛ ئەرقى كاكىنەچ كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا 80 ~ 60 مىللىلىتىر، تاماقتىن كېيىن؛ ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، تاماقتىن كېيىن؛ چىلان شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، تاماقتىن كېيىن؛ بىنەپشە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا 80 ~ 60 مىللىلىتىردىن، تاماقتىن كېيىن؛ مەتبۇخى ئەفتىمون كۈندە ئىككى قېتىم، ھەرقېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن، تاماقتىن كېيىن؛ قۇرسى كاكىنەچ كۈندە ئىككى قېتىم، ھەرقېتىمدا 10 گرامدىن، تاماقتىن كېيىن؛ ئىترىفىل چۆپچىن كۈندە ئىككى قېتىم، ھەرقېتىمدا 10 گرامدىن، تاماقتىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە، سىرتىدىن تۆۋەندىكى ئۇسۇللار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ قوللىلىنىدۇ. كېسەللىك جىددىي باشلىنىپ تېخى يىرىڭلىق ئىششىق شەكىللەنمىگەن بولسا ھۆل يۇمغاقسۈتتىن 20 گرام، ھۆل كاسىنە چۆپىدىن 15 گرام، ئىتئۈزۈمى چۆپىدىن 10 گرام ئېلىپ سوقۇپ، 0.5 گرام كافۇرنى قوشۇپ زىمات تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ. ئوسما يىلتىزى، مامكاپ، سېرىقچېچەك، ئىكلىلمىلىك قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 50 گرام ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، دورا سۈيىدە كۈندە 2~3 قېتىم ئابىزەن قىلىنىدۇ. ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ئەگەر يىرىڭلىق ئىششىق شەكىللەنگەن بولسا ئىششىغان ئورۇننى تىك ھالدا كېسىپ يىرىڭ تازىلىنىپ، ئەرقى گۈل ياكى 10% لىك مامىرانچىنى سۈيى بىلەن يەرلىك ئورۇن يۇيۇلىدۇ ھەمدە ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلار ئىچىدىن قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ.
ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قاننىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش مەقسىتىدە ئەرقى شاھتەررە كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، تاماقتىن كېيىن؛ ئەرقى كاكىنەچ كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا 80 ~ 60 مىللىلىتىر، تاماقتىن كېيىن؛ ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، تاماقتىن كېيىن؛ چىلان شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، تاماقتىن كېيىن؛ بىنەپشە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا 80 ~ 60 مىللىلىتىردىن، تاماقتىن كېيىن؛ مەتبۇخى ئەفتىمون كۈندە ئىككى قېتىم، ھەرقېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن، تاماقتىن كېيىن؛ قۇرسى كاكىنەچ كۈندە ئىككى قېتىم، ھەرقېتىمدا 10 گرامدىن، تاماقتىن كېيىن؛ ئىترىفىل چۆپچىن كۈندە ئىككى قېتىم، ھەرقېتىمدا 10 گرامدىن، تاماقتىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە، سىرتىدىن تۆۋەندىكى ئۇسۇللار كېسەللىك 
ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قاننىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش مەقسىتىدە ئەرقى شاھتەررە كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، تاماقتىن كېيىن؛ ئەرقى كاكىنەچ كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا 80 ~ 60 مىللىلىتىر، تاماقتىن كېيىن؛ ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، تاماقتىن كېيىن؛ چىلان شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، تاماقتىن كېيىن؛ بىنەپشە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا 80 ~ 60 مىللىلىتىردىن، تاماقتىن كېيىن؛ مەتبۇخى ئەفتىمون كۈندە ئىككى قېتىم، ھەرقېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن، تاماقتىن كېيىن؛ قۇرسى كاكىنەچ كۈندە ئىككى قېتىم، ھەرقېتىمدا 10 گرامدىن، تاماقتىن كېيىن؛ ئىترىفىل چۆپچىن كۈندە ئىككى قېتىم، ھەرقېتىمدا 10 گرامدىن، تاماقتىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە، سىرتىدىن تۆۋەندىكى ئۇسۇللار كېسەللىك 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1266

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#