كومپىيۇتېر ۋىرۇسى

بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئالاھىدىلىكىنى تولۇق ھازىرلىغان سىستېما يۇمشاق دىتال پروگرامما كودى.

ئۇيغۇرچە نامى كومپىيۇتېر ۋىرۇسى
ئىنگلىزچە نامى Computer Virus
خەنزۇچە ئاتىلىشى 计算机病毒
دۇنياغا كەلگەن يىللار 20-ئەسىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1987-يىلى پاكىستانلىق ئاكا-ئۇكا باسىت (Basit) ۋە ئەمجەد (Amjad) بىرلىكتە مەبلەغ سېلىپ لاھوردا بىر كومپىيۇتېر شىركىتى قۇرغان. ئاساسلىقى كومپىيۇتېر ۋە يۇمشاق دېتال كەسپى بىلەن شوغۇللانغان.

ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلارنىڭ بېشىنى قاتۇرغان بىر ئىش يۈز بەرگەن، يەنى ئۇلار جاپادا يېزىپ چىققان پروگرامما، يۇمشاق دېتاللارنى باشقىلار خالىغانچە كۆچۈرۋالغان. ئەڭ قاملاشمىغىنى باشقىلار ئۇ يۇمشاق دېتاللارنى خالىغانچە سېتىپ پايدىغا ئېرىشكەن ۋە تارقىتىۋەتكەن. 

بىر كۈنى باسىت ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئاتىسىنىڭ دەرەخ شاخلىرىنى كېسىپ، بېلىق كۆلچىكىنىڭ ئەتراپىنى قاشالاپ، باشقىلارنىڭ بېلىقنى ئوغىرلىقچە تۇتۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان قۇرۇلما ياساۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. ئۇ «دەرەخ شېخى» دىن ئىلھام ئېلىپ، يېرىم ئايدىن كېيىن تۇنجى يۇمشاق دېتالنىڭ كۆچۈرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان پروگرامما C-BRAIN نى يېزىپ چىققان.

باشقىلار ئۇلارنىڭ يۇمشاق دېتالىنى كۆچۈرۋالماقچى بولسىلا C-BRAIN ئىجرا بولۇپ، كۆچۈرۋالغۇچىنىڭ قاتتىق دېسكا بوشلۇقىنىڭ ھەممىسنى ئىگىللىۋالغان. بۇ پروگرامما تۈزۈلگەندىن كېيىن ئويلاپ باقمىغان ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. كۆپلىگەن ئوغۇرلىقچە كۆچۈرۋالغۇچىلارنىڭ كومپىيۇتېرغا ھېچقانداق نەرسە ساقلىغىلى بولمىغان. بەزىلەر ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ، ئۇلارنى ئىزدەپ كېلىپ كومپىيۇتېرنى ئوڭشاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئەمما بۇ ۋىرۇس ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ باش ئاغرىقى تېپىپ بەرگەن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئۈزۈلمەي تېلېفون كېلىپ ئۇلارنى ئەيىپلىگەن. ئۇلار ئاندىن دۇنيا بويىچە تۇنجى بۇزغۇنچىلىق خاراكتىردىكى كومپىيۇتېر ۋىرۇسنى ياساپ چىققان. يۇمشاق دېتالنى كۆچۈرۋالغان ۋاقىتتا پروگرامما ئۆز ئۆزىنى كۆپەيتىپ، ئوغۇرلۇقچە كۆچۈرۋالغۇچىنىڭ كومپىيۇتېرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراتقان. ھازىرقى كومپىيۇتېر ۋىرۇسىغا ئوخشاش باشقا كومپىيۇتېرنى توختىماي يوقۇملاندۇرغان.

C-BRAIN ۋىرۇسى كەسىپ ساھەسىدىكىلەر ئېتىراپ قىلغان دۇنيادىكى تۇنجى ھەقىقى ۋىرۇس ئالاھىدىلىكىنى ھازىرلىغان كومپىيۇتېر ۋىرۇسى.

كومپيۇتېر ۋىرۇسى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ ، ئەڭ دەسلەپتە ئۇلار پەقەت بەزى بىمەنە چاقچاق قىلىش ۋاستىسى ئىدى ، ھازىر تەرەققىي قىلىپ كەم بولسا بولمايدىغان ھەربىي قورال بولۇپ قالدى . يېقىندا « Computer Virus Catalog» تور بېكىتى كومپيۇتېر ۋىرۇسى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. بۇ تارىخ رەت تەرتىپتە ، بىز ۋىرۇسى ئاساسلىقى DOS دەۋر ، بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪا ۋىرۇسلار (گۈللەنگەن)، ئەلۋەتتە نۇرغۇن داڭلىق يامان نىيەتلىك يۇمشاق دېتاللار ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ تارىخىي مۇساپىدە كۆمۈلۈپ كەتتى . كىيىن , نۇرغۇن ۋىرۇسلارنىڭ ھەممىسى كۆرگىلى بولىدىغان بىرىكمە دېتال شەكلىدە بارلىققا كېلىدۇ ، مەسىلەن ، ۋىرۇس كۆرۈنىدىغان ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى بار ، يەنە سىزنىڭ كۇمپىيۇتىر ئىكرانىڭىز يېشىل زەمبۇرۇغ ۋىرۇسى بىلەن تولغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#