جىجىندۇڭ غارى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
جىجىندۇڭ غارى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − گۇيجۇ ئۆلكىسى جىجىن ناھىيىسىنىڭ تەۋەسىدە بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 450 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، 1987-يىلى ئۆلكە دەرىجىلىك مەنزىرىلىك رايون قىلىپ بېكىتىلگەن .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جىجىندۇڭ غارى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − گۇيجۇ ئۆلكىسى جىجىن ناھىيىسىنىڭ تەۋەسىدە بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 450 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، 1987-يىلى ئۆلكە دەرىجىلىك مەنزىرىلىك رايون قىلىپ بېكىتىلگەن، ئۇ جىجىن قەدىمىي شەھىرى، جىنجىن غارى، لوجيېخې جىلغىسى، خۇڭجيادۇ كېچىكى قاتارلىق تۆت چوڭ مەنزىرىلىك رايونغا بۆلۈنىدۇ.
جىجىن قەدىمىي شەھىرى
جىجىن قەدىمىي شەھىرى 1382-يىلى بىنا قىلىنغان، قەدىمىي شەھەرنىڭ ئۈچ تەرىپى تاغ بىلەن ئورالغان، دەريا شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ، شەھەر ئىچىدە 71 بۇلاق، 50 نەچچە راھىبەخانا، ئىبادەتخانا، بۇتخانا بار، بۇنىڭ ئىچىدە بايلىق ئىلاھى بۇتخانىسى قۇرۇلمىسىنىڭ ئاجايىپلىقى بىلەن داڭلىق؛ باۋئەن ئىبادەتخانىسى غار يەر شەكلى بىلەن ئەپچىل بىرلەشتۈرۈلگەن.
جىجىندۇڭ غارى ئېگىزلىكتىكى قۇرغاق ئۆڭكۈر بولۇپ، ئېلىمىزدىكى چوڭ غارلارنىڭ بىرى، پۈتۈن ئۇزۇنلۇقى 10 نەچچە كىلومېتىر، كۆلىمى 300 نەچچە مىڭ كۋادرات مېتىر، ئىككى تېمىنىڭ ئەڭ كەڭ يېرى 173 مېتىر، ۋېرتىكال ئېگىزلىكى كۆپىنچە 50-60 مېتىر، ئەڭ ئېگىز يەرلىرى150 مېتىرغا يېتىدۇ. غارنىڭ ئىچى كەڭتاشا، تاغ جىنس قاتلىمى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بولۇپ، «يىنبىڭتىڭ» (مېھمان كۈتۈۋېلىش زالى) ، «ۋەنشۇگۇڭ» (ئۇزۇن ئۆمۈر قەسرى) قاتارلىق 10 مەنزىرە نۇقتىسىغا بۆلۈنىدۇ؛ غار ئىچىدە يەنە 40 نەچچە خىل كارست دۆۋىسى بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە، شۇڭا «كارست مۇزېيى» دەپ ئاتالغان. غارنىڭ سىرتىدا يەر يۈزى كارستى، جىلغا، ئېقىن، شارقىراتما قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلەر بار. بۇ يەردە بۇيى، مياۋزۇ، يىزۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، نۇرغۇن مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەر كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.