خەنجەر چىشلىق يولۋاس

خەنجەر چىشلىق يولۋاس

خەنجەر چىشلىق يولۋاسنىڭ قوزۇق چىشى ناھايىتى تەرەققى قىلغان بولۇپ، شۇڭا خەنجەر چىشلىق يولۋاس دەپ ئاتالغان. ئەڭ چوڭ چىشىنىڭ ئۇزۇنلىقى 20 سانتېمىتىر كىلىدۇ. ئاغزىنى90 گىرادۇس ئاچالايدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى خەنجەر چىشلىق يولۋاس
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى ئەمگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى مۈشۈك ئائىلىسى
تۈرى چوڭ خەنجەر چىشلىق يولۋاس، پاستېر خەنجەر چىشلىق يولۋاس
خەنزۇچە ئاتىلىشى 剑齿虎(属)
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى گۆشخورلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى خەنجەر چىشلىق يولۋاس ئۇرۇقدىشى
كەنجى تىپى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خەنجەر چىشلىق يولۋاسخەنجەر چىشلىق يولۋاس مۈشۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋانلارنىڭ تەرەققى قىلغان بىر تارمىقى بولۇپ، يېڭىلىنىش دەۋرىدە پەيدا بولغان يەنى بۇنىڭدىن تەخمىنەن 3-1.5 مىليون يىللار بۇرۇن پەيدا بولۇپ ، يەرشارىدا ياشاپ نەسلى قۇرۇغان. بۇ يولۋاس تۈرى ئىنسانلارنىڭ ئەجدادلىرى بىلەن تەخمىنەن 3 مىليون يىل بىللە يەرشارىدا ياشىغان. بۇ خىل يولۋاسنىڭ بىر جۈپ چوڭ بولغان قوزۇق چىشى بولۇپ، پۇتى بىرئاز قىسقا. ھايۋاناتلار دۇنياسىدا پىلدىن باشقا بۇنداق زور چىشى بولغان ھايۋانلار تېخى پەيدا بولمىغان. پىلنىڭ چىشىمۇ خەنجەر چىشلىق يولۋاسنىڭ چىشىغا ئوخشاش قوزۇق چىش بولماستىن بەلكى ئۇتتۇر چىشتۇر.

بارلىققا كىلىشى 

خەنجەر چىشلىق يولۋاسبۇندىن 3 مىليون 500 مىڭ يىللار ئىلگىرى خەنجەر چىشلىق يولۋاس يەرشارىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، كىيىنكى تۈرلىرى بۇنىڭدىن تەخمىنەن1 مىليون 500 مىڭ يىللار بۇرۇنغىچە ياشىغان. شەكلى ھازىرقى يولۋاسلار بىلەن پەرىقلەنمەيدۇ. ئەمما قوزۇق چىشى ناھايتى چوڭ. قوزۇق چىش گۆشخور ھايۋانلارنىڭ ئوۋ ئوۋلايدىغان قۇرالى بولۇپ، نورمال ئەھۋالدا ئاستىنقى ۋە ئۈستىنكى قوزۇق چىشى تەڭ تەرەققى قىلىدۇ. ئەمما خەنجەر چىشلىق يولۋاسنىڭ ئاستىنقى قوزۇق چىشى رودمىتلىشىپ ئۈستىنكىسى ئالاھىدە تەرەققى قىلغان. بۇ ئېھتىمال پىلغا ئوخشاش چوڭ تىپتىكى، تىرىسى قېلىن ھايۋانلارنى ئوۋلاش سەۋەبىدىن بۇلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يولۋاسنىڭ باش سۆڭىكى ۋە باش مۇسكۇللىرىمۇ تەرەققى قىلغان بولۇپ، جاۋغىيىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە چوڭ ئېچىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلغان. لىكىن باشقا نوقتىدىن ئالغاندا بۇ يولۋاسنىڭ ئۇزۇن چىشى ئۆزىگە زىيانلىق بولغان، يەنى يەرشارىدىكى بۇ يولۋاسنىڭ ئوزۇقلىقى بولغان چوڭ تىپتىكى ئوتخور ھايۋانلارنىڭ يوقۇلىشى تەدرىجى ھالدا بۇ خىل ھايۋانىنىڭ يوقىلشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

نەسلىنىڭ قۇرۇپ كىتىشى 

خەنجەر چىشلىق يولۋاسخەنجەر چىشلىق يولۋاسنىڭ نەسلىنىڭ قۇرۇپ كىتىشىدە ئادەملەرنىڭمۇ ھەسسى بار. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ يولۋاسنىڭ پەيدا بولغان ۋاقتى مۇز دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يەرشارىنىڭ تېمپۇراتۇرسى ھازىرقىدىن 5-10 گىرادۇسقىچە تۆۋەن بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتىكى باشقا ئوتخور ھايۋانلارنىڭ تېرىسى قېلىن، گەۋدسى چوڭ، سوغۇققا ئاھايتى چداملىق، ئەمما گەۋدىسى چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن كالامپاي. شۇنىڭ بىلەن خەنجەر چىشلىق يولۋاسنىڭ ئۇزۇقلىقى مول بولغان. مۇز دەۋرى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن،تېمپۇراتۇرا ئۆرلىگەن. نەتىجىدە خەنجەر چىشلىق يولۋاس ئوزۇقلۇق قىلىدىغان تېرىسى قىلىن، سوغۇققا چىداملىق ئاشۇ ھايۋانلار تېمپۇراتۇرا ئۆزگىرشىگە ماسلىشالماي شىمالى ۋە جەنۇبى قۇتۇپ تەرەپكە يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولغان. ئەمما ئۇ تەرەپلەردە ئۇ ئۇتخور ھايۋانلارغا يىتەرلىك بولغان يايلاق ۋە ئوت_چۆپلەر يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاچارچىلقتا يەرشارىدىن يوقالغان. شۇنىڭ بىلەن خەنجەر چىشلىق يولۋاس ئوزۇقلۇق مەنبەسىدىن ئايرىلغان. ئات، بۇغا قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما تىنى دىنازاۋۇرنىڭكىگە ئوخشاش بەدىنى موقۇملىشىپ بولغان. سۈرئىتى ئۇنچە تىز ئەمەس،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېنسانلارنىڭ ئەجدادلىرى ئوقيا قاتارلىق ئوۋچىلىق قۇراللىرىنى كەشىپ قىلىپ باشقا ھايۋانلارنى ھەتتاكى خەنجەر چىشلىق يولۋاسلارنى تۇتقان .شۇنىڭ بىلەن خەنجەر چىشلىق يولۋاسنىڭ ياشاشقا تېخىمۇ ئامالى بولمىغان ھەمدە نەسلى قۇرۇپ يەر يۈزىدىن تامامەن يوقالغان.

خەنجەر چىشلىق يولۋاسخەنجەر چىشلىق يولۋاس ياۋروپا، ئاسىيا، ئامېرىكا قىتئەلىرىگە كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئەڭ مۇكەممەل تاش قاتمىسى ئامېرىكىدىن تېپىلغان. 1875-يىلى خەنجەر چىشلىق يولۋاسىنىڭ تۇنجى تاش قاتمىسى تېپىلغان بولۇپ، تېپىلغان مۇناسىۋەتلىك تاشقاتمىلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق قۇرامىغا يەتكەن يولۋاس تىنى 1.8 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا، ئېغىرلىقى 500-800 كېلوگىرام كىلىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. بۇ يولۋاس ئومۇرۇتقۇلۇق ھايۋانلار تۈرىنىڭ سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپى گۆشخور ھايۋانلار تۈرىگە كىرىدۇ. توپلىشىپ ياشايدۇ (ھازىرقى يولۋاسلار بولسا ئايرىم ھەركەت قىلىدۇ). 

خەنجەر چىشلىق يولۋاس ئەڭ بۇرۇن تەخمىنەن ئېئوتسېن دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بارلىققا كەلگەن، ئەڭ ئاخىرقى بولسا تەخمىنەن نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن  يوقىلىپ كەتكەن. تۆۋەندىكىسى ھەر قايسى خەنجەر چىشلىق يولۋاس ئۇرۇقدىشى، ئۇلارنىڭ جايلىشىدىغان ئورنى ھەمدە مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ: 

 ئۇرۇقداش نامى  خەنزۇچە ئۇرۇقداش نامى  ئىلمىي نامى تۈرلەر

نىڭ

سانى

 بارلىققا كىلىشى  يوقلىپ كىتىشى  تارقىلىش رايونى قوزۇق چىشىنىڭ  چوڭ-كىچىكلىكى 
 سلوۋېنىيە خەنجەر چىشلىق يولۋاس 斯剑虎 Smilodon 6 2500 مىڭ يىل بۇرۇن  8000 يىل بۇرۇن شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى 17 سانتىمېتىر
 يالغان خەنجەر چىشلىق يولۋاس 伪剑齿虎 Hoplophoneus 5 3370 مىڭ يىل بۇرۇن  2380 مىڭ يىل بۇرۇن جەنۇبىي، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى 
    Eusmilis 3 3050 مىڭ يىل بۇرۇن  2800 مىڭ يىل بۇرۇن ياۋروپا، جەنۇبىي، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى 
 قەدىمكى قارا بوران 古飙 Dinictis 4 4000 مىڭ يىل بۇرۇن  2500 مىڭ يىل بۇرۇن شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى 
 قەدىمكى ياۋۇز ھەيۋانلار  狄纳兽 Dinaelurus 1 ؟ ؟ شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى 
 قەدىمكى  لۇشى مۈشۈك ئاغمىخان  狄纳卢氏鼬猫 Dinailurictis 1 ؟ ؟ ؟ 
 ئەڭ دەسلەپتە مۈشۈك 始猫 Eofelis 1 ؟ ؟ ؟ 
   Nimravidus 2 ؟ ؟ ؟ 
 ئوۋ يولۋىسى  猎虎 Nimravus 6 3350 مىڭ يىل بۇرۇن 2000 مىڭ يىل بۇرۇن ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى 
   Nimraviscus 1 ؟ ؟ ؟ 
 مويلا چىشلىق ھايۋان 须齿兽

 Pogonodon 2 1500 مىڭ يىل بۇرۇن 600 مىڭ يىل بۇرۇن ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى 
   Quercylurus 1 ؟ ؟ ؟ 
   Archaelurus 1 ؟ ؟ ؟ 
   Aelurogale 1 ؟ ؟ ؟ 
   Ictidailurus 1 ؟ ؟؟ ؟ 
   Albanosmilus 3 1800 مىڭ يىل بۇرۇن 300 مىڭ يىل بۇرۇن ئافرىقا ۋە ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى 
 ئافرىقا قىتئەسى خەنجەر چىشلىق يولۋاس 非洲剑齿虎 Afrosmilus 1 2500 مىڭ يىل بۇرۇن 1000 مىڭ يىل بۇرۇن ئافرىقا قىتئەسى  
 بابۇ خەنجەر چىشلىق يولۋاس 巴博剑齿虎 Barbourofelis 7 1500 مىڭ يىل بۇرۇن 300 مىڭ يىل بۇرۇن ئافرىقا ۋە ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى 
 كىڭ خەنجەر چىشلىق يولۋاس 金氏剑齿虎 Ginsburgsmilus 1 2300 مىڭ يىل بۇرۇن 1000 مىڭ يىل بۇرۇنئافرىقا قىتئەسى 
 ئەسلىدىكى خەنجەر چىشلىق يولۋاس 原桑桑剑齿虎 Prosansanosmilus 2 1800 مىڭ يىل بۇرۇن 500 مىڭ يىل بۇرۇن ئافرىقا ۋە ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى 
 ساڭساڭ خەنجەر چىشلىق يولۋاس 桑桑剑齿虎 Sansanosmilus 3 1200 مىڭ يىل بۇرۇن 300 مىڭ يىل بۇرۇن ئافرىقا ۋە ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى 
 نەيچە خەنجەر چىشلىق يولۋاس 管剑齿虎 Syrtosmilus 1 2300 مىڭ يىل بۇرۇن 800 مىڭ يىل بۇرۇن  ئافرىقا قىتئەسى 
   Vampyrictis 1 1500 مىڭ يىل بۇرۇن 300 مىڭ يىل بۇرۇن ئافرىقا ۋە ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى 
 بىرىنچى جىڭدىن خەنجەر چىشلىق يولۋاس 毗瑟挐剑齿虎 Vishnusmilus 1 ؟ ؟ ؟ 
  خەنجەر چىشلىق يولۋاسقا ئوخشايدىغان  似剑齿虎 Homotherium 10 300 مىڭ يىل بۇرۇن 1 مىڭ يىل بۇرۇن ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى 
 خالتا خەنجەر چىشلىق يولۋاس 袋剑虎 Thylacosmilus 2 1000 مىڭ يىل بۇرۇن 180 مىڭ يىل بۇرۇن جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى 30 سانتىمېتىردىن يۇقىرى 
 كېيىن مۈشۈك 后猫 Metailurus 9 1500 مىڭ يىل بۇرۇن 800 مىڭ يىل بۇرۇن ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى 
  管猫 Adelphailurus 1 2300 مىڭ يىل بۇرۇن 500 مىڭ يىل بۇرۇن شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى  
 قۇشۇمچە خەنجەر چىشلىق يولۋاس 副剑齿虎 Paramachairodus 3 200-1500 مىڭ يىل بۇرۇن 900 مىڭ يىل بۇرۇن ياۋروپا قىتئەسى  
 قىسقا خەنجەر چىشلىق يولۋاس  短剑剑齿虎 Machairodus 18 1500 مىڭ يىل بۇرۇن 200 مىڭ يىل بۇرۇن ئافرىقا، ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى 
 زور ئېڭەك يولۋاس 巨颏虎 Megantereon 8 300 مىڭ يىل بۇرۇن 9000 يىل بۇرۇن ئافرىقا، ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى 
 قەدىمكى مۈشۈك  恐猫 Dinofelis 6 500 مىڭ يىل بۇرۇن 150 مىڭ يىل بۇرۇن ئافرىقا، ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى 
 لەيلىمە خەنجەر چىشلىق يولۋاس  浮渡剑齿虎 Pontosmilus 4 2000 مىڭ يىل بۇرۇن 900 مىڭ يىل بۇرۇن ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى 
 غەيرىي خەنجەر چىشلىق يولۋاس 异剑虎 Xenosmilus 1 170 مىڭ يىل بۇرۇن 100 مىڭ يىل بۇرۇن شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى  
 سېرىق نوتورۇس مۈشۈك  石猫 Stenailurus 1  ؟  ؟   ؟ 
 ئۈستى قىسقا خەنجەر  خەنجەر چىشلىق يولۋاس 上短剑剑齿虎 Epimachairodus 1  ؟  ؟  ؟ 
 ئوتتۇرا قىسقا خەنجەر  خەنجەر چىشلىق يولۋاس 中短剑剑齿虎 Miomachairodus 1  ؟  ؟  ؟ 
 يېرىم قىسقا خەنجەر  خەنجەر چىشلىق يولۋاس 半短剑剑齿虎 Hemimachairodus 1  ؟  ؟  ؟ 
 كۈچلۈك خەنجەر چىشلىق يولۋاس 强壮剑齿虎 Ischyrosmilus 1  ؟  ؟  ؟ 
 پاستېر خەنجەر چىشلىق يولۋاس 巴氏剑齿虎 Amphimachairodus palanderi ؟ 1000 مىڭ يىل بۇرۇن 600 مىڭ يىل بۇرۇن جۇڭگونىڭ سەنشى، لىنشيا ئويمانلىقى ۋە مەمۇرىي رايونلار 15 سانتىمېتىر

ئەمما ھازىر يەرشارىدا مۈشۈك ئائىلىسىدىكى باشقا يولۋاس، شىر قاتارلىق ھايۋانلار بارغۇ، ئۇلارنىڭ نەسلى نىمە ئۈچۈن قۇرۇمىغان. ئەينى ۋاقىتتا خەنجەر چىشلىق يولۋاس مۆشۇك ئائىلىسىدىكى ھايۋانلارنىڭ <ئاكىسى> بولۇپ، باشقىلار بولسا كىچىك تىپتىكى ھايۋانلارنى ئوۋلاپ ھايات كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. سۇ ئۈزۈش، دەرخكە يامىشش قاتارلىق ھەركەتلەر بىلەن ياشىغان. نەتىجىدە چوڭ تىپتىكى ھايۋانلار يوقالغاندىن كىيىن خەنجەر چىشلىق يولۋاسنىڭ ياشىشى قىيىنلاشقان. ئەمما باشقىللىرى بولسا گەرچە تەرەققى قىلغان قوزۇق چىشلىرى بولمىسىمۇ، ئەمما بەدىنى خەنجەر چىشلىق يولۋاقا قارىغاندا چوڭ. سۈرئىتى تىز، ...،قاتارلىق ئەۋزەللكىككە ئىگە بولغان. يەرشارىدا چوڭ تىپتىكى، تېرىسى قېلىن ئۇنداق ھايۋانلار يوقالغان تۇرسا، ئۇنداق چوڭ چىشنىڭ يەنە نىمە ئەھمىيتى.[0]

Archaelurus

Archaelurus

Barbourofelis

Ginsburgsmilus

Pontosmilus

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#