شۈ شىلىن

شۈ شىلىن (1873-1907-يىللار) جېجياڭنىڭ شەنيىن (ھازىرقى شاۋشىڭ) دېگەن يېرىدىن. يېقىنقى زاماندىكى داڭلىق دېموكراتىك ئىنقىلابچى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى شۈ شىلىن
باشقا نامى 徐伯荪
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1873-يىل 12-ئاينىڭ 17-كۈنى
كەسپى ئىنقىلابچى
خەنزۇچە ئىسمى 徐锡麟
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى جېجياڭ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1907-يىل 7-ئاينىڭ 7-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شۈ شىلىن (1873-1907-يىللار) جېجياڭنىڭ شەنيىن (ھازىرقى شاۋشىڭ) دېگەن يېرىدىن. يېقىنقى زاماندىكى داڭلىق دېموكراتىك ئىنقىلابچى. ئىلگىرى ئۇ يۇرتىدا مائارىپ بىلەن شۇغۇللانغان.  1903-يىلى ياپونىيىگە ئېكسكۇرسىيەگە بېرىپ، ياپونىيە دە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىك ئىنقىلاب ئىدىيىۋى ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، ئىنقىلاب بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىرادە باغلىغان. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شاۋشىڭ كىتابخانىسىنى ئېچىپ، ئىنقىلابىي ئىدىيىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىنقىلابىي ھاياتىنى باشلىغان. 

1904-يىلى شۈ شىلىن شاڭخەيدە گۇاڭفۇخۇي جەمئىيىتىگە قاتنىشىپ، جياڭسۇ، جېجياڭدىكى ئۇيۇشمىلار بىلەن پائال ئالاقە باغلاپ، چىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى مەخپىي پىلانلىغان. كېيىنكى يىلى، ئۇ شاۋشىڭدا داتۇڭ مەكتىپىنى قۇرۇپ، ئۇيۇشما تايانچلىرىنى مەشىق قىلدۇرۇپ، ئىنقىلابقا كۈچ توپلىغان ھەمدە ھەربىي، تەنتەربىيە مائارىپى بىلەن شۇغۇللىنىش نامى بىلەن نۇرغۇن قورال-ياراغ، ئوق-دورا سېتىۋېلىپ، قوزغىلاڭغا تەييارلىق قىلغان. 1906-يىلى ئىنقىلاب پائالىيىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ پۇل ئىئانە قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئېرىشمەكچى بولغان ھەمدە ئەنخۇيدىكى ئەنچىڭنىڭ ئەمەلدارلىق نامزاتىغا كۆرسىتىلىپ، ئەنخۇي چارلاش ساقچىخانىسىنىڭ يانداش نازارەتچى ئامباللىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ بۇ سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئىنقىلابىي تەشكىلاتنى تەرەققىي قىلدۇرغان ھەمدە چيۇ جىن بىلەن مەسلىھەتلىشىپ1907-يىلى 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەنخۇي، جېجياڭدا بىرلا ۋاقىتتا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى پىلانلىغان. لېكىن، ئىنقىلابىي پارتىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدا خائىن چىقىپ قالغاچقا، ئۇ مۇددەتتىن بۇرۇن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.

 1907-يىل 7-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئەنخۇي چارلاش ساقچىلىرى مەكتىپىدە ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن، ئەنخۇينىڭ باش مۇپەتتىشى ئېن مىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلارنى باشلاپ مۇراسىمغا قاتناشقان. مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈۋاتقاندا، شۈ شىلىن تۇيۇقسىز ھەرىكەتكە كېلىپ، ئېن مىڭنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ھەمدە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ، ھەربىي قورال پونكىتىنى ئىشغال قىلىپ، ئۆزلىرىنى تۇتقىلى كەلگەن چىڭ قوشۇنى بىلەن كەسكىن ئېتىشقان. لېكىن، ئۇلار ئاز، دۈشمەن كۆپ بولغاچقا، ئېتىشىش داۋامىدا يارىلىنىپ قولغا چۈشۈپ قالغان. ئەتىسى ئۇنىڭغا قورسىقىنى يېرىپ يۈرىكىنى سۇغۇرۇۋېلىش جازاسى بېرىلىپ، شەرەپ بىلەن قۇربان بولغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#