لى شياۋلوڭ
لى شياۋلوڭنىڭ ئەسلى ئىسمى لى جېنفەن، ئىنگىلىزچە ئىسمى Bruce Lee. ئۇ 1940-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1973-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋاپات بولغان. خەلقئارا داڭلىق جۇڭگولۇق جامباز كىنو ئارتىسى، رېژىسسور، جامبازچى، كەسمە مۇشتۋازلىق قائىدىلىرىنى ئىجاد قىلغۇچى ھەمدە شياڭگاڭ، گۇاڭدۇڭ تىياتىرى داڭلىق كۈلدۈرگە ئارتىسى لى خەيچۈەننىڭ ئوغلى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
لى شياۋلوڭلى شياۋلوڭنىڭ ئەسلى ئىسمى لى جېنفەن، ئىنگىلىزچە ئىسمى Bruce Lee. ئۇ 1940-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1973-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋاپات بولغان. خەلقئارا داڭلىق جۇڭگولۇق جامباز كىنو ئارتىسى، رېژىسسور، جامبازچى، كەسمە مۇشتۋازلىق قائىدىلىرىنى ئىجاد قىلغۇچى ھەمدە شياڭگاڭ، گۇاڭدۇڭ تىياتىرى داڭلىق كۈلدۈرگە ئارتىسى لى خەيچۈەننىڭ ئوغلى.
لى شياۋلوڭلى شياۋلوڭنىڭ ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرى شياڭگاڭ جيۇلوڭدا ئۆتكەن ۋە نۇرغۇنلىغان شياڭگاڭ كىنولىرىدا رول ئالغان. لى شياۋلوڭ 1970-يىلى شياڭگاڭ جياخې كىنو شىركىتىدىكى جو ۋېنخۇەينىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن شياڭگاڭغا قايتىپ گۇمپا ئاساسىي تېما قىلىنغان ھەرىكەتلىك كىنو «تاڭشەندىكى چوڭ ئاغا» (唐山大兄兄) دا باش رول ئېلىپ، باشقىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى يىراق-يېقىنغا تارقىلىشقا باشلىغان. ئۇ يەنە «جىڭۋۇ سارىيى» (精武门)، «ئەجدىھانىڭ دەريادىن ئۆتىشى» (猛龙过江)، «قاتتىق ئېلىشىش» (龙争虎斗) ھەمدە «ھالاكەت ئويۇنى» (死亡游戏) قاتارلىق 4 يېرىم ھەرىكەتلىك كىنودا رول ئېلىپ، پۈتكۈل كىنو ساھەسىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ۋە خەلقئارادىمۇ نام قازىنىشقا باشلىغان.
كەسمە مۇشتۋازلىق قائىدىلىرىنى ئىجاد قىلىپ، جۇڭگو گۇمپىسىنى ئەۋج ئالدۇرغان.
تەيۋەن ئالتۇن تۇلپار مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ماھارەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىنىڭ ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئەنگىلىيە ئاخبارات تارقىتىش جەمئىيىتى رىۋايەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئامېرىكىنىڭ «قارا لېنتا» ئون ئەسىر چامباشچىسىنىڭ بىرى.
ئامېرىكىنىڭ «قارا لېنتا» دۇنيادىكى يەتتە چوڭ داڭلىق چامباشچىنىڭ بىرى.
20-ئەسىردىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە 100 چوڭ سەنئەتكارنىڭ بىرى.
دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى 20-ئەسىردىكى قەھرىمان ۋە چولپان.
دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى يۈز يىللىق يەر شارىنىڭ ئون چوڭ مەدەنىيەت مەبۇدىسى.
دۇنيا چامباشچىلىق شاھى ۋە كىنو باش ئەلچىسى.
ئامېرىكا سەنئەت ساھەسىدىكى كەسىپداشلار جەمئىيىتىنىڭ ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
جۇڭگونىڭ 100 يىللىق كىنوچىلىقىدىكى 100 مۇنەۋۋەر ئارتىسنىڭ بىرى.
«100 يىللىق شانلىق يۇلتۇزى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
«Film ژۇرنىلى»دىكى 50 چوڭ كىنو قەھرىمانلىرىنىڭ بىرى.
ئامېرىكىلىق كىنوچىلىقىدىكى ئون چوڭ قاتتىق قوللۇق كۈچلۈك ئەر ئوبرازىنىڭ بىرى.
جۇڭگونىڭ كىنوچىلىق ئىشلىرىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرگەن كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان 67 پارچە كىنو بىرى «قاتتىق ئېلىشىش».
ياۋروپالىقلارغا ئەڭ تونۇش بولغان ئاسىيالىق.
ئەنگلىيەلىك مەشھۇر ئاسىيا ئەۋلادى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.[1]
لى شياۋلوڭ32 ياشلىق لى شياۋلوڭ 1973-يىلى 20-ئىيۇل «ھالاكەت ئويۇنى»نى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا، شياڭگاڭدىكى ئۆيىدە قازا قىلىشى ئەينى ۋاقىتتا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان. ھەتتا تا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىمۇ ئۇنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغايدۇ.
كېيىنكىلەر ئۇنى كەسمە مۇشىتۋازلىق قائىدىلىرىنى مۇكەممەلەشتۈرگەندىن كېيىن، گۇمپا ماھارىتى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن دەپ قارىشىدۇ.
لى شياۋلوڭ تارىختىن بۇيان ئەڭ كۈچلۈك تەسىر كۈچىگە ئىگە جامبازچى بولۇپلا قالماي، يەنە 20-ئەسىر ئاممىباب مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.