بودەك يار ئېقىنى

بودەك يار ئېقىنى چىرا ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ سەككىز كىلومېتىر غەربىدە بولۇپ، چىرا بوستانلىقىغا ئۈزلۈكسىز ئاپەت كەلتۈرىدىغان «بەش چوڭ قۇم-بوران ئېغىزى» نىڭ ئوتتۇرىسىنى كېسىپ ئۆتكەن. 

ئۇيغۇرچە نامى بودەك يار ئېقىنى
قاراشلىق رايون چىرا ناھىيەسى
تەۋە دۆلەت جۇڭگو

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ ئېقىننى چىرا ناھىيەسى 1987-يىلى قۇملىشىشتىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇم تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىش، چاڭ-توزان ۋە كۆچمە قۇمنى توسىدىغان توساق ھاسىل قىلىش يۈزىسىدىن يازدىكى كەلكۈن سۈيىدىن پايدىلىنىپ چاپتۇرغان. بۇ ئېقىن 350 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەدىمى بودەك ئۈجمە تۈۋىدىن باشلانغاچقا، بودەك يار دەپ ئاتالغان. بودەك يار ئۆستىڭى چېپىلغاندىن كېيىن چۆللىكتە يۇلغۇن، توزغاق، توغراق، يانتاق، ئاق تىكەن، چاكاندا، چىغ، ئېشەك قۇمىچى قاتارلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرغۇچى تەبىئىي ئورمان ۋە ئۆسۈملۈك توپى بارلىققا كەلدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ جاي قوغدىلىدىغان مۇھاپىزەت نۇقتىسى ۋە قۇملىشىشنى تىزگىنلەشتىكى توساق دەپ قارىلىپ، ئالاھىدە قوغداش رايونى دەپ بېكىتىلدى. بۇ ئۆستەڭنىڭ چېپىلىشى «بەش چوڭ قۇم-بوران ئېغىزى»نىڭ غەربىدىكى يىلىغا 5 بالدىن 10 بالغىچە 100 قېتىمدىن ئارتۇق چىقىدىغان قەرەلسىز قۇم-بوراننىڭ يېزا-كەنتلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنى %20 ـ %30 گىچە ئازايتقان. كۆچمە قۇم دانىچىلىرىنى يۈتىدىغان، چاڭ-توزاننى سۈمۈرىدىغان، شامال سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدىغان يېشىل توساق-بودەك يارنىڭ شەكىللىنىشى چىرا ناھىيەسى دە يېڭى بىر ئابىدە بولۇپ قالغان.  [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#