بالدىرغان

بالدىرغان

بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك شىنجاڭ بالدىرغىنىڭ تازىلاپ، قۇرۇتۇپ، نېپىز توغرالغان يىلتىزىدىن ئىبارەت بولۇپ «بالدىرغان» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى بالدىرغان
خەنزۇچە ئاتىلىشى 藁本

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك شىنجاڭ بالدىرغىنىڭ تازىلاپ، قۇرۇتۇپ، نېپىز توغرالغان يىلتىزىدىن ئىبارەت بولۇپ «بالدىرغان» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. سۇندۇرۇلغان يۈزى سۇس سېرىق رەڭلىك ياكى ئاقۇش سېرىق رەڭلىك، تەمى ئاچچىق - چۈچۈك، پۇرىقى خۇش پۇراق بولىدۇ.

يىلتىزسىمان غولىنىڭ تەركىبىدە %65 ئۇچۇچان ماي، ماينىڭ ئاساسلىق تەركىبىدە بوتېل فىتالدى (butylphthalide) قاتارلىقلار بار.

بالدىرغاننىڭ ئۇچۇچان مېيى مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىنى تىنچلاندۇرىدۇ. ئاغرىق توختىتىدۇ. يەڭگىل دەرىجىدە قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ. %30~15 بالدىرغان قايناتمىسى دائىم ئۇچرايدىغان كۆپ خىل تېرە كېسەللىكىنى پەيدا قىلغان زەمبۇرۇغلارغا نىسبەتەن تورمۇزلاش رولىنى ئوينايدۇ.

بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

ئاغرىق پەسەيتىش، تىنچلاندۇرۇش، سوغۇق يەل ۋە بەدەندىكى ئارتۇق ھۆللۈكنى تارقىتىش.

سوغۇقتىن بولغان زۇكام، باش ئاغرىقى، يېرىم باش ئاغرىقى، سوغۇق يەلدىن بولغان ئاشقازان ئاغرىقى ئىچى سۈرۈش، دانىخورەك قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. ئەپىيۇن 0.01 گىرام، بەزرۇلىبەنجى 7 گىرام، بالدىرغان 2 گىرام ئېلىپ تالقانلاپ ياكى سۇپۇپ تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.

2. زۇفا 10 گىرام، سەرپىستان 7 گىرام، چىلان 15 دانە، ئۈستىقۇددۇس 10 گىرام، بالدىرغان 7 گىرام، پىرسىياۋشەندىن 10 گىرامدىن ئېلىپ كاشكاپ تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان زۇكام ۋە نەزلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. تاباشىر 10 گىرام، كەھرىۋا 10 گىرام، بالدىرغاندىن 10 گىرام ئېلىپ، 10 گىرام قېتىق سۈزمىسىگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە، ئىچى سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

12~3 گىرام.

سېزىمنى سۇسلاشتۇرىدۇ.

سۇمبۇل.

سەندەل يېغى.

تەڭرىتاغ ئەتراپىدىن چىقىدۇ.

بالدىرغان تالقىنى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#