دوستلۇق چوققىسى مۇزلۇقى

دوستلۇق چوققىسى مۇزلۇقى ئېلىمىزدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن بولغان جىلغا مۇزلۇقى بولۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئىنتايىن داڭلىق مۇز چوققىسى ھېسابلىنىدۇ. مۇزلۇقنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 2416 مېتىر ئېگىزلىكتە كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى دوستلۇق چوققىسى مۇزلۇقى
باشقا نامى Drift ice
ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 10.8 كىلومېتىر
ئالاھىدىلىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئەڭ تۆۋەن بولغان جىلغا مۇزلۇقى
خەنزۇچە نامى 友谊峰冰川
جۇغراپىيەلىك ئورنى شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى
كۆلىمى 30.13 كۋادىرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دوستلۇق چوققىسى مۇزلۇقىدوستلۇق چوققىسى مۇزلۇقى ئېلىمىزدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن بولغان جىلغا مۇزلۇقى بولۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئىنتايىن داڭلىق مۇز چوققىسى ھېسابلىنىدۇ. ھەيۋەتلىك غايەت زور ھازىرقى زامان مۇزلۇقلىرى بىلەن قەدىمكى مۇزلۇقلارنىڭ كۈچلۈك تەسىرىدە ھەر خىل يەر شەكلى ئويۇلغان، ئېكسپېدىتسىيە ۋە ساياھەتتىكى ئەڭ ياخشى ئىلمىي تەكشۈرۈش تەتقىقات بازىسى. دوستلۇق چوققىسى مۇزلۇق قۇمقاناس موڭغۇل يېزىسى تەۋەسىگە جايلاشقان، جەنۇبىي بىلەن بۇرچىن ناھىيەسى نىڭ بازىرىنىڭ ئارىلىقى 210 كىلومېتىر كېلىدۇ، تاشيول ۋە ئاسفالت يول بار. قاناس كۆلى گە 66 كىلومېتىر كېلىدىغان يول بار.

دوستلۇق چوققىسى مۇزلۇقى  «دوستلۇق چوققىسى» نى تەخمىنەن پەرەز قىلىپ باقسا: بەلكىم ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر بۇ بىر پاسىل تاغ ئويلىشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس! بۇ جاي گەرچە جۇڭگو، موڭغۇلىيە، رۇسىيە ئۈچ دۆلەت چېگرىسىغا ناھايىتى يېقىن جايلاشقان بولسىمۇ، لېكىن پاسىل تاغ ئەمەس، ھەقىقىي پاسىل تاغ بولسا، دوستلۇق جەنۇبىي تېغىغا ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە. بۇ چوققا ئالتاي تاغ تىزمىسى نىڭ ئاساسلىق چوققىسى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4374 مېتىر، قاناس كۆلى بويىدىكى بېلىق تاماشا قىلىش راۋىقى. بۇ يەردىن ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان تاغ چوققىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. دوستلۇق چوققىسى مۇزلۇقى ئالتاي تېغىدىكى ئەڭ چوڭ مۇزلۇق، شۇنداقلا ئېلىمىزدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن بولغان جىلغا مۇزلۇقى بولۇپ، مۇزلۇقنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2416 مېتىر كېلىدۇ. ھەيۋەتلىك غايەت زور ھازىرقى زامان مۇزلۇقلىرى بىلەن قەدىمكى مۇزلۇقلارنىڭ كۈچلۈك تەسىرىدە ئويۇلۇپ، ھەر خىل يەر شەكلى ھالىتى مۇكەممەل ساقلانغان، بۇ جاي يەنە پەن-تەتقىقات خادىملىرى ۋە ئېكىسپىدىتسىيە قىلىش، تاغقا چىقىش ھەۋەسكارلىرى تەلپۈنىدىغان جاي. دوستلۇق چوققىسىنىڭ قاناس كۆلى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 70 كىلومېتىر كېلىدۇ، بىراق يەنىلا ئاتلىق ياكى پىيادە مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. 

دوستلۇق چوققىسى مۇزلۇقى قاناس دەرياسى مەنبەسى رايونىدىكى كۈيتۈن چوققىسى، دوستلۇق  چوققىسى نىڭ غەربىي جەنۇب ئېتىكى ۋە ئالتاي تېغىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ مۇزلۇق، شۇنداقلا ئېلىمىزدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن بولغان جىلغا مۇزلۇقى بولۇپ، مەملىكەت ئىچى سىرتىدا خېلى نامى بار. كۈيتۈن تېغى بولسا دۆلىتىمىز بىلەن رۇسىيە ۋە موڭغۇلىيە ئۈچ دۆلەت چېگرىسىدىكى تەبىئىي چېگرا، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4082 مېتىر، يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. ھەيۋەتلىك غايەت زور مۇزلـۇقلار قەدىمكى مۇزلۇقلارنىڭ كۈچلۈك تەسىرىدە ھەر خىل تىپتىكى مۇزلۇق يەر شەكلى بىلەن ئويۇلغان، بۇ يەرنى جاھاندىكى ئاجايىپ مەنزىرە دېيىشكە بولىدۇ.

دوستلۇق چوققىسى مۇزلۇقى

قاناس دەرياسى مەنبەسى رايونىدىكى مۇزلۇق بولسا، ئالتاي تېغىدىكى ئەڭ چوڭ مۇزلۇق مەركىزى رايونى بولۇپ، قار-مۇز بىلەن قاپلىنىش ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 400 كىلومېتىردىن ئارتۇق، ئۇنىڭ كۆلىمى ۋە زاپاس مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئېلىمىز تەۋەسىدىكى ئالتاي تاغلىق مۇزلۇقىنىڭ %71.46 ۋە %70.08 نى ئېگەللەيدۇ. دەريا مەنبەسى قاناس مۇزلۇقى-دوستلۇق چوققىسى غەربىي جەنۇب ئېتىكىدە، ئىككى مۇزلۇقنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان جىلغا مۇزلۇقى بولۇپ، ئۈستۈنكى كۆپ  قىسمى كۆپ پەللىلىك قار دانچىلىرى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 12 كىلومېتىر، كۆلىمى  30.13 كىلومېتىر، مۇزلۇقنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى 4000 مېتىر ئەتراپىدا، ئۇچى 2416 مېتىر، مۇزلۇق ئۈستى تەرىپىدىن بىر تاغ ئايرىپ تۇرىدۇ ھەمدە ئۇچى بىرلىشىپ تۇرىدۇ. بۇ مۇزلۇقنىڭ مۇز يۈزىنىڭ تەكشى ئېقىشى ئاستىلاپ، مۇزلۇق تاشقى يۈزىدىكى ھەرقايسى مۇز ئېقىمى ئارىسىدا بىرنەچچە قۇر ھاسىل بولۇپ تاكى ئاخىرىغىچە ئېقىپ تۇرىدۇ، مۇز قاتلىمىنىڭ ئەڭ قېلىنلىقى 130 مېتىردىن ئاشىدۇ. مۇزلۇقنىڭ ئالدى تەرىپىنىڭ ئېرىگەن قېلىنلىقى 3-2 مېتىر كېلىدۇ، مۇز ئۈستىدە كىچىك ئويمانلىق، مۇزلار ۋە مۇز ئۆڭكۈرلىرى بار، ھەمدە لەيلىمە شېغىل، توسما قاتارلىق ھازىرقى زامان مۇزلۇقىنىڭ مىكرو يەر قىياپىتى مەنزىرىسى بار. [2]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#