قىزىلگۈل دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. قىزىلگۈل (دورا)
  2. قىزىلگۈل ()
دورا

قىزىلگۈل

قىزىل گۇل

قىزىل گۈل بولسا قىزىل گۈلنىڭ (Rosae rugsae Thunb) گۈل بەرگىسى، ئەسـلى ئـۆسـۈمـلـۈكـى (Rosae rugsae Thunb) دىن ئىبارەت بۇلۇپ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتش ،تەرەتنى راۋانلانشتۇرۇش رولى بار. 

ئۇيغۇرچە نامى قىزىلگۈل
ئەرەبچە نامى ۋەردى ئەھمەر
ئىنگلىزچە Rose
شەكلى گۈلى توق قىزىل
تەمى ئاچـچـىـق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 玫瑰花
پارسچە نامى گۈلسۇرۇخ
ئوردۇچە نامى گۈلسۇرۇخ–گۇلاپ كاپۇل
جىسمى پـۇرىـقـى خـۇشـپـۇراق پـۇرايـدۇ.
ۋاقتى 5– ئاينىڭ ئاخىرى 6-ئاينىڭ باشلىرىدا گۈلى ئېچىلىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىزىل گۇلقىزىلگۈل بولسا  ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى  ئېگىزلىكى  بىر ئىككى مىتىر، غولى تىك توپلىشىپ ئۆسىدىغان چاتقال ئۆسۈملۈك، قىزىلگۈلنىڭ (Rosae rugsae Thunb) گۈل بەرگىسى، ئەسـلى ئـۆسـۈمـلـۈكـى (Rosae rugsae Thunb) دىن ئىبارەت. گۈلى توق قىزىلپـۇرىـقـى خـۇشـپـۇراق پـۇرايـدۇ.ئاچـچـىـق،  5– ئاينىڭ ئاخىرى6-، ئاينىڭ باشلىرىدا گۈلى ئېچىلىدۇ. مۇشۇ چاغدا يىغىۋېلىندۇ.

 غەيرى تەبىئىي ساپرا ماددىسىنى پوشۇرۇش، يۈرەك، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، كۆڭۈلنى ئېچىش، رەئىس ئەزالارنى ئاشقازان، ئۈچەينى قۇۋۋەتلەش، ئىششىق قايتۇرۇش، ھارارەت پەسەيتىش، قان توختىتىش، سېسىق پۇراقنى يوقىتىش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، تەرەتنى راۋان قىلىش خۇسۇسىيىتى بار.

خاس تەسىرى 

غەيرى تەبىئى سەپرا خىلىتىنى پىشۇرغۇچى دورا.

ئەكىس تەسىرى

كۆپ ئىشلەتسە جىنسىي قابىلىيەتنى تۆۋەنلەشتۈرۈۋېتىدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

قىزىلگۈلنىڭ سۇدىكى قايناتمىسى تىئوم كالىي تارتىرىنىڭ زەھرىنى قايتۇرىدۇ . قىزىلگۈل يېغى ئۆت سۇيۇقلىقىنىڭ ئاجىرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىترى سۈرىدۇ .

قىزىل گۈل گۈلدە ئۇچۇچانماي، موزا كىسلاتاسى، سيانىن (Cyanin) كاروتىن (Carotene)، سېرىق پىگمىنت قاتارلىقلار بار. مېۋىسىنىڭ تەركىبىدە Vc، گىلىكوزا، مېۋە شېكىرى، لىمون كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار.

قىزىل گۈل1. قىزىلگۈل 10 گرام، ئاق لەيلى گۈلى 10 گرام، ئىكىلىلمىلىك 15 گرام، بابۇنە 15 گرام قاتارلىق دورىلارنى سوقۇپ سىركە بىلەن سۇغۇرۇپ مەلھەم تەييارلاپ كۈندە سۈت بېزىگە چاپسا سۈت بېزى ئىششىقىنى قايتۇرىدۇ.

2. 10 گرام قىزىلگۈلنى سوقۇپ تالقان قىلىپ قولتۇققا سېلىپ بەرسە قولتۇق پۇراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. قىزىلگۈلدە ئەرەق تارتىپ ئىستېمال قىلسا غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن كېلىپ چىققان يۈرەك كېسىلى، جىگەر مەنبەلىك ئۇسسۇزلۇققا مەنپەئەت قىلىدۇ.

4. قىزىلگۈلدە گۈلقەنت تەييارلاپ بەرسە يۈرەك، ئاشقازان، جىگەر، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

5. گۈلنى پۇرىسا كۆڭۈلنى ئاچىدۇ. سۈيىنى چىقىرىپ باشقا چاپسا باش ئاغرىقىنى يوق قىلىدۇ.

6. يېڭى ئېچىلغان قىزىلگۈلدىن 30 گرام ئېلىپ قاينىتىپ ئىستېمال قىلسا قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

7. قىزىلگۈلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ توخۇ يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا بوۋاسىر ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

دورىلىق ئورنى

گۈل بەرگى 

مىقدارى

5-7گرام.

ساقلاش

گۈل بەرگىنى ئايرىپ سايىغا يېيىپ قۇرۇتۇپ قۇرۇق ئورۇندا ساقلىنىدۇ. 

تۈزەتكۈچىسى

رۇم بەدىيان، ھەببىي زەلەم

ئورۇنباسارى

گۈل بىنەپشە، مەرزەنىجۇش.

ئەرقى گۈل، گۈلقەنت، مەجۇنى دەبىدىلۋەد، گۈل يېغى، ئەرقى رەمەت.

جىگەر ياللۇغى، يۈرەك قىرىنچا ياللۇغى، يۈرەك رېتىمسىزلىقى، ئاشقازان ئاغرىقى، ھەرخىل ئىششىقلار، قەۋزىيەت – ئىچى سۈرۈش، قان تۈكۈرۈش ئېغىز ئاغرىقى، يۈرەك قوزغۇلۇش، كۆز ئاغرىقى، قۇلاق، باش ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللىكلەردە ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تىبابىتى خام دورىلار ئىلمى 1-توم سىناق نۇسخا شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتى،[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=138

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#