دۇنيا سودا تەشكىلاتى

دۇنيا سودا تەشكىلاتى

 دۇنيا سودا تەشكىلاتى ( World Trade Organization، قىسقارتىلىپ يېزىلىشى WTO) بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بېقىنمايدىغان مەڭگۈلۈك خەلقئارالىق سودا تەشكىلاتى .

ئۇيغۇرچە نامى دۇنيا سودا تەشكىلاتى
ئېنگىلىزچە ئاتىلىشى World Trade Organization
ئەزا دۆلەتلەر 162
باش شىتابى شىۋېتسارىينىڭ جەنۋە
خەنزۇچە ئاتىلىشى 世界贸易组织
قىسقارتىلىپ يېزىلىشى WTO
قۇرۇلغان ۋاقتى 1995-يىلى1-ئاينىڭ1-كۈنى
ئورگان تور بېتى https://www.wto.org/

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دۇنيا سودا تەشكىلاتى ( World Trade Organization، قىسقارتىلىپ يېزىلىشى WTO) بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بېقىنمايدىغان مەڭگۈلۈك خەلقئارالىق سودا تەشكىلاتى .

WTO دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئىنگىلىزچە قىسقارتىپ يېزىلىشى . دۇنيا سودا تەشكىلاتى 1995-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى قورۇلغان ، ئۇ مەخسۇس خەلقئارالىق سودا مۇناسىۋىتىنى ماشلاشتۇرىدىغان خەلقئارالىق سودا مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرىدىغان خەلقئارالىق ئىقتىسادى« بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ . دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ نىشانى ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ئاساسىدا باجنى كېمەيتىش ، خەلقئارالىق سودىدىكى باشقا سودا توسالغۇلىرى بىلەن كەمسىتىش مۇئامىلىسىنى يوقىتىش ، دۇنيانىىڭ بايلىق مەنبەسىدىن تولۇق پايدىلىنىش ، تاۋار ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالماشتۇرۇشنى كېگەيتىش ، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ، خەلقئارا سودا تەشكىلاتى خەلقئارا ئىقتىسادى- سودا ساھەسىدە ئۆز رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە . بولۇپمۇ ،ئۇ يولغا قويغان تەرەققىي تېپىۋاتقان دۆلەتلەرگە پايدىلىق بەزى ماددىلار تەرەققىي تېپىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

دۇنيا سودا تەشكىلاتى    2- دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي ، ئامېرىكىنىڭ تۈرتكىسىدە تاموژنا بېجى ۋە سودا كېلىشىمى ئىمزالاندى. 1995- يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنى ، تاموژنا بېجى ۋە سودا باش كېلىشىمى ئاساسىدا دۇنيا سودا تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ ، باش شىتابى شىۋېتسارىينىڭ جەنۋەگە تەسىس قىلندى . دۇنيا سودا تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى بازارلارنى ئېچۋېتىش ، كەمستىشتىن خالىي ئادىل سودا قىلىش پىرىنسىپلىرى ئارقىلق ، دۇنيا سودىسنىڭ ئەركىنىلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ ، دۇنيا سودىسنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت . دۇنيا سودا تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر ئارسىدىكى تاموژنا بېجى ئومۇميۈزلۈك تۆەنلىتىلىپ ، سودا توسالغۇلىرى يەنىمۇ ئازايتىلىپ ، خەلقئارا سودىنىڭ تەرەققىياتى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈلدى . دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى دۇنيا ئىقتسادىنىڭ دۇنياۋىلىشىشنىڭ مۇھىم ئىپادىسى ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش خەلقئارالىق ئىقتسادى پائالىيەتلەرگە يەنىمۇ كۆپ قاتنىشىپ ، ئېكسپورتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەبلەغ ۋە تېخنىكا كىرگۈزۈشكە پايدىلىق بولۇپ ، دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىقتسادى قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش جەھەتلىرىدە پائال رول ئوينايدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلارنى خەلقئارا رىقابەتكە تېخىمۇ كۆپ ، تېخىمۇ بىۋاستە قاتناشتۇرۇپ ، ئىقتسادى خىيىمخەتەرنى كۆپەيتىۋېتىدۇ . دۇنيا سودا تەشكىلاتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ، ئۇنىڭغا 134 دۆلەت ئەزا بولغانىدى . يەنە بەزى دۆلەتلەر ئۇنىڭغا كىرىش ئۈچۈن پائال تىرشچانلىق كۆرسەتتى.

جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بۇلىشى    1986- يىلدىن بېرى ، جوڭگۇ تاموژنا بېجى ۋە سودا باش كېلىشىمگە ئەزا بولۇش ئۈچۈن پائال تىرىشتى . جوڭگۇ ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ تۈپ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن 10 نەچچە يىلدىن بېرى جاپالىق سۆھبەت ئۆتكۈزدى . 2001- يىلى 11- ئايدا ، جوڭگۇ ئاخىر دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا رەسمى ئەزا بولدى .[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

WTO

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#