تەڭگە تاشلايدىغان تېلېفون

تەڭڭە تاشلايدىغان تېلېفۇن

تەڭڭە تاشلايدىغان تېلېفۇن- تەڭگە سېلىندىغان ئاممىۋى تېلېفون بۇلۇپ، ئىشلىتىشكە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن تەڭگە پۇل سېلىندىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن. ئۇنىڭ ئورنىتىش قۇلايلىق بۇلۇش، مەشغۇلاتى ئاددىي، ئاۋاز سۈپىتى ياخشى بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بار. 


ئۇيغۇرچە نامى تەڭگە تاشلايدىغان تېلېفون
چەتئەلچە نامى coin box telephone set
خەنزۇچە نامى 投币电话机
ئالاھىدىلىكى مەشغۇلاتى ئاددى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تەڭڭە تاشلايدىغان تېلېفۇنبۇرۇنقى ئاممىۋى تېلېفونلارنىڭ كۆپىنچىسى چوڭ كوچا بويلىرىدىكى، دوقمۇشلاردىكى كىچىك بوتكىلاردا بولۇپ، مەخسۇس خادىم باشقۇراتتى. باشقۇرغۇچى خادىم بار بولسا تېلېفوننى ئىشلەتكىلى بولاتتى، يوق بولسا ئىشلەتكىلى بولمايتتى. بۈگۈنكى كەندە، باشقۇرغۇچى خادىم بولمىسىمۇ بولىدىغان، ھەر قانداق چاغدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان نۇرغۇن «ئاپتوماتىك تېلېفون» لار بارلىققا كەلدى. تەڭگە تاشلايدىغان تېلېفون شۇلارنىڭ بىرى.

تەڭڭە تاشلايدىغان تېلېفۇنتەڭگە تاشلايدىغان تېلېفوننىڭ ئىچىدە بىر پۇل ساقلاش قۇتىسى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، ئۇ تېلېفون يولىنىڭ ئاپتوماتىك ۋىكليۇچاتېلىدۇر. سىز بەلگىلەنگەن تەڭگە پۇلنى، مەسىلەن، بىر يۈەنلىك تەڭگە پۇلنى سالسىڭىز، تېلېفون يولى ئاپتوماتىك ئېچىلىپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا سىز تېلېفون نومۇرىنى باسسىڭىزلا بولدى. ئەگەر تېلېفون ئۇلانمىسا، تەڭگە پۇل قايتىپ چىقىدۇ؛ تېلېفۇن ئۇلانسا، تېلېفوندىكى ئاپتوماتىك ۋاقىت ھېسابلىغۇچ ۋاقىت ھېسابلاشنى باشلايدۇ. ئادەتتە بىر قېتىم تاشلىغان تەڭگە پۇل بىلەن بەش مىنۇت سۆزلەشكىلى بولىدۇ. تېلېفوندا سۆزلەشكەن ۋاقتىڭىز ئۇزىراپ كەتسە، تېلېفوندىكى تاۋۇش سىستېمىسى سىزنى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇشقا ئاگاندۇرۇىدۇ. سۆزلىشىش ئاخىرلىشىشقا بەش سېكۇنت قالغاندا، ئۇ يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىدۇ. سىز داۋاملىق سۆزلەشمەكچى بولسىڭىز، يەنە تەڭگە سېلىشىڭىز كېرەك. بولمىسا، تېلېفون ئاپتوماتىك ئۈزۈلۈپ قالىدۇ.

تەڭگە تاشلايدىغان تېلېفون قۇلايلىق ھەم ھەق ئېلىشتا «ئادىل» ھازىر ئۇ دوختۇرخانا، سودا ساراي، پويىز ئىستانىسىسى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئاممىۋى سورۇنلاردىن «ئورۇن ئالدى».

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#