بەرەنگى كابىلى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ ئاردىسىيا كالا ئائىلىسىدىكى ياغاچ غوللۇق كىچىك چاتقال ئۈسۈملۈك بەرەنگى كابىلىنىڭ ئۇرۇقى بۇلۇپ، «بەرەنگى كابىلى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.شەكلى يۇمىلاق، قارا مۇچتىن سەل كىچىكرەك، قارا رەڭلىك، ئىچى ئاق، تەمى ئاچچىق، پۇرىقى سۇس كىلىدۇ.
ئۈسۈملۈك بەرەنگى كابىلىنىڭ ئۇرۇقى بۇلۇپ، «بەرەنگى كابىلى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ ، گۇاڭشى قاتارلىق جايلىرىدىن ھەمدە ھىندىستان ، ئافغانىستان قاتارلىق جايلاردىنمۇ چىقىدۇ.
ئۈچەي قۇرۇتلىرىنى ئۆلتۈرۈش، غەيرىي تەبئىي بەلغەم ۋە سەۋدا خىلىتلىرىنى سۈرۈش،يەل تارقىتىش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، چىش ئاغرىقىنى توختىتىش خۇسۇسىيىتى بار.
ئۈچەي قۇرتى، بۇلۇپمۇ قاپاق ئۇرۇقى مەددىسى، ھۆل جاراھەتلەر، ھەزىم ئاجىزلىقى، چىش ئاغرىقى، پەي مۇسكۇللار بوشاپ كىتىش، سۈيدۈك، ھەيز، راۋان بولماسلىق، بوغۇم ئاغرىقلىرى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
بۇنىڭ قۇرتۇلغان مېۋىسى تاسمىسىمان مەددە قۇرتنى ئۆلتۈرۈش تەسىرىگە ئىگە، ئۈنۈملۈك تەسىرى ئېمبېلىن بۇلۇپ، بۇ ھىندىستاندا تۇغۇت چەكلەش دورىسى قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئىشقارلىق فوسفورلارنىڭ ھەرىكىتىنى تورمۇزلايدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى
1. سوقمونىيادىن 3 گرام،شەھمەنزەلدىن 5 گرام ، سەبرىدىن 7 گرام، بەرەنگى كابلىدىن 10 گرام، شاپتۇل يۇپۇرمىقىدىن 30 گرام ئېلىپ، سوقۇپ تالقانلاپ، 5 گرامدىن ئىچىپ بەرسە، مەددە قۇرۇت كېسەللىكىگە پايدا قىلىدۇ. 2. سۆرۈنجاندىن 10 گرام ، توربۇتتىن 7 گرام، سانادىن 10 گرام، بادىياندىن 10 گرام، بەرەنگى كابىلىدىن 10 گرام ئېلىپ، تالقان قىلىپ كۈنىگە ئىككى ۋاق 5 گرامدىن ئىچىپ بەرسە ، بوغۇم ئاغرىقلىرىغا پايدىلىق . 3. 9 گرام بەرەنگى كابىلىنى يېڭى سۈت بىلەن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ، سەپرادىن بولغان مۇپاسىلغا مەنپەئەت قىلىدۇ. جاراھەتلەرنى قۇرتىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.