جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش قانۇنى

يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش قانۇنى 2008–يىلى 12–ئاينىڭ 27–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6–يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2008–يىلى 12–ئاينىڭ 27–كۈنى
قوللىنىلغان ۋاقتى 2009–يىلى 5–ئاينىڭ 1–كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国防震减灾法
پىنيىنچە يېزىلىشى zhōng huá rén mín gòng hé guó fáng zhèn jiǎn zāi fǎ
ئۆزگەرتىلگەن ۋاقتى 2008–يىلى 12–ئاينىڭ 27–كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ قانۇن يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال–مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش قانۇنى 2008–يىلى 12–ئاينىڭ 27–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6–يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللانغان.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى (7–نومۇرلۇق)

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش قانۇنى» 2008–يىلى 12–ئاينىڭ 27–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6–يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش قانۇنى» ھازىر ئېلان قىلىندى؛ 2009–يىلى 5–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

2008–يىلى 12–ئاينىڭ 27–كۈنى

1–باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1–ماددا بۇ قانۇن يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال– مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2–ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى باشقا دېڭىز تەۋەسىدە يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش–ئالدىن مەلۇمات بېرىش، يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يەر تەۋرەشتە جىددىي قۇتقۇزۇش، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش قاتارلىق يەر تەرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش ئىشلىرىغا تەتبىقلىنىدۇ.

3–ماددا يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، مۇداپىئەلىنىش بىلەن قۇتقۇزۇشنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ.

4–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بۇ خىزمەتنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا، خىراجىتىنى مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

5–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادنى ئۇنىۋېرسال ماكرولۇق تەڭشەش، قۇرۇلۇش، خەلق ئىشلىرى، سەھىيە، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئوبدان ماسلىشىپ، يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى بىرلىكتە ئىشلەيدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ئاپپاراتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئوبدان ماسلىشىپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى بىرلىكتە ئىشلەيدۇ.

6–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش–ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئاپپاراتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش–ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك، قوماندانلىق قىلىدۇ ۋە بۇ خىزمەتنى ماسلاشتۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش–ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئاپپاراتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش–ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك، قوماندانلىق قىلىدۇ ۋە بۇ خىزمەتنى ماسلاشتۇرىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ئاپپاراتى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش–ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئاپپاراتىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ.

7–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش بىلىمىگە دائىر تەشۋىق–تەربىيىنى قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

8–ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش ئىشلىرىغا قانۇن بويىچە قاتنىشىش مەجبۇرىيىتى بار.

دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى يەر تەۋرەشنى بىرلىكتە كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش، يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ.

دۆلەت پىدائىيلارنى يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش ئىشلىرىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ.

9–ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمى ۋە خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتى مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار، ھەربىي قانۇن–نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ۋە گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش–ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال–مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ.

10–ماددا يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش ئىشلىرىدا، دۆلەتنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.

11–ماددا دۆلەت يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش پەن–تېخنىكا تەتقىقاتىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش پەن–تېخنىكا تەتقىقات خىراجىتى سېلىنمىسىنى پەيدىنپەي كۆپەيتىپ، ئىلغار ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش خىزمىتى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىدۇ.

يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.

2–باب يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش يىرىك پىلانى

12–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە دۆلەتنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىپ يولغا قويىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ئاپپاراتى تەڭ دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بىر دەرىجە يۇقىرى يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش يىرىك پىلانى ۋە شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ يولغا قويىدۇ ھەم بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

13–ماددا يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش يىرىك پىلانى تۈزۈشتە، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، مۇۋاپىق جايلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، يەر تەۋرەش ئەھۋالى ۋە يەر تەرەش ئاپىتىنى مۆلچەرلەش نەتىجىسىنى ئاساس قىلىش ھەم خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال–مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەم ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى، بايلىق–مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ئېھتىياجلارنى تولۇق ئويلىشىش كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش يىرىك پىلانى تۈزۈش ئېھتىياجىغا قاراپ، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك.

14–ماددا يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش يىرىك پىلانىنىڭ مەزمۇنىدا يەر تەۋرەش ئەھۋالى ۋە يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى يېنىكلىتىش ئومۇمىي نىشانى، يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسا تورى قۇرۇلۇشىنىڭ جايلاشتۇرۇلۇشى، يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى، يەر تەۋرەشتە جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرى، شۇنىڭدەك يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىشكە دائىر تېخنىكا، ئۇچۇر، مەبلەغ، ئەشيا كاپالەت تەدبىرلىرى بولۇشى كېرەك.

يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش يىرىك پىلانى تۈزۈشتە، يەر تەۋرەشتە نۇقتىلىق كۆزىتىپ مۇداپىئەلىنىدىغان رايوننىڭ يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسا تورى قۇرۇلۇشى، يەر تەۋرەش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ كۆزىتىش، يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى، يەر تەۋرەشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقى، يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش بىلىملىرىگە دائىر تەشۋىق– تەربىيە قاتارلىقلارنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

15–ماددا يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش يىرىك پىلانىنى تەستىقلىتىشتىن بۇرۇن، تۈزگۈچى ئورگان ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە جامائەتتىن پىكىر ئېلىشى كېرەك.

يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش يىرىك پىلانىنى تەستىقلىتىش ھۆججىتىگە پىكىرلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالى ۋە سەۋەبىنىمۇ كىرگۈزۈش كېرەك.

16–ماددا يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش يىرىك پىلانى تەستىقلىنىپ ئېلان قىلىنغان ھامان قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك؛ يەر تەۋرەش ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجى بىلەن ئۇنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، تەستىقلىتىش تەرتىپى بويىچە تەستىقلىتىش كېرەك.

3–باب يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش

17–ماددا دۆلەت يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يەر تەۋرەشنى پەنلەر بويىچە كۆزىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش سەۋىيىسىنى پەيدىنپەي ئۆستۈرىدۇ.

18–ماددا دۆلەت يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسا تورىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دەرىجە ۋە تۈر بويىچە باشقۇرىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ئاپپاراتى يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسا تورى يىرىك پىلانىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تۈزىدۇ.

پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسا تورى دۆلەت دەرىجىلىك يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسا تورى، ئۆلكە دەرىجىلىك يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسا تورى ۋە شەھەر–ناھىيە دەرىجىلىك يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسا تورىدىن تەركىب تاپىدۇ، قۇرۇش مەبلىغى ۋە يۈرۈشتۈرۈش خىراجىتى مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

19–ماددا سۇ ئامبىرى، نېفىتلىك، يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قاتارلىق چوڭ قۇرۇلۇشلارنى قىلدۇرغۇچى ئورۇنلار گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە يەر تەۋرەشنى مەخسۇس كۆزىتىش ئىستانسا تورى قۇرىدۇ ياكى قاتتىق تەۋرەشنى كۆزىتىش ئەسلىھەسى ئورنىتىدۇ، قۇرۇش مەبلىغى ۋە يۈرۈشتۈرۈش خىراجىتىنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن چىقىرىدۇ.

20–ماددا يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسا تورى قۇرۇشتا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

21–ماددا يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسا تورىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن توختىتىپ تۇرۇشقا ياكى توختىتىۋېتىشكە بولمايدۇ.

يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئۇچۇرىنى يىغقۇچى، ئەۋەتكۈچى، تەھلىل قىلغۇچى، بىر تەرەپ قىلغۇچى، ساقلىغۇچى، يوللىغۇچى ئورۇنلار يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئۇچۇرىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار ئورۇنلارنى يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسا تورىنىڭ يۈرۈشىشىگە ئالاقە، قاتناش، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى كاپالەت شەرتلىرىنى ھازىرلاپ بېرىشكە تەشكىللىشى كېرەك.

22–ماددا دېڭىز بويىدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ئاپپاراتى دېڭىز تەۋەسىدىكى يەر تەۋرەش ھەرىكىتىنى كۆزىتىش، مۆلچەرلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك. دېڭىز تەۋەسىدە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ئاپپاراتى دېڭىز– ئوكيان مەسئۇل تارمىقىغا ۋە شۇ جايدىكى دېڭىز ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات ۋە باشقا ئاپپاراتلارغا ئەھۋالنى ۋاقىتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

يانار تاغ بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ئاپپاراتى يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئەسلىھەسى ۋە تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، يانار تاغ ھەرىكىتىنى كۆزىتىش، مۆلچەرلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

23–ماددا دۆلەت يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئەسلىھەسى ۋە يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش مۇھىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.

ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئەسلىھەسىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، بۇزۇۋېتىشىگە، چۇۋۇۋېتىشىگە ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۆتكىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئەسلىھەسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ئاپپاراتى جىددىي تەدبىر قوللىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئەسلىھەسىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش مۇھىتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ئاپپاراتى تەڭ دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش مۇھىتى مۇھاپىزەت دائىرىسىنى بېكىتىدۇ ھەم يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى ۋە شەھەر– يېزا يىرىك پىلانىغا كىرگۈزىدۇ.

24–ماددا قۇرۇلۇش قىلىش، كېڭەيتىش ۋە ئۆزگەرتىشتە، يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئەسلىھەلىرىگە ۋە يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش مۇھىتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك. دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلىرىدىن يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئەسلىھەسى ۋە يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش مۇھىتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشتىن ھەقىقەتەن ساقلانغىلى بولمىغانلىرىدا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ئاپپاراتىنىڭ تەلىپى بويىچە، كاشىلىغا تاقابىل تۇرۇش ئەسلىھەسىنى كۆپەيتىشى؛ كاشىلىغا تاقابىل تۇرۇش ئەسلىھەسىنى كۆپەيتەلمەيدىغانلىرى يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئەسلىھەسىنى يېڭىدىن قۇرۇشى كېرەك.

يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش مۇھىتى مۇھاپىزەت دائىرىسىدىكى قۇرۇلۇشلارغا شەھەر – بازار يىرىك پىلانى مەسئۇل تارمىقى ئورۇن تاللاش پىكىرنامىسىنى قانۇن بويىچە بېرىشتە، يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارماق ياكى ئاپپاراتتىن پىكىر ئېلىشى كېرەك؛ ئورۇن تاللاش پىكىرنامىسى بەرمىسىمۇ بولىدىغانلىرىغا شەھەر– يېزا يىرىك پىلانى مەسئۇل تارمىقى قۇرۇلۇش يېرىنى پىلانلاش ئىجازەتنامىسى ياكى يېزا– كەنت قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش ئىجازەتنامىسىنى قانۇن بويىچە بېرىشتە، يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارماق ياكى ئاپپاراتتىن پىكىر ئېلىشى كېرەك.

25–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئۇچۇرىدىن ئورتاق پايدىلىنىش سۇپىسىنى قۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ئاپپاراتى يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئۇچۇرىنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا يوللىشى كېرەك.

يەر تەۋرەشنى مەخسۇس كۆزىتىش ئىستانسا تورى ۋە قاتتىق تەۋرەشنى كۆزىتىش ئەسلىھەسىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئۇچۇرىنى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ئاپپاراتىغا يوللىشى كېرەك.

26–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ئاپپاراتى يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئۇچۇرىنى مۇھاكىمە قىلىش نەتىجىسىگە قاراپ، يەر تەۋرەش ئېھتىمالى بولغان ئورۇن، ۋاقىتنى ۋە تەۋرەش دەرىجىسىنى مۆلچەرلەيدۇ.

باشقا ئورۇن ۋە شەخسلەر مۇھاكىمە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان يەر تەۋرەشنى مۆلچەرلەش پىكرىنى شۇ جايدىكى ياكى مۆلچەرلىگەن جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ئاپپاراتىغا يازما مەلۇم قىلىشى ۋە ياكى گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقىغا بىۋاسىتە يازما مەلۇم قىلىشى كېرەك. يازما مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان تارماق ياكى ئاپپارات تىزىملىشى ھەم تاپشۇرۇۋالغانلىق ئىسپاتى بېرىشى كېرەك.

27–ماددا يەر تەۋرەش ئېھتىمالىغا مۇناسىۋەتلىك باشقىچە ئەھۋالنى بىلگەن ئورۇنلار ۋە شەخسلەر شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ئاپپاراتىغا مەلۇم قىلسا بولىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقىغا بىۋاسىتە مەلۇم قىلسىمۇ بولىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ئاپپاراتى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن تىزىملىشى ھەم تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا ۋاقتىدا تەشكىللىشى كېرەك.

28–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ئاپپاراتى يەر تەۋرەش ئەھۋالىنى مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى ئېچىشى، زۆرۈر تاپقاندا ئالاقىدار تارماقلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە باشقا ئالاقىدار خادىملارنى تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرۇپ، يەر تەۋرەشنى مۆلچەرلەش پىكرى ۋە يەر تەۋرەش ئېھتىمالىغا مۇناسىۋەتلىك باشقىچە ئەھۋالنى ھەر تەرەپلىمە تەھلىل قىلىپ ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، پىكىر تەييارلاپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە يوللىشى؛ يەر تەۋرەش ئەھۋالى مۇھاكىمە قىلىپ تەييارلانغان يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش پىكرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە يوللاشتىن بۇرۇن باھالىتىپ، يەكۈن چىقىرىشى ھەم تاقابىل تۇرۇش تەكلىپى بېرىشى كېرەك.

29–ماددا دۆلەت يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش پىكرىنى بىر تۇتاش ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

مەملىكەت دائىرىسىدە يەر تەۋرەش ھەققىدىكى ئۇزاق ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىك ئالدىن مەلۇمات بېرىش پىكرىنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلىدۇ. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە يەر تەۋرەش ھەققىدىكى ئالدىن مەلۇمات بېرىش پىكرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن تەرتىپ بويىچە ئېلان قىلىدۇ.

ئۆزىنىڭ ياكى شۇ ئورۇننىڭ ئۇزاق ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىك يەر تەۋرەش ھەرىكىتىنىڭ يۈزلىنىشىگە دائىر تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش، شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك ئىلىم ئالماشتۇرۇشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يەر تەۋرەشنى مۆلچەرلەش پىكرىنى جەمئىيەتكە تارقىتىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يەر تەۋرەشنى مۆلچەرلەش پىكرى ۋە ئۇنى باھالاش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە تارقىتىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

30–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى يەر تەۋرەش ھەرىكىتىنىڭ يۈزلىنىشى ۋە يەر تەۋرەش خەۋپىنى مۆلچەرلەش نەتىجىسىگە قاراپ، يەر تەۋرەش نۇقتىلىق كۆزىتىلىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىدىغان رايوننى بېكىتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى يەر تەۋرەش نۇقتىلىق كۆزىتىلىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىدىغان رايوندىكى يەر تەۋرەش ئەھۋالىنى كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، يەر تەۋرەش ھەرىكىتىنىڭ يۈزلىنىشىنى تەھلىل قىلىپ، باھالاپ، يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش بويىچە يىللىق خىزمەت پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىپ يولغا قويىدۇ.

يەر تەۋرەش نۇقتىلىق كۆزىتىلىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىدىغان رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش بويىچە يىللىق خىزمەت پىكرى ۋە شۇ جاينىڭ يەر تەۋرەش ھەرىكىتى يۈزلىنىشى بويىچە، ئالاقىدار تارماقلارنى يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش خىزمىتىگە تەشكىللىشى كېرەك.

يەر تەۋرەش نۇقتىلىق كۆزىتىلىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىدىغان رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ئاپپاراتى يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسا تورىنى كۆپەيتىپ، يەر تەۋرەش ئەھۋالىنى ئىزلاپ كۆزىتىش، كۆچمە كۆزىتىش ۋە يەر تەۋرەش ئېھتىمالىغا مۇناسىۋەتلىك باشقىچە ئەھۋالنى كۆزىتىش خىزمىتى شۇنىڭدەك بىرلىكتە كۆزىتىش ۋە مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ئوبدان تەشكىللىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا يوللىشى كېرەك.

31–ماددا دۆلەت يەر تەۋرەش تەسىر دەرىجىسىنى تېز مەلۇم قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىدۇ.

يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى يەر تەۋرەش تەسىر دەرىجىسىنى تېز مەلۇم قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق، ئاپەت دەرىجىسىنى تېز ھۆكۈم قىلىپ، يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلىشقا ئاساس يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

32–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ئاپپاراتى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايوندا يەر تەۋرەشنى كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، يەر تەۋرىگەن نەق مەيداندا كۆچمە كۆزىتىش نۇقتىسى قۇرۇپ، يەر تەۋرەش ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ، يەر تەۋرەش ھەرىكىتىنىڭ يۈزلىنىشىنى ۋاقتىدا تەھلىل قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىپ، قالدۇق يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە ئاساس يارىتىپ بېرىش كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ئاپپاراتى، يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسا تورىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار يەر تەۋرەشكە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال ۋە ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا توپلىشى ۋە ساقلىشى ھەمدە مۇكەممەل ئارخىپ تۇرغۇزۇشى كېرەك.

33–ماددا چەت ئەل تەشكىلاتلىرى ياكى چەت ئەللىك شەخسلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى باشقا دېڭىز تەۋەسىدە يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىشلىرىنى قىلىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى بىلەن باشقا ئالاقىدار تارماقلارغا تەستىقلىتىشى ھەمدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى باشقا ئالاقىدار تارماق ياكى ئورۇن بىلەن ھەمكارلىشىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى شەرت.

4–باب يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

34–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يەر تەۋرەش تەسىر دەرىجىسى بويىچە رايونغا ئايرىش خەرىتىسى ياكى يەر تەۋرەش دىنامىكىلىق پارامېتىرى بويىچە رايونغا ئايرىش خەرىتىسىنى تۈزۈشكە مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ئاپپاراتى قۇرۇلۇشلارنىڭ يەر تەۋرەش بىخەتەرلىكى بويىچە باھالاش دوكلاتىنى تەكشۈرۈپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش تەلىپىنى بېكىتىدۇ.

35– اددا يېڭىدىن سېلىنغان، كېڭەيتىلىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان قۇرۇلۇشلارنى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش تەلىپىگە يەتكۈزۈش كېرەك.

چوڭ قۇرۇلۇشلار ۋە ئېغىر ئەگەشمە ئاپەت پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان قۇرۇلۇشلارنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە بىنائەن يەر تەۋرەش بىخەتەرلىكى بويىچە باھالىتىش ھەمدە تەكشۈرۈلگەن يەر تەۋرەش بىخەتەرلىكى بويىچە باھالاش دوكلاتىدا بېكىتىلگەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش تەلىپىگە يەتكۈزۈش كېرەك. قۇرۇلۇشلارنى يەر تەۋرەش بىخەتەرلىكى بويىچە باھالىغۇچى ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمى بويىچە باھالىشى ھەمدە يەر تەۋرەش بىخەتەرلىكى بويىچە باھالاش دوكلاتىنىڭ سۈپىتىگە جاۋابكار بولۇشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنمىگەن قۇرۇلۇشلارنى يەر تەۋرەش تەسىر دەرىجىسى بويىچە رايونغا ئايرىش خەرىتىسى ياكى يەر تەۋرەش دىنامىكىلىق پارامېتىرى بويىچە رايونغا ئايرىش خەرىتىسىدە بېكىتىلگەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش تەلىپىگە يەتكۈزۈش كېرەك؛ مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىق ئادەم كۆپ توپلىشىدىغان سورۇنلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى شۇ جايدىكى ئۆي–ئىمارەتلەرنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش تەلىپىدىن يۇقىرى قىلىپ لايىھىلەپ ۋە سېلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۇنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

36–ماددا قۇرۇلۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرلاش ئۆلچىمىنى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش تەلىپى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك.

37–ماددا دۆلەت شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر تەۋرەش رايونىنى ئايرىش تەپسىلىي خەرىتىسى تۈزۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ. يەر تەۋرەش رايونىنى ئايرىش خەرىتىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرىدۇ.

38–ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇشنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ لايىھىلىنىشىگە ۋە قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا مەسئۇل بولىدۇ.

لايىھىلىگۈچى ئورۇن قۇرۇلۇشنى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش تەلىپى ۋە قۇرۇلۇشنىڭ مەجبۇرلاش ئۆلچىمى بويىچە يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ لايىھىلىشى ھەمدە يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ لايىھىلەش سۈپىتىگە شۇنداقلا چىقارغان قۇرۇلۇش قىلىش چېرتيوژى لايىھە ھۆججىتىنىڭ توغرا بولۇشىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇشنى قۇرۇلۇش قىلىش چېرتيوژىنىڭ لايىھە ھۆججىتى ۋە قۇرۇلۇشنىڭ مەجبۇرلاش ئۆلچىمى بويىچە سېلىشى ھەمدە قۇرۇلۇش قىلىش سۈپىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ۋە قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش قىلىش چېرتيوژىنىڭ لايىھە ھۆججىتى ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ماتېرىيال، زاپچاس ۋە ئۈسكۈنىنى تاللاپ ئىشلىتىشى كېرەك.

قۇرۇلۇش نازارەتچىلىك ئورنى قۇرۇلۇش قىلىش چېرتيوژىنىڭ لايىھە ھۆججىتى ۋە قۇرۇلۇشنىڭ مەجبۇرلاش ئۆلچىمى بويىچە نازارەت قىلىشى ھەمدە قۇرۇلۇش سۈپىتىنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

39–ماددا پۈتكەن تۆۋەندىكى قۇرۇلۇشلاردىن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرى قوللىنىلمىغانلىرى ياكى شۇ تەدبىرنى تەلەپكە يەتكۈزمىگەنلىرىنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداش ئىقتىدارىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە باھالاش ھەمدە زۆرۈر پۇختىلاش تەدبىرى قوللىنىش كېرەك:

(1) چوڭ قۇرۇلۇشلار؛

(2) ئېغىر ئەگەشمە ئاپەت پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان قۇرۇلۇشلار؛

(3) زور تارىخىي، ئىلمىي، بەدىئىي قىممىتى ياكى مۇھىم خاتىرە ئەھمىيىتى بار قۇرۇلۇشلار؛

(4) مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىق ئادەم كۆپ توپلىشىدىغان سورۇنلاردىكى قۇرۇلۇشلار؛

(5) يەر تەۋرەش نۇقتىلىق كۆزىتىلىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىدىغان جايدىكى قۇرۇلۇشلار.

40–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەنت ئاھالىسىنىڭ تۇرالغۇسى ۋە يېزا، كەنت جامائەت ئەسلىھەلىرىنى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش تەلىپى بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزىلاردا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىي تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ۋە يارىتىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش تەلىپىگە يەتكەن، ئەرزان، قۇلاي، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە قۇرۇلۇش لايىھىسى ۋە قۇرۇلۇش قىلىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ، ئالاقىدار تېخنىك خادىملارنى تەربىيىلەپ، ئۈلگە قۇرۇلۇشلارنى سېلىپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ تۇرالغۇسى ۋە يېزا، كەنت جامائەت ئەسلىھەلىرىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش سەۋىيىسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈشى كېرەك.

دۆلەت يېزىلاردىكى كەنت ئاھالىسىنىڭ تۇرالغۇلىرى ۋە يېز، كەنت جامائەت ئەسلىھەلىرىدىن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىشكە توغرا كېلىدىغانلىرىغا تېگىشلىك مەدەت بېرىدۇ.

41–ماددا شەھەر، يېزا پىلانلاشتا، يەر تەۋرەشتىن جىددىي پاناھلىنىش ئېھتىياجىغا قاراپ جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش يولى ۋە جىددىي پاناھلىنىش سورۇنىنى مۇۋاپىق بېكىتىش، يەر تەۋرىگەندە جىددىي پاناھلىنىشقا كېرەكلىك قاتناش ئۇل ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشى، سۇ–توك بېرىش، بۇلغىما چىقىرىش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

42–ماددا يەر تەۋرەشتە نۇقتىلىق كۆزىتىپ مۇداپىئەلىنىدىغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، شۇ دەرىجىلىك مالىيە خام چوتى ۋە ئەشيا زاپىسىدىن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ۋە ئەشياسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

43–ماددا دۆلەت يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش تەلىپىگە ئۇيغۇن، ئەرزان، قۇلاي يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر، يېڭى ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىپ يارىتىشقا ۋە كېڭەيتىشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

44–ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارمىقى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى، شەھەردىكى كوچا باشقارمىسى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار يەر تەۋرەشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە ۋە يەر تەۋرەشتە جىددىي قۇتقۇزۇش بويىچە زۆرۈر مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللەپ، پۇقرالارنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

ئورگانلار، تەشكىلاتلار، كارخانىلار ۋە كەسپىي ئورۇنلار شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، خادىملىرىغا يەر تەۋرەشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بىلىملىرىگە دائىر تەشۋىق–تەربىيىنى كۈچەيتىپ، يەر تەۋرەشتە جىددىي قۇتقۇزۇش بويىچە مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى يەر تەۋرەشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە، يەر تەۋرەشتە جىددىي قۇتقۇزۇش بويىچە زۆرۈر مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلاردا بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە ئۆزىنى، باشقىلارنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش، ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى قۇتقۇزۇش بىلىملىرى بويىچە جامائەت پاراۋانلىق تەشۋىقاتى قىلىشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ئاپپاراتى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش بىلىملىرىگە دائىر تەشۋىق– تەربىيە ۋە يەر تەۋرەشتە جىددىي قۇتقۇزۇش مانېۋىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى، ياردەملىشىشى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

45–ماددا دۆلەت يەر تەۋرەش ئاپىتىدە مالىيىدىن مەدەت بېرىلىدىغان سۇغۇرتا ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

5–باب يەر تەۋرەشتە جىددىي قۇتقۇزۇش

46–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، دۆلەتنىڭ يەر تەۋرەشتىكى جىددىي تەدبىر لايىھىسىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى دۆلەتنىڭ يەر تەۋرەشتىكى جىددىي تەدبىر لايىھىسى بويىچە، شۇ تارماقنىڭ يەر تەۋرەشتىكى جىددىي تەدبىر لايىھىسىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار قانۇن–نىزام، قائىدە، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارمىقىنىڭ يەر تەۋرەشتىكى جىددىي تەدبىر لايىھىسىگە ۋە شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ يەر تەۋرەشتىكى جىددىي تەدبىر لايىھىسى ۋە شۇ تارماقنىڭ يەر تەۋرەشتىكى جىددىي تەدبىر لايىھىسىنى تۈزۈشى كېرەك. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە چوڭراق شەھەرلەرنىڭ يەر تەۋرەشتىكى جىددىي تەدبىر لايىھىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

قاتناش، تۆمۈريول، سۇچىلىق، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىق ئادەم كۆپ توپلىشىدىغان سورۇنلارنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار شۇنىڭدەك ئەگەشمە ئاپەت پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان يادرو ئېلېكتر، كان، خەتەرلىك بۇيۇم قاتارلىقلارنى ئىشلەپ چىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچى ئورۇنلار يەر تەۋرەشتىكى جىددىي تەدبىر لايىھىسىنى تۈزۈشى ھەمدە شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقىغا ياكى ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

47–ماددا يەر تەۋرەشتىكى جىددىي تەدبىر لايىھىسىنىڭ مەزمۇنىدا تەشكىللەش، قوماندانلىق قىلىش سىستېمىسى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى، ئالدىنى ئېلىش ۋە سىگنال بېرىش مېخانىزمى، بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى، جىددىي ئاۋاز قوشۇش ۋە جىددىي كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى قاتارلىقلار بولۇشى كېرەك.

يەر تەۋرەشتىكى جىددىي تەدبىر لايىھىسىنى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق پەيتتە تۈزىتىش كېرەك.

48–ماددا يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش پىكرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەر تەۋرەش ھەققىدىكى ئالدىن مەلۇماتقا قاراپ ئالاقىدار رايونلارنىڭ يەر تەۋرەش ئالدىدىكى جىددىي مەزگىلگە كىرگەنلىكىنى جاكارلىسا بولىدۇ؛ ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەر تەۋرەشتىكى جىددىي تەدبىر لايىھىسى بويىچە، ئالاقىدار تارماقلارنى جىددىي مۇداپىئەلىنىش ۋە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ئىشلەشكە تەشكىللىشى كېرەك.

49–ماددا يەر تەۋرەش ئاپىتى ئىجتىمائىي خەۋپ دەرىجىسى، تەسىر دائىرىسى قاتارلىق ئامىللارغا قاراپ، ئادەتتىكىدەك، قاتتىقراق، قاتتىق، بەك قاتتىق دەپ تۆت دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. كونكرېت دەرىجىگە ئايرىش ئۆلچىمى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

ئادەتتىكىدەك ياكى قاتتىقراق يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى شەھەرلىك، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار تارماقلارنى جىددىي تەدبىر لايىھىسىنى يولغا قويۇشقا تەشكىللەيدۇ؛ قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار تارماقلارنى جىددىي تەدبىر لايىھىسىنى يولغا قويۇشقا تەشكىللەيدۇ؛ بەك قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن ئالاقىدار تارماقلارنى جىددىي تەدبىر لايىھىسىنى يولغا قويۇشقا تەشكىللەيدۇ.

50–ماددا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش–ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئاپپاراتى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلارنى ئاپەت ئەھۋالىنى تېز ئېنىقلاشقا دەرھال تەشكىللىشى، يەر تەۋرەشتە جىددىي قۇتقۇزغۇچىلارنى تەقسىملەش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەمدە تۆۋەندىكى جىددىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك:

(1) بېسىلىپ قالغان، كۆمۈلۈپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇشقا تېزدىن تەشكىللەش ھەمدە ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە خادىملارنى ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەش؛

(2) جىددىي داۋالاش، قۇتقۇزۇشقا تېزدىن تەشكىللەش، يارىدارلارنى يۆتكەش ۋە قوبۇل قىلىش، قۇتقۇزۇشنى ماسلاشتۇرۇش؛

(3) بۇزۇلغان قاتناش، تۆمۈريول، سۇچىلىق، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى جىددىي رېمونت قىلىشقا تېز تەشكىللەش؛

(4) جىددىي پاناھلىنىش سورۇنى ياكى ۋاقىتلىق پاناھلىنىش سورۇنىنى ئىشلىتىپ، قۇتقۇزۇش ئەشيا تەمىنات نۇقتىلىرىنى ئاجرىتىپ، قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى، ئاددىي تۇرالغۇ ۋە ۋاقىتلىق تۇرالغۇ بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ۋاقتىدا يۆتكەپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىچىملىك سۇنى دىزېنفېكسىيىلەشكە ۋە سۇ سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسىنى پائال يولغا قويۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش؛

(5) خەتەر مەنبەسىنى تېز كونترول قىلىپ، خەتەرلىك سورۇنلارنى تېز قامال قىلىپ، ئەگەشمە ئاپەتنى بىر–بىرلەپ تەكشۈرۈپ ۋە كۆزىتىپ، سىگنال بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يەر تەۋرەشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان ئوت ئاپىتى، سۇ ئاپىتى، پارتلاش، تاغ سىيرىلىش ۋە گۈمۈرۈلۈش، لاتقا–شېغىل كېلىش، يەر ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ياكى ئۆتكۈر زەھەرلىك، قاتتىق چىرىتكۈچى، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار كۆپلەپ چىقىپ كېتىش قاتارلىق ئەگەشمە ئاپەت ۋە يۇقۇملۇق كېسەل تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛

(6) ئىجتىمائىي تەرتىپنى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش يۈزىسىدىن قانۇن بويىچە زۆرۈر تەدبىر قوللىنىش.

51–ماددا بەك قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش–ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئاپپاراتى ئاپەت رايونىدا نەق مەيدان قوماندانلىق ئاپپاراتى قۇرىدۇ ھەمدە ئېھتىياجغا قاراپ مۇناسىپ خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنى قۇرۇپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ، قوماندانلىق قىلىدۇ ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمى ۋە خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، ئىش تەقسىملەپ مەسئۇل بولۇپ، ئوبدان ماسلىشىپ، يەر تەۋرەشتە جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى بىرلىكتە ئىشلىشى كېرەك.

52–ماددا يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەر تەۋرەش ئەھۋالى ۋە ئاپەت ئەھۋالى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك، زۆرۈر تاپقاندا دەرىجە ئاتلاپ يۇقىرىغا مەلۇم قىلسا بولىدۇ، كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلىشقا، يالغان مەلۇم قىلىشقا، يوشۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

يەر تەۋرەش ئەھۋالى، ئاپەت ئەھۋالى ۋە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇچۇرلىرى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە بىنائەن، سىستېمىلار بويىچە باشقۇرۇلىدۇ، بىر تۇتاش، توغرا، ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىدۇ.

53–ماددا دۆلەت يەر تەۋرەشتە جىددىي قۇتقۇزۇش يېڭى تېخنىكىسى ۋە جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىپ، زۆرۈر جىددىي قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرى، جابدۇقلىرىنى يۆتكەپ ۋە زاپاس ساقلاپ، جىددىي قۇتقۇزۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

54–ماددا گوۋۇيۈەن دۆلەت يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش قوشۇنى قۇرىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە يەر تەۋرەشتە نۇقتىلىق كۆزىتىپ مۇداپىئەلىنىدىغان جايلاردىكى شەھەرلىك، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، ھازىرقى ئوت مۇداپىئە قوشۇنى قاتارلىق قوشۇنلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، بىر قوشۇندىن كۆپ تەرەپلىمە پايدىلىنىش، مەخسۇس ئىشلەش بىلەن قوشۇمچە ئىشلەشنى بىرلەشتۈرۈش پرىنسىپى بويىچە، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش قوشۇنى قۇرىدۇ.

يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش قوشۇنىغا جابدۇق، ئۈسكۈنە سەپلەپ بېرىپ، ئۇلارنى تەربىيىلەپ ۋە مەشىق قىلدۇرۇپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش قوشۇنى قۇتقۇزۇشتا، ئىمارەت، قۇرۇلما بېسىۋالغانلارنى ئاۋۋال جىددىي قۇتقۇزۇشى كېرەك.

55–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى بويىچە ئوبدان ماسلىشىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش قوشۇنى ۋە داۋالاش–قۇتقۇزۇش قوشۇنىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن تېز، ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇشنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

56–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتقۇزغۇچى پىدائىيلار قوشۇنى قۇرۇپ ھەمدە يەر تەۋرەشتە جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەپ ۋە مەشىق قىلدۇرۇپ، پىدائىيلارغا يەر تەۋرەشتە جىددىي قۇتقۇزۇش ماھارىتىنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرسا بولىدۇ.

57–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە چەت ئەلنىڭ قۇتقۇزۇش ئەترىتى ۋە داۋالاش ئەترىتىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن جىددىي قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەپ ماسلاشتۇرىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئاپپاراتى چەت ئەل قۇتقۇزۇش ئەترىتى ۋە داۋالاش ئەترىتىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى چەت ئەل قۇتقۇزۇش ئەترىتى ۋە داۋالاش ئەترىتىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا مەدەت بېرىشى ۋە ماسلىشىشى كېرەك.

6–باب يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش

58–ماددا گوۋۇيۈەن ياكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ زىيىنىنى تەكشۈرۈپ باھالاشنى ۋاقتىدا تەشكىللەپ، يەر تەۋرەشتە جىددىي قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن كېيىنكى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشقا ئاساس يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ زىيىنىنى تەكشۈرۈپ باھالاشقا دائىر كونكرېت خىزمەتلەرنى گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى ياكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ئاپپاراتى بىلەن مالىيە، قۇرۇلۇش، خەلق ئىشلىرى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىشلەيدۇ.

59–ماددا يەر تەۋرىگەن جايدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا، جانلىق، كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

60–ماددا ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىنى قاتناش شارائىتى قۇلايلىق، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قۇلايلىق جايدا ھەم يەر تەۋرەش ئاكتىپ ئۈزۈلمە قاتلىمى بولغان جايدىن ۋە ئېغىر ئەگەشمە ئاپەت يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان جايدىن يىراقراق جايدا قۇرۇش كېرەك.

ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىنىڭ كۆلىمىنى مۇۋاپىق قىلىپ ھەمدە ئاپەتتىن، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىپ، زۆرۈر ئۇل ئەسلىھە ۋە جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

61–ماددا ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇشتا، يېزا ئىگىلىك يېرىنى ئىمكانقەدەر قوغداش ھەمدە تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، ئىچىملىك سۇ مەنبەسى مۇھاپىزەت رايونى، ئېكولوگىيىسى ئاجىز رايوننى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان يەرنى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاۋۋال ئىشلىتىپ تۇرۇپ، ئالاقىدار رەسمىيەتلىرىنى قانۇن بويىچە كېيىن بېجىرىشكە بولىدۇ؛ مۇددىتى توشقان يەرنى داۋاملىق ئىشلەتمەيدىغانلار ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئەسلى ئىشلەتكۈچىگە قايتۇرۇشى كېرەك.

62–ماددا ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، ئەگەشمە ئاپەت، ئىچىملىك سۇ سۈپىتى، يېمەكلىك تازىلىقى، يۇقۇم ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈپ، مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلاپ، تۇپراق ۋە سۇ مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى بار جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، نورمال ئىجتىمائىي تەرتىپنى ساقلىشى كېرەك.

63–ماددا يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى شۇنىڭدەك يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى بۇزۇلغان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى ئوڭشاشقا ۋاقتىدا تەشكىللەپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈشى؛ توك، سۇ، گاز بېرىش كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاۋۋال ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ھەمدە چوڭ، تايانچ كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللاپ، يېزا ئىگىلىك، سانائەت، مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

64–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك، تەشكىلاتچىلىق ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەسئۇلىيىتى بويىچە ئوبدان ماسلىشىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

65–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، يەر تەۋرەش ھەرىكىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشلارغا بولغان بۇزغۇنچىلىق قانۇنىيىتىنى تەكشۈرۈپ باھالاپ، قۇرۇلۇشنىڭ مەجبۇرىي ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا ئىلمىي ئاساس يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

66–ماددا بەك قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادنى ئۇنىۋېرسال ماكرولۇق تەڭشەش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىپ يولغا قويىدۇ؛ قاتتىق، قاتتىقراق، ئادەتتىكىدەك يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپەتكە ئۇچرىغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزىدۇ.

يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ زىيىنىنى تەكشۈرۈپ باھالاشتا ئېرىشكەن گېئولوگىيە، چارلاش، ئۆلچەش–سىزىش، يەر، مېتېئورولوگىيە، گىدرولوگىيە، مۇھىت قاتارلىقلارغا دائىر ئۇل ماتېرىياللارنى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى قايتا تەكشۈرۈپ بېكىتكەن يەر تەۋرەش دىنامىكىلىق پارامېتىرى بويىچە رايونغا ئايرىش خەرىتىسىنى ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش يىرىك پىلانى تۈزۈشنىڭ ئاساسى قىلىش كېرەك.

يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە جامائەتتىن بولۇپمۇ، يەر تەۋرىگەن جايدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىدىن پىكىر ئېلىش كېرەك؛ چوڭ ئىشلارنى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرگە دەلىللىتىش كېرەك.

67–ماددا يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش يىرىك پىلانىنى گېئولوگىيىلىك شارائىت ۋە يەر تەۋرەش ئاكتىپ ئۈزۈلمە قاتلىمىنىڭ جايلىشىشى شۇنىڭدەك بايلىق–مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا قاراپ، شەھەر، بازار ۋە يېزا، كەنتنى جايلاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھە ۋە جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەسىنى ياساش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى يېنىكلىتىش ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىت شۇنىڭدەك تەبىئىي بايلىق ۋە تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش قاتارلىق ئىشلارنى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايدىن باشقا جايدا يېڭىدىن قۇرىدىغان شەھەر، بازار ۋە يېزا، كەنتنىڭ ئورنى شۇنىڭدەك يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىنكى قايتا قۇرىدىغان قۇرۇلۇشنىڭ ئورنىنى ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش يىرىك پىلانى ۋە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش، يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش تەلىپى بويىچە، يەر تەۋرەش ئاكتىپ ئۈزۈلمە قاتلىمى ياكى ئېكولوگىيىسى ئاجىز بولغان، كەلكۈن ئاپىتى، تاغ سىيرىلىش ۋە گۈمۈرۈلۈش، لاتقا – شېغىل كېلىش، يەر ئولتۇرۇشۇپ كېتىش قاتارلىق ئاپەت يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان جايدىن شۇنىڭدەك يۇقۇملۇق كېسەل تەبىئىي مەنبەسىدىن يىراقراق جايدىن تاللاش كېرەك.

68–ماددا يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش يىرىك پىلانى ۋە شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيىسىگە قاراپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى پىلانلىق، قەدەم باسقۇچلۇق تەشكىللەپ يولغا قويۇشى كېرەك.

69–ماددا يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماقلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ زىيىنىنى تەكشۈرۈپ باھالاش نەتىجىسىگە قاراپ، تازىلاش، قوغداش لايىھىسى تۈزۈپ، يەر تەۋرەپ پەيدا بولغان تىپىك خارابە، ئىزنى ۋە قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى شۇنىڭدەك تارىخىي قىممەتكە ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىمارەت، قۇرۇلمىلارنىڭ قوغداش دائىرىسى ۋە تەدبىرىنى بېكىتىشى كېرەك.

يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان نەق مەيداننى تازىلاشتا، تازىلاش، قوغداش لايىھىسى بويىچە رايونغا، تۈرگە ئايرىش ھەمدە قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، رادىئوئاكتىپلىق ماددا، خەتەرلىك تاشلاندۇق ۋە زەھەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملارنى ئوبدان تازىلاپ، يۆتكەپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتىنى ئىشلەپ، يۇقۇملۇق كېسەل ۋە ئېغىر ھايۋانات يۇقۇمى يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

70–ماددا يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشتا، قاتناش، تۆمۈريول، سۇچىلىق، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، خەۋەرلىشىش، سۇ–توك بېرىش ئەسلىھەسى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى جامائەت ئەسلىھەلىرى، مەكتەپ، دوختۇرخانا، مەدەنىيەت، سودا مۇلازىمىتى، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى شۇنىڭدەك تۇرالغۇ ۋە توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى ۋە ۋاقىت تەرتىپىنى مۇۋاپىق بېكىتىش كېرەك.

يېزا، كەنتلەردە يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشتا، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش، كەنت ئاھالىسى ئاپتونوم تەشكىلاتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئامما ئۆزى قۇرۇشنى ئاساس قىلىش، ھۆكۈمەت ياردەم پۇل بېرىش، جەمئىيەت يۆلەش، ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش، شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، يەردىن تېجەشلىك ۋە تۈجۈپىلەپ پايدىلىنىش، تېرىلغۇ يەرنى ئاسراش كېرەك.

ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشتا، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك.

71–ماددا يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلارنى تەشكىللەپ، مۇناسىۋەتلىك ئارخىپ، ماتېرىياللارنى تېپىپ چىقىشى، قوغدىشى ۋە يىغىشى، ئاپەت سەۋەبىدىن يوقاپ كەتكەن، بۇزۇلۇپ كەتكەن ئارخىپ، ماتېرىياللارنى ۋاقتىدا تولۇقلىشى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.

72–ماددا ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشتا، ھۆكۈمەت يېتەكلەش، جەمئىيەت قاتنىشىش ۋە بازارغا يۈزلەندۈرۈشنى ئۆزئار بىرلەشتۈرۈش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ۋە كارخانىلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، تىرىشچان، ئىقتىسادچىل بولۇشقا تەشكىللەپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.

دۆلەت يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشقا مالىيە جەھەتتە مەدەت بېرىدۇ، باجدا ئېتىبار بېرىدۇ ۋە پۇل مۇئامىلە جەھەتتە يۆلەيدۇ ھەمدە ئەشيا، تېخنىكا ۋە ئادەم كۈچى قاتارلىق جەھەتلەردىن قوللايدۇ.

73–ماددا يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قۇتقۇزۇش، داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تولۇقلىما بېرىش، ھال سوراش، نەپىقە بېرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش، پسىخىكا ياردىمى بېرىش، قانۇن مۇلازىمىتى ۋە جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى تەشكىللىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كارخانىلار ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ئارىسىدىن شەرتكە توشىدىغانلىرىنى ئاۋۋال ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىشى كېرەك.

74–ماددا يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشتا، تەستىقلاش ھوقۇقى بار خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلار مەمۇرىي تەستىق رەسمىيىتى ئۆتەيدىغان ئىشلارنى ئاممىغا قۇلايلىق بولۇش، رەسمىيەتنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇش پرىنسىپىغا بىنائەن، قانۇن بويىچە ۋاقتىدا قىلىشى كېرەك.

7–باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

75–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش يىرىك پىلانى، يەر تەۋرەشتىكى جىددىي تەدبىر لايىھىسىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش، يەر تەۋرىگەندە جىددىي پاناھلىنىش سورۇنلىرىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە جىددىي قۇتقۇزۇش قوشۇنىنى تەربىيىلەش، يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش بىلىمىگە دائىر تەشۋىق– تەربىيىنى قانات يايدۇرۇش، يەر تەۋرەشتە جىددىي قۇتقۇزۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى يەر تەۋرەشتە جىددىي قۇتقۇزۇش، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ئەشياسىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

76–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش، قاتناش، تۆمۈريول، سۇچىلىق، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، يەر تەۋرەش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى قۇرۇلۇشنىڭ مەجبۇرىي ئۆلچىمى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش تەلىپىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ۋە يەر تەۋرەش بىخەتەرلىكى بويىچە باھالاش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى مەسئۇلىيىتى بويىچە كۈچەيتىشى كېرەك.

77–ماددا يەر تەۋرەشتە جىددىي قۇتقۇزۇش، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش مەبلىغى، ئەشياسىنى ئىگىلىۋېلىش، تۇتۇپ قېلىش، ئىشلىتىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يەر تەۋرەشتە جىددىي قۇتقۇزۇش، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش مەبلىغى، ئەشياسىنى شۇنىڭدەك جەمئىيەت ئىئانە قىلغان پۇل – مالنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى، ئېلان قىلىشى ھەمدە مەبلەغ ۋە ئەشيانى توپلاش، تەقسىملەش، ئاجرىتىپ بېرىش، ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تىزىملاپ، ئۇنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

78–ماددا يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايدىكى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەر تەۋرەشتە جىددىي قۇتقۇزۇش، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش مەبلىغى ۋە ئەشياسى، شۇنىڭدەك جەمئىيەت ئىئانە قىلغان پۇل–مالنىڭ مەنبەسى، مىقدارى، تارقىتىلىش ۋە ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى قەرەللىك ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

79–ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى يەر تەۋرەشتە جىددىي قۇتقۇزۇش، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش مەبلىغى ۋە ئەشياسىنى توپلاش، تەقسىملەش، ئاجرىتىش، ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەپتىش قىلىشنى كۈچەيتىشى ھەمدە تەپتىش قىلىش نەتىجىسىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

80–ماددا مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش خىزمىتىگە قاتناشقان دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنى ۋە قانۇن–نىزاملاردا ھوقۇق بېرىلگەن، جامائەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش فۇنكسىيىسى بولغان تەشكىلاتلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىنى تەپتىش قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

81–ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش ئىشلىرىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى ئالاقىدار تارماقلار تەكشۈرۈپ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە پاش قىلغۇچىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.

8–باب قانۇن جاۋابكارلىقى

82–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتى مەسئۇل تارمىقى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ئاپپاراتى شۇنىڭدەك مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان باشقا تارماقلاردىن مەمۇرىي ئىجازەت ياكى تەستىق ھۆججىتى بېرىشتە قانۇنغا ئەمەل قىلمىغانلىرىنىڭ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى بايقىغاندىن ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا دائىر پاش قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن بىر تەرەپ قىلمىغانلىرىنىڭ ۋە ياكى مەسئۇلىيىتىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئادا قىلماسلىقتەك باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

83–ماددا يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانىسا تورىنى قۇرۇشتا قانۇن–نىزاملارغا ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلمىغانلارنى گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى ياكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ئاپپاراتى تۈزىتىشكە، مۇناسىپ تولۇقلاش تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.

84–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى ياكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ئاپپاراتى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياكى باشقا تولۇقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ؛ زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ:

(1) يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئەسلىھەسىنى ئىگىلىۋالغان، بۇزۇۋەتكەن، چۇۋۇۋەتكەن ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۆتكىۋەتكەنلەر؛

(2) يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش مۇھىتىغا خەۋپ يەتكۈزگەنلەر؛

(3) يەر تەۋرەپ پەيدا بولغان تىپىك خارابە–ئىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار.

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ شەخسلەردىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ.

85 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كاشىلىغا تاقابىل تۇرۇش ئەسلىھەسىنى كۆپەيتىش ياكى يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئەسلىھەسىنى قۇرۇشتا تەلەپكە ئەمەل قىلمىغانلارنى گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى ياكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتكىچە تۈزەتمىگەنلەرگە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

86–ماددا چەت ئەلدىكى تەشكىلاتلار ياكى چەت ئەللىك شەخسلەردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى باشقا دېڭىز تەۋەسىدە يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىشلىرىنى تەستىقلاتماي تۇرۇپ قىلغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، كۆزىتىش نەتىجىسى ۋە كۆزىتىش ئەسلىھەسىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

چەت ئەللىكلەردىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىش سادىر قىلغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلگەندىن سىرت، چەت ئەللىكلەرنىڭ چېگرىدىن كىرىش–چىقىشىنى باشقۇرۇش قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۇلارنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە توختاش مۇددىتىنى قىسقارتىش ياكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چېگرىدىن چىقىرىۋېتىش ياكى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش كېرەك.

87–ماددا يەر تەۋرەش بىخەتەرلىكىنى قانۇن بويىچە باھالىمىغان ياكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىشتە يەر تەۋرەش بىخەتەرلىكى بويىچە باھالاش دوكلاتىدا بېكىتىلگەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش تەلىپىگە ئەمەل قىلمىغانلارنى گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى ياكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر تەۋرەش خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتكىچە تۈزەتمىگەنلەرگە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

88–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يەر تەۋرەش مۆلچەرى ھەققىدىكى پىكىر، يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش پىكرى ۋە ئۇنى باھالاش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە تارقىتىۋەتكەن ياكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشتا ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ.

89–ماددا يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن يەر تەۋرەش ئەھۋالى، ئاپەت ئەھۋالى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلغان، ساختا مەلۇم قىلغان، يوشۇرغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.

90–ماددا يەر تەۋرەشتە جىددىي قۇتقۇزۇش، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ياكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش مەبلىغى، ئەشياسىنى ئىگىلىۋالغان، تۇتۇپ قالغان، ئىشلىتىۋالغانلارنى مالىيە تارمىقى، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئىگىلىۋالغان، تۇتۇپ قالغان، ئىشلىتىۋالغان مەبلەغ، ئەشيانى قايتۇرۇۋالىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ شۇ ئورۇنغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى ياكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەش جازاسى بېرىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.

91–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

9–باب قوشۇمچە پرىنسىپ

92–ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تۆۋەندىكى سۆز–ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:

(1) يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئەسلىھەسى يەر تەۋرەش ئۇچۇرلىرىنى ئۆلچەش، يەتكۈزۈش، بىر تەرەپ قىلىشتا ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنە، ئەسۋاب، قۇرۇلمىلارنى شۇنىڭدەك يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن كۆزىتىش سورۇنلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

(2) يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش مۇھىتى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمى بويىچە ئايرىلغان يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئەسلىھەلىرىنىڭ كاشىلىغا ئۇچرىماسلىقىنى، ئىش رولىنى نورمال جارى قىلدۇرۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ماكاننى كۆرسىتىدۇ.

(3) چوڭ قۇرۇلۇش جەمئىيەتتە زور قىممىتى ياكى زور تەسىرى بولغان قۇرۇلۇشلارنى كۆرسىتىدۇ.

(4) ئېغىر ئەگەشمە ئاپەت پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان قۇرۇلۇش يەر تەۋرەشنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن سۇ ئاپىتى، ئوت ئاپىتى، پارتلاش ياكى ئۆتكۈر زەھەرلىك، كۈچلۈك چىرىتكۈچى، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار كۆپلەپ چىقىپ كېتىدىغان قۇرۇلۇشلارنى، شۇنىڭدەك ئېغىر ئەگەشمە ئاپەت پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان باشقا قۇرۇلۇشلارنى، جۈملىدىن سۇ ئامبىرىنىڭ دامبىسى ۋە ماي، گاز ساقلاش ئەسلىھەسى، ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان ياكى ئۆتكۈر زەھەرلىك، كۈچلۈك چىرىتكۈچى، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلارنى ساقلايدىغان ئەسلىھەلەرنى شۇنىڭدەك باشقا ئېغىر ئەگەشمە ئاپەت پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان قۇرۇلۇشلارنى كۆرسىتىدۇ.

(5) يەر تەۋرەشنى تەسىر دەرىجىسى بويىچە رايونغا ئايرىش خەرىتىسى يەر تەۋرەش تەسىر دەرىجىسى (دەرىجە بىلەن ئىپادىلىنىدىغان يەر تەۋرەش تەسىرىنىڭ كۈچلۈكلۈك –ئاجىزلىق دەرىجىسى)نى كۆرسەتكۈچ قىلىپ پۈتۈن مەملىكەتنى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش تەلىپى ئوخشاش بولمىغان رايونغا ئايرىيدىغان خەرىتىنى كۆرسىتىدۇ.

(6) يەر تەۋرەش دىنامىكىلىق پارامېتىر بويىچە رايونغا ئايرىش خەرىتىسى يەر تەۋرەشنىڭ دىنامىكىلىق پارامېتىرى (ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان يەر تەۋرەش رولىنىڭ كۈچلۈك–ئاجىزلىق دەرىجىسى)نى كۆرسەتكۈچ قىلىپ پۈتۈن مەملىكەتنى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش تەلىپى ئوخشاش بولمىغان رايونغا ئايرىيدىغان خەرىتىنى كۆرسىتىدۇ.

(7) يەر تەۋرەش رايونىنى ئايرىش تەپسىلىي خەرىتىسى مەلۇم بىر رايوننىڭ كونكرېت ئورۇن شارائىتىغا قاراپ، بۇ رايوننىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش تەلىپىنى ئىنچىكە ئايرىيدىغان خەرىتىنى كۆرسىتىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/97654.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#