قەشقەرنىڭ گېئولوگىيەسى

  قەشقەر ۋىلايىتى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي گىرۋىكىگە جايلاشقان، ئۇنىڭ يېرى قۇرۇمتاغ گېئوسىنكلىناللىق پۈرۈلمە بەلبېغى ۋە تارىم پىلاتفورمىسىدىن ھالقىپ تۇرىدۇ، يەر قاتلىمىنى ئايرىغاندا، ئۇ تارىم رايونى ۋە قۇرۇمتاغ تاغلىق رايونىغا مەنسۇپ.

ئۇيغۇرچە نامى قەشقەرنىڭ گېئولوگىيەسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

  قەشقەر ۋىلايىتى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي گىرۋىكىگە جايلاشقان، ئۇنىڭ يېرى قۇرۇمتاغ گېئوسىنكلىناللىق پۈرۈلمە بەلبېغى ۋە تارىم پىلاتفورمىسىدىن ھالقىپ تۇرىدۇ، يەر قاتلىمىنى ئايرىغاندا، ئۇ تارىم رايونى ۋە قۇرۇمتاغ تاغلىق رايونىغا مەنسۇپ.

 1) پىروتېروزوي ئېرا تېمى (pt). پىروتېروزوي يەر قاتلىمى قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى تەۋەسىدىكى ئاقىروداۋان، قارائېرىق دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى قاتارلىق رايونلارغا تارقالغان، ئۇلار قىسمەن يەر قاتلىمى بىلەن ئۈزۈك ھالەتتە تېگىشىپ تۇرغاچقا، تۆۋەن چېكى تېخى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانمىدى. ئاساسلىق تاغ جىنسلىرىدىن تارىشا جىنس، مەرمەر تاش، كىۋارتىس قاتارلىقلار بار، بۇلار مۇشۇ رايوننىڭ كىرىستال ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن.

2) پالېئوزوي ئېرا تېمى (pz). يەر قاتلىمى ئاساسلىقى قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى غەربىي قۇرۇمتاغ تاغلىق رايونىغا تارقالغان بولۇپ، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تەۋەسىدىكى كەڭ رايونلارغا جايلاشقان، ئاساسلىق تاغ جىنسلىرى ئوتتۇراھال-تېيىز ھالەتتە ئۆزگەرگەن تارىشا جىنس، خىللىت، مەرمەر تاش، قۇمتاش قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان، بۇلار مۇشۇ رايوننىڭ يېپىنچا قاتلىمىنى شەكىللەندۈرگەن.

  3) مېزوزوي ئېرا تېمى (Mz). يەر قاتلىمى قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى تەڭرىتاغ، قۇرۇمتاغ تاغلىرى ئوتتۇرىسىغا ۋە قۇرۇمتاغنىڭ شىمالىي گىرۋىكىدىكى مېزوزوي ئېرا تېمى يەر قاتلىمىغا پارچە-پۇرات تارقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە يۇرا سېستىمىسى (J) ئەڭ كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئاساسلىقى كۆمۈر قاتلىمى ھېسابلىنىدۇ.

 4) كاينوزوي ئېرا تېمى (Cz). يەر قاتلىمى ئاساسلىقى قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى تۈزلەڭلىكلەرگە، قۇملۇق-چۆللۈكلەرگە ۋە دەريا ئېقىنى رايونلىرىغا تارقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە تىنما تۈزلەڭلىك، بوستانلىق قاتارلىقلار قەشقەردىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ياشاش ماكانى ھېسابلىنىدۇ، ئاساسلىقى تۆتىنچى دەۋردىكى قۇمساڭ تۇپراق، سېغىزئەت تۇپراق، قۇم-شېغىل قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان.

  (1) ئۈچىنچى سىستېما (E)

  قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئۈچىنچى سىستېما يەر قاتلىمىنىڭ ئاساسلىق شەكلى قۇمتاش، ئەشمە قۇمتاش، شېغىل تاش، سىڭىرتاش قاتلىمى، تاشتۇز قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

  (2) تۆتىنچى سىستېما (Q)

  بىرىنچى، ئاستىنقى پالىستوتسېن ئوتدېلى (1Q). بۇ ۋىلايەت تەۋەسىدىكى تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ ئاستىدىكى 280 مېتىر چوڭقۇرلۇققا جايلاشقان، جىنسلار دەريا-كۆل فاتسىيەلىك لاتقىلاردىن ھاسىل بولغان. شۇ چاغلاردىكى قەدىمكى جۇغراپىيەلىك مۇھىتى قۇرغاق، چۆل كىلىماتىدىكى تۈزلەڭلىك بولۇپ، كۆل بويىدىكى رايونلار ئىدى.

  ئىككىنچى، ئوتتۇرا پالىستوتسېن ئوتدېلى (2Q). بۇ  قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى تۈزلەڭلىك رايو نلارنىڭ ئاستىدىكى 80-120 مېتىرغىچە بولغانچوڭقۇرلۇققا جايلاشقان، تاغ جىنس خۇسۇسىيىتى بولسا تۆۋەن قىسمى كۈل رەڭ يۇمشاق قۇم ئارىلاش ئاز مىقداردىكى ئىككىلەمچى قۇم توپىدىن، ئۈستۈنكى قىسمى كۈل رەڭ قوڭۇر قۇم توپا ئارىلاش ئاز مىقداردىكى نېپىز يۇمشاق قۇمدىن ئىبارەت.

 ئۈچىنچى، ئۈستۈنكى پالىستوتسېن ئوتدېلى (3Q). بۇ ۋىلايەت تەۋەسىدىكى تۈزلەڭلىكلەرگە كەڭ تارقالغان، تاغ جىنس خۇسۇسىيىتى بولسا تۆۋەن قىسمى كۈل رەڭ قوڭۇر، سېرىق رەڭلىك قورام تاشلار ياكى قۇم-شېغىللىق يىرىك، ئوتتۇراھال قۇمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، قۇم قەۋىتىدە بەزىدە لاي ئارىلاش قۇم-شېغىل ۋە ئەينەكسىمان جىسىملار ھەم نېپىز سېغىزسىمان تۇپراق بار، ئۇنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 100 مېتىر كېلىدۇ. يۇقىرىقى قىسمى قۇم-شېغىل، ئۈستۈنكى قىسمى كۈل رەڭ سېغىزسىمان تۇپراقتىن تەركىب تاپقان، قېلىنلىقى 5-8 مېتىرغىچە كېلىدۇ. بۇ چاغلاردا كىلىمات يەنىمۇ قۇرغاقلىشىپ، دەريا-ئېقىنلارنىڭ رولى كۈچەيگەچكە، كۆللەر كىچىكلەشكە باشلىغان، بۇنىڭ بىلەن دەريا دېلتا چۆكمىسى، يەنى قەشقەر دېلتىسى چۆكمىسى ھاسىل بولغان.

  تۆتىنچى، گولوتسېن ئوتدېلى (4Q). بۇ دەريا-ئېقىنلارنىڭ 1-باسقۇچلۇق تېرراسا ۋە دەريا قىنى رايونىغا جايلاشقان، تېرراسالارنىڭ جىنس خۇسۇسىيىتى يۇمشاق قۇم بىلەن قۇمسىمان توپا كىرىشكەن قاتلامدىن تەركىب تاپقان، دەريا قىنىنىڭ جىنس خۇسۇسىيىتى قۇم-شېغىلنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا ئوتتۇرا ھال يۇمشاق قۇم بولۇپ، قېلىنلىقى تەخمىنەن 3 مېتىر كېلىدۇ. شامال دۆۋىلەنمە يەر قاتلىمى شۇ جايدىكى قۇمدىن ھاسىل بولغان، يېڭى تۈزۈلمە ھەرىكىتى تىنما تۈزلەڭلىكنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قۇملۇقنىڭ پەيدا بولۇشى ئۈچۈن مەنبە ھازىرلىغان. شۇ چاغدىكى قەدىمكى جۇغراپىيەلىك مۇھىت يەنىمۇ قۇرغاقلاشقان. ئۇ ئاساسەن پالىستوتسېن ئېپوخاسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى كۈچلۈك تۈزۈلمە ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن، جەنۇبتىكى چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ يەنىمۇ كۆتۈرۈلۈشى ھەمدە جەنۇبتىن كەلگەن نەم ھاۋانىڭ توسۇلۇپ قېلىشىدىن پەيدا بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەريا-ئېقىن تىنمىلىرىنىڭ رولىمۇ زور دەرىجىدە ئاجىزلىشىپ بارغان ۋە تىنما دائىرىسى كۈنسايىن كىچىكلىگەن، شامالنىڭ تەسىرى كۈنسايىن كۈچىيىپ، كەڭ كۆلەمدە قۇمدىن شەكىللەنگەن.

  قەشقەر ۋىلايىتى تارىم پىلاتفورمىسى، غەربىي قۇرۇمتاغ پۈرۈلمە سىستېمىسى، قاراقۇرۇم پۈرۈلمە سىستېمىسىدىن ئىبارەت 1-دەرىجىلىك ئۈچ گېئوتېكتونىكىلىق بۆلەكتە توغرىسىغا كېسىپ ياتىدۇ. شىمالىي قىسمىدىكى تۈزلەڭلىك رايونلار، قۇملۇق رايونلار ۋە تاغ ئالدى پەس تاغلىق رايونلاردىكى كەڭ رايونلار تارىم پىلاتفورمىسىغا-تارىم سۇپىسىمان تەكشىلىكىگە-غەربىي جەنۇب ئولتۇرۇشمىسى-قەشقەر ئويۇلمىسىغا تەۋە. قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىن كۇدەنىڭ شىمالىغىچە بولغان رايونلار غەربىي قۇرۇمتاغ پۈرۈلمە سىستېمىسى-چارلۇڭ-كورلاڭ ھەقىقىي گېئوسىنكلىناللىق پۈرۈلمە بەلبېغى (گېرىتسىن مەزگىلى) گە مەنسۇپ. كۇدەنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلار قاراقۇرۇم پۈرۈلمە سىستېمىسى- ئاقسايچىن كۆتۈرۈلمىسى، دەريا ساھىلىدىكى ئىككىلەمچى گېئوسىنكلىناللىق پۈرۈلمە بەلباغ (يەنشەن ھەرىكىتى مەزگىلى) قا تەۋە.

  تېكتونىكىلىق لىنىيەسى شىمالدىن غەربكە، جەنۇبتىن شەرققە يۈزلىنىشنى ئاساس قىلىدۇ. چوڭقۇر يېرىلمىلار تولۇق يېتىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە قىزىلتاغ-كوسراپ چوڭقۇر يېرىلمىسى تارىم پىلاتفورمىسى بىلەن غەربىي قۇرۇمتاغ پۈرۈلمە سىستېمىسىنى ئايرىپ تۇرىدىغان پاسىل ھېسابلىنىدۇ. كەڭشىۋەر چوڭقۇر يېرىلمىسى غەربىي قۇرۇمتاغ پۈرۈلمە سىستېمىسى بىلەن قارا قۇرۇم پۈرۈلمە سىستېمىسىنى ئايرىپ تۇرىدىغان پاسىل ھېسابلىنىدۇ.

  قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى گېئولوگىيەلىك دەۋرنىڭ ماگما ھەرىكىتى بىرقەدەر كۈچلۈك بولۇپ، ئاساسلىقى قۇرۇمتاغ ۋە قاراقۇرۇم تېغىغا جايلاشقان، قۇرۇمتاغقا ئاساسلىقى گېرتسېن مەزگىلىدىكى گىرانىت تاش، گىرانىتلىق دىيورىت قاتارلىقلار تارقالغان. قاراقۇرۇم تېغىغا ئاساسلىقى يەنشەن-ھىندىچىنى مەزگىلىدىكى گىرانىت تاش، گىرانىتلىق دىيورىت، كالىي شىپاتلىق گىرانىت تاش قاتارلىقلار تارقالغان.



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئادىل مۇھەممەت تۈزگەن «قەشقەرنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيىسى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#