بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى

بوۋاقلار

بوۋاقلارنىڭ ئۆز بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى تېخى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغان بولغاچقا، بوۋاقلار ئىلگىرىكىدىن ئاجىزلىشىشقا باشلاپ، ئاسانلا ھەرخىل يۇقۇملۇق كېسەللەر ۋە نەپەس يولى، ھەزىم يولى قاتارلىق تەرەپلەردىكى كېسەللەر بىلەن كېسەللىنىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بوۋاقلاربوۋاقلار ئالتە ئايلىق ئىچىدە ئىنتايىن ئاز كېسەل بولىدۇ، لېكىن ئالتە ئايلىقتىن كېيىن بولسا كۆرۈنەرلىك ھالدا كۆپ ئاغرىيدۇ. ئاساسلىق سەۋەبى: ھامىلە مەزگىلىدە ئانا بالا ھەمراھى ئارقىلىق تېنىگە بىر قىسىم ئىممۇنىتېت كۈچىگە ئىگە ئىممۇنىتېت شار ئاقسىلى توشۇپ بەرگەن ھەمدە ئانا سۈتى(بولۇپمۇ ئوغۇز سۈتى) تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئىممۇنىتېتلىق ماددىلار بولۇپ، ئۇلار ئورتاق ھالدا قۇرغان مۇداپىئە سېپى ئالتە ئاي ئىچىدىكى بوۋاقلارنىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ ئاجىز باسقۇچتىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم قىلالايدۇ. لېكىن ئالتە ئايدىن كېيىن بۇ ئىممۇنىتېت ماددىلار ئاساسەن دېگۈدەك سەرپ بولۇنۇپ بولغان ھەمدە بوۋاق ئۆز بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى تېخى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغان، شۇ سەۋەبتىن بوۋاق ئىلگىرىكىدىن ئاجىزلىشىشقا باشلاپ، ئاسانلا ھەرخىل يۇقۇملۇق كېسەللەر ۋە نەپەس يولى، ھەزىم يولى قاتارلىق تەرەپلەردىكى كېسەللەر بىلەن كېسەللىنىدۇ. ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغىنى بولسا زۇكام، قىزىش ۋە ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلار. شۇڭا، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ۋە ھەرخىل يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئالتە ئايلىقتىن كېيىنكى بوۋاقلارنى كۈتۈشتىكى مۇھىم مەزمۇن.

بوۋاقلار مۇداپىئە ئىقتىدارى-- ئورگانىزملارنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقنى قوغداش، ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئورگانىزملارنىڭ سىرتتىن كەلگەن باكتېرىيە يوقىتىش، ۋىرۇس ۋە كېسەللىك پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش.  

 يېڭىلاش ئىقتىدارى - - بەدەندىكى ئۈزلۈكسىز قېرىپ ئۆلۈپ كەتكەن ھۈجەيرە بولسا، تازىلاش ئېلىپ بېرىش ئىشلىرى؛ 

 نازارەت قىلىپ كونترول قىلىش ئىقتىدارى - - ۋاقتىدا پەرقلەندۈرۈش ۋە تازىلاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ھۈجەيرىدە خروموسومىلارنىڭ ئابېرراتسىيىسى ياكى گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ راك ھۇجەيرىسى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. [0]

 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/3747034.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#