ھامىلىنىڭ توغرىسىغا كېلىشى

ھامىلىنىڭ توغرىسىغا كېلىشى(مۈرىسىنىڭ ئالدىن كېلىشى)

ھامىلە تېنى ئۇزۇن ئوقى بىلەن ئانا تېنىنىڭ ئۇزۇن ئوقى كىسىشىپ، ھامىلە تېنى داس كىرىش ئېغىزى ئۈستىدە توغرىسىغا تۇرۇپ قېلىش ھامىلىنىڭ توغرىسىغا كېلىشى دەپ ئاتىلىدۇ. 

غەرب تېبابىتى نامى ھامىلىنىڭ توغرىسىغا كېلىشى(مۈرىسىنىڭ ئالدىن كېلىشى)
تەۋە بۆلۈم تۇغۇت بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقۇملانمايدۇ
خەنزۇچە نامى 肩先露
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھامىلە تېنى ئۇزۇن ئوقى بىلەن ئانا تېنىنىڭ ئۇزۇن ئوقى كىسىشىپ، ھامىلە تېنى داس كىرىش ئېغىزى ئۈستىدە توغرىسىغا تۇرۇپ قېلىش ھامىلىنىڭ توغرىسىغا كېلىشى دەپ ئاتىلىدۇ. ھامىلە تېنى داس كىرىش ئېغىزى ئۈستىدە توغرىسىغا بولۇپ، ئۇزۇن ئوقى ئانا تېنىنىڭ ئۇزۇن ئوقى بىلەن كېسىشىپ، مۈرىسى ئالدىن كېلىش قىسمى بولۇپ ھامىلىنىڭ بېشى ۋە ساغرىسىنىڭ ھەرقايسىسى ئانا تېنى قورساق قىسمىنىڭ بىر تەرىپىدە تۇرۇشى مۈرە ئالدىن كېلىش دەپ ئاتىلىدۇ. توغرىسىغا كېلىش ھامىلىنىڭ تاغاق سۆڭىكى بىلەن داسنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن مۈرىنىڭ سول ئالدىن كېلىشى، مۆرىنىڭ سول ئارقىدىن كېلىشى يەنە مۈرىنىڭ ئوڭ ئالدىن كېلىشى،مۈرىنىڭ ئوڭ ئارقىدىن كېلىشى دەپ تۆت خىلغا بۆلۈنىدۇ.

ھامىلىنىڭ توغرىسىغا كېلىشى(مۈرىسىنىڭ ئالدىن كېلىشى)تۇغۇت باشلانغاندىن كېيىن، پەقەت ئۆلۈك ھامىلە ياكى چالا تۇغۇلغان ھامىلىنىڭ پۇت-قوللىرى ئىنتايىن چىڭ يېپىشقاندىن كېيىنلا ئۆزلۈكىدىن تۇغۇلۇشى مۇمكىن. ئادەتتىكى ئاي كۈنى توشقان ھامىلە ئۆزلۈكىدىن تۇغۇلالمايدۇ. بۇنىڭدا ھامىلە پەردىسىنىڭ دائىم بالدۇر يېرىلىشىغا قولنىڭ ۋە كىندىك بېغىشىنىڭ چىقىپ قېلىشى قوشۇلۇپ كېلىپ، ھامىلىنىڭ تۇنجۇقۇشىنى ۋە ئۆلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. باش سۈيى ئېقىپ تۈگىگەندىن كېيىن، بالىياتقۇ ھامىلىگە يېپىشىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىياتقۇ قىسقىرىشىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇشى بىلەن ھامىلىنىڭ مۈرىسى ياكى كۆكرەك قەپىزى داس بوشلۇقىغا تىقىلىپ ھامىلىنىڭ بېشى بىلەن گەۋدىسى داس كىرىش ئېغىزىنىڭ ئۈستىدە توسۇلۇپ قېلىپ، ھامىلە پۈكلەنگەن ھالەتكە كېلىدۇ. بۇ قىسىلىپ قېلىش خاراكتېرلىك توغرىسىغا جايلىشىش دېيىلىدۇ. ئەگەردە بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشى داۋاملىق كۈچلۈك بولسا، بالىياتقۇنىڭ يۇقىرىقى قىسمى قىسقىراپ قېلىنلايدۇ. بالىياتقۇنىڭ تۆۋەنكى قىسمى بولسا سوزۇلۇپ يۇقىرى دەرىجىدە نېپىزلەيدۇ. بالىياتقۇنىڭ يۇقىرىقى قىسمى بىلەن تۆۋەنكى قىسمى ئوتتۇرىسىدا ھالقىسىمان ئويۇقچە ھاسىل بولۇپ، بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشىغا ئەگىشىپ يۇقىرىلايدۇ. ھەتتا كىندىكتىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ پاتىئولوگىيىلىك قىسقىراش ھالقىسى دېيىلىدۇ. تەكشۈرگەندە بالىياتقۇ تۆۋەنكى قىسمى ئاغرىيىدۇ. دوۋساق ئۇزۇن ۋاقىت بېسىلىشغا ئۇچرىغاچقا ياكى يۇقىرىغا تارتىلغاچقا، قانلىق سۈيدۈك پەيدا بولىدۇ.


1.قورساق قىسمىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇلىدۇ. توغرىسىغا كېلىشنى قورساق قىسمىدىن تەكشۈرۈش قورساقنىڭ سىرتىدىن قارىغاندا توغرىسىغا كەلگەندەك بولۇپ كۆرۈنىدۇ. بالىياتقۇ تۈۋى نىسبەتەن تۆۋەنرەك بولۇپ، دوۋسۇن سۆڭەك بىرلەشمىسىنىڭ ئۈستىدە ھېچنەرسە قولغا بىلىنمەيدۇ. ھامىلىنىڭ بېشى بىلەن كاسسىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئانا قورسىقىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بولىدۇ. ھامىلىنىڭ يۈرەك ئاۋازى كىندىك ئاستى ئوڭ ياكى سول تەرىپىدىرەك ناھايىتى ئېنىق ئاڭلىنىدۇ. ھامىلە بېشىنىڭ ئوڭ ياكى سول تەرەپتە ياكى ھامىلە دۈمبىسىنىڭ ئالدى ياكى ئارقا تەرەپتە ئىكەنلىكىگە ئاساسەن ھامىلىنىڭ جايلىشىش ئورنى بەلگىلىنىدۇ.

 2.مەقئەت ياكى جىنسىي يول ئارقىلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن قويۇلىدۇ. تۇغۇتنىڭ دەسلەپكى ۋاقتىدا مەقئەتتىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلاشقا بولمايدۇ. ھامىلە پەردىسى يىرتىلغان، بالىياتقۇ بڭيىنىى ئېغىزى تولۇق ئېچىلىپ بولغان، ئالدىن كەلگەن قىسمى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، جىنسىي يولدىن ھامىلىنىڭ قولى، بىلىكى، تاغاق سۆڭىكى ھەم قوۋۇرغىلىرى قولغا بىلىنىدۇ. تاغاق سۆڭىكى ۋە قولتۇق ئويمىنىنىڭ يۆنىلىشى (ئۇنىڭ ئۇچى ھامىلە بېشى تەرەپنى كۆرسىتىدۇ). ئارقىلىق ھامىلىنىڭ ئورۇنلىشىشى بەلگىلىنىدۇ.

ھامىلىنىڭ مۈرە ئالدىن كېلىشىگە ۋاقتىدا چارە قىلىنمىسا بالىياتقۇ يېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاز ساندىكى كېسەللەردە بالىياتقۇ قىسقىراش ئاجىز بولۇش ھەتتا بالىياتقۇ پالەچ ھالەتكە كېلىپ، تۇغۇت جەريانى توختاپ قالىدۇ. ئەگەردە بۇنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىسا، بالىياتقۇ بوشلۇقىدا ئېغىر دەرىجىدە يۇقۇملىنىش پەيدا بولۇپ، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ كېسەلگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئەگەر مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلمىغاندا ئانا ۋە ھەم بالىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى يۇقىرى. بىر تەرەپ قىلىش: ھامىلە قېپىنىڭ يېرىلغان-يېرىلمىغانلىقى، بالىياتقۇ ئېغىزىنىڭ ئېچىلىش دەرىجىسى ۋە ھامىلىنىڭ تىرىك ياكى ئۆلۈكلىكىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بەلگىلىنىدۇ.

ھامىلىنىڭ توغرىسىغا كېلىشى(مۈرىسىنىڭ ئالدىن كېلىشى)1. قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش. قىيىن تۇغۇت تارىخى بارلار باشقا، تۇغۇت بۆلۈمىدىكى ئوپېراتسىيە قىلىشقا تېگىشلىك شەرتلىرى بولغانلار، ھامىلە توغرىسىغا جايلىشىپ، ھامىلە ھايات بولسا، مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت دەۋرىدە ياكى تۇغۇت دەۋرىنىڭ دەسلىپىدە قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش لازىم. جىنسىي يول ئارقىلىق تۇغدۇرۇش. قورساق دىۋارى بوش، بالىياتقۇ ئېغىزى ئېچىلمىغان بولسا سىرتقى ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش لازىم. ھامىلە پەردىسى ئەمدىلا يېرىلغان، ھامىلىنىڭ يۈرەك ھەرىكىتى ياخشى، بالىياتقۇ بوينى ئېغىزى 5cm دىن چوڭراق ئېچىلغان بولسا ئىچىگە ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ. بالىياتقۇ ئېغىزى تولۇق ئېچىلغان بولسا ھامىلىنىڭ پۇتىنى تارتىپ تۇغدۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. بالىياتقۇ ئېغىزى تولۇق ئېچىلمىغان بولسا ھامىلىنىڭ پۇتىنى تارتىش بىلەن بىرگە ئۆزلىكىدىن تۇغۇلۇشنى كۈتۈش لازىم. بالىياتقۇ ئېغىزى 5cm دىن كىچىكرەك ئېچىلغان بولسا قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش لازىم. ئەگەر ھامىلە ئۆلگەن بولسا ھەمدە بالىياتقۇ ئېغىزى تولۇق ئېچىلغان بولسا ھامىلىنىڭ بېشى كېسىش ئوپېراتسىيىسى ياكى باش-بىلەكنى يانتۇ كېسىش ئوپېراتسىيىسىنى ئىشلەش كېرەك. ئەگەر ھامىلىنىڭ بېشى خېلى يۇقىرى بولۇپ، باش سۈيى ئېقىپ تۈگەپ كەتكەن. تولغاق قاتتىق كېلىۋاتقان بولۇپ، باش ۋە بىلەكنى يانتۇ كېسىش ئوپېراتسىيىسىنى ئىشلەش قىيىن چۈشكەندە ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسىگە ئۆزگەرتىش كېرەك. ئوپېراتسىيە مەشغۇلاتى يېنىك، سىلىق ۋە ناھايىتى دىققەت بىلەن ئىشلىنىدۇ، ئەگەر بالىياتقۇ يېرىلىش بېشارىتى بولسا ياكى بالىياتقۇ يېرىلسا مەيلى ھامىلە تىرىك ياكى ئۆلۈك بولۇشتىن قەتئىينەزەر قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش لازىم. تۇغۇتتىن كېيىن قائىدە بويىچە يۇمشاق تۇغۇت يولىنىڭ زەخىملەنگەن ياكى زەخىملەنمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈش ھەمدە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

كۆپ تۇغۇتتىن ساقلىنىش، تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، توغرىسىغا جايلاشقان ھامىلە بولسا دەرھال ھامىلە ئورۇنىنى تۈزىتىش لازىم. بۇنىڭ چارىسى ساغرا ئالدىن كېلىشكە ئوخشاش بولىدۇ. ئەگەر ئورنىنى تۈزىتىش مۇمكىن بولمىسا مۇددەتتىن بۇرۇن بالنېستتا يېتىش كېرەك.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1221

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#