ھېيزېنبېرگ

ھېيزېنبېرگ

1932-نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى گېرمانىيە لىك فىزىك ھېيزېنبېرگكە بېرىلدى. چۈنكى ئۇ فىزىكا تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ بىرى-كۋانت مېخانىكىسىنى كەشىپ قىلغانىدى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ھېيزېنبېرگ
باشقا نامى Werner Karl Heisenberg
تۇغۇلغان ۋاقتى 1901-يىلى
كەسپى فىزىك
خەنزۇچە ئىسمى 维尔纳·海森堡
دۆلەت تەۋەلىكى گىرمانىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1976-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1932-نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى گېرمانىيلىك فىزىك ھېيزېنبېرگكە بېرىلدى. چۈنكى ئۇ فىزىكا تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ بىرى-كۋانت مېخانىكىسىنى كەشىپ قىلغانىدى. 

ھېيزېنبېرگمېخانىكا-فىزىكىنىڭ بىر تارمىقى، ئۇ جىسىمنىڭ مېخانىك ھەرىكىتىنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. شۇنداقلا فىزىكىدىكى ئەڭ مۇھىم ئاساسىي پەنلەرنىڭ بىرى. 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا، كىشىلەر مېخانىكىدىكى ھەممە ئېتراپ قىلىدىغان قانۇنىيەتلەر، ئىنتايىن كىچىك جىسىملارنى مەسىلەن، ئاتوم ۋە ئاتومدىن كىچىك نەرسىلەرنى شەرھلەپ بېرەلەيدىغانلىقىنى تەدرىجىي تونۇپ يەتتى. بۇ ئەمەلىيەت ئالدىدا كىشىلەر ئامالسىز قالغانىدى ۋە ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەنىدى. كىشىلەر ئۆزلىرى بىلدىغان قانۇنىيەتلەر ئارقىلىق مىكرو جىسىملارنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىدى. بىراق بۇ جىسىملار ئاتومدىن كۆپ چوڭ ئىدى. 

1925-يىلى ھېيزېنبېرگ نيۇتوننىڭ كلاسسىك فورمۇلىسىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان يېڭى بىر فىزىكا فومۇلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ خىل يېڭى نەزەرىيە(ھېيزېنبېرگدىن كېيىنكى ئالىملارنىڭ ئاز-تولا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشى بىلەن) غايەت زور نەتىجە قازاندى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ نەزەرىيە فىزىكىنىڭ ھەر قايسى سىستېمىلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

ماكرو دۇنيادا، كۋانت مېخانىكىسى بىلەن كلاسسىك مېخانىكىدىكى ھېسابلاش پەرقى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ ئۇنى ئۆلچەشمۇ ناھايىتى قىيىن، بۇنىڭ سەۋەبى كلاسسىك مېخانىكا ماتېماتىكىلىق ھېسابلاشتا كۋانت مېخانىكىسىدىن كۆپ ئاددى. بىراق، مىكرو دۇنيادا، كۋانت مېخانىكىسىنىڭ ھېسابلىنىشى بىلەن كلاسسىك مېخانىكىنىڭ ھېسابلىشىدا زور پەرق بار. تەجرىبىلەر بۇنداق ئەھۋالدا كۋانت مېخانىكىسىنىڭ ھېسابلىشى توغرا بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. 

1927-يىلى ھېيزېنبېرگ مەشھۇر «دەل ئۆلچىگىلى بولماسلىق قائىدىسى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۋانت مېخانىكىسى چۈشەندۈرگەن نەزەرىيىنىڭ چەكلىمىلىكىنى قىسمەن جۈپ بولغان فىزىكىلىق مىقدار ئۆزگىرىشى، مەسىلەن، ئورۇن بىلەن ھەرىكەت مىقدارىنىڭ مەڭگۈ ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى شەرھىلەپ ئۆتكەن، گەرچە ھەر خىل ئۇسۇلدا ئۆلچىگىلى بولسىمۇ، بىراق بىرلا ۋاقىتتا توغرا قىممىتىنى ھېسابلاپ چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس. «دەل ئۆلچىگىلى بولماسلىق قائىدىسى» بارلىق ماكرو ۋە مىكرو ھادىسىلەرگە ماس كېلىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ ئۈنۈملۈكى ئادەتتە مىكرو فىزىكا بىلەن چەكلىنىدۇ. 

بۇ قائىدىنىڭ تەسىرى غايەت زور بولغانىدى. فىزىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلغان سىستېمىسىدىن توغرا ماتېرىيال ئېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانىكەن، ئۇنداقتا، شۇنى كۆرۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ سىستېمىنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. 

«دەل ئۆلچىگىلى بولماسلىق قائىدىسى» گە ئاساسلانغاندا ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى مەيلى قانداق ئۆزگەرتىلسۇن، بۇ قىيىنچىلىقنى يېڭەلمەيمىز. 

«دەل ئۆلچىگىلى بولماسلىق قائىدىسى» فىزىكىلىق ئۆلچەش جەريانىدا ئۆلچەش ئېلىپ بارغان فىزىكا ئالىمىنىڭ ئىجابىي رولىنى تەكىتلەيدۇ، ئۇ كۆزىتىلگەن ئوبيېكت بىلەن ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىپ ئۆلچەش جەرياندا ئېچىپ بېرىلگىنى ئوبيېكىتنىڭ ئۆزى بولماستىن، بەلكى ئۆلچەشنىڭ فۇنكىسىيىسى بولۇپ چىقىدۇ.

ھېيزېنبېرگروشەنكى، نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، كۋانت نەزەرىيىسى نىسبىلىك نەزەرىيسىنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسىدىن تېخىمۇ كەڭ. ئۇ بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى فىزىكا دۇنياسىغا بولغان تۈپ قارىشىمىزنى ئۆزگەرتتى.

بۇ نەزەرىيە ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ ۋە لازىر نۇرلارغا تەتبىقلاندى. كۋانت مېخانىكىسى يادرو فىزىكىسى ۋە ئاتوم ئېنېرگىيىسىدە كەڭ كۆلەمدە تەتبىقلاندى. ئۇ ئىسپېكروسكوپىيىگە ئاساس سالدى، ئاسترونومىيە ۋە خىمىيە پەنلىرىدە ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى، فېرروماتېنتلىق، سۇيۇق گېلىي ئامىللىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەزەرىيە تەتقىقاتلىرىغا تەتبىقلىدى. 

ھېيزېنبېرگ 1901-يىلى گېرمانىيىنىڭ ۋىتزنبورگدا تۇغۇلغان. 1923-يىلى ئۇ ميۇنخېن داشۆسىدە نەزەرىيە فىزىكىسى دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. 1924-يىلدىن 1927-يىلغىچە، كوپېنھاگېندە دانىيلىك مەشھۇر فىزىك بېل بىلەن بىرگە خىزمەت قىلغان. 1925-يىلى كۋانت مېخانىكىسىگە ئائىت تۇنجى نەزەرىيە ماقالىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1927-يىلى «دەل ئۆلچىگىلى بولماسلىق قائىدىسى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. 1976-يىلى 76 يېشىدا ۋاپات بولغان. ئۇ ئۆيلەنگەن ھەم يەتتە پەرزەنت كۆرگەن. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ھېيزېنبېرگ كۋانت مېخانىكىسى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم شەخس، شۇڭلاشقا، ئۇنىڭ بۇ يۈز شەخس ئىچىدىن ئورۇن ئېلىشى تامامەن ھەقلىق.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#