برېست
بېلورۇسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان شەھەر، برېست ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. برېست شەھىرى غەربىي بوگ دەرياسى بىلەن موخاۋېتىس دەريالىرىنىڭ چېگرىسىغا يېقىن جايلاشقان شەھەر، مۇھىم تۆمۈريول تۈگۈنى .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بېلورۇسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان شەھەر، برېست ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. برېست شەھىرى غەربىي بوگ دەرياسى بىلەن موخاۋېتىس دەريالىرىنىڭ چېگرىسىغا يېقىن جايلاشقان شەھەر، مۇھىم تۆمۈريول تۈگۈنى، برېست شەھىرى 1017-يىلدىن باشلاپ بىنا قىلىنغان. 1795-يىلى چاررۇسىيە ئىمپېرىيىسى ئىگىلىگەن. 19-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن كېيىن مۇھىم ھەربىي ئورۇن بولۇپ شەكىللەنگەن. 1918-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن گېرمانىيە، ئاۋسترو—ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى، بۇلغارىيە، تۈركىيىلەر بۇ جايدا «برېست كېلىشىمى» نى ئىمزالىغان. 1919-يىلىدىن 1939-يىلىغىچە پولشا تەۋەلىكىدە بولغان، 1939-يىلىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئايرىلغان. شەھەرنىڭ ھازىرقى ئاھالىسى 177 مىڭدىن ئاشىدۇ، شەھەردە ھەرخىل ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، توقۇمىچىلىق، يېمەك-ئىچمەك سانائەت ئورۇنلىرى بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.