مەجۇنى ئەۋرىشىم

مەجۇنى ئەۋرىشىم يۈرەكنى كۈچەيتىپ، جىگەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ، روھىي ھالەت، نېرۋىلارنى تىنچلاندۇرىدۇ.
دورا نامى مەجۇنى ئەۋرىشىم
تونۇش نامى Baoxin Aiweiximu Migao
ئاساسلىق دورىسى پىلە غوزىسى
خەنزۇچە نامى 宝心艾维西木蜜膏
ياسالما شەكلى مەجۇنات
ئۆلچەم ھەر قۇتىغا 100 گرام قاچىلىنىدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ دورا جىگەر رەڭلىك مەجۇنات بولۇپ، تەمى تاتلىق.

يۇقۇرىقى 10 خىل دورىدىن پىلە غوزىسى بىلەن گاۋزىباننى ئېلىپ سۇ قوشۇپ،بىرىنچى قېتىمدا 1.5 سائەت، ئىككىنچى قېتىم 1 سائەت قاينىتىپ، قاينىتىلغان ئېرىتمىلەرنى قوشۇپ، سۈزۈپ،سۈزۈلگەن ئېرىتمىنى مۇۋاپىق قۇيۇلدۇرۇپ قۇيۇق مەلھەم تەييارلىنىدۇ. قالغان زەپەر قاتارلىق 8 خىل دورىنى يۇمشاق تالقانلاپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، يۇقۇرىدا تەييارلانغان مەلھەم ۋە مۇۋاپىق مىقداردىكى ھەسەل بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ  1000g مەجۇنات تەييارلىنىدۇ.

ئۆلچەم 

ھەر بىر قۇتىغا 100g قاچىلىنىدۇ .

ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى

كۈندە 2  قېتىم،ھەر قېتىمدا 10 گرام  ئىستىمال قىلىنىدۇ.

ساقلاش

ئېغىزىنى ھىم ئىتىپ، سالقىن قۇرغاق ئورۇندا ساقلىنىدۇ.

يۈرەكنى كۈچەيتىپ، جىگەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ، روھىي ھالەت، نېرۋىلارنى تىنچلاندۇرىدۇ.

يۈرەك سېلىش، نەپەس تىزلىشىش، باش قېيىپ كۆز قاراڭغۇلىشىش، كۆڭۈل ئېلىشىپ قۇسۇش، ئىشتىھا ناچارلىشىش، ئۇزۇقلىنىش ناچارلىق، نېرۋا ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ دورا مەجۇن ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دورا ئۆلچىمى ئۇيغۇر تىبابەت دورا قىسمى،قوشۇمچە I)

گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.

بۇ دورىدىن 10g ئېلىپ،مۇۋاپىق مىقداردا دىئاتومىد تەكشى ئارلاشتۇرۇپ، 50ml ئېتىل ئاتسىتات قوشۇپ ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا 30 مىنۇت بىر تەرەپ قىلىپ، سۈزۈپ، 1ml قالغۇچە قۇيۇلدۇرۇپ سىناق ئېرىتمىسى قىلىنىدۇ. بادرەنجى بۇيا سېلىشتۇما دورىسىدىن 2g  ئېلىپ، 30ml ئېتىل ئاتسىتات قوشۇپ،يۇقۇرىقىغا ئوخشاش ئۇسۇلدا سېلىشتۇرما ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى بويىچە يۇقۇرىقى ئىككى خىل سىناق ئېرىتمىسىدىن 5µl شۈمۈرۈپ ئېلىپ، نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل G لىق تاختا ئۈستىگە ئايرىم-ئايرىم نوختا تېمىتىپ (7∶3∶0.2) خلوروفورم-مېنتانول-ئاتسېتوننى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرتۇپ، ئۈستىگە %5 لىك ۋانىللىن سۇلفات كىسلاتا ئېرىتمىسى پۈركۈپ، داغ توچكۇلىرىنىڭ رەڭگى ئېنىق كۈرۈنگۈچە ℃105 لىق ھارارەتتە قاقلىنىدۇ. سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىردا، سېلىشتۇرۇلغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىردىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=3&contentNameId=571

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=3&contentNameId=571

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#