نىسپىيلىك نەزەرىيىسى

نىسبىيلىك نەزىرىيىسى

نىسپىيلىك نەزەرىيسى يېقىنقى زامان فىزىكا تارىخىدىكى گىگانىت نەزەرىيە سىستىمىلىرىنىڭ بىرى.1905-يىلى ئالبېرت ئېينىشتېيىن تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدە فىزىكىنىڭ قانۇنلىرى ھەممە يەردە ئوخشاش دېگەنلىك بولۇپ، بۇ نەزەرىيە جىسىملارنىڭ بوشلۇق ۋە ۋاقىتتىكى ھەرىكىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ ھەمدە بۇ نەزەرىيە قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇدلىقدىن تارتىپ نۇرنىڭ ئىغىرلىق كۈچى مەيدانىدا ئىگىلىشى، مىركۇرىينىڭ ئوربىتا ھەرىكىتى قاتارلىق بارلىق ھادىسىلەرنى ھېسابلىيالايدۇ.

ئۇيغۇرچە نىسبىيلىك نەزىرىيىسى
ئىنگىلىزچە Special Theory of Relativity
خەنزۇچە 狭义相对论
ئوتتىرىغا قويغان كىشى ئىينىشتىيىن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇقۇم

1905-يىلى ئالبېرت ئېينىشتېيىن تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدە فىزىكىنىڭ قانۇنلىرى ھەممە يەردە ئوخشاش دېگەنلىك بولۇپ، بۇ نەزەرىيە جىسىملارنىڭ بوشلۇق ۋە ۋاقىتتىكى ھەرىكىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ ھەمدە بۇ نەزەرىيە قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇدلىقدىن تارتىپ نۇرنىڭ ئىغىرلىق كۈچى مەيدانىدا ئىگىلىشى، مىركۇرىينىڭ ئوربىتا ھەرىكىتى قاتارلىق بارلىق ھادىسىلەرنى ھېسابلىيالايدۇ.

نىسپىيلىك نەزەرىيسى يېقىنقى زامان فىزىكا تارىخىدىكى گىگانىت نەزەرىيە سىستىمىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ كۋانت نەزەرىيسى بىلەن ئوخشاش تارىخى دەۋىردە ئوتتۇرىغا چىقتى، ھەمدە ھازىرقى زامان فىزىكا نەزەرىيەلىرى ۋە تېخنىكا تەرەققىياتى ئۈچۈن تۈۋرۈكلۈك رول ئوينىدى. فىزىكىنى، جۈملىدىن زامانىۋى پەن-تېخنىكىنى بىر (سېلىنىۋاتقان) بىناغا ئوخشاتساق، نىسپىيلىك نەزەرىيسى بىلەن كۋانت نەزەرىيسىنى بۇ بىنانىڭ ئۆگزىسىنى تىرەپ تۇرىۋاتقان ئىككى تۈۋرۈك دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. 

تەتقىقات تارىخى

ئېينىشتىيىن نىيوتۇن مىخانىكىسىنى تەرەققى قىلدۇروپ، 1905-يىلى 6-ئايدا يازغان «ھەركەتتىكى جىسملارنىڭ ئىلىكتىر دىنامىكىسى» دىگەن ئەسىرىدە تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىريىسىنى تىكلەپ، فىزىكىنىڭ يىڭى دەۋرىنى يارىتىدۇ. ئۇ نىسپىيلىك پىرىنسىپى بىلەن يۇرۇقلۇق تىزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپىدىن ئىبارەت ئىككى ئاساسى پىرىنسىپنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ. شۇنداقلا زامان، ماكانلارنىڭ يىڭى ئۇقۇمىنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ. شۇ يىلى 9- ئايدا يەنە «جىسىمنىڭ ئىنىرتسىيسى ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنىرگىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟» دىگەن ئىلمى ماقالىنى يېزىپ چىقىپ، داڭلىق ماسسا ئنىرگىيە مۇناسىۋەت ئىپادىسى نى ئوتتۇرغا قويۇپ،ماسسىسى بولغان جىسىمدا ئېنىرگىيە ساقلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ،ئاتوم ئېنىرگىيسىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن نەزىرىيىۋى ئاساس يارىتىدۇ.1907-يىلدىن باشلاپ كەڭ مەنىدىكى نىسبىلىك نەزىرىيىسىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، 1916-يىلى دوستى ماتىماتىكا ئالىمى گىروسماننىڭ ياردىمى بىلەن گىرمانىينىڭ «فىزىكا ژورنىلى» دا «كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىنىڭ ئاساسى» دىگەن ئىلمى ماقالىسنى ئىلان قىلىپ، كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىريىسىنى تىكلەيدۇ. ئۇ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىريىسىنىڭ تارتىش كۈچى نەزىريىسى ۋە ھەركەت تەڭلىمىسىگە ئاساسەن: (1) نۇرنىڭ قۇياشنىڭ تارتىش كۈچى مەيدانىنىڭ تەسىر بىلەن "1.7 بۇلۇڭ بىلەن ئېغىشىدىغانلىقى، (2) مىركورىنىڭ كۈنگە يېقىن نوختىسىنىڭ بۇلۇڭلۇق تىزلىگى بىلەن ئاستا ھەركەت قىلىدىغانلىقى،(3) تارتىش كۈچى مەيدانىدا ئىسپىكتىر سىزىقلىرىنىڭ قىزىل تەرەپكە سىلجىيدىغانلىقى... قاتارلىق ئۈچ چوڭ ھۈكۈمنى ئالدىنئالا ئوتتۇرغا قۇيىدۇ. 1919- يىلى ئەنگىليە ئاستۇرنومىيە ئالىمى ئېيدېڭتون (a.s.Eddington) قۇياشنىڭ كۈيۈشىنى كۈزۈتۈش ئارقىلىق تەجىربە ئىسپاتلىغان. نۇرنىڭ "1.64 بۇلىڭىدا ئېغىشى بىلەن ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزىريىسىگە ئاساسەن ئوتتۇرغا قويغان ھۈكۈمىدىكى سانلىق قىممەت ئىمنتايىن يېقىن بولغان. ئەنگىليەنىڭ مەشھۇر فىزىكا ئالىمى تومسۇن (j.j Thomson) ھاياجانلانغان ھالدا: «ئېينىشتىيىن ياراتقان نىسپىيلىك نەزىريىسى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇۋاپىقىيەتلىرىنىڭ بىرى» دەپ جاكارلىغان. 1929-يىلى 2-ئايدا، ئېينىشتىيىن «بىرلىككە كەلگەن مەيدان نەزىريىسى» دىگەن ئىلمى ماقالىنى ئىلان قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ئاساسەن كىيىنكى يېرىم ھاياتىنىڭ بارلىق زىھنى كۈچىنى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن مەيدان نەزىريىىسنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلاپ، تارتىش كۈچى مەيدانى بىلەن ئىلكتىر ماگىنىت مەيدان نەزىريىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇرىنىدۇ. گەرچە ئېينىشتىيىننىڭ بۇ جەھەتتكى تەتقىقاتلىرىدا ئېيتقىنىدەك مۇھىم ئىلگىرلەشلەر بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ پۈتۈنلەي يىڭى بولغان تەتقىقات ساھەسىنى ئېچىپ بەرگەنلىكى بىلەن چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە ئەلۋەتتە. 1976-يىلى گىلاسخوۋ، ۋېنبېرىگ، ئابدۇسالاملار ئاجىز ئىلىكتىر بىردەكلىنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلغان مەيدان نەزىريىسىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئېينىشتىيىن نەزىريىسىنىڭ رىئاللىقى بارغانسىرى تەجىربە تەرىپىدىن ئىسپاتلانماقتا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى كىشىلەر كۈچلۈك ئۆز-ئارا تەسىر، ئاجىز ئۆز-ئار تەسىر، ئىلىكتىر ماگىنىتنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرى ۋە تارتىش كۈچىنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرىنى بىرلىككە 。

كەلتۈرمەكچى بۇلۇشۇپ، بۈيۈك بىرلىككە كەلگەن مەيدان نەزىريىسىنى ئوتتۇرغا قۇيىۋاتىدۇ. ئېينىشتىيىننىڭ ئۇرۇنداشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ئىشلرىغا بارغانسىرى كۈڭۈل بۈلۈنۈپ، ئۆزلۈكسىز تەرەققىياتلار قولغا كەلتۈرۈلمەكتە.

 ئالاھىدىلىكى

بىرىنچىدىن، بۇ نەزەرىيىدە «مۇتلەق» پايدىلىنىش سىستېمىسى يوق. ھەر قېتىم مەلۇم نەرسىنىڭ تېزلىكىنى ياكى ھەرىكەت مىقدارىنى ئۆلچىگەندە ۋە ياكى ۋاقىتنى قانداق ھېس قىلىشىدا ھەمىشە مەلۇم بىر نەرسە بىلەن مۇناسۋەتلىك بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، قانداق ئۇسۇلدا ئۆلچەشتىن قەتئىينەزەر يورۇقلۇقنىڭ تېزلىكى بىردەك بولىدۇ، ھەم ۋاقىتنى ئۆلچىگۈچىنىڭ ھەركىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئۈچىنچىدىن، ھەرقانداق جىسىمنىڭ تېزلىكى يورۇقلۇق تېزلىكدىن يۇقىرى بولمايدۇ. ئينىشتېيىنىڭ بۇ نەزەرىيىسىنىڭ مەزمۇنى بەك چوڭقۇر بولۇپ، ئەگەر يورۇقنىڭ تېزلىكى ھەمىشە ئوخشاش بولسا، يەر شارىغا نىسبەتەن ئىنتايىن يۇقىرى سۈرئەتتە ماڭغان ئالەم ئۇچقۇچىسىغا نىسبەتەن يەر شارىدىكى كۆزەتكۈچىگە قارىغاندا ۋاقىت ئاستا ئۆتىدۇ. بۇ ھادىسە ۋاقىتنىڭ ئاستىلاش ھادىسسىدۇر. (يەنى سىز ئالەمنى نۇر تىزلىكىدە بىر ئايلىنىپ قايتىپ كەلگىنىڭىزدە بالىڭىزنىڭ سىزدىن قىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسىز، سىزە ئۆتكۈزگەن بىر سىكۇنىت بالىڭىز ئۈچۈن بىر يىل بولغاندەك ئىش)لېكىن سىز نىسپىيلىك نەزەرىيىسى تەسىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن يورۇقلۇق تېزلىكىدە ئۇچىدىغان ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇشىڭىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشمىزدىمۇ بىز كۆرەلەيدىغان نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ بىرقانچە ئەمەلىي مىساللىرى بار. ھەتتا بىز كۈندىلىك تۇرمۇشمىزدا ئىشلىتىۋاتقان پەن-تېخنىكا يېڭلىقلىرىمۇ ئينىشتېيىنىڭ بۇ نەزەرىيىسىنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەپ بەردى. 

 نىسپىيلىك نەزىريىسى تۈۋەندىكىدەك ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچىسى تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسى، ئىككىنچىسى كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسى. 

 نىسپىيلىك قائىدسى

مەيلى مىخانىكىلىق ھادسىلەر بولسۇن ياكى ئوپىتكا ۋە ئىلىكتىر ماگىنىت ئىلمى ھادىسىلەر بولسۇن، ئۇلار ئەمەل قىلىدىغان قانۇنيەتلەر ئىنىرتسىيلىك سېستىمىلارنىڭ ھەركەت ھالىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بۇلىدۇ. دىمەك، مىخانىكا قانۇنى بىلەن ئىلىكتىر ماگىنت ھەركىتى قانۇنىنى بارلىق ئىنىرتسىيلىك سېستىمىلاردا ئوخشاش تۇرغۇزۇشقا بۇلىدۇ. مانا بۇ پەرەز تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىدىكى نىسپىيلىك قائىدىسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىدىكى نىسپىيلىك قائىدىسى ئوتتۇرغا قۇيۇلغاندىن كىيىنكى 100 يىل ۋاقىتتىن بۇيان، كىشىلەر نىسپىيلىك قائىدىسى ئۈستىدە ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن تەجىربە ئېلىپ بارغان ۋە بۇ تەجىربىلەرنىڭ ئىنىقلىق دەرىجىسى بارغانسىرى يۇقۇرى ئۆرلىگەن بولسىمۇ، تا بۈگۈنگە قەدەر، نىسپىيلىك قائىدىسىگە زىت كىلىدىغان تەبىئى ھادىسلەر تېخى ئۇچىراپ باقمىدى. ئەلۋەتتە، ئىنسانلارغا ھەركەتنىڭ نىسپىيلىگى توغىرىسدا، بۇندىن كىيىن يەنە ئۆزلۈكسىز رەۋىشتە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كىلىدۇ.

نىسپىيلىك پىرىنسىپى

مۇتلەق ماكان ۋە زامان ئۇقۇمى ئەڭ دەسلەپتە نىيوتۇننىڭ ‹‹ تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ ماتېماتىكىلىلىق پىرىنسىپلىرى›› دىگەن ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. نيوتۇننىڭ قارىشىچە، مۇتلەق ۋاقىت (ياكى زامان) كىشىلەر تەرىپىدىن ھېس قىلغىلى بولمايدىغان ماتېماتىكىلىق ئۇقۇم بولۇپ، سىرىتقى ھېچقانداق نەرسىگە نىسپەت بولمىغان ھالدا ئالەمدە بىرخىل رېتىمدا تەبى ئاقىدىغان مەۋجۇتلۇق؛ نىسپىي ۋاقىت بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە، سەزگىلى بولىدىغان سىرىتقى ئۆلچەش ئارقىلىق بىرەر ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىش مەزگىلىنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ، كۆپىنچە بىزلەر تەرىپىمىزدىن ئىشلىتىلىدىغان ۋاقىت ئۇقۇمىنى كۆرسىتىدۇ. 

مۇتلەق بوشلۇق (ياكى ماكان) بولسا ھەرۋاقىت ئوخشاش ھەم مىدىرلىماي تۇرىدىغان، سىرىتقى ھېچقانداق نەرسىگە نىسپەت بولمىغان بوشلۇقنى كۆرسىتىدۇ؛ نىسپىي بوشلۇق (ياكى ماكان) بولسا مەلۇم ھەرىكەتلىنىدىغان ئۆلچەمگە قارىتىلغان بولۇپ، جىسىملارنىڭ ئورۇننى بەلگىلەشتە قوللىنىلىدۇ...

دىمەك، يۇقارقى بايانلاردىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، مۇتلەق زامان ۋە ماكان فىزىكىلىق ھادىسىلەرگە باغلىق بولماي پەقەت فىزىكىلىق ھادىسىلەرگە سەھنە ۋە ئارقا كۆرۈنۈش ھازىرلايدۇ. 

نىيوتۇن ئۆز نەزەرىيەلىرىدە مۇتلەق زامان ۋە ماكان ئۇقۇمىنى قوللانغان بولسىمۇ يەنىلا گالىلىينىڭ نىسپىيلىك پىرىنسىپىغا ۋارىسلىق قىلغان. نىسپىيلىك پىرىنسىپىدا شۇنداق دىيىلىدۇ: « فىزىكا قانۇنلىرىنى ئىپادىلەيدىغان تەڭلىمىلەر ھەر بىر (مۇۋاپىق) پايدىلىنىش سېستىمىسىدا ئوخشاش شەكىلگە ئىگە بولىشى كىرەك». 

ھەرىكەت بىر-بىرىگە نىسپەتەن نىسپىي بولغانلىقى ئۈچۈن مەلۇم نەرسىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى يەنە بىر نەرسىنى بەلگە قىلىپ تۇرۇپ تەسۋىرلەشكە مەجبۇر بولىمىز. مانا مۇشۇنداق بەلگە قىلىنغان نەرسە ياكى نەرسىلەر سېستىىسى «پايدىلىنىش سېستىمىسى» دىيىلىدۇ. مەسىلەن، پويىزدا ئولتۇرغان بىز پويىزنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن سىرىتتىكى دەل-دەرەخ، تاغ-دەريالارنى بەلگە قىلساق پويىز شۇلارغا نىسپەتەن مېڭىپ كىتىۋاتقان بولىدۇ. ئەگەر پويىزنىڭ دېرىزىلىرى مەھكەم يېپىلىپ، پويىز سىلىق ماڭسا ئىچىدە ئولتۇرغان بىز پويىزنىڭ ماڭغان ياكى ماڭمىغانلىقىنى بىلەلمەيمىز، بىزنىڭ بەلگىمىز ئۆزىمىز ئولتۇرغان ۋاگۇن بولغاچقا پويىز تىنىچ تۇرغان ياكى ماڭغىنىنى ئىلغا قىلالمايمىز. دىمەك، ھەرىكەتنى بىلىشتە بىزگە بىر پايدىلىنىش سېستىمىسى لازىم بولىدۇ.

پايدىلىنىش سېستىمىسى

يۇقىرىدا بىز نىسپىيلىك پىرىنسىپىدا فىزىكا قانۇنلىرىنىڭ ھەربىر مۇۋاپىق پايدىلىنىش سېستىمىسىدا ئوخشاش شەكىلگە ئىگە بولۇشى كىرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتۇق. بۇ يەردىكى مۇۋاپىق پايدىلىنىش سېستىمىسى ئېنىرتسىيلىك پايدىلىنىش سېستىمىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئاددىي قىلىپ نىسپىي تىنىچ ياكى تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان سېستىمىنىئېنىرتسىيلىك سېستىما دەپ ئاتايمىز. مەسىلەن، تىنىچ تۇرغان ياكى تەكشى كىتىۋاتقان ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىدە فىزىكا قانۇنىرى تامامەن ئوخشاش شەكىلدە. بۇ يەردە نىسپىي تىنىچ تۇرۇش ياكى تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكەت قىلىش بىز دەۋاتقان ئېنىرتسىيەنى كۆرسىتىدۇ، شۇڭا نيوتۇننىڭ بىرىنچى قانۇنىنى يەنە ئېنىرتسىيە قانۇنى دەپمۇ ئاتايمىز. تۆۋەندە ئېنىرتسىيەلىك پايدىلىنىش سېستىمىسىدىكى گالىلېي ئالماشتۇرىشىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. 

فورمۇلا

رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك t=0 دە S ۋە ′S دىن ئىبارەت ئىككى ئېنىرتسىيەلىك سېستىما بىر-بىرىگە ئۈستۈنمۇ-ئۈست چۈشكەن، ئاندىن ′S تەكشى تېزلىك v بىلەن x ئوقىنى بويلاپ ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان بولسا ′S دىكى ماكان ۋە زامان كوردېناتلىرى (′x′,y′,z′ t) بىلەن S تىكى ماكان زامان كوردېناتلىرى (x,y,z t) ئوتتۇرىسىدا تۆۋەندىكىدەك ئالماشتۇرۇش مەۋجۇت بولىدۇ: 

يەنى بۇ دىگەنلىك، ھەرىكەت قىلىۋاتقان سېستىمىدىكى ماكان- زامان نوختىسى بىلەن تىنىچ تۇرغان سېستىمىدىكى ماكان-زامان نوختىسى گالىلېي ئالماشتۇرۇش مەشغۇلاتى ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك ماتېماتىكىلىق مۇناسىۋەت بىلەن باغلىنىدۇ: 

S*(گالىلېي ئالماشتۇرۇش مەشغۇلاتى)=′S.

يۇقارقى ئالماشتۇرۇشنى مىسالغا ئېلىپ چۈشەندۈرسەك، بىكەتتىن چىقىپ تەكشى تېزلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان پويىز ۋاگونى ئىچىدە ئۇچۇپ كىتىۋاتقان بىر چىۋىننى ۋاگون ئىچىدە تۇرۇپ كۆزەتكۈچى ′S كوردېنات سېستىمىسىدا تۇرۇپ كۆزەتكەن؛ بىكەتتە تۇرۇپ كۆزەتكۈچى S كوردېنات سېستىمىسىدا تۇرۇپ كۆزەتكەن بولىدۇ. چىۋىننىڭ بوشلۇقتىكى زامان - ماكان كوردېناتى يەر يۈزىگە نىسبەتەن، يەنى بىكەتتىكى كۆزەككۈچىگە نىسبەتەت (x,y,z t) بولسا، ۋاگون ئىچىدىكى كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن (′x′,y′,z′ t) بولىدۇ. بۇلار ئارىسىدىكى ماتېماتىكىلىق مۇناسىۋەت دەل گالىلېي ئالماشتۇرىشى ئارقىلىق تىكلىنىدۇ. ۋاگون x ئوقىنى بويلاپ vt ئارلىق مېڭىپ بولغانلىقى ئۈچۈن چىۋىننىڭ ۋاگون ئىچىدىكى x كوردېناتى  بولىدۇ، y ۋە z ئوقلىرى ئۆزگەرمەي پاراللېل يۆتكەلگەنلىكى ئۈچۈن  ،  بولىدۇ. گالىلېي كوردېنات سېستىمىللىرىدا ۋاقىت كوردېنات سېستىمىسىغا قاراپ ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ دىگەنلىك، يەر يۈزىدىكى كۆزەتكۈچىنىڭ سائىتى بىلەن ۋاگوننىڭ ئىچىدىكى كىشىنىڭ سائىتى ئوپمۇ-ئوخشاش قەدەمدە ماڭىدىغان بولۇپ، ۋاگوننىڭ ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتىسز. شۇڭا  بولىدۇ.

گالىلېي ئالماشتۇرۇشى كىلاسسىك مەنادىكى كوردېنات ئالماشتۇرۇشى بولۇپ، ئۆز-ئارا نىسپىي ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىككى ئېنىرتسىيلىك سېستىما ئارىسىدىكى ماتېماتىكىلىق باغلىنىشنى ئىپادىلەيدۇ. كىلاسسىك فىزىكىدا ھامان ماكرو جىسىملارنىڭ تۆۋەن تېزلىكتىكى (تۆۋەن تېزلىك دىگىنىمىزدە تېزلىكنىڭ يورۇقلۇق تېزلىكىگە سېلىشتۇرغاندا چەكسىز كىچىك ئىكەنلىكىگە قارىتا ئېيتىلغان) ھەرىكىتىنى ۋە ئېنىرگىيە ئالماشتۇرۇش مەسىللىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. ھالبۇكى، مەسىلە مىكرو زەرىچىلەر (ۋە باشقا) يۇقىرى تېزلىكتىكى جىسىملارنىڭ ھەرىكەت ۋە ئېنىرگىيە ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىگە كەلگەندە كىلاسسىك فىزىكا چەكلىمىلىككە ئۇچىرايدۇ، قاچانكى جىسىملارنىڭ تېزلىكى نۇر تېزلىكى c=299,7 92,458 m/s گە يېقىن بىر تېزلىككە يەتكەندە يۇقارقى گالىلېي ئالماشتۇرۇشى كۈچكە ئىگە بولماي قالىدۇ.

 زامان-ماكان كوردېناتى ۋە ھادىسە 

پويىز، پاراخۇت ۋە ئايروپىلانلارنى ماددىي نوختا (جىسىملارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە شەكلىنى نەزەرگە ئالماي تۇرۇپ پەقەت ماسسىغا ئىگە بىر نوختا سۈپىتىدە تەسۋىرلەش) دەپ قارىساق تۈز رىلىستا كىتىۋاتقان پويىز بىر ئۆلچەملىك بوشلۇقتا، يەنى x ئوقىنى بويلاپ كىتىۋاتقان بولىدۇ، پاراخۇت ئىككى ئۆلچەملىك تەكشىلىكتە يەنى x,y تەكشىلىكىدە كىتىۋاتقان بولىدۇ، ئايروپىلان بولسا ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇق يەنى x,y,z كوردىنات سېستىمىسى ئىچىدە ئۇچۇپ كىتىۋاتقان بولىدۇ...

ئەمدى، تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقنى قانداق تەسەۋۋۇر قىلىمىز؟ ئەمەلىيەتتە بىز ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتا ياشاۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. پەقەت نەزەرىيە جەھەتتىن مۇنداق چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ:

تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقنىڭمۇ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئىگىزلىكى بولغاندىن سىرىت بۇ ئۈچ ئۆلچەمنىڭ سىرتىدا يەنە بىر ئۆلچەم ۋاقىت ئۆلچىمى بولىدۇ. گىئومېتىرىيە نوختىسىدىن، ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقنى بىر دانە كۇب دىسەك، تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇق بۇ كۇبنىڭ ئالتە دانە ئايلىنىش ئوقى بويىنچە ئايلىنىشىدىن شەكىللەنگەن «ھايپېرى كۇب» يەنى دەرىجىدىن تاشقىرى كۇب دەپ قاراشقا بولىدۇ.

بوشلۇقتۆۋەندە تۆت ئۆلچەملىك ھايپېر كۇب كۆرسىتىلدى.

بىز بىلىدىغان ئۆچ ئۆلچەملىك بوشلۇق ئۈچ ئۆلچەملىك كوردېنات سېستىمىسى ئىچىدىكى جىسىمنىڭ ئورۇنىنى، يەنى ماكان بوشلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ؛ تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇق بولسا جىسىمنىڭ مەلۇم ۋاقىتتا مەلۇم ئورۇندا تۇرغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. مۇشۇنداق ۋاقىت-ئورۇن كوردېناتىنى كۆرسىتىدىغان كوردېنات سېستىمىسى زامان-ماكان كوردېناتى دەپ ئاتىلىدۇ. زامان-ماكان كوردېنات سېستىمىسى ئىچىدىكى خالىغان بىر نوختا «ھادىسە» دەپ ئاتىلىدۇ، يەنى ئۇنى مەلۇم بىر ۋەقەنىڭ قاچان ۋە قەيەردە يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان پارامېتىرلار توپلىمى دىيىشكە بولىدۇ. ھادىسە نىسپىيلىك نەزەرىيسىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆز بولۇپ، كىيىنكى بايانلاردا «لورىنتېز ئالماشتۇرىشى» نى چۈشەندۈرۈشتە مۇھىم رول رول ئوينايدۇ.

 يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ چەكلىك بولىشى

19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا كىشىلەر ئېلىكتىر-ماگنېت دولقۇنلىرى ۋە يورۇقلۇقنىڭنىڭ باشقا دولقۇنلارغا ئوخشاش مەلۇم مۇھىتتا تارقىلىش كىرەكلىكىگە ئىشىنەتتى. مەسىلەن، ئاۋاز دولقۇنى ھاۋانى ياكى باشقا نەرسىلەرنى ۋاستە قىلىپ تارقىلىدۇ، ھاۋاسىز ۋاكۇم ئىچىدە ئاۋاز دولقۇنى تارقىلالمايدۇ... مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، يورۇقلۇقمۇ چوقۇم مەلۇم بىر مۇھىتنى ۋاستە قىلىپ تارقىلىشى كىرەك بولاتتى. كىشىلەر بۇ مۇھىتنى « ئېسىر» (Ether) دەپ ئاتىدى. 

1881- يىلى ۋە 1887- يىللىرى ئامېرىكىلىق مايكېلسون ۋە مورلېي ئاتالمىش «ئېسىر» نى تەجىربە ئارقىلىق بايقاپ چىقىش ئۈچۈن فىزىكا تارىخىدا داڭلىق بولغان «مايكىلسون-مورلېي تەجىربىسى» نى ئىشلىدى. 

يەر شارى قوياش ئەتىراپىدا ئايلىنىش جەرىيانىدا سىكونتىغا تەخمىنەن 30،000 مېتىر تېزلىك بىلەن(ئالەمگە لىق تولغان) «ئېسىر» مۇھىتى ئىچىدە ئۈزۈپ كىتىۋاتقان بولىدۇ، بۇنى «ئېسىر ئېقىمى» u=30,000 m/s تېزلىك بىلەن يەر يۈزىنى سىپاپ ئۆتىدۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ. تەجىربىنىڭ مەخسىتى، يورۇقلۇقنىڭ «ئېسىر ئېقىمى»غا ئوخشاش ۋە قارشى يۆلىنىشتە تارقىلىشى ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىت بىلەن «ئېسىر ئېقىمى»نى توغرىسىغا كىسىپ ئۆتكەن يۆلىنىشتە تارقىلىشى ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىت پەرقىنى ھېساپلاش ۋە شۇ ئارقىلىق «ئېسىر ماددىسى» نىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاش ئىدى. بۇ ۋاقىت پەرقى ناھايىتى كىچىك بولۇپ ئۆلچىگىلى بولمىسىمۇ (نەزەرىيە جەھەتتىن بىر يۆلىنىشتىكى يورۇقلۇق تېزلىكى يەنە بىر يۆلىنىشتىكىدىن تېزىرەك بولغاچقا) تەجىربە ئارقىلىق ئىككى يورۇقلۇق دەستىسىنىڭ فازا پەرقىنى بايقاپ چىقىش مۇمكىن دەپ قارىلاتتى... 

ئەپسۇسلىنارلىق يېرى قايتا-قايتا ئىشلەنگەن تەجىربە نەتىجىسى شۇنى كۆرسەتتىكى، ھېچقانداق فازا پەرقى مەۋجۇت ئەمەس چىقتى تەجىربە قۇرۇلمىسى ۋە جەرىيانىدا ھېچقانداق خاتالىق يوق ئىدى... ئارىدىن 18 يىل ئۆتۈپ 1905- يىلىغا كەلگەندە ئالبېرىت ئېنىشتېيىن بۇ تەجىربىگە نىسبەتەن شۇنداق يەكۈن چىقاردى: ئاتالمىش « ئېسىر» مەۋجۇت ئەمەس، يورۇقلۇقنىڭ تېزلىكى مەنبەنىڭ ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھالدا چەكلىك بىر تۇراقلىق قىممەتنى ئالىدۇ. كىيىن ئېنىشتىيىن مۇشۇ ئاساستا ئۆزىنىڭ ئىككى پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئىككى پەرەز ئېنىشتىيىن ئوتتۇرىغا قويغان «تارمەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» نىڭ ئىككى پىرىنسىپى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۇلار:

1) فىزىكا قانۇنلىرى بارلىق ئېنىرتسىيلىك سېستىمىلاردا ئوخشاس؛

2) يورۇقلۇق تېزلىكى بارلىق ئېنىرتسىيلىك سېستىمىلاردا ئوخشاس.

بۇلارنىڭ بىرىنچىسى ئالدىنقى بۆلەكتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىسپىيلىك پىرىنسىپىدۇر، ئىككىنچىسى يورۇقلۇقنىڭ ھەرقانداق ئېنىرتسىيلىك سېستىمىدا مەيلى ئۇ جىم تۇرغان بولسۇن، مەيلى تەكشى تېزلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان سېستىما بولسۇن مۇقىم تېزلىككە ئىگە بولىدىغانلىقىنى، يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ يورۇقلۇق مەنبەسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمدى تۆۋەندە بۇ پىرىنسىپلارنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ «لورىنتېز ئالماشتۇرىشى» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىمىز.

ۋاقىتنىڭ نىسپىيلىكى

يۇقارقى بۆلەكتىكى «گالىلېي ئالماشتۇرۇشى» دا نىسپىيلىك پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز-ئارا نىسپىي ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىككى ئېنىرتسىيلىك سېستىمىغا نىسبەتەن ئوخشاش بىر جىسىمنىڭ ئورۇن-ۋاقىت كوردېنات ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدۇق. گالىلېي ئالماشتۇرۇشى كىلاسسىك مەنىگە ئىگە بولۇپ، گالىلېي كوردېناتىدا ۋاقىت مۇتلەق، ئورۇن ۋە تېزلىك ئىككى سېستىمىنىڭ نىسپىي تېزلىكىگە قارىتا ئۆزگۈرىدۇ. مەسىلەن، تىنچ كۆل يۈزىدە تەكشى تېزلىكتە كىتىۋاتقان موتۇرلۇق قېيىق ئۈستىدە بىر ئادەم قولىدىكى مىلتىق بىلەن قېيىقنىڭ مېڭىش يۆلىنىشىگە قاراپ ئوق چىقارسۇن. قېيىقنىڭ تېزلىكى u=5ms ، ئوقنىڭ تېزلىكى v=300ms بولسا ئوقنىڭ تىنىچ كۆلگەنىسبەتەن تېزلىكى 305ms بولىدۇ. يەنى، ئوقنىڭ تىنىچ كۆلگە نىسبەتەن تېزلىكى قېيىق تېزلىكى بىلەن ئوقنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقان كوردېناتتىكى ئېتىلىش تېزلىكىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ بولىدۇ.

ئەگەر تېزلىكلەرنى 1000,000 ھەسسە چوڭايدى دەپ قارىساق، يەنى ئوقنى يورۇقلۇق زەرىچىسى بولغان بىر تال فوتۇن دەپ قارىساق؛ قېيىقتىكى مىلتىق تۇتقان ئادەمنى 5000,000ms تېزلىك بىلەن كىتىۋاتقان، بىر تال ئاتوم كىچىكلىكىگە قەدەر ئۆزگەرگەن «مىكرو ئادەم» دەپ قارىساق، «ئوق» نىڭ يەرگە نىسبەتەن تېزلىكى ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن 305000,000ms بولامدۇ؟ يەنى، مەلۇم تېزلىك بىلەن كىتىۋاتقان«مىكرو ئادەم» بىر تال فوتون ئېتىپ چىقارسا فوتوننىڭ تىنچ تۇرۇپ كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن تېزلىكى يورۇقلۇق تېزلىكىدىن ئارتىپ كىتەمدۇ؟ ھەتتا «مىكرو ئادەم»نىڭ تېزلىكى يورۇقلۇق تېزلىكىگە تەڭ بولغان ئەھۋالدا، ئۇ ئېتىپ چىقارغان فوتون تېزلىكى يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ بولامدۇ؟ 

ئېنىشتېيىن 1905-يىلى ئۆزىنىڭ «ھەرىكەتتىكى جىسىملارنىڭ ئېلىكتېر-دېنامىكىسى» دىگەن ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان «تارمەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» دە ئىككى پىرىنسىپنى ئاساس قىلغان ئىدى، ئۇلارنىڭ بىرى يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پەرىزى دىن ئىبارەت. بۇ پەرەز نوقۇل خىيالى تەسەۋۇر ئۈستىگە قۇرۇلماستىن، «مايكېلسون-مورلېي تەجىربىسى»نىڭ نەتىجىسىدىن چىقىرىلغان يەكۈن ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىدى... 

ئېلىكتېر-ماگنىت دولقۇنلىرى جۈملىدىن يورۇقلۇق، يۈكسەك تېزلىكتىكى مىكرو زەرىچىلەر ھەتتا تېزلىكى ناھايىتى يۇقىرى بولغان ماكرو جىسىملارغا نىسبەتەن كىلاسسىك مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيسى ۋە «گالىلېي ئالماشتۇرۇشى» تەسىرگە ئىگە بولماي قالىدۇ. چۈنكى، جىسىملار تۆۋەن تېزلىك بوشلۇقىدىن يۇقىرى تېزلىك بوشلۇقىغا ئۆتكەندە كىلاسسىك نەزىرىيەدىكى«مۇتلەق ۋاقىت» ئۇقۇمى كۈچتىن قالىدۇ. ئاددى قىلىپ يىغىنچاقلىغاندا، كىلاسسىك سېستىمىدا ئورۇن (ياكى ماكان) نىسپىي، ۋاقىت (ياكى ماكان) مۇتلەق؛ يۇقىرى تېزلىك سېستىمىسىدا ماكان-زامان نىسپىي بولىدۇ. زاماننىڭ نىسپىي بولىشى ھەر بىر ئېنىرتسىيلىك سېستىمىسىدا ئۆزىگەخاس «ۋاقىت ئوقى»نىڭ بولىدىغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ... 

تۆۋەندە ۋاقىت ئوقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقتا «ھادىسە» ئارلىقلىرىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان « لورېنتىز ئالماشتۇرۇشى» نى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز: 

ئۈچ ئۆلچەملىك كوردېنات بوشلۇقىدا كۆرۈنگەن بىر نوختىدىن كوردېنات بېشىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇق كوردېنات سېستىمىسىنىڭ سېمېتىرىك يۆتكىلىشى بىلەن ئۆزگۈرۈپ قالمايدۇ. يەنى، |OS′|=|OS| بولىدۇ. ئوخشاش پىرىنسىپ بىلەن تۆت ئۆلچەملىك گىئومېتىرىيەدە «ھادىسە ئارلىقى» ئۆزگەرمەيدۇ. تۆت ئۆلچەملىك كوردېنات سېستىمىسىنى تەكشىلىككتە سىزىش مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن، پاراللېل يۆتكەلگەن y ۋە z ئوقلىرىنى ھىسابقا ئالماي، شۇ يۆلىنىش بويىنچە يۆتكەلگەن x ئوقى ۋە ۋاقىت ئوقىنى سىزىش ئارقىلىق چۈشەندۈرىمىز. رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك تىنچ تۇرغان ئورۇن-ۋاقىت كوردېناتى بىلەن نىسپىي ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئورۇن-ۋاقىت كوردېناتىغا نىسبەتەن «ھادىسە ئارلىقى» تۇراقلىق ئۆزگەرمەس قىممەت ئالىدۇ. 

ئىككى كوردېنات سېستىمىسىغا نىسبەتەن «ھادىسە» نوختىسىنى تەسۋىرلەشتە مەلۇم ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋېتى مەۋجۇت بولسا بۇنى ماتېماتىكىلىق ئىپادە بىلەن S′=(L)*S قىلىپ ئىپادىلەشكە بولىدۇ. بۇ يەردىكى L لورېنتىز ئالماشتۇرۇشى غا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ماتىرىسسا شەكىلدە يازساق تۆۋەندىكلىدەك بولىدۇ:

دىمەك بىز تۆتلۈك ماتىرىسسا L نىڭ بارلىق ئېلىمىنتلىرىنى تېپىپ چىقساق لورېنتىز ئالماشتۇرۇشىنى ئاسانلا يېزىپ چىقالايمىز. تەپسىلى ھىساپلاش جەرىيانىنى قالدۇرۇپ، ھىساپلاشتىن كىيىن ماتىرىسسا L نى تۆۋەندىكى شەكىلدە يېزىپ چىقىمىز.

بۇ x ۋە t ئوقىغا نىسبەتەن ھىساپلاپ چىقىرىلغان لورېنتىز ئالماشتۇرۇشى. y ۋە z ئوقلىرى ئۆزگەرمەي پاراللېل يۆتكەلگەنلىكى ئۈچۈن   ، z=z,y=y  بولىدۇ.

قوش گېزەكلەر سەپسەتىسى

يۇقارقى بۆلەكتە ئېنىشتېيىننىڭ «تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيسى»دە ئوتتۇرىغا قويغان ئىككى پەرىزى: « 1) يورۇقلۇقنىڭ ۋاكۇمدىكى تېزلىكى چەكلىك مىقتار بولۇپ، يورۇقلۇق مەنبەسىنىڭ نىسپىي ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىزھالدا دائىم تۇراقلىق بىر قىممەتنى ئالىدۇ؛ 2) ئېنىرتسىيلىك سېستىمىدا فىزىكا قانۇنلىرى ئوخشاش بولىدۇ.» ئاساسىدا ۋاقىت ئوقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت ئۆلچەملىك كوردېناتلاردا يۇقىرى تېزلىكتىكى جىسىملارنىڭ ماكان-زامان نىسپىيلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتۇق. دىمەك، يۇقىرى تېزلىكتىكى ھەرىكەت ئوبىكتلىرىنى كۆزەتكۈچىلەرگە كۆرە ئۆز-ئارا نىسپىي ھەرىكەتتىكى ئوخشىمىغان ئىككى كوردېنات سېستىمىسىدا تۇرۇپ كۆزەتكەن «ھادىسە»لەرنىڭ نىسپىي پەرىقلىق بولىدىغانلىقىنى ئۆگىنىپ ئۆتتۇق. تۆۋەندە يۇقىرى تېزلىكتىكى كوردىنات سېستىمىسىدا ۋاقىتنىڭ ئاستىلاپ قالىدىغانلىقىنى داڭلىق بولغان «خىيالى تەجىربە»، ئاتالمىش قوش گېزەكلەر سەپسەتىسى ئارقىلىق كۆرسىتىپ ئۆتىمىز.

رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، قوشگېزەك ئاكا-ئۇكىلارنىڭ بىرى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئىكەن. ئۇباشقا يۇلتۇزلار سېستىمىسىدىكى پىلانىتلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە ياسالغان ئالەم كىمىسىگە ئولتۇرۇپ، يورۇقلۇق تېزلىكىگە يېقىن بىر تېزلىكتە ئۇچۇپ كىتىدۇ، ئۇنىڭ قوشگېزەك قېرىندېشى ئۇنى ئۇزۇتۇپ يەر يۈزىدە قالىدۇ. قوشگېزەكلەرنىڭ ھەرئىككىسىدە ئوخشاش سائەت بولۇپ، راكىتا ئىچىدىكى ئاكىسى سائېتىگە قاراپ ۋاقىتنى ھېساپلاپ، ئالەم كىمىسىدىكى سائەتكە كۆرە ئارىدىن بىر يىل ئۆتتى دىگەن ۋاقىتتا تەكشۈرۈشىنى تاماملاپ يەر يۈزىگە قايتىپ كىلىدۇ. لىكىن، تولىمۇ ھەيران قالارلىق يېرى، ئۇ ئۆزىنىڭ يەريۈزىدە قالغان قوشگېزەك ئۇكىسىنىڭ قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالىدۇ، قوشگېزەك ئۇكىسىمۇ ئاكىسىنىڭ ياپياش تۇرغىنىدىن چۆچۈپ كىتىدۇ...

مۇشۇنداق ئەقىلگە سىغمىغۇدەك زىدىيەتلىك ھادىسە دەل يۈكسەك تېزلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان (كوردېنات سېستىمىسىدا) سائەتنىڭ ئاستىلاپ قېلىشى، يەنى «زاماننىڭ قىسقىرىش» تەسىرىدىن ئىبارەت لورېنتىز ئالماشتۇرۇشىدىكى ماتېماتىكىلىق يەكۈندىن كىلىپ چىققان。

ماكان-زاماننىڭ قىسقىرىشى

جىسىملاريۈكسەك تېزلىكتە ھەرىكەت قىلغاندا، شۇ جىسىمغا يۈكلەنگەن سائەت، يەنى شۇ جىسىمغا نىسبەتەن ئېيتىلغان ۋاقىت «ئاستىلاپ» قالىدۇ؛ شۇنداقلا جىسىم ئۇزۇنلۇقى « قىسقىراپ» قالىدۇ. بۇلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «ماكان-زاماننىڭ قىسقىرىشى» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئەگەر بىر كوردېنات سېستىمىسى يۇقىرى تېزلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولسا ئۇ كوردېناتتىكى ئۇزۇنلۇق بىرلىكى نىسپىي تىنىچ كوردېناتتىكى ئۇزۇنلۇق بىرلىكىدىن كىچىك بولىدۇ؛ ۋاقىت بىرلىكىمۇ نىسپىي تىنىچ تۇرغان كوردېنات سېستىمىسىغا نىسبەتەن قىسقا بولىدۇ. بۇلار ئاتالمىش «ئۇزۇنلۇقنىڭ قىسقىرىش» ۋە « سائەتنىڭ ئاستىلاپ قېلىش» تەسىرلىرىدىن ئىبارەت.

رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، بىر راكىتا تىنىچ تۇرغان چاغدا ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى راكىتا كوردېناتىدىمۇ، يەر كوردېناتىدىمۇ ئۇزۇنلۇقى ئوپئوخشاش بولىدۇ. ئەگەر راكىتانىڭ تېزلىكى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ %86.6 گە تەڭ بولغاندا راكىتانىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەسلىدىكىنىڭ يېرىمىچىلىك، تېزلىكى يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ %99.5 گە تەڭ بولغاندا ئەسلىدىكىنىڭ چارەك ئۇزۇنلۇقىچىلىك، تېزلىكى يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ %99.995 گە تەڭ بولغاندا ئەسلىدىكىنىڭ سەككىزدىن بىرىچىلىك قىسقا بولىدۇ...

ئۇزۇنلۇقنىڭ «قىسقىراپ قېلىشى» قانداقتۇر رىئال پاكىت بولماستىن، يەر يۈزىدىكى تىنىچ كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن يۇقىرى تېزلىكتىكى ھەرىكەت كوردېناتىدىكى ۋە تىنىچ كوردېناتتىكى جىسىملارنىڭ ئۆلچىمىدىكى پەرقتىن ئىبارەت. تۆۋەندىكى رەسىم بۇنى ياخشى چۈشەندۈرۈپ بىرەلىشى مۇمكىن:

ئۇزۇنلۇقنىڭ قىسقىرىشىنى «لورېنتىز ئالماشتۇرۇشى» دىن پايدىلىنىپ ئاسانلا كالتۈرۈپ چىقارغىلى بولىدۇ.

رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، ئۇزۇنلۇقى L بولغان بىر جىسىمنىڭ تىنىچ ھالەتتىكى كوردېناتلىرى x1 ۋە x2 بولسۇن، يەنى( )؛ ھەرىكەتتىكى كوردېناتلىرى  ۋە  بولسۇن، (يەنى ) لورېنتىز ئالماشتۇرۇش فورمۇلالىرىغا ئاساسەن

بولىدۇ، تىنىچ كوردېناتتا ۋاقىتلار ئوخشاش، يەنى ئوخشاش ۋاقىتتا جىسىمنىڭ ئىككى ئۇچىنى ئۆلچىدۇق ، شۇڭا 

نى كەلتۈرۈپ چىقىرالايمىز. بۇ دىگەنلىك تېزلىك قانچە يۇقىرى بولغانسىرى ھەرىكەتتىكى كوردېناتتىكى ئۇزۇنلۇق تىنىچ كوردېناتتىكى كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن شۇنچە «قىسقا» بولىدۇ.

ۋاقىتنىڭ ئاستىلاپ قېلىشىنى تۆۋەندىكىدەك «خىيالى تەجىربە ئۇسۇلى» بىلەن كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولىدۇ. v تېزلىك بىلەن كىتىۋاتقان پويىز ئىچىدە تۇرغان مۇرات قولىدىكى قولچىراقنى تىك يۇقۇرىغا قارىتىپ ئاچتى. بۇ پويىزنىڭ ئىچىدە تۇرغان مۇراتقا نىسبەتەن تىك تۈز سىزىق بويىنچە يۇقىرىغا تارقالغان يورۇقلۇق بولۇپ، ئېنىق ھېس قىلغىلى بولىدىغان ھادىسە؛ لىكىن، يەر يۈزىدە تۇرغان فاتىمە قولچىراق نۇرىنىڭ پويىزنىڭ ھەرىكەت يۆلىنىشىگە قىيپاش يانتۇ سىزىق بويىنچە تارقالغانلىقىنى كۆرىدۇ.

رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، مۇراتقا نىسبەتەن يورۇقلۇقنىڭ ۋاگوننىڭ ئۈستىگە يېتىپ بارغاندىكى ۋاقىت ۋاگون ئېگىزلىكىنى يورۇقلۇق تېزلىكىگە بۆلگەنگە تەڭ بولىدۇ؛ فاتىمەگە نىسبەتەن يانتۇ سىزىق ئۇزۇنلۇقىنى يورۇقلۇق تېزلىكىگە بۆلگەنگە تەڭ. بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكى گىئومېتىرىيەلىك شەكىل ئارقىلىق ھېساپلاپ چىقىشقا بولىدۇ. رەسىمدىكى تىك ئۇزۇنلۇق d يانتۇ ئۇزۇنلۇق l ۋە پويىزنىڭ ھەرىكەت ئارلىقى vt بىر تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچ بۇلۇڭنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچ بۇلۇڭدا يانتۇ تەرەپنىڭ كۇۋادراتى ئىككى تىك تەرەپنىڭ كۇۋادىراتلىرىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ بولغانلىقى ئۈچۈن l=cT ۋە d=vt لارنى ئورۇنىغا قويۇپ، مۇراتقا نىسبەتەن ۋاگون ئىچىدىكى ۋاقىت T بىلەن فاتىمەگە نىسبەتەن يەر يۈزىدىكى ۋاقىت t نى كەلتۈرۈپ چىقىرىمىز. 

مەسىلەن، پويىز يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ %60 تېزلىكى بىلەن كىتىۋاتقان بولسا يەريۈزىدە 10 مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن پويىز ئىچىدە 8 مىنۇت ئۆتكەن بولىدۇ، دىمەك پويىز ئىچىدە 2 مىنۇت ۋاقىت قىسقاردى. ئەگەر پويىزتىنىچ تۇرسا مەخرەج بىرگە تەڭ بولۇپ t=T بولىدۇ؛ ئەگەر پويىز تېزلىكى بارا بارا چوڭىيىپ يورۇقلۇق تېزلىكىگە چەكسىز يېقىنلاشسا مەخرەج نۆلگە چەكسىز يېقىنلىشىدۇ، بۇ چاغدا پويىز ئىچىدىكى ۋاقىت قىسقىراپ نۆلگە چەكسىسز يېقىنلىشىدۇ. 

ئاتالمىش ماكان-زاماننىڭ قىسقىرىشى تىنىچ كوردېناتتىكى كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن نىسپىي ھەرىكەتتىكى كوردېناتلارنىڭ ئۆلچىنىشى بولۇپ، بىر خىل «ھادىسە»نىڭ ئىككى خىل كوردېناتتىكى ئوخشىمىغان كۆزەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئوخشىمىغان ئىككى خىل كۆرۈنىشىنى ئىپادىلەيدۇ. ماكان-زاماننىڭ قىسقىرىشىدىن باشقا ھەرىكەتتىكى جىسىملارنىڭ ماسسىسىنىڭ «چوڭىيىپ كىتىش» تەسىرىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، ئېنىشتېيىننىڭ مەشھور« ماسسا-ئېنىرگىيە تەڭلىمىسى»نىڭ كەلتۈرۈلۈپ چىقىرىلىش ئاساسىدىن ئىبارەت. تۆۋەندە بۇھەقتە توختۇلىمىز ھەمدە سۆزىمىزنىڭ ئاخىرىنى ئاتوم بومبىسىنىڭ پىرىنسىپىبىلەن تاماملايمىز.

تېزلىك، ھەرىكەت مىقتارى ۋە ماسسا

ئۆز-ئارا نىسپىي ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىككى ئېنىرتسىيلىك سېستىمىسىدا جىسم ئورۇنى ۋە ۋاقتىنىڭ ئىككى سېستىمىدىكى كۆزەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ «لورېنتىز ئالماشتۇرۇشى» ئارقىلىق قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۆگىنىپ ئۆتتۇق. رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك جىسىم تىنىچ كوردېنات سېستىمىسىغا نىسبەتەن مەلۇم تېزلىك u بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولسا ئۇنىڭ ھەرىكەتتىكى كوردېناتتىكى تېزلىكى ′u نى ھەم «لورېىنتىزئالماشتۇرۇشى» دىن پايدىلىنىپ كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولىدۇ. تېزلىك ئورۇن ئۆزگۈرىشى بىلەن ۋاقىت ئۆزگۈرىشىنىڭ نىسبىتىگە تەڭ بولغاچقا بۇئۆزگۈرۈشلەرنى ئورۇن ۋە ۋاقىتنىڭ ئالماشتۇرۇلۇش فورمولالىرىغا قويۇپ، ئاخىرىدا ھەرىكەتلىك سېستىمىسىدىكى جىسىم تېزلىكنى ھېساپلاپ چىقىمىز. تۆۋەنىكى رەسىمدە تەپسىلاتى كۆرسىتىلدى. 

فىزىكىدا تېزلىك جىسىمنىڭ ھەرىكەت مىقتارىنى بەلگىلەيدىغان فىزىكىلىق مىقتار. ھەرىكەت مىقتارى دىگىنىمىزجىسىم ماسسىسى بىلەن تېزلىكىنىڭ كۆپەيتمىسى بولۇپ، فىزىكا قانۇنلىرى ئىچىدە ھەرىكەت مىقتارى ساقلىنىدىغان مىقتار بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. يەنى، سېستىما ئىچىدە مەلۇم ھادىسە يۈز بېرىشتىن بۇرۇنقى ئومۇمى ھەرىكەت مىقتارى ھادىسە يۈز بەرگەندىن كىيىنكى ئومۇمى ھەرىكەت مىقتارىغا تەڭ بولىدۇ. ئۇ، ئېنىرگىيەنىڭ ساقلىنىش قانۇنىغا ئوخشاشلا تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ ئاساسلىق قانۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. فىزىكىدا ساقلىنىش قانۇنلىرى بەكمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ، نۇرغۇن پىرىنسىپ ۋە فىزىكىلىق تەڭلىمىلەر ساقلىنىش قانۇنلىرى ئارقىلىق ئىزاھلىنىدۇ ۋە كەلتۈرۈپ چىقىرىلىدۇ... تۆۋەندە بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە ھەرىكەت مىقتارىنىڭ ساقلىنىش قانۇنىغا ئاساسەن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان جىسىمنىڭ (ھەرىكەت قىلىۋاتقان كوردېناتتىكى) «نىسپىي ماسسا» ۋە (تىنىچ كوردېناتتىكى) «تىنچ ماسسا» ئۇقۇملىرىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. 

رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، u1 تېزلىك بىلەن كىتىۋاتقان شارچە، u2 تېزلىك بىلەن كىتىۋاتقان شارچىگە سوقۇلغاندىن كىيىن ئىككىسى جۈپلىشىپ ئورتاق تېزلىك V بىلەن ھەرىكەت قىلغان. ھەرىكەت مىقتارىنىڭ ساقلىنىش قانۇنىغان ئاساسەن سوقۇلۇشتىن بۇرۇن ۋە كىيىنكى ھەرىكەت مىقتارلىرى تەڭ بولىدۇ، شۇڭا

بولىدۇ. ئىككى شارچىنىڭ تېزلىكلىرىنى لورېنتىز ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئالماشتۇرغاندىن كىيىن يۇقارقى تەڭلىمىگە قويساق تۆۋەندىكىدەك نەتىجە كىلىپ چىقىدۇ:

ئەگەردەسلەپتە ئىككىنچى شارچە جىم تۇرغان بولسا شارچىنىڭ ماسسى تۆۋەندىكى تەڭلىمە ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ:

بۇ يەردىكى m0 جىسىمنىڭ تىنچ ماسسىسى دەپ ئاتىلىدۇ؛ m بولسا ھەرىكەت قىلغاندىكى نىسپىي ماسسىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

يۇقارقى تەڭلىمىگە ئاساسەن، بىر جىسىم نىڭ تىنچ تۇرغاندىكى ماسسى 1 كىلوگرام بولۇپ، ئەگەر ئۇ جىسىم يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ %60 بويىنچە ھەرىكەت قىلسا ماسىسى 1.25 كىلوگرام بولىدۇ. 

كىلاسسىك فىزىكىدا ماسسا كوردېنات سېستىمىسىغا باغلىق بولمىغان ھالدىكى ئۆزگەرمەس مىقتار دەپ قارىلىدۇ، لىكىن نىسپىيلىك نەزەرىيسىدە ماسسا ھەرىكەتلىك ھالەتتە نىسپىيلىككە ئىگە بولىدۇ. مۇتلەق تىنىچ تۇرغاندىكى ماسىسى بىز دائىم تىلغان ئالىدىغان ماسسا، يەنى«تىنىچ ماسسا» دىن ئىبارەت. دەل مۇشۇ خۇسۇسىيتى نىسپىيلىك نەزەرىيسىدىكى ئەڭ مۇھىم تەڭلىمە، بەلكى پۈتۈن فىزىكىدىكى ئاددى لىكىن دەۋىر بۆلگۈچ تارىخقا ئىگە تەڭلىمىنىڭ مەيدانغا كىلىشىنىڭ ئاساسىدىن ئىبارەت. تۆۋەندە، فىزىكا تارىخىنى ئەمەس، دۇنيا تارىخىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن مەزكۇر تەڭلىمە ھەققىدە توختۇلۇپ ئۆتىمىز.

نىسپىي ئېنىرگىيە ۋە ھەرىكەت مىقتارى مۇناسىۋېتى

ئىلگىركى بۆلەكلەردە ماكان-زاماننىڭ نىسپىيلىكىنى «لورېنتىز ئالماشتۇرۇشى» ئارقىلىق كۆرسىتىپ ئۆتتۇق ھەمدە بۇلاردىن پايدىلىنىپ كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان تېزلىك ئالماشتۇرۇشىدىن ۋە ھەرىكەت مىقتارىنىڭ ساقلىنىش قانۇنىدىن پايدىلىنىپ جىسىم ماسسىسىنىڭمۇ نىسپىيلىككە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۇق. دىمەك، جىسىمنىڭ ماسىسى مۇتلەق بولماستىن ئوخشىمىغان كوردېنات سېستىمىسىدا تۇرۇپ كۆزەتكۈچىلەرگە(ئۆلچىگۈچىلەرگە) نىسبەتەن پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۇق. تۆۋەندە نىسپىيلىك نەزەرىيسىدىكى ئېنىرگىيە ھەققىدە توختۇلۇپ ئۆتىمىز.

ئېنىرگىيە ساقلىنىدىغان بىر مىقتار. جىسىملارنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرلىشىشى، جۈملىدىن (ئېلاستىك) سوقۇلىشى، رىئاكسىيلىىشىشى، بىر-بىرىگە ئايلىنىش،...قاتارلىق جەرىيانلار جىسىسملار ئارىسىدىكى ئېنىرگىيە ئۆتۈشۈش جەرىيانلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ جەرىياندا ئومۇمى ئېنىرگىيە ئۆزگەرمەي ساقلىنىدۇ. مەسىلەن، بىر شارچە تىنچ تۇرغان يەنە بىر شارچىغا سوقۇلغاندىن كىيىن سوقۇلۇش كۈچىنىڭ تەسىرىدە ئىككىنچى شارچە مەلۇم تېزلىككە ئىگە بولىدۇ. دىمەك، ئەسلىدە تىنىچ تۇرغان ئىككىنچى شارچە مەلۇم ھەرىكەت ئېنىرگىيەسىگە سوقۇلۇش كۈچى ئارقىلىق ئېرىشتى، يەنى بىرىنچى شارچىنىڭ ھەرىكەت ئېنىرگىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئىككىنچى شارچىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىلدى. ئەمدى بىز ئىككىنچى شارچە ئىگە بولغان ئېنىرگىيە ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىپ باقايلى:

شارچە ئىگە بولغان چەكسىز كىچىك ئېنىرگىيە سوقۇلۇش كۈچى بىلەن چەكسىز كىچىك يۆتكىلىشنىڭ كۆپەيتمىسىگە تەڭ بولىدۇ (ئىلگىرى ئېنىرگىيەگە ئىش قىلىدىغان كۈچ دەپ ئېنىقلىما بەرگەن ئېدۇق، يەنى كۈچ تۈرتكىسىدە يۆتكىلىپ ئىشلەنگەن ئىش ئېنىرگىيەگە تەڭ بولىدۇ). 

سوقۇلۇش كۈچى يەنە ھەرىكەت مىقتارىنىڭ ئۆزگۈرىشىگە تەڭ بولغاچقا ئېنىرگىيەنى شارچە ئىگە بولغان تېزلىك بىلەن چەكسىز كىچىك ھەرىكەت مىقتارىنىڭ كۆپەيتمىسى شەكىلدە تۆۋەندىكىدەك يېزىشقا بولىدۇ. 

بۇ يەردىكى ماسسا ئۈچۈن نىسپىي ماسسىنى ئالساق ھەمدە ھەرىكەت مىقتارىنىڭ ئۆزگۈرىشىگە نىسبەتەن ئېنىتىگىرالىنى ئالساق ئاخىرىدا نىسپى ئېنىرگىيەگە ئېرىشىمىز. تۆۋەندىكى رەسىمدە كونكېرىت ھېسابلاش جەرىيانى كۆرسۈتۈلدى. 

يۇقارقى كەلتۈرۈپ چىقىرىلىش جەرىيانى پۈتۈنلەي ماتېماتىكىلىق جەرىيان بولۇپ، مەلۇم دەرىجىدە ئالىي ماتېماتىكا سەۋىيىسى ھازىرلىغانلار ئۈچۈن تولىمۇ ئاددىي ۋە چۈشىنىشلىك يەكۈن. ئالىي ماتېماتىكا ئاساسى بولمىغانلار ھازىرچە پەقەت شارچە ئىگە بولغان ھەرىكەت ئېنىرگىيەسىنىڭ رەسىمدىكى دائېرىگە ئېلىنغان ئىپادىگە تەڭ بولىدىغانلىقىنى، تىنچ ئېنىرگىيەسىنىڭ بولسا ماسسىا بىلەن يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ كۆپەيتمىسىگە تەڭ بولىدىغانلىقىنى بىلسە كۇپايە. بىز بىلمەكچى بولغان ئەڭ ھالقىلىق يەكۈن شۇنىڭدىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە ئېنىشتىيىن يۇقارقى يەكۈننى پۈتۈنلەي ئوخشىمىغان ئۇسۇل «خىيالى تەجىربە» ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بۇ يەردە تونۇشتۇرمايمىز، قىزىققانلار ئىزدىنىپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.

ئەمدى ئېنىرگىيە بىلەن ھەرىكەت مىقتارى ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بار، بۇنى كۆرۈپ باقايلى: 

يۇقارقى يەكۈندە شارچىنىڭ نىسپىي ھەرىكەت ئېنىرگىيەسى كۆرسۈتۈلدى. شارچىنىڭ ئومۇمى ئېنىرگىيەسى قانداق بولىدۇ؟ ھېساپلاش جەرىيانىدىن بىز شارچىنىڭ تېنچ ئېنىرگىيەگىمۇ ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۇق، ئۇنداقتا شارچىنىڭ ئومۇمى ئېنىرگىيەسى ھەرىكەت ئېنىرگىيە بىلەن تېنچ ئېنىرگىيەنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ بولىدۇ،شۇنداق بولغاندا شارچىنىڭ ئومۇمى ئېنىرگىيەسى بولىدۇ. ھەرىكەت مىقتارى بولسا

بولىدۇ. ئەمدى ئېنىرگىيەنى ھەرىكەت مىقتارى ئارقىلىق ئىپادىلىسەك بولىدۇ ۋە ئاخىرىدا

غا ئېرىشىمىز. بۇ دەل ئېنىرگىيە بىلەن ھەرىكەت مىقتارىنىڭ مۇناسىۋەت فورمولىسىدىن ئىبارەت. بۇنى تېخىمۇ ئاسان چۈشىنىش ۋە ئەستە ساقلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭ سىزىۋالساق گىئومېتىرىيەدىكى «گوگو تېئورمىسى» ئارقىلىق بۇ مۇناسىۋەتنى رەسىملىك كۆرسۈتۈپ بەرگىلى بولىدۇ. 

ماسسا-ئېنىرگىيە تەڭلىمىسى ۋە ئاتوم بومبىسىنىڭ ياسىلىشى

يۇقارقى بۆلەكتە كۆرسىتىلگىنىدەك، جىسىمنىڭ ئىگە بولغان ئومۇمى ئېنىرگىيەسى ھەرىكەت ئېنىرگىيەسى بىلەن تىنچ ئېنىرگىيەسىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەگەر جىسىم تىنىچ تۇرغان بولسا ئۇنىڭ ھەرىكەت ئېنىرگىيەسى نۆلگە تەڭ بولۇپ، ئومومى ئېنىرگىيە تىنىچ ئېنىرگىيەگە تەڭ بولىدۇ. بۇ جىسىم تىنچ تۇرغاندىمۇ ئېنىرگىيەگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. جىسىمنىڭ تىنچ ئېنىرگىيەسى جىسىمنىڭ تىنىچ ماسىسى بىلەن يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ كۆپەيتمىسىگە تەڭ بولىدۇ. 

بۇ دەل ئېنىشتېيىننىڭ مەشھور «ماسسا-ئېنىرگىيە تەڭلىمىسى»دىن ئىبارەت. بۇ تەڭلىمە ئېنىرگىيە بىلەن ماددا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئەڭ ئاددى شەكىلدە ئىپادىلەپ كەلگەن فىزىكا تارىخىدىكى، بەلكى دۇنيا تارىخىدىكى دەۋىر بۆلگۈچ نەزەرىيۋى ئاساستىن ئىبارەت. تەڭلىمىدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ناھايىتى كىچىك ماسسا ئارقىلىق ناھايىتى چوڭ ئېنىرگىيەگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. يورۇقلۇق تېزلىكى تەخمىنەن 300,000,000m / s بولۇپ، ئۇنىڭ كۇۋادىراتى 900,000,000,000,000,00m2|s2 چوڭلۇقتىكى قىممەت بولىدۇ. بۇ غايەت زور سان بولۇپ، بىر كىلوگرام ماسسا ئېنىرگىيەگە ئايلىنىپ قالسا 900,000,000,000,000,00 جول ئېنىرگىيەگە ئايلىنىدۇ...

دەل مۇشۇ تەڭلىمە تۈرتكىسىدە دۇنيا تارىخ سەھىپىسى پۈتۈنلەي يېڭىلاندى. تۆۋەندە قىسقىچە تارىخ بايان قىلىش بىلەن ئاتوم بومبىسىنىڭ ياسىلىش تارىخى ئارقا كۆرۈنىشىنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز.

1905-يىلى ئېنىشتېيىن تارمەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيسىنى بەرپا قىلدى. بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى ماسسا-ئېنىرگىيە تەڭلىمىسى بولۇپ ماسسا بىلەن ئېنىرگىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئاددى ۋە ئىخچام مۇناسىۋەتنى تېپىپ چىقتى. 1911-يىلى رۇزۇرفورد ئاتومنى بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق ئاتوم تۈزۈلىشىنى بايقاپ بورنىڭ ئاتوم مودېلىغا ئاساس سالدى. 1932-يىلى جەيمىز چادىۋىك نىتىروننى بايقاپ ئاتوم يادروسىنىڭ مۇسپەت زەرەتلىك پروتون ۋە زەرەتسىز نىتىروندىن تۈزۈلىدىغانلىقىنى بايقىدى. نىتىروننىڭ بايقىلىشى زەنجىرسىمان يادرو رىئاكسىيسىگە ئاساس سېلىپ بەردى. 

ئاتوم يادروسىدا نىتىرون سانى پەرىقلىق بولغان ئېلىمىنتلار مەۋجۇت بولۇپ، بۇنداق ئېلمىنتلار ئىزوتوپلار دەپ ئاتىلىدۇ. ئېغىر ئېلمىنتلاردىن ئىزوتوپلۇق ئاتوم يادرولىرى ناھايىتى تۇراقسىز بولۇپ، يادورو پارچىلىنىپ تۇراقلىقىراق بولغان يېنىك يادرولارغا ئايلىنىدۇ ھەمدە بىر قىسىم ئېنىرگىيەنى رادىئاتسىيەلەپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئېلىمىنتلارنى رادىئوئاكتىپلىق ئىزوتوپلار دەپ ئاتايمىز.

1938-يىلىغا كەلگەندە تۇنجى بولۇپ تەجىربىخانىدا يادرونى بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق پارچىلاش گىرمانىينىڭ بېرلىن شەھرىدە Otto Hahn ،Lise Meitnerۋە Fritz Strassman قاتارلىق ئۈچ ئالىم تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. تۇنجى زەنجىرسىمان يادرو رىئاكتورى ئىتالىيلىك Enrico Fermi ۋە ھونگىرىيەلىك Leo Szilard قاتارلىق فىزىكىچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلدى. ئۇلار ئۇران- 235 نىڭ زەنجىر رىئاكسىيسىدە باھايىتى كۈچلۈك پارتىلاش كۈچى ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بايقاپ يەتتى...

بۇ دەل ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ھارپا مەزگىللىرى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا گىرمانىيلىك ئالىملارمۇ دەل مۇشۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بىرىۋاتقان بولۇپ، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى فىزىكا ئالىملىرى شۇ يەردە ئىدى. سىياسى چەھەتتە ناتسىستلار كۈچىيىشكە باشلىغان بولۇپ، نۇرغۇن ئالىملارنى بۇنىڭغا سەپەرۋەر قىلىۋاتقان ئىدى.

ئېنىشتىيىننىڭ تەڭلىمىسى غايەت زور ئېنىرگىيە پەيدا قىلىدىغان نەزەرىيە ئاساسى تىكلەپ بەرگەچكە ئەينى ۋاقىتتا ئاتوم بومبىسىنىڭ ياسىلىشى ئېمپىرىياللارئارىسىدا يوشۇرۇن كۈنتەرتىپكە كىرىپ بولغان بولۇپ، مەسىلە كىمنىڭ بۇرۇن ياساپ چىقىشى ئىدى. Leo Szilard ناتسىتلارنىڭ ئاتوم بومبىسىنى ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ياسىۋېلىشىدىن ئەنسىرىگەچكە، ئامېركىدا پانالىنىۋاتقان ئېنىشتىيىننىڭ يېنىغا بىرىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېركا زۇڭتۇڭى روزۋېلت قا خەت يېزىشقا ئېنىشتېيىننى قايىل قىلىدۇ. ئاقساراي ئېنىشتىيىننىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن دەرىھال يوشۇرۇن تەتقىقات بازىسى قۇرۇپ ئاتوم بومبىسى پىلانىنى باشلىۋېتىدۇ... 

دەرۋەقە 1944-يىلىغا كەلگەندە ئامېرىكا تۇنجى ئاتوم بومىسىنى ياساپ چىقىدۇ ۋە يېڭى مېكسىكا شىتاتىدا سىناق قىلىپ مۇۋاپىقىيەت قازانغاندىن كىيىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا غەلبە قازىنىشنىڭ كوزۇرىنى تىكلەيدۇ... 

1945-يىلى 8-ئاينىڭ 6- ۋە 9-كۈنلىرى ئامىرىكا ياپۇنىيەنىڭ ناگاساكې ۋە خىروشىما ئاراللىرىغا ئالدى كەينى بولۇپ ئىككى ئاتوم بومبىسى تاشلاپ، ھەددى ھىساپسىز ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاسىيادا ئۈتۈلۈك قازىنىپ ئۇرۇش قىلىۋاتقان ياپۇن بۇنىڭ تەسىرىدە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارللايدۇ...

گەپنىڭ قىسقىسىنى ئېيتقاندا دۇنيا تارىخىنى ئاتوم بومبىسى ئۆزگەرتىۋەتتى. ئەگەر نىمىسلار ئامېركىدىن بۇرۇن ياساپ چىققان بولسا قانداق بولار ئىدى؟ ياپۇنلار تەسلىم بولمىغان بولسىچۇ؟ بۇلار ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەسەۋۇرىغا قالدى. ئەمدىكى گەپ، نۆۋەتتە يەنىلا يادرو مەسىلىسى ئىنسانىيەتكە تەھدىت سېلىپ تۇرماقتا. قاراپ باقىدىغان بولساق، نۆۋەتتىكى ئېمپىرىيال كۈچلەر ۋە ئۇلارنىڭ قورچاقلىرى يادرو بومبىسىغا ئىگە، مۇسۇلمان دۇنياسى ۋە تۈرك دۇنياسى بۇنىڭغا ئىگە ئەمەس... ئېراق يادرو بومبىسىغا ئىگە بولسا بولمايدۇ دىگەن بانا بىلەن ئامېركىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچىراپ سادام ھۆكىمىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىن تۈگىمەس خاتىرجەمسىزلىككە پېتىپ قالدى...

تېخى يېقىندا شىمالى كورىيە ئاتوم تەھتىدى بىلەن ئامېركىغا پوپوزا قىلىپ، بىرمەيدان سىياسى ھىلە نەيرەڭلەرنى ئوينىدى. شىمالى كورىيەدەك قالاق ۋە لۈكچەك دۆلەتنىڭ ئاتوم بومبىسىغا ئىگە بولىشى ۋە بۇنىڭ بىلەن پوپوزا قىلىشى «ئاكىسىغا ئۇششۇقلۇق قىلىش»تىن باشقا نەرسە ئەمەس...

نۆۋەتتە يەنىلا ئاتوم بومبىسى كۈچلۈك سىياسى كوزۇر سۈپىتىدە دۇنيا سەھنىسىدە پۇت تىرەپ تۇرماقتا. لىكىن، مەيلى قانداق سىياسى ئويۇن ۋە ھىلە-نەيرەڭلەر بولمىسۇن ئىنسانلار ۋە يەرشارى تىنىچلىق ۋە ئىتىپاقلىققا مۇھتاج ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان. دۆلەت باشقا باشقا بولغان بىلەن يەرشارى بىر، ئالدىراپ ئاتوم بومبىسى ئاتقان بىلەن كىيىنكى ئىنسانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان قىيامەت-قايىم بولىشى مۇمكىن!

ئاتوم بومبىسىنىڭ پىرىنسىپى

ئاتوم يادىروسى نىتىرون ئارقىلىق بومباردىمان قىلىنغاندا ئىككى دانە يادروغا پارچىلىنىدۇ. مۇھىم نوختا شۇ يەردىكى، پارچىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئاتوم ماسىسى پارچىلانغاندىن كىيىنكى ئاتوم ماسسىللىرىنىڭ يىغىندىسىدىن چوڭىراق بولىدۇ. بۇ پەرق شۇنى چۈشەندۈرىدۇ، بىر قىسىم ماسسا پارچىلىنىش جەرىيانىدا ئېنىرگىيەگە ئايلىنىپ كىتىدۇ. ئېنىشتېيىننىڭ ماسسا-ئېنىرگىيە تەڭلىمىسىگە ئاساسەن بۇ ئازغىنە ماسسا پەرقى ناھايىتى چوڭ ئېنىرگىيەنىڭ ئاجىرىلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. 

ئەگەر ئۇران-235 يادروسى دانە نىتىرون بىلەن سوقۇلغاندا ئىككى دانە كىچىك يادىرو ۋە ئىككى دانە نىتىرون ھاسىل بولۇش بىلەن بىرگە ئېنىرگىيە قويۇپ بېرىدۇ. بۇ ئىككى نىتىرون باشقا يادرولارغا سوقۇلغاندا يەنە ئوخشاش جەرىيان يۈز بىرىدۇ-،دە بۇ جەرىيان زەنجىرسىمان ھالدا تاكى ئېلمىنت مىقتارى تۈگىگىچە داۋامىلىشىدۇ. ئەگەر كونترول قىلىنمىسا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە غايەت زور ئېنىرگىيەنى قويۇپ بىرىدۇ ۋە ۋەيران قىلغۇچ پارتىلاشنى شەكىللەندۈرىدۇ. 

1945 -يىلدىكى ياپۇنغا تاشلانغا ئىككى ئاتوم بومبىسىنىڭ خەۋىرىنى ئۇققاندىن كىيىن ئېنىشتىيىن بۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق قايغۇرغان... شۇنداقتىمۇ بۇ ئۇنىڭ سەۋەنلىكى دىگىلى بومايتتى. ئاتوم ئېنىرگىيەسىنى سىياسەتكە، يازۇرلۇققا ئىشلەتمىسە، تىنىچلىق ۋە ئىنسانىيەتكە بەخىت يارىتىش ئۈچۈن ئىشلەتسە ئەلبەتتە ئۇنىڭ تۆھپىسى بولاتتى! نىملا بولمىسۇن، ئۇ ئىنسانىيەت ئېلىمپەن تارىخىدا مۆۋجىزە ياراتقان فىزىكا ئالىمى...

ھەركەتلىك سائەتنىڭ ئاستىلايدىغانلىقى 

تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريسى بىزگە شۇنى ئۇقتۇرۇدىكى، سائەت ھەركەت قىلىشقا باشلىغاندىن كىيىن، سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ مېڭىشى ئاستىلاپ بارىدۇ. بۇ كۆپلىگەن فىزىكىلىق تەجىربىلەردە ئىسپاتلاندى. يۇقۇرى ئىنىرگىيلىك ئاساسى زەرىچىلەرنىڭ ھەركەتلىنىش تىزلىكى ناھايىتى يۇقۇرى بۇلۇپ، يۇرۇقلۇق تىزلىكىگە ئىنتايىن يېقىنلىشىدۇ. بىز ئۆلچەپ چىققان يۇقۇرى تىزلىكتىكى مېزوتروننىڭ ئاجىزلىشىش ئۆمرىنى تەجىربىدە ئۆلچەپ چىقىلغان تىنىچ تۇرغان مىزوترۇننىڭ ئۆمرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۈرىدىغان بولساق، ھەركەتتىكى مىزوترۇننىڭ ئۆمرى تىنىچ تۇرغان مىزوترۇننىڭ ئۆمىرىگە قارىغاندا، ناھايىتى كۆپ ئۇزارغانلىقىنى ىبلىپ ئالالايمىز. بۇ تەجىربە نەتىجىسى تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسدىكى ھەركەت قىلىۋاتقان سائەتنىڭ ئاستىلاش ئىفىكتى بىلەن ماس كىلىدۇ.1971-يىلى ئىككى ئامرىكىلىق ئالىم ئاتۇم سائىتىنى رىئاكتىپ ئايرۇپىلانغا سېلىپ، يەر شارىنى بىر ئايلىنىپ، يەر يۈزىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئايرۇپىلاندىكى ئاتۇم سائىتىنىڭ رەقىمىنى يەر يۈزىدىكى ئاتۇم سائىتىنىڭ رەقىمى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۈرۈپ، بۇ ئىككى رەقەم ئوتتۇرسىدا ئىنتايىن كىچىك پەرق بارلىقىنى بايقىغان. بۇ ئىنتايىن كىچىك پەرقنىڭ بىر قىسمى تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىدىكى سائەتنىڭ ئاستىلايدىغانلىقىدىن كىلىپ چىققان. كۆپلىگەن فىزىكا ئالىملىرى شۇنداق تۇنىماقتىكى، تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسى بۇيىچە ئالەم كىمىسىگە چۈشكەن ئادەمنىڭ ئۆمرى ئۇزىرايدۇ، بۇنى فورمىلا غا ئاساسەن بىگىلى بۇلىدۇ. شۇڭا، كەلگۈسى دۇنيادىكى كىشىلەر ناھايىتى يىراقتىكى يۇلتۇزلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىشى مۇمكىن. ئۆلچۈگۈچ- ئۇزۇنلۇقنىڭ ئۆلچىمى. رەخلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۆلچۈگۈچ ئارقىلىق ئۆلچۈنىدۇ. يولنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى ئۆلچۈگۈچى ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ. فىزىكىدا جىسىملارنىڭ كوردىنات سېستىمىسىدىكى ئورنىمۇ ئۆلچىگۈچ بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئۇمۇمەن ئالغاندا جىسىملارنىڭ چوڭ-كىچىكلىگى، ئورنى ئوخشاشلا ئۆلچۈگۈچ بىلەن ئۆلچىنىدۇ. سائەت ۋە ئۆلچۈگۈچنىڭ بۇ ئىشلىتىلىش ئۇرۇنلىرى كۆپچىلىككە ناھايىتى ئايان. بىراق، بۇ سائەت ۋە ئۆلچۈگۈچ كۈزەتكۈچىگە نىسبەتەن تىنىچ تۇرغان بۇلىدۇ. ئۆلچۈگۈچ تىنىچ تۇرغاندا، بىز ناھايىتى ئاسانلا ئۇنى باشقا تىنىچ تۇرغان جىسىمنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا سېلىشتۇرالايمىز. شۇڭا ئۆلچەملىك ئۆلچۈگۈچ ئارقىلىق، تىنىچ تۇرغان ئۆلچىگۈچنىڭ ئۇزۇنلىقىنى ئۆلچەش ناھايىتى ئاسانغا چۈشىدۇ. مەسىلەن: بىر پويىز ۋوگۇزالدا تۇرغاندا، بىز پويىزنڭ قۇيرۇق قىسمىغا توغرا كىلىدىغان رېلىسنىڭ مەلۇم نوختىسىنى خاتىرلەپ ئېلىپ، يەنە بۇ پويىزنىڭ باش قىسمىغا توغراكىلىدىغان رىلىسنىڭ مەلۇم نوختىسىنى خاتىرلەپ ئېلىپ، ئاندىن ئۆلچۈگۈچ ئارقىلىق بۇ ئىككى نوختىنىڭ ئارلىقىنى ئۆلچەپ چىقىدىغان بولساق، بۇ پويىزنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى بىلىپ ئالالايمىز. بۇ خىل ئۇسۇل تىنىچ تۇرغان پويىزنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچەشكىلا مۇۋاپىق كىلىدۇ. ھەركەتتىكى پويىزنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچەشكە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. مەسىلەن: بىر پويىز سائىتىگە 100 كىلومىتىر سۈرئەت بىلەن كىتىۋاتقان بولسۇن، بىز مەلۇم ۋاقىتتا پويىزنىڭ قۇيرۇق قىسمىغا توغراكىلىدىغان رېلىسنىڭ مەلۇم نوختىسىنى خاتىرلەپ، بىر سائەت ئۆتكەندىن كىيىن، بۇ پويىزنىڭ بېشىغا توغرا كىلىدىغان رېلىسنىڭ مەلۇم نوختىسىنى خاتىرلەپ ئالساق، بۇ چاغدا، رېلىسنىڭ ئىككى نوختىسى ئارسىدىكى ئارلىق دەرۋەقە پويىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى بولماستىن، بەلكى پويىزنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا، پويىزنىڭ بىر سائەتتە باسقان مۇساپىسى قۇشۇلغان بۇلىدۇ. ئۇنداقتا ھەركەت قىلىۋاتقان پويىزنىڭ ئۇزۇنلىقىنى قانداق ئۆلچەش كىرەك؟ بۇنىڭ ئۈچۈن تۈمۈر يولنىڭ ياقىسىدا تۇرغان ئىككى كۈزەتكۈچى پويىزنىڭ بېشىغا توغرا كىلىدىغان رېلىس ئورنى بىلەن پويىزنىڭ قۇيرۇق قىسمىغا توغرا كىلىدىغان رېلىس ئورنىنى «بىرلا ۋاقىت» تا خاتىرلەپ ئېلىش كىرەك. بۇ ئىككى ئۇرۇن ئوتتۇرىسىدىكى ئارلىق ھەركەتتىكى پويىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى بولىدۇ. مۇنداق ئۆلچەپ چىقىلغان ھەركەتتىكى پويىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى، تىنىچ تۇرغان پويىزنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا قارىغاندا، قىسقىراق بولىدۇ. مانا بۇ ھەركەت قىلىۋاتقان ئۆلچۈگۈچىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ قىسقىراش ھادىسىدۇر. ھەركەت قىلىۋاتقان ئۆلچۈگۈچىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ قىسقىراش دەرىجىسى ھەركەتلىنىش سۈرئىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ. ھەركەتلىنىش سۈرئىتى قانچە تىز بولسا، ئۇزۇنلۇقىمۇ شۇنچە قىسقىراپ بارىدۇ.

 ماسسا بىلەن ئىنرگىيە 

نىيوتۇن مىخانىكىسىدا، بىر جىسىمنىڭ ئىنىرتسىيلىك ماسسىسى ئۆزگەرمەيدىغان تۇراقلىق مىقدار ھىساپلىنىدۇ. سىرتتىن كىلىدىغان تەسىر كۈچ مەۋجۇت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، بىر جىسىمنىڭ ھەركەت ئىنرگىيسى شۇ جىسىمنىڭ ھەركەت ئىنىرگىيىسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. ھەركەت ئىنىرگىنىڭ چوڭ- كىچىكلىگى، جىسىمنىڭ ھەركەتلىنىش تىزلىكىنىڭ كۇادىراتىغا ئوڭ تاناسىپ بۇلىدۇ. جىسىم تىنىچ تۇرغاندا، ھەركەت ئىنىرگىيىسى نۆلگە تەڭ بۇلىدۇ. تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىدە، بىر جىسىمنىڭ ئىنرگىيسى ئوخشاشلا شۇ جىسىمنىڭ ھەركىتىنىڭ تىزلىكىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ زورىيىدۇ. بىراق، تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىدىكى ئىنىرگىينىڭ نىيوتۇن مىخانىكىسىدىكى ھەركەت ئىنىرگىيەگە ئوخشىمايدىغان مۇنداق ئىككى نوختىسى بار: ① جىسىم تىنىچ تۇرغاندا، ئۇنىڭ ئىنىرگىيسى نۆلگە تەڭ بولماستىن، بەلكى مەلۇم چەكلىك قىممەتكە ئىگە بۇلىدۇ. ② جىسىمنىڭ ھەركەتلىنىش تىزلىكى يۇرۇقلۇق تىزلىكىگە يېقىنلاشقاندا، ئۇنىڭ ئىنىرگىيسى چەكسىز زورۇيۇشقا قاراپ يۇزلىنىدۇ. ئۇنداق بولسا، ماسسا بىلەن ئىنىرگىيە قانداق مۇناسىۋەتكە ئىگە؟ تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىدە، ماسسا بىلەن ئىنىرگىيە بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان بۇلىدۇ. مەلۇم مىقداردىكى ماسسا مەلۇم مىقداردىكى ئىنىرگىيەگە ماس كىلىدۇ. كونكىرىتلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، جىسىمنىڭ ئىنرگىيسى جىسىمنىڭ ئىنرتسىيلىك ماسسى نى يۇرۇقلۇق تىزلىكىنىڭ كۇادىراتىغا كۈپەيتكەنگە تەڭ بۇلىدۇ. مانا بۇ تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىدىكى ماسسا بىلەن ئىنىرگىيەنىڭ مۇناسىۋىتى بۇلۇپ، قىسقارتىپ ماسسا ئىنىرگىيە مۇناسىۋىتى دەپ ئاتلىدۇ. ئەگەر جىسىمنىڭ ئىنىرگىيىسىنى E بىلەن، جىسىمنىڭ ئىنىرتسىيلىك ماسسىنى m بىلەن، يۇرۇقلۇق تىزلىكىنىc بىلەن ئىپادىلىسەك، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تۈۋەندىكىدەك مۇناسىۋەت فورمىلاسى بىلەن يېزىش مۇمكىن. مانا بۇ ئېينىشتىيىننىڭ مەشھۇر ماسسا ئىبىرگىيە مۇناسىۋىتىدۇر. بىز يۇقۇرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن تۆت نوختىدىكى تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىنى 1905-يىلى ئېينىشتىيىن ياراتقان. مۇشۇ 100 يىلدىن بۇيانقى ۋاقىت ئىچىدە، تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسى ئىلمى تەجىربىنىڭ تەكرار سىناقلىرىدىن ئۆتتى. ھازىر ئۇ، يېقىنقى زامان فىزىكىسىنىڭ بىر چوڭ نەزىريىۋى تۈۋرۈگى بۇلۇپ، ئاتۇم فىزىكىسى، زەرىچىلەر فىزىكسى، ۋە ئاستۇرنومىيە فىزىكىسى قاتارلىق پەنلەردە، كەڭ دائىردە قوللۇنۇلماقتا ۋە يىتەكچىلىك قىلماقتا. شۇنداق ئېيتىشقا بۇلۇدۇكى، تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسى- يېقىنقى زامان تەرەققىيات تارىخىدا چوڭقۇر ئىنقىلاپ بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.

تارتىش كۈچىنىڭ سىرى

 تارتىش كۈچىنىڭ سىرى ۋە كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسى: «ئاي نىمىشقا مۇئەللەقتە تۇرۇپ قالدى،ئاي پەرىسى ياتلىق بولماي ئۇرۇن ئالدى. بوشلۇقتا يۇلتۇزلار چاقناپ، ئاي پارقىراپ تۇرىدۇ. قانداق كۈچ ئۇلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ، ئەمما يىراققا كەتكۈزۋەتمەي تۇتۇپ تۇرىدۇ؟» بۇ قىيىن مەسىلە دەل تارتىش كۈچىنىڭ سىرى ئىدى. 

تارتىش كۈچىنىڭ سىرى تىگى-تەكتى توغىرىدىكى ئەستايىدىل ئىزدىنىش كوپىرنىكنىڭ قۇياش مەركەز تەلىماتى، چىركاۋنىڭ زۇلمەتلىك ھۈكۈمرانلىقى، يۈلەپ تۇرغان يەر شارى مەركەز تەلىماتىنى ئىنكار قىلىپ، ئىنسانلار قۇياش سېستىمىسىنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تۇنىغاندىن كيىن باشلانغان. ئۇ ⅩⅦ-ئەسىردىكى ئىش ئىدى. ئەڭ دەسلەپتە كېپلىر كۆپلىگەن ئاستۇرنومىيە كۈزۈتۈش ماتىرياللىرىنى يەكۈنلەپ چىقىپ، سەييارىلەرنىڭ قۇياشنى دەۋىر قىلىپ، ئايلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئۈچ تەجىربە قانۇنىنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى. ئارىدىن نەچچە ئون يىل ئوتكەندىن كىيىن، نىيوتۇن كىپلىرنىڭ ئۈچ قانۇنى ئاساسىدا، تۈنجى قېتىم تارتىشش كۈچى توغىرىسىدىكى نەزىريەنى ئوتتۇرغا قويدى. ئۇ، ئالەمدىكى بارلىق جىسىملار ئوتتۇرىىسدا بىر-بىرىنى تارتىپ تۇرىدىغان كۈچ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تارتىشش كۈچىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئىككى جىسىمنىڭ ماسسىلىرىنىڭ كۈپەيتمىسىگە ئوڭ تاسىپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئارلىقنىڭ كۇادىراتىغا تەتۇر تاناسىپ بۇلىدۇ. مانا بۇ تارتىشش كۈچى قانۇنى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. 

ئۇنىڭدىن كىيىنكى 300 يىل مابەينىدە، نىيوتۇننىڭ تارتىش كۈچىنىڭ سىرى توغىرىسىدىكى جاۋاپ ئاستۇرنومىيەدە ئۆزلۈكسىز ئىسپاتلىنىپ، غايەت زور كۈچ قۇدرىتىنى نامايەن قىلىپ كەلمەكتە. نىپوتۇننىڭ تېپىلىشى-تارتىشش كۈچى قانۇنيىتىنىڭ مۇۋاپىقىيەتكە ئىرىشكەنلىكىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دەلىللىرىنىڭ بىرى. ⅩⅧ-ئەسىردە، كىشىلەر ئۇراننى تاپقان ئىدى. لېكىن بۇ سەييارىنىڭ ئايلىنىش ئوربىتىسى سەل غەلىتە بۇلۇپ، نىيۇتۇننىڭ قانۇنى بۇيىچە ھىساپلاشتىن پەرق چىقتى. ئالىملار نىيوتۇن قانۇنىدا مەسىلە بارمۇ ياكى ئۇراننىڭ سىرتىدا باشقا بىر سەييارە بارمۇ؟ دىگەن مەسىلە بۇيىچە جاۋاپ ئىزدەشكە مەجبۇر بولدى. 

ⅩⅨ-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە، ئىككى ئاستۇرنوم ئۆز ئالدىغا تېخىمۇ يىراقتا بىر سەييارىنىڭ مەۋجۇت بۇلۇش مۇمكىنلىكىنى ئالدىنئالا ئوتتۇرغا قۇيۇشتى. ئۇلارنىڭ ھىساۋى بۇيىچە، ئەگەر بۇ سەييارىنىڭ ئۇرانغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى مۆلچەرگە ئېلنىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇراننىڭ ئوربىتىدىكى ھەركىتى نىيوتۇننىڭ ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنىغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كىلەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي كىشىلەر دەرۋەقە قاراڭغۇ بوشلۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە يۇشۇرۇنغان بۇ سەييارسە- نىپوتۇننى تاپتى. نىپوتۇننىڭ ئوربىتا پارامىتىرى ھېلىقى ئىككى ئاستۇرنومنىڭ نىيوتۇن قانۇنىغا ئاساسەن چىقارغان ھۈكۈمى بىلەن بىردەك دەرىجىدە بىر خىل بۇلۇپ چىقتى. شۇنىڭدىن كىيىن، كىشىلەر يەنە نىپوتۇننىڭ ئوربىتا پارامىتىرىغا دائىر نەزىريىلىك قىممەتلەر بىلەن كۈزۈتۈش قىممەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىنتايىن كىچىك پەرقنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەھلىل قىلىپ، نېپوتۇننى تاپقانغا ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللۇنۇپ، يەنە قۇياش سېستىمىسىدىكى سەييارىلەر ئائىلىسىنىڭ ئەڭ يىراقتىكى ئەزاسى 9-چوڭ سەييارە- پلوتۇننى تاپتى. ئۇنداقتا، نىيۇتۇننىڭ تارتىش كۈچىنىڭ سىرى توغىرىسدا بەرگەن جاۋابىدا چاتاق قالمىدىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس.

گەرچە نىيوتۇن تارتىش كۈچى قانۇنى توغىرىسىدا غايەت زور مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئىرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ⅩⅨ- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، كىشىلەر قۇياشقا ئەڭ يېقىن بولغان بىر سەييارە- مىركۇرىنىڭ ھەركىتىنى چۈشەندۈرۈشتە، يىڭىش تەس بولغان قىيىنچىلىققا دۈچ كەلدى. تارتىشش كۈچىنىڭ سىرى مىركورىنىڭ قۇياشقا يېقىن نوختىسىدىكى ئىلگىرلەش مەسىلىسىدە، نىيوتۇننىڭ تارتىشش كۈچى نەزىريىسىنى مۇھاسىرە ئىچىدە قالدۇرۇپ، تۇيۇق مۇھىتقا كىرگۈزۈپ قويدى. بۇ گۇيا تارتىش كۈچىنى تۇنۇپ يىتىشتە بىر مەيدان چوڭقۇر ئىنقىلاپ قىلىش لازىملىقىدىن بىشارەت بەردى. دەرۋەقە، ئېينىشتىيىن 1916-يىلى كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ، بۇ ئىنقىلاپنى تاماملىدى. كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىدىكى تارتىشش كۈچىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزمۇنى شۇ بولدىكى، ۋاقىت ۋە بوشلۇقنىڭ گىومىتىريىلىك خۇسۇسىيتىدە ماددىنىڭ مەۋجۇتلۇقى تۈپەيلىدىن ئۆزگۈرۈش يۈز بەرگەن بۇلىدۇ. يەنە قايرىلىش يۈز بەرگەن بۇلىدۇ. بۇ خىل ئۆزگۈرۈش ئۆز نۆۋىتىدە باشقا ماددىلارنىڭ ھەركىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. مانا بۇ- ماددىلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى تارتىش كۈچىنىڭ مەنبىئى. شۇڭا، ماددىلار ئوتتۇرىسدىكى تارتىش كۈچىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى ۋاقىت ۋە بوشلۇقنىڭ قايرىلىش دەرىجىسى ئارقىلىق تەسۋىرلىنىدۇ. كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسى ئىنسانلارنىڭ تارتىشش كۈچى ھەققىدىكى تۇنۇشىنى مىسلى كۈرۈلمىگەن يۈكسەك دەرىجىدە يۇقۇرى كۈتۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ ۋاقىت، بوشلۇق، ھەتتا پۇتكۈل ئالەم توغىرىسىدىكى تۇنۇشنىمۇ مىسلى كۈرۈلمىگەن دەرىجىدە يۇقۇرى كۈتۈردى. تارتىشش كۈچىنىڭ سىرىغا پۈتۈنلەي يىڭىچە جاۋاپ بەردى. 

تارتىش كۈچى دولقۇنى

كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىدىكى خەۋەر ئۇزاتقۇچى «ئەلچى»- تارتىش كۈچى دولقۇنى: ئېينىشتىيىن 1916-يىلى ئوتتۇرغا قويغان كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسى دەل بۇ خىل تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسى. ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەركىتى ماددا بىلەن بوشلۇقنىڭ گىئومىتىريەلىك خۇسۇسىيتىنى بەلگۈلەيدۇ، ۋاقىت بىلەن بوشلۇقنىڭ گىئومىتىريەلىك خۇسۇسىيتى بولسا، ئۆز نوۋىتىدە ماددىنىڭ ھەركىتىنى بەلگۈلەيدۇ. مانا بۇ تارتىش كۈچى ھادىسىسىنىڭ ماھىيتىدۇر. تىزلىكىنى ئاشۇرۇپ ھەركەت قىلىۋاتقان بىر جىسىم ئەتراپتىكى ۋاقىت بىلەن بوشلۇقنىڭ خۇسۇسىيتىدە ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلىدۇكى، بۇ خىل ئۆزگۈرۈش دولقۇنسىمان ھەركەتلىنىش شەكلى بىلەن ئەتراپقا تارقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يىراق جايدىكى جىسىمنىڭ ھەركىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. دىمەك، بۇ تارتىشش كۈچى دولقۇنى مەۋجۇت دىگەنلىكتۇر. 

كىشىلەرنىڭ دۇنيانى تۇنۇشتا، دۇنيانى ئۆزگەرتىشنى مەخسەت قىلىدۇ. ئىلىم-پەندىكى ھەر قانداق كەشپىيات مەيلى بالدۇر، مەيلى كىيىن بولسۇن ھامان ئىنسانلارغا بەخىت يارىدىغان غايەت زور ماددى كۈچكە ئايلىنىدۇ. شۇنداق پەرەز قىلىشقا بۇلىدۇكى، تارتىشش كۈچى دولقۇنىنى سۈنئى ھاسىل قىلىش ۋە قۇبۇل قىلىش تېخنىكىسى ئىگەللەپ ئېلنىدىكەنم، ئىنسانلارنىڭ نەزەر دائىرىسى تېخىمۇ چۇڭىيىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچقىرىش ۋە تۇرمۇشىدا يىپ-يىڭى قىياپەت بارلىققا كىلىدۇ. 

قارا ئۆڭكۈر

«كۈرۈنمەيدىغان ئاسمان جىسىمى- قارا ئۆڭكۈر»

ⅩⅧ-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، فىرانسىيلىك مەشھۇر ئاستۇرنۇوم لابلاس نىيوتۇننىڭ تارتىش كۈچى نەزىريىسىگە ئاساسەن، «قارا» ئاسمان جىسىمنىڭ مەۋجۇتلۇقى توغىرىسدا ئالدىن ھۈكۈم چىقارغان ئىدى. ئۇ، «ئالەمدىكى ئەڭ زور نۇر تارقاتقۇچى جىسىم بىزگە نىسپەتەن ئېيتقاندا، كۈرۈنمەسلىكى مۇمكىن.» دەپ يازغان. لېكىن، ئەينى ۋاقىتتا ئاستۇرنوملارغا مەلۇم بولغان بارلىق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئايرىلىش تىزلىكى يۇرۇقلۇق تىزلىگىدىن خېلىلا كىچىك تۇراتتى. مەسىلەن: قۇياش يۇزىنىڭ ئايرىلىش تىزلىكى، يۇرۇقلۇق تىزلىكىنىڭ 500 دىن بىرىگە يەتمەيتتى. شۇڭا، لابلاسنىڭ «قارا» ئاسمان جىسىمى پەقەت بىر خىل ھەددىدىن ئاشۇرۋېتىلگەن تەسەۋۋۇر دەپ قارىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئەستايىدىل ئويلۇنىشىنى قوزغىمىغان ئىدى. ئېينىشتىيىن كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي، گىرمانىيە ئاستۇرنومى شىۋاز شىلىت كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىگە ئاساسەن، شارسىمان ئاسمان جىسىملىرىنىڭ تارتىشش كۈچى مەيدانىنى مۇكەممەل چۈشەندۈرۈپ بەردى. مۇشۇ چۈشەنچىگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر ماسسىسى قۇياشنىڭكىگە ئوخشاش بولغان بىر ئاسمان جىسىمىنىڭ رادىئوسى تارىيىپ ئۈچ كىلومىتىرغا يىتىدىغان بولسا، ياكى ماسسىسى ئۈچ ھەسسە چۇڭايسا، ئۇنىڭ تارتىش كۈچ مەيدانىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن نۇرى تارقىلىپ چىقالمايدۇ. يۇرۇقلۇق تىزلىكى ئالەمدىكى ئەڭ چېكىگە يەتكەن تىزلىك بولغاچقا، بۇ ھەرقانداق جىسىمنىڭ بۇ دائىرە ئىچىگە كىرىپ قالغاندا، خۇددى «تىگى يوق ھاڭ» غا چۈشۈپ كەتكەندەك، قايتىپ چىقالمايدىغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ. شۇڭا كىشىلەر بۇ دائىرىنى «قارا ئۆڭكۈر» دەپ ئاتاشتى. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىنىڭ «قارا ئۆڭكۈر» توغىرىسىدىكى ئالدىن چىقارغان ھۈكۈمى، لابلاسنىڭ ھۈكۈمى بىلەن تامامەن ئوخشاش چىقتى. يىڭى ئىنىرگىيە مەنبەلىرىنى ئىزدەش فىزىكىنىڭ بىر مۇھىم نىشانى بۇلۇپ كەلدى. ھازىرغىچە ئىنسانلار ئىگىلىگەن ئۈنۈمى ئەڭ يۇقۇرى ئىنىرگىيە مەنبەسى ئاتۇم يادروسىنى پولمىرلاش (بىرىكىش) دىن ئىبارەت. نەزىريە جەھەتتىن ئېيتقاندا «قاراڭغۇ ئۆڭكۈر» دىن ئېلىنىدىغان ئىنىرگىيەنىڭ ئۈنۈمى يادرونىڭ پولمىرلىنىشىدىن ئېلىنىدىغان ئىنىرگىيە دىن كۆپ بۇلىدۇ.

1905-يىلى ئالبېرت ئېينىشتېيىن تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدە فىزىكىنىڭ قانۇنلىرى ھەممە يەردە ئوخشاش دېگەنلىك بولۇپ، بۇ نەزەرىيە جىسىملارنىڭ بوشلۇق ۋە ۋاقىتتىكى ھەرىكىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ ھەمدە بۇ نەزەرىيە قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇدلىقدىن تارتىپ نۇرنىڭ ئىغىرلىق كۈچى مەيدانىدا ئىگىلىشى، مىركۇرىينىڭ ئوربىتا ھەرىكىتى قاتارلىق بارلىق ھادىسىلەرنى ھېسابلىيالايدۇ.

بۇ نەزەرىيە قارىماققا بەكلا ئاسان. بىرىنچىدىن، بۇ نەزەرىيىدە «مۇتلەق» پايدىلىنىش سىستېمىسى يوق. ھەر قېتىم مەلۇم نەرسىنىڭ تېزلىكىنى ياكى ھەرىكەت مىقدارىنى ئۆلچىگەندە ۋە ياكى ۋاقىتنى قانداق ھېس قىلىشىدا ھەمىشە مەلۇم بىر نەرسە بىلەن مۇناسۋەتلىك بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، قانداق ئۇسۇلدا ئۆلچەشتىن قەتئىينەزەر يورۇقلۇقنىڭ تېزلىكى بىردەك بولىدۇ، ھەم ۋاقىتنى ئۆلچىگۈچىنىڭ ھەركىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئۈچىنچىدىن، ھەرقانداق جىسىمنىڭ تېزلىكى يورۇقلۇق تېزلىكدىن يۇقىرى بولمايدۇ. ئينىشتېيىنىڭ بۇ نەزەرىيىسىنىڭ مەزمۇنى بەك چوڭقۇر بولۇپ، ئەگەر يورۇقنىڭ تېزلىكى ھەمىشە ئوخشاش بولسا، يەر شارىغا نىسبەتەن ئىنتايىن يۇقىرى سۈرئەتتە ماڭغان ئالەم ئۇچقۇچىسىغا نىسبەتەن يەر شارىدىكى كۆزەتكۈچىگە قارىغاندا ۋاقىت ئاستا ئۆتىدۇ. بۇ ھادىسە ۋاقىتنىڭ ئاستىلاش ھادىسسىدۇر. (يەنى سىز ئالەمنى نۇر تىزلىكىدە بىر ئايلىنىپ قايتىپ كەلگىنىڭىزدە بالىڭىزنىڭ سىزدىن قىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسىز، سىزە ئۆتكۈزگەن بىر سىكۇنىت بالىڭىز ئۈچۈن بىر يىل بولغاندەك ئىش)

لېكىن سىز نىسپىيلىك نەزەرىيىسى تەسىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن يورۇقلۇق تېزلىكىدە ئۇچىدىغان ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇشىڭىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشمىزدىمۇ بىز كۆرەلەيدىغان نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ بىرقانچە ئەمەلىي مىساللىرى بار. ھەتتا بىز كۈندىلىك تۇرمۇشمىزدا ئىشلىتىۋاتقان پەن-تېخنىكا يېڭلىقلىرىمۇ ئينىشتېيىنىڭ بۇ نەزەرىيىسىنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەپ بەردى. تۆۋەندە بىز كۈندىلىك تۇرمۇشمىزدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ بىرقانچە ئەمەلىي مىساللىرىنى تونۇشتۇرىمىز.

GPS  يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى

سىزنىڭ ماشىنىڭىزنىڭ يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىنىڭ ئېنىق خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن، سۈنئىي ھەمراھلار نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئېففېكتىنى نەزەرگە ئېلىشى كېرەك. چۈنكى سۈنئىي ھەمراھلار يورۇقلۇقنىڭ سۈرئىتىگە يېقىن سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلالمىسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئىنتايىن يۇقىرى سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلىدۇ. سۈنئىي ھەمراھلار يەر شارى كۆزىتىش مەركىزىگە ئۈزلۈكسىز سىگنال ئەۋەتىپ تۇرىدۇ.

ئېنىق بولغان سانلىق مەلۇماتىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن، سۈنئىي ھەمراھلار نانۇسىكونتلىق ئېنىقلىق دەرىجىسىگە ئىگە بولغان سائەتلەرىنى ئىشلىتىدۇ. ھەربىر سۈنئىي ھەمراھنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 20300 كىلومېتىر ھەممىدە 10000 كىلومېتىر سائەتلىك سۈرئەت بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. نىسبىيلىك نەزەرىيىسى سەۋەبلىك سۈنئىي ھەمراغا نىسبەتەن ۋاقت سەل ئاستا ئۆتىدۇ. ھەركۈنى 4 مىكرو سېكۇنت ۋاقىت نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ۋاقىت ئاستىلىشىغا تولۇقلىنىدۇ ھەمىدە ئېغىرلىق كۈچنىڭ تەسىرى ئۈچۈن 7 مىكرو سېكۇنت تولۇقلىنىدۇ. ئەگەر بۇ تۈزىتىشنى كىرگۈزمىسەك، سىزگە نىسبەتەن 800 مېتىر يىراقلىقتىكى ماي پۇنكىتى بىر ئۆتكەندىن كېيىن GPS خەرىتىسىدە 8 كېلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ قالىدۇ. يەنى GPS مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ.

ئېلېكتر ماگنىت

ئېلېكتر ماگنىت بولسا بىر خىل نىسپىيلىك نەزەرىيىسى تەسىرى بولۇپ، ئەگەر سىز توك ئىشلەتسىڭىز سىز گېنېراتورلارنىڭ قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە مىننەتدار بولۇشىڭىز كېرەك.

ئەگەر سىز بىر ھالقىسىمان توك سىمنى ماگنىت مەيدانىدا ھەرىكەتلەندۈرسىڭىز،سىز ئېلېكتر ئېقىمى پەيدا قىلالايسىز. توك سىمىدىكى زەرەتلەنگەن زەرىچىلەر ئۆزگىرىۋاتقان ماگنىت مەيداننىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، شۇ سەۋەپتىن بىرقىسىم زەرەتلەنگەن زەررىچىلەر يۆتكىلىدۇ ۋە ئېلېكتىر ئېقىمى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر سىز ھازىر ماگنىتنى ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ دەپ پەرەز قىلسىڭىز، ئۆتكۈزگۈچى سىمدىكى زەرەتلەنگەن زەرىچىلەر قىلچە ھەرىكەت قىلمايدۇ، شۇڭا ماگنىت مەيدانى زەرەتلەنگەن زەررىچىلەرگە تەسىر كۆرسەتمەسلىكى كېرەك. لېكىن، ماگنىت مەيدانى زەرەتلەنگەن زەررىچىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە ئېلېكتر ئېقىمىمۇ ئۆتكۈزگۈچى سىمدا ئاقىدۇ. بۇ ئۆتكۈزگۈچى سىمدا ھېچقانداق پايدىلنىش سېستېمىسىنىڭ يوقلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.

كالىفورنىيە كارىلمېنت ئۇنىۋېرسىىتېدىكى پروفېسور توماس مور نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى قوللىنىپ ئۆزگىرىۋاتقان ماگنىت مەيدانى ئېلېكتر ئېقىمى پەيدا قىلىدۇ دېگەن فارادى قانۇنىنى بىزگە ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. دەل بۇ ترانسفورماتور ۋە گېنېراتورنىڭ يادرو پرىنسىپى، مۇر“ ھەرقانداق ئېلېكتىر ئىشلەتكەن بىرەيلەن نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئېففېكتىنى ھېس قىلالايدۇ“ دەيدۇ.

ئېلېكتر ماگنىتى نىسپىيلىك نەزەرىيسى بويىچە خىزمەت قىلىدۇ، تۇراقلىق توكنىڭ زەرەتلەنگەن زەررىچىلىرى ئۆتكۈزگۈچى سىمدا ئاققاندا، ئېلېكتورۇنلار ماتېرىيال ئارقىلىق ئاقىدۇ. ئادەتتە، ئۆتكۈزگۈچى سىم نېيترال ھالەتتە بولىدۇ. بۇ ئۆتكۈزگۈچى سىمنىڭ تەڭ مىقداردىكى مۇسبەت ۋە مەنفى زەرەتكە ئىگە بولغانلىقىنىڭ تەتىجىسى . لېكىن، سىز يەنە بىر تۇراقلىق توكلۇق ئۆتكۈزگۈچى سىمنى پاراللىل قويسىڭىز، بۇ ئىككى ئۆتكۈزگۈچ ئۆز-ئارا تارتىشىدۇ ياكى تېپىشىدۇ ھەمدە بۇ ئۆتكۈزگۈچتىكى توكنىڭ يۆنىلىشى بىلەن مۇناسۋەتلىك بولدۇ. ئەگەر ئېلېكتىر ئېقىمى ئوخشاش يۆنىلىشتە ھەرىكەت قىلدۇ دەپ پەرەز قىلساق، بىرىنچى ئۆتكۈزگۈچتىكى ئېلېكتىرونلارغا نىسبەتەن ئىككىنچى ئۆتكۈزگۈچتىكى ئېلېكتورونلار ھەرىكەت قىلمىغاندەك كۆرىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلېكتورونلارغا نىسبەتەن، ئىككى ئۆتكۈزگۈچتىكى مۇسبەت زەرەتلەر ھەرىكەت قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. شۇڭا بەلگىلىك ئۇزۇنلۇقتىكى مۇسبەت زەرەتلەرنىڭ سانى مەنفى زەرەتلەرنىڭ سانىدىن كۆپ بولىدۇ. چۈنكى زەرەتلەر ئۆزئارا تېپشقاندەك، ئۆتكۈزگۈچى سىملارىمۇ ئۆز-ئارا تېپىشدۇ.

قارشى يۆنىلىشتىكى ئېلېكتىر ئېقىمى ئۆزئارا تارتىشىدۇ………

 ئالتۇننىڭ سېرىق رەڭدە بۇلىشى

كۆپ قىسىم مېتاللار پارقىرايدۇ، چۈنكى ئاتوم ئىچىدىكى ئېلېكترونلار دائىم ئېنېرگىيە دەرىجىسى ياكى ئوربىتىسىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ. مېتاللارغا سوقۇلغان فوتونلار ئاتوم تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىدۇ ھەمدە قايتا تارقىتىلىدۇ. كۆپ قىسىم كۆرۈنىدىغان نۇرلار قايىتدۇ. ئالتۇن بولسا ئېغىر ئاتوم، شۇڭا ئېلېكتورونلار بەك تېز ھەرىكەت قىلغاچقا، نىسپىىيلىك ماسسىنىڭ ئېشىشى ھەمدە ئۇزۇنلۇقنىڭ قىسقىرىشى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. نەتىجىدە، يادرونى ئايلىنۋاتقان ئېلېكتورونلار مۇساپىسى قىسقا، ھەرىكەت مىقدارى چوڭ بولىدۇ. دولقۇن ئۇزۇنلىقى ئۇزۇنراق يورۇقلۇق دېگىنىمىز ئاسانلا قايتۇرۇلىدىغان كۆرۈنىدىغان يورۇقلۇقلار سۈمۈرىدۇ دېگەندىن دېرەك بېرىدۇ. گەرچە يورۇقلۇق يەتتە خىل رەڭنىڭ ئارىلاشمىسى بولسىمۇ، لېكىن، ئالتۇننى نەزەرگە ئالساق، يورۇقلۇق سۆمۈرىلگەندە ياكى ئېتىپ چىقىرىلغاندا، دولقۇن ئۇزۇنلىقى ھەمىشە ئۇزۇنراق بولىدۇ. بۇ بىز كۆرەلەيدىغان يورۇقلۇقلارنىڭ ئىچىدە كۆك ۋە بىنەپشە نۇر بىرقەدەر ئاز بولىدۇ دېگەنلىكتىن دېرەك بىرىدۇر. بۇ ئالتۇننى سېرىق رەڭدە كۆرسىتىدۇ. چۈنكى سېرىق، قىزغۇچ سېرىق ۋە قىزىل رەڭلەرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىقى كۆك رەڭگە قارىغاندا ئۇزۇنراق بولىدۇ.

ئالتۇن ئاسان چىرىمايدۇ

نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئالتۇننىڭ ئېلېكترونلىرىغا بولغان تەسىرى بۇ مېتالنىڭ ئاسان داتلاشماسلىقى ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن ئاسان رېئاكسىيىگە كىرىشمەسلىكىنىڭ بىر سەۋەبى. ئالتۇننىڭ سىرتقى ئېلېكترون قەۋىتىدە پەقەت بىرىلا ئېلېكترون بار، لېكىن بۇ يەنىلا كالتىسىي ياكى لىتىي دەك ئاكتىپ ئەمەس. ئەكسىچە، ئالتۇننىڭ ئېلېكترونلىرى قارىماققا «ئېغىراراق» بولىدۇ ھەمدە يادروغا بەكرەك تارتىلىپ تۇرىدۇ. بۇ دېگەنلىك سىرتىقى قەۋەتتىكى ئېلېكترونلار باشقا ماددىلار بىلەن رىېئاكىسيەگە كىرىشەلەيدىغان ئىمكانىيەتتە بولالمايدۇ. سىرتقى قەۋەتتىكى ئېلېكترونلار يادروغا يېقىن ئېلېكترونلارىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.

5.سىمابنىڭ سۇيۇقلۇق ھالەتتە بولۇشى

ئالتۇنغا ئوخشاشلا، سىمابمۇ ئېغىر ئاتوم، سىرتىقى قەۋىتىدىكى ئېلېكترونلار يادروغا يېقىن تۇرىدۇ چۈنكى سۈرئەت ۋە ماسسىنىڭ ئېشىش سەۋەبدىن. سىمابنىڭ ئاتوملار ئوتتۇرىسىدىكى باغ ئىنتايىن ئاجىز شۇڭا سىماب تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ئېرىيدۇ ۋە سۇيۇق ھالەتتە كۆرىنىدۇ.

تېلېۋىزور

كۆپ قىسىم كونا تېلېۋىزورلاردا كاتود نۇرلۇق ئېلېكترون لامپىلىق ئېكران بار. بۇ كاتود نۇرلۇق ئېلېكترون لامپا ئېىلېكترونلارنى فوسفور يالىتىلغان (بۇ يەردىكى فوسفور سۆزى ئېلمېنت فوسفور ئەمەس، بەلكى ئېنېرگىيە تەسىرىدە نۇر چىقىرىدىغان ماددىلارنى كۆرسىتىدۇ) ئىكرانغا سوقۇش ئارقىلىق بىز كۆرىدىغان تەسۋىرنى ھاسىل قىلىدۇ. ھەربىر ئېلېكترون فوسفور ئېكرانغا سوقۇلغاندا بىر پىكسېل يورۇقلۇق تەسۋىرى پەيدا قىلىدۇ. بۇ تەسۋىرىنى پەيدا قىلغان ئېلېكترونلارنىڭ تېزلىكى يۇرۇقلۇق تېزلىكىنىڭ %30 ىگە يېتىدۇ، شۇڭا نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ تەسىرى كۆرۈنەرلىك. تېلېۋىزور ئىشلەپ چىقارغاندا، ئېلېكترون لامپىنىڭ لايىھىيلىنىشى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ تەسىرىنى ئىتبارغا ئېلىپ ئىشلىنىدۇ.

 يورۇقلۇق

ئەگەر ئىساك نېيۇنىڭ مۇتلەق تېنچ سېستىم بار دېگەن پەرىزى توغرا بولسا، بىز يورۇقلۇق دېگەن ئوقۇمغا باشقىچە چۈشەندۈرۈش بەرگەن بولاتتۇق. ئۇنداق ئەھۋالدا يورۇقلۇق بولمىغان بولاتتى. پروفېسسور مور ”ماگنىتلا مەۋجۇت بولماي قالماي، يورۇقلۇقمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ، چۈنكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئېلېكتىر ماگنىت مەيداننىڭ ئۆزگىرىشنىڭ مەلۇم سۈرئەتتە بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ“ دەيدۇ. ”ئەگەر نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ بۇ چەكلىمىسى بولمىغاندا، ئوخشىمىغان ئېلېكتىر مەيدانلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر شۇ ھامان بىر-بىرى بىلەن تەسىرلىشەلەيدۇ، دېمەك تەسىرلىشىش ئۈچۈن ئېلېكتېرماگنىت مەيدانىغا ھاجىتى بولمايدۇ، ماگىنىتىزىم ۋە يورۇقلۇق ھادىسىسىمۇ بولمايدۇ.

يادرو ئېلېكتېر ئىستانسىسى

نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ماسا ۋە ئېنېرگىيە ئۆزئارا ئالمىشالايدۇ دېگەن ئۇقۇمى يادرو ئېلېكتېر ئىستانسىلىرىنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپى ۋە قۇياشنىڭ قۇياشتەك پارقىراپ ئېنېرگىيە چىقىرىپ تۇرۇشىنىڭ نەزەريىۋى ئاساسى. يەنە بىر مۇھىم ھادىسە سيۇپىرنوۋا (غايەت چوڭ تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ پارتلىشى، بۇ خىل پارتلاشتا چىقىدىغان بىر قېتىملىق ئېنېرگىيە قۇياشقا ئوخشاش بىر پىلانىتنىڭ تولۇق ئۆمرىدە چىقارغان ئېنىرگىيىنى چىقىرىدۇ، بۇ ئېنېرگىيە شۇنچىلىك چوڭكى ئالەمنى قىسقا دەم يورىتىۋېتىدۇ). سيۇپىرنوۋا غايەت چوڭ تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يۇلتۇز جىسىمدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيسى تەسىرىنىڭ كۋانت تەسىرىنى يېڭىشى سەۋەبلىك يۇلتۇز سىرتىقى قىسىم ماسسىنىڭ يۇلتۇز يادروسىغا غۇلاپ چۈشۈشى سەۋەبلىك ماسسىسى زىچ بولغان نېيترون يۇلتۇزىغا ئايلىنىدۇ. بۇ جەرياندا نۇرغۇن ھاسىلىلەر قاتارىدا تۆمۈرگە ئوخشاش ئېغىر مېتاللار شەكىللىنىدۇ ۋە پۈتۈن ئالەمگە چېچىلىپ كېتىدۇ. دېمەك مۇشۇ ھادىسە بولمىغان بولسا ئالەمدە ئېغىر ئېلمېنتلار پەيدا بولمىغان بولاتتى، [3][2][1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

3.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (11 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    81.8%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    9.1%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    9.1%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#