ترېر
ترېر گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا، موسېل دەرياسىنىڭ شەرقىي ياقىسىغا جايلاشقان مۇھىم تارىخىي شەھەر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا، موسېل دەرياسىنىڭ شەرقىي ياقىسىغا جايلاشقان مۇھىم تارىخىي شەھەر. ترېر شەھىرى ليۇكسېمبۇرگ پادىشاھلىقىدىن 30 كىلومېتر يىراقلىقتا تۇرىدۇ. بۇ شەھەرگە جايلاشقان تاغ-دەريالارنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى يېقىملىق بولۇپ، دەم ئېلىش، ساياھەت قىلىش ئورۇنلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا شارائىتى تولۇق، شەھەر ئاھالىسى 97 مىڭدىن ئاشىدۇ. شەھەرنىڭ نامى قەدىمىي گېرمان قەبىلىسى ترېۋېرو سوك نامىنىڭ قىسقارتىلمىسى بولىدۇ. بۇ ئورۇن مىلادى 3-ئەسىرنىڭ ئاخىرى غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ مەركىزى بولغان ھەم تەرەققىي قىلىپ خرىستىئان دىنىنڭ ئەڭ دەسلەپكى مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ شەكىللەنگەن. بۇ ئورۇن تارىختا فرانسىيىگىمۇ تەۋە بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تەرەققىي قىلىپ غەربتىكى رايونلارنىڭ سودا، سۇ ۋە قۇرۇقلۇق قاتنىشىنىڭ مەركىزى بولغان.
ترېر مۇھىم تارىخىي شەھەر، شەھەردە قەدىمىي تارىخىي ئورۇنلار ناھايىتى كۆپ. بۇ جايدا پرولېتارىياتنىڭ ئۇلۇغ ئۇستازى ماركس 1818-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى دۇنياغا كەلگەن. بۇ شەھەردىكى ماركس تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئىككى قەۋەتلىك بىنانى 1828-يىلى گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى 93 مىڭ 739 گېرمانىيە ماركىغا سېتىۋېلىپ، 1931-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى رەسمىي مۇزېيخانا قىلىپ ئاچماقچى بولغان. بىراق ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق، سىياسىي جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىق تۈپەيلىدىن ۋاقتىدا ئېچىلمىدى. 1947-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى رەسمىي مۇزېيخانا قىلىپ ئاچماقچى بولغان. بىراق ئىقتىسادىي قىيىنچلىق، سىياسىي جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىق تۈپەيلىدىىن ۋاقتىدا ئېچىلمىدە. 1967-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى رەسمىي مۇزېيخانا قىلىپ ئاچماقچى بولغان. بىراق ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق، سىياسىي جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىق تۈپەيلىدىن ۋاقتىدا ئېچىلمىدى. 1947-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى رەسمىي مۇزېيخانا بولۇپ ئېچىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر يىلى مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان گېرمانىيە ۋە چەت ئەللىك كىشىلەر بۇ جايغا كېلىپ زىيارەت قىلىدىغان بولدى.
1967-يىلى بۇ جايدا ماركس، ئېنگېلس تەتقىقات ئورنى ۋە مەخسۇس كۇتۇپخانا قۇرۇلدى. ھازىر بۇ كۇتۇپخانا 200 مىڭ نۇسخىدىن ئارتۇق ھەرخىل كىتاب-ژۇرنال، قىممەتلىك ماتېرىياللار ساقلانماقتا. بۇ جايدىكى مۇزېيخانا بىلەن كۇتۇپخانىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلەر ئوقۇيدۇ ھەم مەخسۇس تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.