ئاكا-ئۇكا رايتلار

ئاكائۇكا رايتلار

ۋىلبور 1867-يىلى ئامېېرىكا ھىندىيانا شتاتىنىڭ مىلۋىل دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئىنىسى ئورۋېل 1871-يىلى ئوھىئو شتاتىنىڭ دايدون دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئاكا-ئۇكا ئىككىلىسى بىر مەزگىل ئالىي مەكتەپ دىپلومى ئالالمىغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئاكا-ئۇكا رايتلار
باشقا نامى Wright brothers
يۇرتى ئوھىئو شتاتىنىڭ دايدون
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1912-يىلى (ۋىلبور)؛ 1948-يىلى (ئورۋېل)
خەنزۇچە ئىسمى 莱特兄弟
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1867-يىلى (ۋىلبور)؛ 1871-يىلى (ئورۋېل)
كەسپى كەشپىياتچىلار

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاكائۇكا رايتلار

ۋىلبور 1867-يىلى ئامېېرىكا ھىندىيانا شتاتىنىڭ مىلۋىل دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئىنىسى ئورۋېل 1871-يىلى ئوھىئو شتاتىنىڭ دايدون دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئاكا-ئۇكا ئىككىلىسى بىر مەزگىل ئالىي مەكتەپ دىپلومى ئالالمىغان.

ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەننىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۇچۇشقا ھەۋەس قىلاتتى. 1892-يىلى، ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن ئۆزلىرىنىڭ ئۇچۇش ئىشىنى تەتقىق قىلىشىغا ئاز-تولا مەبلەغ توپلىۋېلىش ئۈچۈن ۋېلىسپىت ساتىدىغان ۋە رېمونت قىلىدىغان بىر دۇكان ئاچتى. ئۇلار ئۇچۇش ئىشىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كىشىلەر يازغان ماقالىلەرنى ئوقۇدى. 1899-يىلى، ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن ئۇچۇش ئىشىغا كىرىشتى، ئۇلار تۆت يىل جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، مەلۇم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتى.

ئېھتىمال بەزىلەر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى سىنىقى ئاخىرى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان، نېمە ئۈچۈن ئاكا-ئۇكا رايتلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىدى، دەپ قېلىشى مۇمكىن.

ئاكائۇكا رايتلارئاكا-ئۇكا ئىككىيلەننىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشىدىكى سەۋەبلەر كۆپ تەرەپلىمە ئامىلغا ئىگە ئىدى: بىرىنچىدىن، ئىككى ئادەم كاللا ئىشلەتسە، بىر ئادەم كاللا ئىشلەتكەندىن ئۈنۈمى زور بولاتتى. ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن دائىم بىرگە خىزمەت قىلاتتى، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشاتتى؛ ئىككىنچىدىن، ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن ئايروپىلان ياساشتىن بۇرۇن ئۇچۈشنى ئۆگىنىش كېرەك دېگەن توغرا قارارغا كەلگەن. بۇ گەپ ئاڭلىماققا زىددىيەتلىك گەپتەك قىلىدۇ. ئايروپىلان بولمىسا ئۇچۇشنى قانداق ئۆگەنگىلى بولسۇن؛ ئاكا-ئۇكا رايتلار پلانېر (ماتورسىز) بىلەن ئۇچۇشنى ئۆگەندى. ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن باشتا قەغەزدىن ئايروپىلان ياساشتى.

1900-يىلى، ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن بىر ئادەم ئولتۇرغىلى بولىدىغان پلانېر ئېلىپ، شىمالىي كارولىنا شتاتىغا كېلىپ، ئۇچۇش سىنىقى ئېلىپ بارىدۇ. بىراق مەغلۇپ بولىدۇ. ئۇلار يەنە بىرنى ياسايدۇ، يەنە مەغلۇپ بولىدۇ، ئۈچىنچى قېتىمدا ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ. ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن پلانېر بىلەن مىڭ نەچچە قېتىم ئۇچۇپ، ماتورلۇق ئايروپىلان ۋۇجۇدقا كېلىشتىن بۇرۇن دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك پلانېر ئۇچقۇچىسى بولۇپ قالغانىدى. ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلاننى قانداق كونترول قىلىش ئاكا-ئۇكا ئالىدىدىكى قىيىن مەسىلە بولۇپ قالغانىدى. ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن ئايروپىلاننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەش ئۈستىدە ئۇزاق باش قاتۇرۇشتى. ئاخىرى ئۇلار ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشىنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان ئۈچ ئايلانما ئوق ئىجاد قىلىپ چىقتى. بۇنىڭ ئاكا-ئۇكا رايتلارنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا پايدىسى بولدى.

ئايروپىلانغا ماس كېلىدىغان قانات ئىشلەپ چىقىرىشتىمۇ ئاكا-ئۇكا رايتلارنىڭ تۆھپىسى بار. ئەمەلىيەتتە، ئەڭ قىيىن مەسىلە يەنىلا ئايروپىلاننىڭ ماتورى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئىشلىتىلىۋاتقان پار ماشىنىسى بەك ئېغىر بولغاچقا، ئايروپىلانغا ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيتتى. ئەينى ۋاقىتتا، ئىچىدىن يانار دىۋىگاتىل يېڭىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلىغانىدى، ئاكا-ئۇكا رايتلار ئۆزلىرىنىڭ قابىلىيىتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يېنىڭ تىپتىكى ماتورنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىقتى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئىككىيلەن يەنە ئايروپىلاننىڭ پروپىللىرىنى لايىھىلەپ چىقتى. 

1903-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئاكا-ئۇكا رايتلار ئىشلەپ چىقارغان ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى ماتورلۇق ئايروپىلان شىمالىي كارولىنا شىتاتىنىڭ كىدىخوك ئەتراپىدا ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. 12 سېكۇنت ئىچىدە 120 فوت ئارىلىقنى ئۇچۇپ بولدى. ۋىلبۇر ئاخخرقى قېتىمدا 59 سېكۇنت ئىچىدە 852 فوت ئارىلىقنى ئۇچۇپ بولدى. بۇ ئايروپىلانغا «ئۇچقۇچى 1» نومۇر دەپ نام بېرىلدى. ئۇنىڭ قىممىتى 1000 ئامېرىكا دوللىرى ئىدى. ئۇنىڭ قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 40 فوت، ئايروپىلاننىڭ ئېغىرلىقى 750 قاداق كېلەتتى، ماتورىنىڭ قۇۋۋىتى 12 ئات كۈچى، ئېغىرلىقى 170 قاداق كېلەتتى، بۇ ئايروپىلان بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ۋاشىنگىتون دۆلەت ئاۋىئاتسىيە كۆرگەزمىخانىسىدا ساقلانماقتا.

بىرىنچى قېتىملىق ئۇچۇشنى ئاران بەش ئادەملا كۆرگەن. بۇنىڭ ئۈستىگە، ئەتىسى چىققان گېزىت بۇ ھەقتە ھېچقانداق خەۋەر بەرمىگەنىدى. بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىن، دۇنيا ئىنسانلارنىڭ ئاسمانغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇچۇپ چىققانلىقىدىن ئاندىن خەۋەر تاپتى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    50%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    50%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#