نۇر بىلەن داۋالاش

نۇر بىلەن داۋالاش نۇر بىلەن داۋالاشنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، كۈن نۇرى بىلەن داۋالاش، لازېر نۇر بىلەن داۋالاش قاتارلىقلار بار. 

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 كۈن نۇرى بىلەن داۋالاش

1.كۈن نۇرى بىلەن داۋالاش ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە كۈن نۇرى بىلەن داۋالاش بولسا، بىر قىسىم كېسەللىكلەرگە قارىتا شۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئالاھىدىلىكنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، مەخسۇس كۈن نۇرى بىلەن ياكى كۈن نۇرىغا قاقلاش بىلەن دورا ئىشلىتىشنى تەڭ ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق كېسەل داۋالاش ئۇسۇلنى كۆرسىتىدۇ . كۈن نۇرىغا قاقلاش ئارقىلىق كېسەل داۋالش ئۇسۇلى بولسا ئەجدادلىرىمىز قەدىمىدىن تارتىپ قوللىنىپ كېلىۋاتقان داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىر بولۇپ، فارابى، ئىمامىدىن قەشقىرى قاتارلىق ئۇلۇغ تېبابەت ئۇستازلىرى ئۆز ئەسەرلىردە بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى ئەتراپلىق شەرھلەپ ئۆتكەن، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بولسا بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئىشلىتىش دائىرسى بارغانسېرىكېڭىيىپ، تېببىي ساھەدە جۈملىدىن كلىنىكا ئەمەلىيىتى جەرياندا ئۆز رولىنى بارغانسېرى جارى قىلدۇرماقتا. كۈن نۇرى ئۆزىنىڭ ئىسسىقلىقى ئارقىلىق تېرە توقۇلمىسى ئاستىدىكى پىشمىغان خام خىلىتلارنى پىشۇرۇپ ھەم ئۇلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاپ، تېرە توقۇلمىسىنىڭ نورمالنى خىزمەت پائالىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ئىچى ۋە سىرتىدىن ئىشلىتىلگەن دورىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېسەلنىڭ ساقىيىشىنى تىزلىتىدۇ. كۈن نۇرىغا قاقلاش ئارقىلىق داۋالىنىدىغان كېسەللىكلەر كۆپ بولۇپ، ھەر خىل تېرە￿ كېسەللىكلىرىدىن ئاق كېسەلنى داۋالاشتا كۈن نۇرىغا قاقلاش ئەڭ كۆپ قوللىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتلىرىدىن كېلىپ چىققان پالەچ ، لەقۋا ، ئىستىرخا قاتارلىق كېسەللىكلەرمۇ بۇ ئۇسۇلدا داۋالانسا ئۈنۈمى تېز بولىدۇ. بۇلارنى داۋالاش.ئۇسۇسۇللىرى، مەخسۇس قىسمىدا سۆزلىنىدۇ.

2. كۈن نۇرى ئارقىلىق داۋالاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان كېسەللىكلەر كۇن نۇرى ئارقىلىق ئاساسلىقى، تۈرلۈك تېرە كېسەللنكلىرى يەنى، بەرەس (ئاقكېسەل)، تەڭگە تەمرەتكۈ، تېرە سىلى، نېرۋا مەنبەلىك تېرە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن بولغان ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرى ھەم كۆپ تەرلەش، تەر بېزى يوللىرى توسۇلۇپ قېلىش، تېرە مايلىشىش، تېرە قۇرغاقلىشىش، چىيقان قاتارلىقلارنى داۋالاشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىدىن بولغان پالەچ، لەقۋا، ئىستىرخا قاتارلىق كېسەللىكلەرگىمۇ قوللىنىلىدۇ.

1. يۈرەك، جىگەر، ئۆپكە كېسىلى بارلار ھەم يۇقىرى قان بېسىم بار كىشىلەرنى مۇمكىنقەدەر كۈن نۇرىدا ئولتۇرغۇزماسلىق لازم . زۆرۈر كېلىپ قالسا كۈن سەل قايرملغاندىن كېيىن ئازراق ۋاقىت ئولتۇرغۇزۇشقا بولىدۇ .

2. بىمارلارنى كۈن نۇرىغا قاقلاشتا ئالدى بىلەن كېسەللىك بار ئورۇندىكى تېرىنى قۇرۇق ھالدا 10 مىنۇت ئەتراپىدا قاقلىۋېتىپ ئاندىن تېرىگە مۇناسىپ مايلار ياكى دورا مەلھەملىرىنى سۈرتۈپ قايتا قاقلاشنى داۋاملاشتۇرۇش لازىم.

3. بىمارلارنى كۈن نۇرىغا قاقلاشتا كېسەللەنگەن ئورۇننى ئوچۇق قويۇپ ئاپتاپقا سېلىتنى، ساق ئەزانى كۈن نۇرىنى قايتۇتىغان ئاق رەخت بىلەن يۆگەپ ئاندىن قاقلىنىش، قاقلىنىش جەريانىدا كۈن نۇرىنىڭ باش ساھەسىگە بىۋاسىتە چۈشۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

4. بەرەس (ئاقكېسەل) بىلەن ئاغرىغان بىمارلارنى گۈن نۇرىغا قاقلىغاندا، كېسەللەنگەن ئورۇندىن سۇ كۆتۈرۈلۈپ چىققاندىن كېيىن توختىتىش لازىم.

5. كۈن نۇرىغا قاقلاپ داۋالاشتا، كۈن نۇرى كۆزگە بىۋاسىتە چۈشۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك . چۈنكى كۈن نۇرى تەركىبىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈش تەسىرى بار. شۇڭا نۇرغا قاقلىغاندا كۆزگە قارا كۆزەينەك تاقىۋالسا، ئۇلترا بىنەپشە نۇرىنىڭ كۆزگە بولغان ناچار تەىسىرىدىن مۇداپىئەلەنگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ قەنت سىيىش كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى، خۇن تەۋرەش ۋە ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارىتا ناچار تەسىرى با ر. شۇڭا يۇقىرىقىدەك كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغانلارنى كۈن نۇرىغا قاقلاشتىن ساقلىنىش لازىم.

6. بىمارلار كۈن نۇرىغا قاقلايىغان جايدا دەل- دەرەخ بولماسلىقى، ئەتراپدا دەريا، گۆل، ئۆستەڭ بولماسلىقى كېرەك.

7. كۈن نۇرىغا قاقلىنىش ۋاقتىدا قورساق توق بولۇشى، قاقلىنىش ۋاقتى بىراقلا ئۇزۇن بۇلۇپ كەتمەي 15 ~ 20 مىنۇت قاقلىنىشتىن باشلاپ كۈنىگە 5 ~ 10 مىنۇتتىن ئۇزازنىپ ئەڭ كۆپ بولغاندا چۈشتىن بۇرۇن 2 ~ 3 سائەت، چۈشتىن كېيىن بىر يېرىم سائەتتىن ئىككى يېرىم سائەتكىچە قاقلىنىش كېرەك.

8. قاقلىنىش ۋاقتىدا كۆپ تەرلەپ بەدەندىكى سۇيۇقلۇقلار، تۇز ماددىلىرى چىقىپ كېتىپ، باشقا ئۆزگىرىش يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن چاي ياكى قايناق سۇغا تۇز سېلىپ ئىچىپ تۇرۇش ياكى مىزاچقا مۇۋاپىق تەڭشەلگەن چايلىققا مەلۇم مىقاردا تۇز سېلىپ ئىچىش كېرەك.

 لازېر نۇر بىلەن داۋالاش ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

لازېر نۇرى ئارقىلىق كېسەل داۋالاش بولسا، لازېر نۇرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلغان يېڭى تىپتىكى لازېر نۇرنى ئاساس قىلغان دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. لازېر نۇرى تېخنىكىسى مەيدانغا كەلگەن 40 نەچچە يىلدىن بېرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا تېببىغا ئىشلىنىدىغان كۆپ خىلدىكى لازېر نۇرلۇق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بارلىققا كەلدى. ھازىر دۆلىتىمىزدە 200 دىن ئارتۇق ئورۇن لازېر نۇرى ئارقلىق كلىنىكىلىق داۋالاش تەتقىقاتى ۋە تېببىي ئىلمىي ئاساسىي تەتقىقاتى قانات يايدۇرۇلدى. لازېر نۇرى ئارقىلىق كېسەل داۋالاش ئۇسۇلى، يورۇتۇش، كۆيدۈرۈش، گازغا ئايلاندۇرۇش، نۇر بىلەن كېسىش، نۇرلۇق يىڭنە بىلەن يىڭنە سانجىپ داغلاپ داۋالاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا لازېر نۇرى ئارقىلىق داۋالاشنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى كۆپ يەنى، داۋالاش ۋاقتى قىسقا، داۋالاش ئۈنۈمى تېز، ئاغرىمايدۇ، ناھايبتى كۆپ ئەھۋاللاردا ناركوز قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق بولۇپ، قان چىقمايدۇ ياكى قان ئاز چىقىدۇ. يۇقۇملىنىدىغان مىكروبلار بولمايدۇ ھەم كېسەل مەنبەسىنىڭ كېڭىيىش ئېھتىماللىقى ئاز بولىدۇ.

لازېر نۇر بىلەن داۋالاشنىڭ تۈرلىرى

كىلىنىكىدا، لازېر نۇرى ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە خىل بولىدۇ.

1. قاقلاش ئۇسۇلى: قاقلاش ئۈچۈن ئۈزۈلمەي چىقىدىغان نۇر باغلىمى قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، گېلي – نىئوكا لازېر نۇرى ياكى چاچما نۇقتىلىق ئۈزۈلمەي چىقىدىغان نۇر باغلىمى قوللىنىلىدۇ. مەىىىىلەن،CO2 لازېر نۇرى بىلەن ئادەتتە ھەر كۈنى بىر قېتىم كېسەللىك ئۆزگىرىش بولغان يەرلىك ئورۇن ياكى نېرۋا تۈگۈنى قاقلىنىدۇ . گېلى- نىئوكا لازېر نۇرى بىلەن شىللىق پەردە ياكى نېرۋا تۈگۈنىنى قاقلىغاندا 3~5 مىنۇت قاقلىنىدۇ . تېرىلەرنى قاقلاشتا ھەر قېتىمدا 5 ~ 10 مىنۇتقىچە ئىشلىتىلىدۇ. CO2 لازېر نۇرى بىلەن تېرە قىسمىنى قاقلاشتا ھەر قېتىمدا 10 ~ 15 مىنۇتقىچە ئىشلىتىلىدۇ.

2. كۆيدۈرۈش ياكى گازلاندۇرۇش ئۇسۇلى: بۇنىڭدا ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىش ئۈنۈمدارلىقىغا ئىگە CO2 لازېر نۇرى كۆپ ئىشلىتىلىدۇ، نۇر باغلىمى جۇغلاپ تۇرۇپ سۆگەل، تېرە راكى قاتارلىق كېسەللىك ئورنىغا چۈشۈرۈپ بىر قېتىمدىلا گازلاندۇرۇپ تۈگىتىشكە بولىدۇ. مەسىلەن، بۇ خىل كېسەللىكلەرنى داۋالىغاندا ئالدى بىلەن يەرلىك ئورۇندىكى تېرىنى يودلۇق ئىسپرىت ياكى ئىسپرىتلار بىلەن دېزىنفىكسىيە قىلىپ، پروكائىن (procaine%2~1) لىك ئېرىتمىسنى سۈركەش ئارقىلنق ئاغرىقسىزلاندۇرۇپ كېسەللىك ئورنىغا چۈشۈرۈلىدۇ. 1 ~ 2 كۈندىن كېيىن جاراھەت يۈزى قاقاچ باغلايدۇ. بىر ھەپتىدىن كېيىن قاقاچ تۆكۈلۈپ يۇمشاپ، نېپىز، سىلىق تاتۇق قالدۇرىدۇ.

3) كېسىپ ئېلىش ئۇسۇلى: جۇغلىنىپ ئۇ زۇلمەي چىققان CO2 لازېر نۇرى باغلىمىنىڭ نۇر ئىسسىقلىق ئۈنۈمى ئارقىلىق توقۇلمىلارنى ئاجرىتىپ كېسىشكە بولىدۇ. ئۇنى تاشقى بۆلۇم نۇر پىچىقى بىلەن كېسىپ ئېلىش ئوپېراتسىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جۇغلانغان نۇر توچكىسى قانچە كىچىك بولۇپ كېسىش سىزىقى قانچە ئىنچىكە بولسا، توقۇلمىلار زەخىملىنىشى شۇنچە ئاز بولىدۇ. جاراھەت يۈزىدىمۇ مىكروبسىزلىق دەرىجىسىگە يەتكىلى بولىدۇ. بۇندىن تاشقىرى يەنە نۇر ئۆتكۈزگۈچ تالانىڭ ياردىمى بىلەن لازېر نۇرى باغلىمى بەدەن ئىچىگە كىرگۈزۈلۈپ ئىچكى ئەتراپ ئوپېراتسىيىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بەزى بەدەن ئىچىدىكى ئۆسمىلەرنى ئېلىۋېتىشكە بولىدۇ. لېكىن ھەرقايسى بۆلۇملەردە ئىشلىتىلىدىغان لازېر نۇرى باغلىمى ۋە كېسەللىكڭرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى ۋە ئورنى ئاساسەن تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: قىسقىسى، مەيلى كۈن نۇرى ئارقىلىق كېسەل داۋالاش بولسۇن ياكى لازېر نۇرى ئارقىلىق كېسەل داۋالاش بولسۇن، يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، نۇر ئارقىلىق كېسەل داۋالاشنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق بولۇپ، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ يېڭى ۋە كۆرۇنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بەخت ياراتقۇس.

لازېر نۇرى ئارقىلىق داۋالاشقا بولىدىغان كېسەللىكلەر

تېببىي پەن تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ لازېر نۇر تېخنىكىسى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشىلمەكتە. ھازىر لازېر نۇر ئارقىلىق داۋالاشقا بولىدىغان كېسەللىكلەردىن ئاساسىلىقى، كۆزدىكى قان تومۇر ئۆسمىسى، ياش يولى چاپلىشىش، ياش خالتا ياللۇغى، تېرىدىكى سۆگەل، قارا مەڭ، تېرە ماي بېزى ئۆسمىسى، بادامسىمان بەز ياللۇغى، ئەمچەكسىمان ئۆسۈكچە ئۆسمىسى قاتارلىقلار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بالىلار پارالىچى، يۇلۇن ياللۇشى قارتارلىقلارنى داۋاشتا بەلگىلىك ئۈنۈمى بار.

1. لازېر نۇرى ئارقىلىق داۋالاشنى كىلىنىكا ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئىشلىمەي تۇرۇپ قاراملىق بىلەن قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك لازىم.

2. لازېر نۇرى بىلەن داۋالاشقا ئىشلىتىدىغان لازېر ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلاى، دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى پۇختا ئوگىنىپ، ئاندىن ئىشلىتىش لازىم.

3. لازېر نۇى بىلەن داۋالايدىغان ئۈسكۈنىلەر ئۈزلۈكسىز تەتقىقات قىلىنىپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك ھەر خىل ئۈسكۇنىلەر كەشىپ قىلىنىۋاتىدۇ، يېڭى ئىشلىنىپ كەلگەن لازېر بىلەن داۋالاش ئۇسوللىرىنى كەشىپ قىلىنىۋاتىدۇ، يېڭى ئىشلىنىپ كەلگەن لازېر نۇرى بىلەن داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى يەڭگىللىك بىلەن ئىشلىتىشتىن پەخەس بولۇش لازىم.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=1106

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#